كۆرۈش: 4566|ئىنكاس: 12

يېزا مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئەلچى گۈلچىلىكى

UID
2515
يازما
39
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
1540
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-24 07:02:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قانداق قىلغاندا يېزا مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقرى كۆتۈرگىلى بۇلىدۇ؟

يېزا مائارىپى پۇتكۇل مائارىپ قۇرۇلمىسدا ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدىغان ، مائارىپ ئومۇىي گەۋدىسىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى تەشكىل قىلىدىغان مائارىپ . يېزا مائارىپ سۈپىتىنىڭ قانداق بولىشى ، پۇتكۇل مائارىپ سۈپىتىنىڭ قانداق بولىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.

نۆۋەتتە يېزا مائارىپىدا قاتتىق دىتال قۇرۇلىشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ لىكىن،  سۈپەت مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا بىر ئىزىدا توختاپ قېلىش ، ئىزىغا سەكرەش  ، ئانچە چوڭ ، ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولماسلىق مەسلىسى ساقلانماقتا .ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يېزا مائارىپىنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى يۇقرى كۆتۈرگىلى بۇلىدۇ؟

1. باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك . بىر مەكتەپ مۇدىرى بىر مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ قانداق بولىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق يېتەكچى. ئەگەر مەكتەپ مەسئۇلى بولغان كىشى ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا ھەققىي چۆكمىسە ، ئوقۇتۇشتىكى ئاجىز ھالقىلارنى يۇقۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمىسە ، بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ قول ئاستىدىكىلەرنى ئىشلىتىشنىلا بىلىپ ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى بىلمىسە ، قېلىپلىشىپ قالغان دەرس ئۆتۈش ۋە باھالاش رامكىسىدىن چىقالماي يۈرسە ،ماترىيال كۆرۈپ ئۆز بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، باشقا رايۇنلارنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆز رايۇنىدا دادىللىق بىلەن سىناق قىلىشقا جۇرئەت قىلالمىسا ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان تۈزۈملەرنى ئورناتمىسا ، ئۆزى باشلامچى بۇلۇپ ، ھەققىي تۈردە ئوقۇ –ئوقۇتۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارمىسا  ئۇنداقتا مۇنداق مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ھەققىي تۈردە ئۆسىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.ئەگەر ئۆستى دىيىلسىمۇ بۇ پەقەت شەكىل جەھەتتىكى ئۆسۈشلا بۇلۇپ قالىدۇ.

2.مەكتەپ كىتاپخانىسى ، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش سىنىپلىرى ، تەجرىبە بۇيۇملىرى، كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش قۇراللىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ھەققىي تۈردە ئۆستۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم مەكتەپلەرگە قىرائەتخانا ، كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش قۇراللىرى ، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش قۇراللىرى سەپلەپ بىرىلگەن بولسىمۇ ، ئىزچىل ھالدا بۇلاردىن تۇلۇق پايدىلىنىلمايدىغان ، ئۇلارنى توپا بېسىپ ياتقان ھالدا تۇرماقتا . پەقەت تەكشۇرۇشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا ئۇلارنى تازلاپ قويىدىغان ، يالغاندىن خاتىرە شەكىللەندۇرىدىغان ئەھۋاللار ھازىرغىچە ساقلانماقتا . شۇنىسىى ھەقىقەتكى  ئوقۇتۇشتا نەزرىيە سۆزلىگەندىن كۆرسەتمىلىك قۇراللاردىن پايدىلانسا بىر جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇرغىلى بولسا،  يەنە بىر جەھەتتىن دەرس ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇغىلى بۇلىدۇ.

3.ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. نۆۋەتتە ئالاھىدە ئىش ئورنى بويىنچە ئوقۇتقۇچىللىققا تولۇقلانغان ئوقۇتقۇچىلاردا ئوتتەك قىزغىنلىق، ئورغۇپ تۇرغان جاسارەت بولسىمۇ لىكىن ، ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇتۇشنىڭ ئۇششاق ھالقىللىرىنى ئىگەللىيەلمەيدىغان ، كۆپ خاتالىق سادىر قىلىدىغان دەرس ئۆزلەشتۇرۇشتە قىينىلىدىغان ئەھۋاللار ئىزچىل ساقلانماقتا . شۇڭا مەكتەپلەر بۇ خىل ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە ، ئۇلارنىڭ ھەققىي تۈردە تايانچ  ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىشىغا كۈچ چىقىرىش كېرەك .

4.باھالاش سىستىمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۇرۇش ، ئادىل ، ھەققانىي بۇلۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. نامۇۋاپىق بولغان ، ئىلھاملاندۇرۇش ئارلاشتۇرۇلمىغان باھالاش تۈزۈلمىسى تەبئىيكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا پاسىسپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنۋان باھالاش ۋە ئىلغارلانى باھالاشتا چۇقۇمكى ھەققەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە ئەھمىيەت بىرىش ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشى ۋە شەخسىي يېقىنلىق ئارقىلىق باھالاش نەتىجىسىنى بىكىتىدىغان ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.

5.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش كۆز قارىشىنى يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى يېڭى بولغان مائارىپ تەرەققىياتىدىن خەۋەردار قىلىش ، باشقا جايلارغا بېرىپ تەجرىبە ئۆگىنىپ كىلىشكە تەشكىللەش، ئىلغار مائارىپچىلارنى لىكسىيە سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مائارىپ تەپەككۇرنىڭ بىر ئىزىدا توختاپ قېلىشىنىڭ ، ئوقۇتۇش تەپەككۇرىنىڭ رامكا ئىچىگە سۇلىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .« مائارىپنىڭ ئۈمدى ئوقۇتقۇچىلاردا» . قانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ بولىىشى قانداق مائارىپ بۇلىشىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق ئامىل . شۇڭا بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.

6.مەكتەپلەر ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيتىنى ئاچىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش، دەرستىنى سىرىتقى پائالىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ، ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشىنى ھەققىي تۈردە قوزغاش كېرەك . بىلىم ئۆگىنىش قانداقتۇر  تەييار بىلملەرنى يادىلاش جەريانى ئەمەس ، بەلكى ھەققىي بىلىمنى ئۆز كەچۇرمىشى ئارقىلق ھېس قىلىش جەرياندۇر.شۇڭا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز قابىلىيتىنى جارى قىلدۇرىدىغان پائالىيەت سورىنى ھازىرلاپ بىرىشكە ھەققي تۈردە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك .

يېزا مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسىشى كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ ، لكىن جەمئىيەت ، ئائىلە ئەھۋالنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا ، يۇقۇرقى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بەرسە چۈقۈمكى ئوقۇتۇش سۈپىىتنى ئۆستۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ.


ئەلچى گۈلچىلىكى gulqi.biz
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
3350
يازما
26
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
340
تىزىملاتقان
2010-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-1-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-24 11:57:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇتۇشنى   ئاساس   قىلىش كىرە ك  .بۇلۇپمۇ ھازىر  ئۇششاق ئش ناھايتى  كۆپ   ،شەىلۋازلىقنىڭ  قاپلىنىش  ناھايتى  ئېغىر ،لىكىن بۇنىڭغا ئۇقۇتقۇچلار دىن تارتىپ  مەكتەپ  مۇدىرلىرغىچە ئامال ىلالمايدۇ .
ئۇنۇڭ ئۇستىگە  بىزنىڭ  مائارىپمىز  <قوش تىل >غا يۇزلىنۋاتدۇ ،بىلدىغانلىرنى  ئايرىپ تەربىيلەش   تۇگگىنى يوق (گەرچە ئاللىبۇرۇن   ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىپ سەۋيە  بۇيچە سىنىپلارغا  ئايرىپ ئۇقۇتۇشنى  چەكلىگەن  بولسىمۇ ؟)شۇنىڭ  بىلەن  دەرىستە   سەل  ئارقىدا  قالغانلار   يەنمۇ  چىكنىپ  كىتىش  ئەھۋالى  يىزىلاردا ئىنتايىن ئېغىر .........

سىز ياش تۈكۈشكە ئەرزىيدىغان ئادەم ھەرگىز سىزنى يىغلاتمايدۇ.ئەتكى قۇياشنىڭ بۈگۈنكىدىن تېخمۇ پارلاق بۇلدىغانلىقغا مەڭگۈ ئىشنىڭ ...

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
330
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8351
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-24 22:02:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىمىزدىمۇ باللارمۇ ئەبجەش مائارىپ تۈپەيلىدىن ،چىكىنىش ئەھۋالى بەك ئېغىر.باللارنىڭ قىينىلۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاتا-ئانىلار نىمە قىلارنى بىلمەي گاڭگىراپ يۈرۈيدۇ.ئاتا-ئانىلار، بالىمىز ئانا تىل ئۆگىنىۋالامدىكىن دىسەك ،ئۇيغۇر سىنىپلارمۇ نىمە بولۇپ كەتتى دەپ ئۈمىدسىزلىنۋاتىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
330
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8351
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-26 14:57:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى دوستلار قىنى؟ ھەممىمىز مەكتىۋىمىزدىكى ئشلارنى دەپ، ئورتاقىشىپ باقايلى.

UID
18355
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
62
تىزىملاتقان
2011-12-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 15:08:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن ،تىمىڭىزغا گەپ قىستۇرۇپ قۇياي.7-چىدىن يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئۆيى يىراق چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئۆيىگە قايتمايدىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.بىلەمسىز يېزلىرمىزدا بىچارە دىھقان پەرزەنتلىرى ئەتىگەندە بىر تاۋاق ئۇماچنى ئىچىپ نەچچە كىلومىتىر يولنى بېسىپ مەكتەپكە كىلىدۇ،چۈشلۈك ئارامدا بولسا  ئەكەلگەن قاتتىق نېنىنى غاجاپ ياكى ھاۋا يەپ شاخا كىكرىپ، تۈكۈرگىنى يۇتۇپ كەچتە قۇيۇپ بەرگىچە چىداپ يۈرۈيدۇ.كەچتە قۇيۇپ بەرگەندە ئۆيىگە بارسا ئۇلارغا ئىش تەييار ،ئۆيىدىكى چارىپايلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدۇ ياكى مال بېقىشقا چىقىدۇ.سىز ئەتىگىنى بىر ۋاق ئىسىل تاماق يەپ كەچ بولغىچە بىر نەرسە يىمەي يۈرۈپ بېقىڭ قەتئى چىدىيالمايسىز،لىكىن بىزنىڭ مۇشۇ تۈمۈر باللىرمىز يەنىلا چىدايدۇ.مەكتەپ ئاشخانىسدا پەقەت ياتاقتا ياتىدىغان ئۇقۇغۇچىلارغىلا تاماق بىرىدۇ،ئۆيدىن كىلدىغان ئۇقۇغۇچىلارغا تاماق سېتىلمايدۇ،چۈنكى ياتاقتا ياتمايدىغان ئۇقۇغۇچىلارغىمۇ تاماق بىرىلسە مەكتەپ ئاشخانىسنىڭ خىزمەت بېسىمى ئارتىپ كىتىدۇ.شۇڭا يزا مەكتەپلەرنىڭ ھالى بولسا ‹‹بىگىمنىڭ قۇرسىقى توق،مالاي بىلەن ئىشى يوق››دىگەنگە ئوخشاش.يەنە كىلىپ تېخى  بەزى بىخەتەرلىك جىنى چاپلىشۋالغان مۇدىرلىرمىز يېپىق شەكىلدە مەكتەپ باشقۇرمىز دەپ چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ مەكتەپ دەرۋازىسنى تاقاپ ئۇقۇغۇچىلارنى سىرتقا چىقارمايدۇ،چىقارمىسغۇ مەيلى لىكىن مەكتەپ ئاشخانىسدىنمۇ تاماق ئېلىپ يىيەلمەيدىغان سىرتقا چىقىپ نان سېتۋېلىپ يەيدىغان ئۇقۇغۇچىلار  مۇدىرنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمامدىغاندۇ ياكا كارى بولمامدىغاندۇ؟ھەيرانمەن مۇشۇنداق كۈندە بىرەر ۋاقمۇ ئىسىل تائاملاردىن ھۇزۇرلانماي چوڭ بولغان باللارنىڭ بەدەن ئىقتىدارى شەھەرلىرمىزدىكى كۈندە ئۈچ ۋاق ئىسىل تاماق يەيدىغان باللارنىڭكىدىن ياخشى دىسە.يىغىنچاقلىغاندا يېزىلاردكى مەكتەپلەردە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ  كۆڭۈل بۈلۈپ ئۇلارغا ئىلمى ئۇزۇقلىنىش مۇھىتى،ياخشى بولغان ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بىرىش كېرەك.ئۇقۇتقۇچىلار كۈچەۋېرىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى مەسىللىرگە كۆڭۈل بۆلمىسە ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

UID
18410
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-12-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-18
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 21:15:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەمىلىي بولغان تېمىنى يوللاپسىز !بولۇپمۇ يازمىنىڭ 1- نوقتىسىدىكى مەزموننى بەك قۇۋۋەتلەيمەن.مەكتەپ مۇدىرلىرى بەكمۇ مۇھىم.ئەڭ ئالدى بىلەن شەخسىيەتسىز بېغىشلاش روھىغا ئىگە بولىشى كېرەك.ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز .ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويىدىغان بولۇپ كەتتى .ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قانچىلىك كەسپىي قابىليىتى بار يەنى تىل قابىليىتى قانچىلىك ،ئۇنۋېرسال قابىليىتىچۇ،بىلىم ساپاسىچۇ ،دەرسىانىدا قانداق دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق ،شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى پايدىلىنىۋالغىدەك قانداق ئىجتىمائى مۇناسىۋىتى بار شۇنى پىششىق بىلىدۇ.ئۇلارنىڭ مۇدىر بولىشى ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن .ھەرگىز بالىلار ئۈچۈن ئەمەس.ئادەمنىڭ ئىچىنى سېرىلدۈرىدۇ ،لېكىن بىزدە نىمە ئامال

تىرىشچان ئەزا

ئەقلىڭنى ئىشقا س

UID
11535
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
746
تىزىملاتقان
2011-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-4
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 22:38:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئالىم مائارىپتا مەغلۇپ بولغان مىللەت مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ دىگەن .بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەنمۇ دوسلىرىم بىلەن  تولا مۇنازىرلىشىمەن،ئەمما گەپنىڭ خۇلاسىسى :سەن بىزنىڭ قولىمىزدىن نېمە كېلىدۇ ؟سىڭگەن نېنىڭنى يە! مەن بۇ توغرىدا مۇنازىرىلىشىپ ئۆز جەمىيىتىدىكى ئىجتىمائىي كىرزىس توغرىسىدا ئىككى ئېغىز گەپ قېلىپ ئويلىنىپ باققۇدەك ئادەملىرىمىز قالمىدىمىكىن دەپ ئويلىغانتىم.بۇ تىما بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.تېما ئىگىسىگە رەھمەت!مۇشۇ مۇنبەردە ئالدىنقى قېتىم يېزىلغان بالىلىرىمىزنى بۇ ھاڭدىن قۇتۇلدۇرۋالايلى!دىگەن ماقالىدىن مۇشۇ مۇنبەردىكىلەرنىڭمۇ بالا تەربىيىسىگە بولغان ئۆلۈك تەربىيلەش روھى مېنى بەك ئەپسۇسلاندۇرغانتى،سۈيۈملۈك مۇنبەرداشلار بۇ ماقالىنى ئۆلۈك كۆرمەي جانلىق تەدبىقلاڭلار،ماقالە شۇندىلا تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە لايىق جاۋاپ ئالالايدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
9138
يازما
83
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2674
تىزىملاتقان
2011-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 22:52:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنىڭ مۇنبەر يۆزىدە قالىدىغانلىغى ،مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ  پەرۋا قىلماسلىغى كىشىنى ئېچىندۇرۇدۇ،قەلبى ئۇيغاق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ  تەمتىرەش ئىچىدىكى ئازاپلىرى  سۆكۇت ۋە پەرۋاسىزلىققا ئايلىنىپ كەتمىسە بۇلاتتى.

UID
21279
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 12:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
谢谢您阿,我非常高兴












快乐每一天!网赚论坛www.tecou.com货源网www.haixy.com网赚www.qqcomqq.com推之家www.15910.cn

UID
32749
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 00:22:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          <            ۋە            >           دىگەننىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار، نىمە دىگەن گەپ ئۇ ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش