- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 340
- تىزىملاتقان
- 2010-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
- UID
- 7988
- يازما
- 9
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 340
- تىزىملاتقان
- 2010-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-1-12
- توردا
- 0 سائەت
|
شەرق تورىنىڭ 21 -دېكابىردىكى خەۋىرىدە ، ئامېرىكا يەر شارى سىتراتېگىيە تورىنىڭ 19 - دېكابىردىكى خەۋىرى نەقىل قىلىنغان . خەۋەردە ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان جوڭگو قۇرۇغلۇق ئارمىيىسى ، كەلگۈسى بىرقانچە يىلدا بىر مىليون 600 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى تەدرىجى ھالدا بىر مىليون 100 مىڭ ئادەمگە قىسقارتىپ ، ھەركەتلىنىشى جانلىق بولغان ، زامانىۋىلاشقان ھەربىي كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ ، دىيىلگەن . خەۋەردە يەنە ، جوڭگو قۇرۇغلۇق ئارمىيىسىدە 7000 دانە تانكا ، 7500 دانە ئەسكەر توشۇغۇچى برونىۋېك ، 20000 دانە زەمبىرەك ، 400 دىن ئارتۇق تىك ئۇچار ئايروپىلان سەپلەنگەن دەپ كۆرسۈتىلگەن . خەۋەردە ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ يەتتە ھەربىي رايون ، 18 گۇرۇپپىۋاي ئارمىيە ، 37 دېۋىزيە ،67 يەتتە مۇستەققىل پولىكتىن تەركىپ تاپقانلىقى ، ھەر بىر ھەربىي رايون ئۆز تارمىقىغا ئىككىدىن ، ئۈچكىچە بولغان گۇرۇپپىۋاي ئارمىيەنى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ، بۇ گۇرۇپپىۋاي ئارمىيەدە 30 مىڭدىن 60 مىڭغىچە ئەسكىرىي كۈچ بار بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى قىسىم ۋە ياردەمچى قوشۇندىن تەركىپ تاپقانلىقى ، زاپاس ئارمىيەنىڭ ئۆلكۈلۈك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرىشىدا ئىكەنلىگى ، ئۇلارنىڭ ئاسالىقى چېگرا مۇداپىئە ۋەزىپىسى بىلەن ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ، ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇ زاپاس قوشۇننىڭ مۇستەققىل ھالدىكى30 پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزيىسىگە ئايلىنىدىغانلىقى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈلگەن . ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش قىلىش قىسمى ئۆز ئىچىگە ، 9 برونېۋىك دېۋىزيىسى ، 25 پىيادىلەر دېۋىزيىسى ، 3 توپچىلار دېۋىزيىسى ؛ بۇلار ئۆز ئىچىگە 33 پىيادە ئەسكەرلەر برىگادىسى ، 9 برونىۋېك برىگادىسى ، 15 توپچى برىگادىسى ۋە 10 تىك ئۇچار پولىكىدىن تەركىپ تاپقانلىقى ، بارلىق پىيادە ئەسكەرلەر برىگادىسىنىڭ ماتورلاشقان ، يېرىم ماتورلاشقان قىسىمدىن تۈزۈلگەنلىكى ، بۇ قوشۇننىڭ برونېۋىك ۋە قىسمەن تاكىغا ئىگە ئىكەنلىكى ، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 3 پاراشوتچىلار دېۋىزيىسىدىن ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 1 دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇغلۇقتا جەڭ قىلىش دېۋىزيىسىدىن ، قۇرۇغلۇق ئارمىيىسىنىڭ 7000 دانە تانكا ، 7500 دانە ئەسكەر توشۇغۇچى برونىۋېك ، 20000 دانە زەمبىرەك ، 400 دىن ئارتۇق تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن تەشكىل تاپقانلىقى كۆرسۈتىلگەن . بۇ دوكۇلاتتا يەنە ، جوڭگو قۇرۇغلۇق ئارمىيىسى كەلگۈسى ئىككى يىلدا ئادەم سانىنى نۆۋەتتىكى 2 مىليون 200 مىڭدىن قىسقارتىپ 1 مىليون 600 چۈشۈردى . ئەمەلىيەتتە ئۆتۈپ كەتكەن 20 يىل مابەينىدە جوڭگو قوراللىق كۈچىدە ئىككى مىليون ئادەم قىسقارتىلدى ، ئۇنۇڭدىن باشقا قوراللىق ساقچىدىكى ئادەم سانى 660 مىڭدىن ئاشىدۇ ، دەپ كۆرسەتكەن . ئۇندىن باشقا ، جوڭگو قوراللىق قىسمىدىكى ئوفېتسىر ئەسكەرلەرنىڭ بارغانچە ياشلىشىۋاتقانلىقى شۇنۇڭدەك يېشى چوڭ ، مەدەنىيەت سەۋيەسى تۆۋەنىرەك ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ سەپتىن چېكىنىۋاتقانلىقى ، ئارمىيە تارماقلىرىنىڭ ئىقتىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە جەلىپ قىلىش جەھەتتە ئالاھىدە كۈچەۋاتقانلىقى ، ئالىي مەكتەپنى پۈتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ كىرگۈزۈپ قىسىمنىڭ ئومومىي ساپاسىنى تېزدىن ئۆستۈرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان . ئۇندىن باشقا يەنە نۆۋەتتە جوڭگو دېڭىز ئارمىيىسى 290 مىڭ ، ھاۋا ئارمىيسى 400 مىڭ ئوفېتسىر ئەسكەرگە ئىگە ئىكەنلىكى ، بولوپمۇ جەڭ پاراخوتلىرىنىڭ كۈنسايىن جىقىيىشىگە ئەگىشىپ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ زورىيىپ بارىدىغانلىقى ، قىسقىسى - جوڭگو ئارمىيىسىنىڭ ئومىمىي جەڭ قىلىش ساپاسىنىڭ تەدرىجى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى تەپسىلى ئىپادىلەنگەن .
مەنبە : http://mil.news.sina.com.cn/2010-12-21/0949624680.html |
|