- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 284
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 9644
- تىزىملاتقان
- 2010-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- UID
- 2418
- يازما
- 284
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 9644
- تىزىملاتقان
- 2010-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-10
- توردا
- 1 سائەت
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئۆزەم بىر فىلىم ئىشلەش ھەۋەسكارى ، مۇنبەردە مەندەك ھەۋەسكارلار ياكى ئۇستازلار بولسا بۇ كەسىپ ھەققىدە پىكىرلەشسەك دەيمەن . بۇ يازمامدا فىلىم ئىشلەش جەريانى ئەمەس بەلكى بۇ جەرياندا ھېس قىلغانلىرىم ئاساسلىق سۆزلىنىدۇ . ئۆزەم ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكار بولغاچقا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ پارچە يۇمشاق دېتال تۇغرىلىق سۆزلەيمەن . ئادەتتە ھەۋەسكارلارمۇ مۇشۇ دېتاللارنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدۇ . دوستلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
1 ، nero — بۇنى فىلىم ئىشلەش دېتالى دىگەندىن كۆرە پىلاستىنكا ياساش(ياكى ئويۇش) دېتالى دىگەن تۈزۈك. چۈنكى فىلىم تەھرىرلەش ئىقتىدارىغا قارىغاندا پىلاستىنكا ياساش ئىقتىدارى بىر قەدەر مۇكەممەل ۋە كۆرىنەرلىك .
ئەۋزەللىكى :
1) ئېلىكتىرونلۇق ئالبوم ياساش بەك قۇلايلىق ، تەھرىرلەش ئۇڭاي ،ئۈنۈملىرى ئۆزگىچە ۋە مول .
2) سۈرەت ۋە ئاۋاز يوللىرى ئېنىق ، فىلىم ئىشلەشنى يىڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كىلىىدۇ .
3) فىلىملەرگە ئادەتتىكىچە خەت يىزىش ،كېسىش ،چاپلاش ،ئاۋاز قىستۇرۇرۇش ، فىلىم ئۇلاش قاتارلىق تەھرىرلەش ئىلىپ بارغىلى بۇلىدۇ .
4) فىلىملەرگە بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بۇلىدۇ .مەن "ئەلپىدا ،ئەلكاتىپ" نى كۆپ ئىشلىتىمەن. "ئەلپىدا"نىڭ ھۆسىنخەت شەكىللىرى خېلى كۆركەم چىقىدۇ .
5) كۆزنەكلىرى چىرايلىق ، سىرتقى رەڭگىنى ۋە تەگلىك رەسمىنى ئۆزگەرتكىلى بۇلىدۇ .
6) vcd 、dvd پىلاستىنكىلىرىنى ياساش يەنە شۇنداقلا كۆچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە .
7) 数据光盘 ياسىغان ۋاقىتتا ھىچقانداق ھۆججەتنى ئىلغىماستىن كۆچۈرۈپ بىرىدۇ . 数据光盘 بارماق دېسكىنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ (ئەلۋەتتە 光驱 بار شارائىتتا ) .
8) 数据光盘 گە فىلىم كۆچۈرگەندە ئادەتتەنەچچە ئون قىسىملىق كىنونى بىر پىلاستىنكىغا كۆچۈرگىلى بۇلىدۇ . تېلىۋىزوردا قۇيۇش ئۈچۈن avi شەكلىگە كەلتۈرسىڭىز بۇلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن ھۈججەت شەكلىنى ئايلاندۇرۇش دېتالى 格式工厂 دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىز كېرەك .
9) فىلىمنى تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن ،بىۋاستە پىلاستىنكىغا چىقارغىلى بۇلىدۇ.
يېتەرسىز تەرەپلىرى :
1) nero نىڭ سىغىمى چوڭ ، قوزغىلىشى ئاستا .
2) قوللايدىغان ھۆججەت شەكلى بەك ئاز .فىلىم تەھرىرلىگەندە ھەتتا avi نىمۇ تۇنىمايدۇ (ھەقسىز نۇسخىسىدا ) .
3) فىلىمنى تەھرىرلەپ كومپىيوتېرغا چىقارغاندا پەقەت mpeg شەكىلدە چىقارغىلى بۇلىدۇ . باشقا شەكىلدە چىقىرالمايدۇ .
4) فىلىملەرنىڭ ھۈججەت شەكلىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ .
5) فىلىم ئىشلەش ئىقتىدارى تۈۋەنرەك ، سۈرەت يۇلىدىن پەقەتلا بىرسى بار . كەسپى فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ . پەقەت يىڭىدىن ئۈگەنگۈچىلەرگە ماس كىلىدۇ .
2 ، 会声会影 يەنى corel videostudio بىر قەدەر كۆڭۈلدىكىدك فىلىم ئىشلەش دېتالى .
ئەۋزەللىكى :
1) nero غا قارىغاندا ئۈنۈملىرى كۆپ ، شۇنداقلا فىلىمگە ۋە رەسىملەرگە ئورتاق ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ .ئۈگىنىش ئاسان .
2) خەت يولى ، سۈرەت يولى ، ئاۋاز يولى قوش يوللۇق . بۇنداق بولغاندا فىلىمگە تىخىمۇ جانلىق ئىش قۇشقىلى بۇلىدۇ .ھىندىستان كىنولىرىغا ئۇيغۇرچە ناخشا كىرىشتۈرۈش بۇ دېتالدىكى ئاددى ساۋاتلارنىڭ بىرى .
3) سۈرەت يولى قوش يوللۇق بولغاچقا ، ئىكران يۈزىگە قۇشۇمچە ھالدا چىرايلىق رەسىملەرنى ھەتتا فىلەش ئۈنۈملىرىنى قىستۇرۇشقا بۇلىدۇ . ناۋادا فىلەشتىن خەۋرىڭىز بولسا تېلۋىزور ئكرانلىرىغا ئۇخشاش ئىكران بۇرجىكىگە ئېلان ياكى چىرايلىق ئۈنۈملەرنى چىقىرالايسىز .
4) nero ۋە premiere گە قارىغاندا زور ئەۋزەللىكى avi فىلىملىرىنى ۋە فىلەش ھۈججەتلىرىنى تۇنۇيدۇ .
5) photoshop ۋە flash تىن خەۋرىڭىز بولسىلا ئىكران يۈزىنى تىخىمۇ كۆركەم قىلالايسىز .psd شەكلىنى تۇنۇيدۇ .
6) فىلىمنى تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن كومپىيوتېرغا ساقلىماقچى بولسىڭىز ھۈججەت شەكلىنى ئەركىن تاللىيالايسىز .
7) ئاددى بولسىمۇ پىلاستنكا ياساش ئىقتىدارى بار ، بىر قانچە فىلىمنى مۇندەرىجىلىك قىلىپ ئىشلىسىڭىز بەكمۇ كۆركەم چىقىدۇ .
يىتەرسېزتەرەپلىرى :
1) nero غا ئۇخشاش سىغىمى چوڭ ، قوزغىلىشى ئاستا .
2) فىلىم يۈزىگە بىۋاستەئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولمايدۇ . ئادەتتە خەت چاپلاش دېتاللىرىدىن پايدىلىنىسىز .مەن كۆپىنچە "خىيال" نى ئىشلىتىمەن . "خىيال" نىڭ ھۈسىنخەت شەكىللىرى بەكمۇ چىرايلىق .
3) nero غا ئۇخشاش 数据光盘 ياساش ئىقتىدارى يوق ،يەنى نەچچە ئون قىسىملىق كىنونى بىر پىلاستىنكىغا كۆچۈرەلمەيسىز .
4) فىلىمنى تەھرىرلەپ چىقارغاندىكى ئۈنۈمى تازا سۈزۈك ئەمەس .يەنىلا nero غا يەتمەيدۇ . بۇلۇپمۇ خەت ئۈنۈمى سۈپەتلىك ئەمەس . شۇنداق بولغاچقا كەسپى فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ .ئەمما ئادەتتىكى توي فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ۋە ئائىلىدە ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۇبدان رازى قىلالايدۇ .
3، adobe premiere بۇنىڭغا نىمە دەيمىز ئەمدى . بۇ دېتالنى ئۆگىنىش ۋە بۇ دېتالدا فىلىم ئىشلەش تۇلىمۇ زېرىكىشلىك ، ئەمما تەھرىرلەپ چىقارغان فىلىمنى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىپ قالىسىز .
ئەۋزەل تەرەپلىرى :
1) سۈرەت ۋە ئاۋاز يوللىرى ئۈچ يوللۇق ، ھەربىر يولنى مۇستەقىل تەھرىرلەشكە بۇلىدۇ .ئالدىنىقى ئىككى دېتالغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك تەھرىرلەش ئىلىپ بارغىلى بۇلىدۇ .
2) قوش ئىكرانلىق ، يەنى قۇشۇمچە ئىكرانى ئىشلەتكۈچىگە ئىنتايىن قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلگەن .
3) ئۇنۈملىرى كۆپ ۋە سەرخىل .
4) ئىكران يۈزىنىمۇ ھەرىكەتلىك قىلىپ ئىشلىگىلى بۇلىدۇ . فىلەشكە ئۇخشاش نۇقتا بەلگىلەپ پاسۇن چىقارغىلى بۇلىدۇ .
5) ئادەملەر ھەيران قالىدىغان تېز ھەرىكەت ، ئاستا ھەرىكەت ، تەتۈر ماڭدۇرۇش ئۇنۈملىرىنى قىينالمايلا قىلغىلى بۇلىدۇ . بۇلۇپمۇ دۆلىتىمىز كىنولىرىدىكى چامباشچىلاردەك تاملارغا ،دەرەخلەرگە ھەتتا بىنالارغا سەكرەپ چىقىپ كىتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى premiere دە تەتۈر ماڭدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەنلا ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ .
6) مۇكەممەل بولغان خەت تەھرىرلەش ئىقتىدارى بار .
يېتەرسىزلىكلىرى :
1) ئۇخشاشلا سىغىم بەك چوڭ ، قوزغىلىشى تۇلىمۇ ئاستا .
2) كۆزنەكلەر بەك جىق ،قالايمىقان كۆرىنىدۇ . خەت،شەكىللەر بەك كىچىك ،كۆرۈمسىز .
3) ئۆزى مۇستەقەل ئۆگەنمەك تەسرەك ،ياخشىسى بىر ئۇستاز تىپىڭ .بولمىسا خېلى كۈچەپ قالىسىز .
4) فىلىمگە بىۋاستەئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولمايدۇ . يەنىلا خەت چاپلاش ئوسۇلىنى قوللىنىمىز .
5) ئىقتىدار ۋە ئۈنۈملىرىنى جايلاشقان ئورنى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس .دەماللىققا تاپالماي قالىسىز .
6) پىلاستىنكا ياساش ئىقتىدارى يوق . فىلىمنى تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن دەرھاللا پىلاستىنكىغا چىقىرالمايدۇ .
7) avi、dat ھۇججەتلىرىنى تۇنىمايدۇ .
8) بۇدېتالنىڭ مۇشۇنداق جاپاسى جىقراق . كەسپى خادىملار مۇشۇ دېتالنى ئىشلىتەمدۇ يۇق بىلمىدىم .
يۇقىرىدا ئىيتىلغاندەك بۇ ئۈچ دېتالنىڭ بىر بىرسىدىن قىلىشمىغۇدەك ئەۋزەللىكلىرى بار ،شۇڭا ھەممىسىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن . شۇنىڭغا ئەگىشىپ كەمچىللىكلىرىمۇ بىر بىرىگە ئۇخشىمايدۇ . قېنى ئەمىسە ، تەلىم بىرەلەيدىغان ئۇستازلار بولسا پىكىر بەرسەڭلار !مەن ھېس قىلغان قىينچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ ، بايانىڭلارنى كۈتىمەن .
تۈۋەندىكى قىسقا فىلىم پەقەتلا ئاددى قىستۇرما ، ھىچبىر مەقسەت يوق .
|
|