- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 501
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11762
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-9
- UID
- 6825
- يازما
- 501
- تېما
- 34
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11762
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-9
- توردا
- 228 سائەت
|
 |
 |
 |
 |
بۇلغانغان روھ، سەبىيلەر ۋە تەقدىر
(تۇردى توختى)
[align=justify]مەن بۇ ماقالىنى بىرەر كىشىگە قارىتىپ يازغان ئەمەس، بەلكى جەمىيىتىمىزدە بولۇپمۇ جەمىيىتىمىزدىكى ئۇقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان بەزى رىئاللىقنى ئاساس قىلىپ يازدىم.
ئوقۇتقۇچى <<ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى>>،<<ئون قەدەم يىراقلىقتىن سالام بىرىشكە ئەرزىيدىغان كىشىلەر>>...بۇ ناملار نېمە دېگەن ئۇلۇغ نام-ھە؟! بۇ نام، شان-شەرەپلەر ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىكىنىڭ تەڭداشسىز ئۇلۇغلىقىىدىن ئۇقۇتقۇچىلارغا بىرىلگەن نام ھەم شەرەپلەر. دىمىسىمۇ تارىختا ئۆتكەن ئۇقۇتقۇچىلار، پىداگوك، پىسخولۇكلارنى ئەسكە ئالدىغان بولساق بۇ نام-شەرەپلەرنىڭ ئۇلارغا جايىدا بىرىلگەنلىكىنى ھىس قىلساق، ھازىرقى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ۋە سەبىيلەرگە ئاتىۋاتقان پەخىرلىك كىشىلىرىمىزنى كۆرگەندە بۇ نام ۋە شەرەپنىڭ تېخىمۇ جۇلالىنىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇتقۇچى ئەمگىكىنىڭ تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى پەخىرلىنىپ تىلغا ئالالايمىز.
بۇلغانغان روھ
[align=justify]
جەمىيىتىمىزدە ئۆزىنىڭ ئەخلاقى- پەزىلىتىنىڭ يۇكسەكلىكى، بىلىم-قابىليىتىنىڭ يوقۇرىلىقى، سەبىيلەرگە بولۇپمۇ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش روھىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ھېچنىمىنى ئويلىمىغان ھالدا سەبىيلەرگە بىلىم بىرىپ ئۇلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىۋاتقان مىننەتسىز ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بولغىنىدەك يەنە روھى ئۆلگەن ھەم بۇلغانغان بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بار.بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ئىقتىدار جەھەتتىن ھەرقانچە تەڭداشسىز بولۇپ كەتسىمۇ بۇلار تەربىيلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلار ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشى ناتايىن چۈنكى تەربىيلىگۈچىسى ماكان ۋە زامان چەكلىمىسىدىن <<ئېشىپ>> كەتكەنلەر بولغاچقا بۇلاردىكى بۇ خىل رەزىللىك تەبىئى ھالدا سەبىيلەر تەرىپىدىن بىلىپ-بىلمەي قۇبۇل قىلىنىدۇ، بۇنداق قوبۇل قىلىشنى شۇ سەبىينى تەربىيلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىسىمۇ سەزمەيدۇ ھەم مەڭگۈ سېزەلمەيدۇ.
-ھەي قېرى ئوغرى،سەن خۇتۇنىڭنى بېقىپ ئولتۇرماي بۇ يەردە نېمە قىلىسەن،خاناچاڭنى پۇراپ كەلدىڭمۇ؟
-نەدىكى گەپنى قىلىسەن سەندەك يۆگىكىدە بۇزۇلغان نەرسىلەرنى كىم لازىم قىلىدۇ،مەن يانا يېڭىسى بارمىكىن دەپ كەلگەن.
-ھۇ قېرى بۇزۇق،سەنمۇ يېڭلىيالامسەن؟قايسى ئەپتىڭگە...
-تېخى بىرنەچچىنى يېڭىلايمەن.
......
مۇشۇنداق تېتىقسىز گەپلەر ... بۇ سورۇنغا تەسەدىي كىرىپ قالغانلىغىمدىن بەك كۆڭلۈم ئېلىشتى.
مەن يېنىمدا ھىچقانداق گەپكە ئارلاشماي ئولتۇرغان دوستۇمدىن:
-بۇ كىملەر؟- دەپ سورىدىم.
ئۇ قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ھالدا: ‹ كىملەر بولاتتى، سىلەرنىڭ جەمەتتىكىلەر!›- دېدى.
شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىغاندەك بولدى، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى دوستۇم بىلەن دېيىشىپ ،سورۇنغا نۇرغۇن <<تەشەككۈرلەر>>نى ئېيتىپ ھېلقىلار بىلەن خوشلاشتۇق. مۇشۇنداق قىلماي بىز نېمىمۇ قىلالايتۇق، بۇ يەردە ئەقلىدىن ئازغان بىر توپ كىشىلەر بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيانى ئۇنتىغان ھالدا پائالىيەت قىلىۋاتسا...
مەن يولدا ماڭغاچ دوستۇمدىن:
- بۇ نېمە گەپ بولۇپ كەتتى، ئوقۇتقۇچى دېگەن بولۇپمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلار بىر تەرەپتىن پەرزەنتىلىرىنى تەربىيلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنى تەربىيلەيدۇ ئەمەسمۇ؟! باشقىچە دىسەك ئۇلار مىللىتىنىڭ كىيىنكى ئىزباسارلىرىغا روھى ئوزۇقلارنى بىرىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكقۇ؟ ھېچنىمە دىمىگەندىمۇ ئۇلار مىللەتنىڭ ئانىسىغۇ؟ دەپ غۇدۇرۇپ سورىدىم. ئۇ ئاداش:
- ھەي جىم ماڭساڭ بولمامدۇ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغۇچە سېنىڭ ئايال ئۇقۇتقۇچىلىرىڭدا گۇناھ بولۇپ سەن خەقتە(ئەر ئوقۇتقۇچىلارنى دېمەكچى) گۇناھ يوقمۇ؟ ئاشۇلارنى دەسلەپ يولدىن چىقارغان كىملەر؟مېنىڭچە ئاساسەن سەندەك خىزمەتداشلىرى، دەپ كايىپ كەتتى.
مەن تېخىمۇ ھەيران قالدىم ۋە ئۇنىڭدىن :
-بۇنداق دەيدىغانغا سېنىڭ نېمە ئاساسىڭ بار دەپ سورىدىم.ئۇ:
-مەن بىر سورۇندا بىر ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئايال خىزمەتدىشىغا ھە دەپ ھاراق زورلاپ ئاخىرى ئايال ئوقۇتقۇچىنى كۆندۈرگەنلىكىنى كۆرگەن، مېنىڭ ئېغىزىمنى كوچىلىساڭ مەن بىلىدىغان ئىشلار جىق. سېنىڭ جەمەتىڭ بۇزۇلسا مىللەت پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن خۇنۈكلىشەتتى. مانا ئەمدى قانداق بولۇر؟ ئىچىدىغان ئاياللار، چېكىدىغان (نەشىنى دېمەكچى) ئەرلەر، پاسكىنىچىلىقنى بىر-بىرىگە ئۆگىتىدىغان نېجىسلىقلار سىلەرنىڭ جەمەتىڭلارغا يۇقتى. مىللەتنىڭ ھالىغا ۋاي دەپ ئۈمۈتسىزلىك بىلەن ئېغىر ئۇھ تارتتى.
يۇقارقىلار قانداقلا بولمىسۇن جەمىيىتىمىزدىكى قىسمەن ئوقۇتقۇچىلاردا ساقلىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىققا يات بولغان، مۇنداقچە دىسەك ئىنسانلارنىڭ ياشاش پەلسەپىسىگە مۇخالىپ بولغان رىئال ھەركەتلەر بولۇپ، بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار پۈتۈن مىللىتىنىڭ يۈزىنى تۆكۈشكە ھۆل تېشى بولۇپ بەرگەن، ئوقۇتقۇچىلار ياكى مائارىپ سېستىمىسىدىكى كەسىپداشلىرىنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولاي دىگەن ناكەسلەردۇر.
يوقارقى قىسمەنلەر يەنە يۈزىنى سىنىپقا كۆتۈرۈپ كىرىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەخلاق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. مۇشۇنداق تەربىيەنىڭ زادى قانچىلىك ئۈنىمى بولار؟ ھازىرقىدەك<< تامنىڭمۇ كۆزى ۋە قۇلىقى بار جاھان>>دا ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشلار شۇ ئوماقلارنىڭ قۇلىقىغا يەتمەسمۇ؟ بەزىلەر مۇئەللىم قىلغان ئىش توغرا بولىدۇ، دەپ قاراپ شۇلار ماڭغان يولغا ماڭماسمۇ؟
مەن يوقارقىدەكلەرگە شۇنداق دىمەكچىكى، بۇلغانغان روھىڭلارنى سەبىيلەرگە مىراس قىلماڭلار؟ ئەڭ مۇھىمى سەبىيلەرنى ئۆزەڭلار ماڭغان يولغا باشلىماڭلار! شۇنداق قىلالىساڭلارمۇ سىلەر چوڭ ئىش قىلغان بولىسىلەر.
سەبىيلەر
[align=justify]ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئالدىغا كىچىكلا كىرگەن بالىلارنى ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە چوقۇمكى ئاشۇ سەبىي يۇرەكلەردە ئادىمىيلىك تۇيغۇسىنى ئاستا-ئاستا يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلاردا ئەخلاق يىتىلىپ كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى مىھرى-مۇھەببەتنى ھېس قىلىپ باشقىلارنىمۇ ئۆزەمدەك ئادەم دەپ بىلەلەيدىغان بىر تىرەن روھ يىتىلىپ چىقىدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىلاردىكى ھەم مۇقەددەس ھەم باش تارتىپ بولمايدىغان بىر مەجبۇرىيەت. بۇ مەجبۇرىيەتنى ھەقىقىي ئورۇنلىيالىغان ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشقان ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياش -ئۆسمۈرلەر بولسا جەمىيەتتىكى بىر ئاجىز توپ، بۇلارنى قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن تەربىيلىسە مۇتلەق كۆپ قىسىمى شۇ تەرەپكە مايىل بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، تەربىيەنىڭ قانداق بولۇش مەسىلىسى ئۇلارنى ياخشى-يامان تەرەپكە يىتەكلەشتىكى ئاچقۇچ.
ئۇلار تەربىيەگە مۇھتاج بولغىنىدا يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە جەمىيەتتىكى باشقا توپلارنىڭ ئەمىليىتىگىمۇ شۇنداق مۇھتاج، ئۇلار قۇرۇق ۋەز- نەسىھەتتىن ئەمىلىي ئىشنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز جەمىيەتتىكى بارلىق كىشىلەر ياش-ئوسمۈرلەرگە مەسئۇل بولۇشتەك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالغان.
ئوقۇغۇچىلار زادى كىمنىڭ تەسىرىگە ئەڭ بەك ئۇچرايدۇ؟ مىنىڭچە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ بەك ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى ھەممىنى بىلىدىغان<<ئەۋلىيا>>دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئېغىزدىكى گىپى بىلەن ئەمىلىي ھەركىتى ئوخشاش ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسىدۇر.
سەبىيلەر ئەنە شۇنداق ئاجىز توپ بولۇشى بىلەن بىرگە يەنە ئۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردىكى مىللەتنىڭ ئاساسى كۈچى، يادرۇسى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا مىللەتنىڭ ئىگىلىرىدۇر. بۇ تەرىپىنى مەيلى مەسئۇليەتچان ئوقۇتقۇچى بولسۇن، مەيلى مەسئۇليەتسىز ئوقۇتقۇچى بولسۇن، ئوقۇتقۇچى ساراڭ(نېرۋا كېسەل) بولمىسىلا ھەممىسى بىلىدۇ. شۇنداقلا جەمىيەتتىكى ئاتا-ئانىلار بۇنى تار دائىرىدىن چۈشەنسىمۇ ئائىلە ۋە جەمەت ئىچىدىكى مۇقەددەسلىك دەپ بىلىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىلىرىنى يۇقارقى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا تاپشۇرغىنى ئاتا-ئانىلاردىكى گۇناھمۇ ياكى بىر ئۇقۇشماسلىقمۇ؟بۇ يەردە ئەڭ كۆپ زىيان تارتىۋاتقىنى روھى بۇلغانغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ياكى سەبىي پەرزەنتىلىرىمىزمۇ؟
يۇقارقى نۇقتىلارغا روھى ئويغاق كىشىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى جاۋاب بېرەلەيدۇ،ماھىيەتتە بۇ روھى بۇلغانغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەخىتسىزلىكى بولۇپلا قالماي پۈتكۈل مىللەتنىڭ بەخىتسىزلىكى ھىسابلىنىدۇ.
بۇ بىر قىسمەنلىك بولسىمۇ ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشەنسەك بۇ بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، چۈنكى ياش-ئۆسمۈرلەر بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، مىللەتنىڭ، تارىخنىڭ ئۇلىنىپ داۋاملىشىشىدىكى بىردىن-بىر ئامىل.مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بىز چوقۇم ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەربىيلىنىشىنى ساغلام مۇھىت بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.
تەقدىر
[align=justify] <<مەن ھەركىم ئۈزىنىڭ تەقدىرىنى ياراتقۇچىدۇر >> دىگەن بۇ ھىكمەتكە بەك ھۆرمەت قىلىمەن ھەم بۇ ھىكمەتنى ئۇنداق ئاددىيمۇ چۈشەنمەيمەن.<<ھەر كىم ئۈزىنىڭ تەقدىرىنى ياراتقۇچىدۇر>>دىگەن بۇ پەلسىپىلىك ھۆكۈمنىڭ ئەسلى مەنىسى ئادەمنىڭ بىر ئىجتىمائىي مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولۇپ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئوينىغان رولى، تۇرمۇشقا تۇتقان پۇزىتسىيىسى،دۇنيانى بىلىشى شۇنداقلا يوقارقىلار ئاساسىدا ئۆزىنى بىلىشى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ.مەيلى قايسى تۈردىكى پەلسەپە بولمىسۇن دۇنيانىڭ ئىجتىمائىيلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئاشۇ ئىجتىمائىي دۇنيادا ياشايدىغانلىقىنى، شۇ نۇقتىدىن ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
دۇنيادا يالغۇز بىرلا ئادەم بارياكى ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشمەيدۇ،تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ قاراش بىمەنىلىك ھىساپلىنىدۇ.مېنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى يارىتىدىغان كىشىلەر ئەنە شۇنداق مۇرەككەپلىك ئىچىدە ياشايدۇ. كىشىلەر ھەر-خىل شارائىتلارنى بەرپا قىلىپ،جەمىيەت قاينىمىدىن ئۈزۈپ چىققاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى(ئۆزىنىڭ ياشاش شارائىتىنى )يارىتالايدۇ.
بۇ يەردە دىيىلگەن ھەر خىل شارائىتلارنىڭ ئىچىدە شۇ كىشىنىڭ تەلىم- تەربىيە شارائىتىمۇ بار.تەلىم- تەربىيە شارائىتىنىڭ ياخشى-يامان بولىشى كىشىلەرنىڭ بىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ،ئۇلارنىڭ دۈنيانى ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت بىلىشنىڭ يوقىرى باسقۇچىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.
بۇ باسقۇچقا يېققىنىلىشالىغانلار ئۆزىنىڭ تەقدىرنى ياراتقۇچىلاردۇر(مۇتلەق بولمىسىمۇ)،يېقىنلىشالمىغانلار بۇنىڭ دەل ئەكسىچىدۇر(مۇتلەق بولمىسىمۇ).
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى، تەربىيەنىڭ ئادەم بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار.ئادەمنىڭ ئادەم بولىشىدا تەربىيەنىڭ رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ.بۇ قىل سىغمايدىغان پاكىت،بۇنى ئەجداتلىرىمىز ئاللىقاچان ھەقىقەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ بولغان.بۇنى ھىچكىم بۇنداق ئەمەس دىيەلمىسە كېرەك.
ئادەملەرگە نىسبەتەن تەربىيەنىڭ رولى شۇنداق مۇھىم بولغان يەردە، چۇقۇمكى شۇ تەربىيەنى سىڭدۈرۈشنى ئۆزىگە مەجبۇرىيەت دەپ قارىغان كىشىلەر(ئوقۇتقۇچىلار) دە يۈكسەك پەزىلەت ،مول بىلىم ۋە قابىلىيەت بولىشى كېرەك.بۇ ھەممە كىشى بىلىدىغان ئەقەللىي ساۋات.
ئەمىليەت يۇقارقىدەك لىكىن بىر قىسىم روھى بۇلغانغان كىشىلەر مۇشۇنداق شەرەپلىك،مۈشكۈل مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالسا ئۇلارنىڭ تەربىيەسىنىڭ ئەۋلاتلارغا ۋە مىللەتنىڭ ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بۇلىشى مۇمكىن.
ئەگەر بۇ قىسمەنلىك ئومۇملۇققا ئايلىنىش تەرىپىگە قاراپ تەرەققىي قىلسىچۇ؟ئەھۋال قانداق بولار؟ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى يارىتالايدىغانلار قانچىلىك چىقار؟مىللەتنىڭ تەقدىرىچۇ؟...
بۇ سۇئاللار ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ،مېنىڭ بىلىشىمچە ھەممىمىز ئويلاندۇق، بىراق ئەمىليىتىمىز كەسكىن بولمىدى.
ھەي بىچارە روھ،
تەتۈر قىسمەت،
خەتەرلىك تەقدىر...
|
 |
 |
 |
 |
|
|