يوللىغۇچىنىڭ ئىلاۋىسى:
[align=justify]مەزكۇر ئەسەرنى «ئەلكۈيى مۇنبىرى» گە يوللاشتىكى مەقسەت، «تۇزلۇق قەھۋە» «ئەلكۈيى رادىئوسى» دا ئازراق «پەردازلىنىپ» ئاڭلىتىلغان... دىكتور قىزنىڭ «.... تەييارلىغان» دېگەن گېپىنى ئاڭلىغان چاغدا ھەيران قالغان ئىدىم. چۈنكى كۆڭلۈمدە «بۇ دېگەن ئاپتورى بار ھېكايە تۇرسا، يەنە كېلىپ ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان تۇرسام، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ» دېگەن سۇئال تۇغۇلغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھېكايە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2009– يىل7– ئاينىڭ25– كۈنىدىكى گۈلشەن بېتىدە ئېلان قىلىنغان. ئەلكۈيى بۇنىڭدىن خېلى كېيىن ئاڭلاتتى. بىز ئەلكۈيىنى ھۆرمەتلەيمىز.. چوڭ كۆرىمىز... بىراق، ئەلكۈيىمۇ ئاپتورى بار ئەسەرلەرنى باشقىلار تەييارلىغان دەپ ئەمەس، ئەسلى ئاپتورى ۋە تەرجىمە قىلغۇچىنى ئەسكەرتىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئەلكۈيى تور بېكىتى مۇشۇ جەھەتلەرگە ئەھمىيەت بەرسە، چوقۇم ئابرۇيلۇق تور بېكەتكە ئايلىنىدۇ... مۇشۇ ئىشقا قارىتا قانداق چۈشەنچە بېرەركىن دەپ ئويلايمەن... مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئەسەرنى چەكلىمەكچى ئەمەسمەن، قانچە كۆپ ئادەم كۆرسە، ئاڭلىسا شۇنچە ياخشى... بىراق، ئەسەرنىڭ ئاپتورى ياكى تەرجىمانى ئەسكەرتىلىشى كېرەك دېگەننى تەكىتلەپ قويماقچى..
تۇزلۇق قەھۋە
(ھېكايە)
مۇستاپا مەئىمۇرجانوۋ (ئۆزبېكىستان)
[align=justify]ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالدى. شۇ كۈنى كەچتە يىگىت قىزنى قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. قىز بۇ ناتونۇش يىگىتنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى ياكى رەت قىلىشنى بىلمەي ئىككىلىنىپ قالدى – يۇ، ئەمما تەربىيە كۆرگەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، يىگىت بىلەن بەش مىنۇت بىللە ئولتۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئۇلار كوچىنىڭ بۇلۇڭىدىكى قەھۋەخانىغا كىردى. يىگىت قىزنىڭ بۇ ئىلتىپاتىدىن شۇ قەدەر ھاياجانلاندىكى، ھەتتا قىزغا ‹‹رەھمەت!›› دېگەن سۆزنىمۇ ئېيتالمىدى. بۇ ھال قىزنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. قىز ‹‹ئەمدى كېتەيمىكىن›› دەپ تۇرغاندا، يىگىتنىڭ تىلى زۇۋانغا كىرىپ مۇلازىمنى چاقىردى:
– ماڭا ئازراق تۇز ئەكىلىپ بەرسىڭىز، – دېدى ئۇ مۇلازىمغا، – قەھۋەگە سالماقچى ئىدىم!
قەھۋەخانىدىكىلەر يىگىتكە ھەيرانلىق بىلەن قارىدى.
يىگىت مۇلازىم كەلتۈرگەن تۇزنى قەھۋەسىگە سالدى – دە، ئىچىشكە باشلىدى.
– غەلىتە ئادىتىڭىز بار ئىكەن – !دېدى قىز ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي، – قەھۋەگە تۇز سېلىپ ئىچكەن ئادەمنى ئۆمرۈمدە تۇنجى كۆرۈشۈم.
يىگىت چۈشەندۈردى:
– مەھەللىمىز دېڭىز بويىدا، كىچىكىمدە دائىم دېڭىزنىڭ تېيىز قىرغاقلىرىدا سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينايتتىم. شۇ ۋەجىدىن دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيىگە كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. شۇ تەم بىلەن چوڭ بولدۇم ھەم بۇ تەمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. شۇڭا قەھۋەگە تۇز سېلىپ ئىچىمەن. ھەر قېتىم تۇزنىڭ تەمىنى تېتىسام، دېڭىز بويىدىكى غېرىبانە ئۆيىمىزنى، بىغۇبار بالىلىق چاغلىرىمنى، ئاتا – ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمنى ئەسكە ئالىمەن. ئۇلارنى شۇ قەدەر سېغىندىمكى، بۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس...
قىز بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ تەسىرلەندى.
قەلبىدىكى چىن تۇيغۇلىرىنى مۇشۇنداق سەمىمىي، راستچىللىق بىلەن ئىزھار قىلالىغان ئادەمدىن چوقۇم ۋاپا كېلىدۇ، – دەپ ئويلىدى قىز، – يەنە كېلىپ، مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە يۇرتىغا، ئاتا – ئانىسىغا مېھرى بۇنداق چوڭقۇر يىگىتلەر كەم تېپىلىدۇ...
ئەمدى قىزمۇ قورۇنماي پاراڭلىشىشقا باشلىدى. يۇرتىنىڭ، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەردى... قىزىقارلىق، كۆڭۈللۈك پاراڭ خېلىغىچە داۋام قىلدى ۋە ئىككىيلەننىڭ قەلب رىشتى بىر – بىرىگە باغلاندى.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلار پات – پات ئۇچرىشىپ تۇردى ۋە كۆپ ئۆتمەيلا نىكاھ رەسمىيىتىنى بېجىرىشتى.
* * *
[align=justify] ئۇلار بىر – بىرىنى قەدىرلەپ، ھۆرمەتلەپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى. قاچانكى ئايالى ئېرىگە قەھۋە تەييارلىسا، بىر قوشۇق تۇز سېلىشنى ئۇنتۇمايتتى.
40 يىلدىن كېيىن بوۋاي ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ سەكراتقا چۈشكەندە ‹‹مەن كۆز يۇمغاندىن كېيىن ئوقۇڭ›› دەپ ئايالىغا بىر پارچە خەت قالدۇردى، ئۇنىڭغا مۇنۇلار پۈتۈلگەنىدى.
‹‹...سۆيۈملۈكۈم، ئالدىڭىزدا گۇناھكارمەن! بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى بىر ئېغىز يالغان گەپ ئۈستىگە قۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭ! ھاياتىمدا سىزگە <تۇزلۇق قەھۋە> ھەققىدە بىرلا قېتىم يالغان سۆزلىدىم.
تۇنجى ئۇچرىشىشىمىز ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك، شۇ چاغدا تولىمۇ ھاياجانلانغىنىمدىن، ھودۇقۇپ كېتىپ <شېكەر> دەيمەن دەپ <تۇز> دەپ ساپتىمەن. كېيىن <ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن> دېيىشتىن ئۇيالدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ يالغانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. سىزگە بۇ ھەقتە بىر نەچچە قېتىم راست گەپ قىلىشقا ئۇرۇنغان بولساممۇ، بىراق ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا چاك كېتىشىدىن ئەنسىرىدىم... قىسقىسى، سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقتۇم... شۇڭا كۆز يۇمۇشتىن ئاۋۋال سىزگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم.
راستىنى ئېيتقاندا، مەن تۇزلۇق قەھۋەگە ئامراق ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئىنتايىن قىرتاق، بەتتام. ئەمما، سىز بىلەن بىللە ياشاش مەن ئۈچۈن ئەڭ زور بەخت. شۇڭا ئىككىمىزگە مۇشۇ بەختنى ئاتا قىلغان تۇزلۇق قەھۋەگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ھەم ئۇنىڭغا مەڭگۈ قەرزدارمەن. ئەگەر ئىنسانغا قايتا تۇغۇلۇش نىسىپ بولسا، ھەممىنى باشتىن باشلاپ، سىز بىلەن قايتا تونۇشاتتىم ۋە ھاياتىمنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى سىزدىن ئايرىلماي ئۆتكۈزەتتىم. بۇنىڭ بەدىلىگە يەنە بىر ئۆمۈر تۇزلۇق قەھۋە ئىچسەممۇ مەيلى ئىدى...››
موماينىڭ كۆز ياشلىرى قەغەزنى ھۆل قىلىۋەتتى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە موماي نەۋرىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا، ئۇلار ‹‹بوۋام ئىچكەن تۇزلۇق قەھۋە قانداق ئىدى؟›› دەپ سوراپ قالدى.
موماينىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ياشقا تولدى.
– ئىنتايىن... ئىنتايىن تەملىك ئىدى ! - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ.
2009– يىل7– ئاينىڭ25– كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان.
ئەسلى مەنبە: ئۆزبېكىستان «يەتتە ئىقلىم» تورىدىن
ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوزتېكىن تەرجىمىسى