"سانائىل ھەرفىيە" شېئىرى شەكلىنىڭ بايقىلىشى ۋە يېڭىلاپ راۋاجلاندۇرۇلىشى توغىرىسىدا زۆرۈر ئەسلەتمە
ئابدۇقادىر سادىر
كىلاسسىك ئەدەبىيات خەزىينىسى ئاجايىپ مول بايلىققا تولغان شۇنداق بىر خاسىيەتلىك كاندۇركى، ئۇنىڭدىكى دۇردانىلەر، رەڭگارەڭ جاۋاھىراتلارنىڭ ھەددى- ھېسابى يوق. ئۇنى قازغانسىرىڭ شۇنچە ئېسىل، شۇنچە قىممەتلىك بايلىقلارغا ئىگە بولىسەن. ئۇ شۇنداق شېرىن- شەربەتلىك بىر بۇلاقكى، ئۇنى ئىچكەنچە زېھنىڭ ئېچىلىپ، كۆزۈڭ رۇشەنلىشىپ، تەپەككۇر قۇشلىرىڭ ئۈزلۈكسىز قاناتلىنىشقا، ئىجادتا تېخىمۇ يۈكسەكلىككە قاراپ پەرۋاز قىلىشىڭغا تۈگىمەس- پۈتمەس كۈچ- قۇۋەتكە ئىگە بولىسەن.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنى ئەنە شۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس كانى ۋە شېرىن- شەربەتلىك قۇرۇماس بۇلاقلىرىدىن ئېلىنغان ئوزۇقلارىنىڭ ئىلھام بەخىش خاسىيىتىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ، ئەشۇ خاسىيەتلىك ئەنگۈشتەرلەر ئاساسىدا ئالدىنقىلارغا ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىش، شاكىلىنى چىقىرىۋىتىپ مېغىزىنى تاللىۋىلىش، ئىزدېنىپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا پەيدىن- پەي راۋاجلىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى يېڭىچە ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى كەڭ ئەدەبىيات ئەھلىنىڭ ھەممىسىگە مەلۇملۇق.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىپى قىسمى بولۇپ كېلىۋاتقان، تەرىپ- تەۋسىپلەردە "ئەدەبىياتتىكى بايراقدار شەكىل"، "ئانا ژانىر" دەپ پەخىر- ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىنىپ تۇرىدىغان شېئىرىيەت ژانىرىمۇ يازما ئەدەبىياتقا كىرىپ كەلگەن نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان، ئۆزنى ياراتقان بەدىئىي مۇھىتتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش ۋە تالاي- تالاي ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۆزىگە خاس بە دىئىي شەكىل ۋە مىللىي خاسلىق خاراكتىرى بىلەن تەرەققى قىلىپ، بۈگۈنكىدەك يارقىن ھالىتىگە كەلگەن. خۇسۇسەن، شېئىرىيەتتىكى بەدىئىي شەكىللەر مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭ رۇياپقا چىقىرىلىشىدىكى تەۋەلىكى، قايسى مۇھىتتا قانداق يېتىلىپ، قانداق تارالغانلىقى تولىمۇ يىراق بىر تارىخى دۇنياغا، تارىخى جەريانغا چېتىلىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى تولىمۇ ئۇزۇن، تەرەققىياتى ۋە تارقىلىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر شېئىرىيىتىگە ئۆتۈشۈش جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ. لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي بولمايدۇكى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمىزدە كىلاسسىكلاردىن تارتىپ بۈگۈنكى زاماندىكى بىزگىچە ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئېلىۋاتقان، ئىجادىيەتلىرىمىزدە قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان شېرى شەكىللەر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە، 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غەرىبى- جەنۇبى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىدىقۇت پادىشاھلىقى دەۋرىدىلا مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، 11-12- ئەسىرلەردىن كېيىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان ئەرەب، فارىس تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى ئۆز ئارا ئۆتۈشۈش، بىر بىرىگە بولغان تەسىرى داۋامىدا يېڭىدىن يېڭى شەكىللەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشكە باشدى. بۆيۈك ئۇستاز نەۋائىنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تۈرلۈك شېئىرى شەكىللەر نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت ئاساسىدا سىستېمىلاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى شېئىر شەكىللەر قامۇسى بولۇپ شەكىللەندى. بىز "زۆرۈر ئەسلەتمە" بەرمەكچى بولىۋاتقان "سانائىل ھەرفىيە" ياكى بەزىلەرنىڭ تەبىرىدە "سانائىل ھەرفىيات" دەپ خاتا ئاتالغان شېئىر شەكلىمۇ ئەنە شۇلار ئىچىدىكى 9- ئەسىردىلا مەيدانغا چىقىپ، ھازىرقى دەۋرگە كەلگىچە ئىجادىي يۇسۇندا تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭىچە قىياپەت بىلەن مەيدانغا چىقىرىلغان، ئەمما بىز تولىمۇ كېچىكىپ تونۇشقان ئەڭ "كەنجى" بىر شەكىلدۇر.
"سانائىل ھەرفىيە" شەكلىدىكى شېئىرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكىل ئاساسى 9- ئەسىردە بارلىققا كېلىشكە باشلىغان قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى شېئىرلار بولۇپ، گەرچە ئەينى چاغدا ئۇنىڭ شەكىل نامى قويۇلمىغان ياكى بىزگىچە يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكىدىن ئالاھىدە بىر خىل شېئىرى شەكىلنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بىلىمىز.
بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى شېئىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەينى زاماندىكى شائىرلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، باشقا تىللاردىن تەرجىمە ئارقىلىق كەلگەنلىرىمۇ بار. بۇ شېئىرلار شەكىل جەھەتتىن ئاساسەن "باش قاپىيە" (ھازىرچە شۇنداق ئاتالدى) دە يېزىلىدۇ. ئاياغ قاپىيە، بوغۇم ۋە تۇراق تەڭپۇڭلىقىغا ئانچە ئىتىبار قىلىنمايدۇ. بۇ يەردىكى "باش قاپىيە" ھەر بىر مىسىرانىڭ باش سۆزىدىكى باش ھەرىپ ئوخشاش بىر خىل ھەرپتىن تۈزۈلىدۇ. بۇنداق ئوخشاش ھەرىپلىك سۆزلەر بىر مىسىرانىڭ بىر نەچچە يېرىدىمۇ ئۇچىرايدۇ. بەزىلىرىنىڭ مىسىرا ئاخىرى ھازىرقى شېئىر قاپىيىلىرىدەك توق، ئىزچىل، مۇكەممەل قاپىيىلىنىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ھەر ھالدا خېلىلا قويۇق قاپىيە تۈسىنى ئالىدۇ. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بىز مۇشۇ شېئىرلارنىڭ شەكلىدە ھازىر بىز دەۋاتقان "سانائىل ھەرفىيە" (ھەرپ سەنئىتى) نىڭ ماۋجۇتلىقىنى بىلىمىز.
مەسىلەن: ئەينى زاماندىكى خەلق ئەدەبىياتىغا تەۋە بولغان "شۇنداق ئورۇنلاردا" دەپ ئاتىلىدىغان بىر "دالا ناخشىسى" مۇنداق يېزىلىدۇ:
1
"ئادقاشۇ تۇرۇر قات- قات تاغدا
ئامىل ئاغلاق ئارانيادانتا
ئارتۇچ سۆگۈت ئالتىنتا
ئاقار سۇۋلۇقتا
ئارانچىغىن ئۇچداچى قۇشقىئالار
تىرىنلىك قوۋراغلىقتا
ئادىنماقسىزىن مەڭى تەگىنگۈلۈگ ئول
ئانى تەگ ئورۇنلارتا
2
ئىچ تەرىڭ قات بۈك تاغدا
ئىرتەكى سۆكى ئارانياتاندا
ئىدىز تىكىم قايالىق باسغۇقلۇغ ئەرىپ
ئىدى تىكىسىزدە
ئمىرت چوغۇرت سۆگۈت ئاراسىنتا
ئىنچىگە- كىيە سۇۋ قىدىغىندا
ئىلىنمەكسىزىن ديان ئولۇرغۇلۇغ ئول
ئانى تەگ ئورۇنلارتا
3
سەلىڭ بۇلۇڭ تەرىڭ تاغدا
سەۋىگلىگ ئارانياتاندا
ساۋرالىپ ئاقار سۇۋلۇغ ئەرىپ
سەپ- سەم ئاغلاقتا
سەكىز تۈرلۈگ يىللەر ئۈزە تەبرەنمەدىن
سەرىلىپ ئانتا
سەرە يالڭۇزۇن نوم مەڭىسىن تەگىنگۈلۈگ ئول
ئانى تەگ ئورۇنلارتا
4
كۆكەرىپ تۇرۇر كۆركلۈگ تاغدا
كۆڭۈل ياراشى ئاغلۇق ئورۇنتا
كۆپ يىگى تەلىم سۈگۈتلۈگ ئەرىپ
كۆپىرىپ تۇرۇر كۆلمەن سۇۋلۇقتا
كۆز باشلاپ قاچىغلاردىن يىغىنىپ
كوزىنمىش بىلىنمىشچە ئورۇنلارتا
كۇسەنچىگسىزىن مەڭى تەگۈنگۈلۈگ ئول
ئانى تەگ ئورۇنلارتا
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ شېئىرلارنىڭ بىرىنچى كۇبلىتدىكى مىسىرالارنىڭ بېشىدىكى بىرىنچى سۆزى "ئا" ھەرپىدىن، 2- كۇبلىتىدىكى مىسىرالار "ئى" ھەرىپىدىن، 3- سى "س" ھەرىپىدىن، 4- سى "ك" ھەرىپىدىن باشلىنىپ يېزىلىدۇ.
بۇ خىل شەكىلدىكى شېئىرلارغا سەل- پەل ئوخشاپراق كېتىدىغان يەنە بىر خىل "باش قاپىيە" بىلەن "ئاياغ قاپىيە" سى بىللە كەلگەن شەكىلدىكى شېئىرلار چاغاتاي دەۋرىگە خاس بولغان بەزى شېئىرلاردىمۇ ئۇچىرايدۇ. مەسىلەن شەرق كىلاسسىكلىرىدىن مەشرەب "مۇھەممەد" رادىفلىق بىر مۇستەھزادىنىڭ، نەمانگانلىق شائىر مۇخلىسى ئاياغ قاپىيىسى"ئەلف- ا-ئا" بىلەن كېلىدىغان بىر مۇستەھزادىنىڭ ئۇزۇن مىسىرالىرىنىڭ باش ھەرپىنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنىڭ 29 تاۋۇشى (ھەرپى) نىڭ ئېلىپبە تەرتىبىگە بوي سۇندۇرۇپ ("ا- ئا" دىن "ي- يا" غىچە) يازغان (مىسال مەنبەئى: "تۆھبەتۇل ئابىدىن")
شائىر- يازغۇچىلار ئىجادىيەتچىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي ئىجاد مىۋىلىرى ئارقىلىق ئىنسان رۇھىنى سۇغىرىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلار ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن رىئال تۇرمۇش قاينىمىدىن ئوزۇق ئېلىپ تۇرىدۇ ۋە ئېلىپ تۇرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىلاسسىك ئەدەبىيات ئۆرنەكلىرىنىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرىنى بۈگۈن ئۈچۈن ئەپچىللىك بىلەن خىزمەت قىلدۇرۇشنىمۇ بىلىشى كېرەك. بۇ، ئىجادىي يۇسۇندا ۋارىسلىق قىلىپ، كونىدىن يېڭىنى يارىتىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئىجادىيەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش ئەلبەتتە، شۇ ئاپتۇرنىڭ بىۋاستە تەپەككۇرى، مۇستەقىل ئىزدېنىشى ئاساسىدىمۇ يارىتىلىدۇ. بۇ يەردە گەپ ئەجدادلار ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كونىدىن يېڭىنى يارىتىش ئۈستىدە كېتىۋاتقاچقا، ئالدىنقى بايانلار شۇنداق قويۇلدى.
شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئېيىتقاندا، 9- ئەسىردىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئەنە شۇ شېئىر شەكللىرىدىن ھۇزۇرلۇنۇپ، ئەجدادلار يارتىپ بەرگەن شېئىرى ئۆزگىچىلىكىمىز بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرسەك بىزنى قانداق شائىر، قانداق ۋارىس دېگىلى بولسۇن؟ ئەلبەتتە، ئۆز كەسپىگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بارلىرىنى بايقاش، ئۇنى تەتقىق قىلىپ، كونىدىن يېڭىنى يارىتىش ھەتتا، يوقنى ئىجاد قىلىپ خەزىنىمىزنى بېيىتىش، (شېئىر مىسىرالىرىنىڭ شەكىل ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش) بىز كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئىپتىخارلىق بىر بۇرچىمىز ئىدى.
مانا بۇ بۇرۇچ تۇيغىسى 1990- يىللارنىڭ بېشىدا كىلاسسىك ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ سادىق ئىزدەنگۈچىلىرىنىڭ بىرى، ياشانغاندا ياشارغان پېشقەدەم شائىر جاپپار رەھىم روھلانىنىڭ شېئىرىيەتكە سادىق قەلبىدە تۇنجى بولۇپ ئويغاندى. ئۇ، 1980- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا "بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 1981- يىللىق2- سانىدا ئېلان قىلىنغان "ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى شېئىرلاردىن نەمۇنىلەر" گە ئالاھىدە دېققەت قىلىپ قالغانىدى. ئۇ، يۇقىرىدا مىسال قىلىنغان بۇ شېئىرلاردىكى ھەر بىر مىسىرادىكى باش سۆزنىڭ ( بەزىلىرىدە بىر نەچچىە سۆزنىڭ) ئوخشاش ھەرىپ بىلەن تۈزۈلۈپ، "باش قاپىيە" ھاسىل قىلغانلىقى، بۇ خىل شەكىلنىڭ تاسادىپەن ئەمەس، ئىزچىل بىر قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋاملىشىدىغانلىقىنى بارغانسىرى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ شېئىرلارغا بولغان دېققەت ئېتىبارى كۈچەيگەنسىرى، بۇ شېئىرلاردىكى مۇشۇ ئالاھىدىلىكىنى ئۇيغۇر ئەل ئىچى سەنئېتى تېكىستلىرىدىكى ھەر بىر سۆزنىڭ ئوخشاش ھەرپتىن تۈزۈلىدىغان "سۆز ئويۇنى" شەكلى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىچە بىر شېئىرى شەكىل ئىجاد قىلىپ بېقىش ئىستىكىدە ياناتتى. ئۇنىڭ ئويلىغىنى ئەلبەتتە، ھېلىقى "سۆز ئويۇنلىرى" دەك ئاددىي ئەمەس، مۇئەييەن مەزمۇن بىلەن لېرىك ھېسىيات، شېئىرى پىكىر، ۋەزىن، تۇراق، رېتىملىرى مۇكەممەل بولغان، قويۇق شېئىرى تۈس يارىتالايدىغان بىر شەكىلنى مەيدانغا چىقىرىش ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ، مىسىرالىرىدىكى ھەر بىر سۆزنىڭ باش ھەرىپى ئوخشاش ھەرپتىن تۈزۈلگەن يېڭىچە شەكىلگە ئىگە بىر خىل شېئىر مەشقىگە كىرىشىپ، دەسلەپ يەككە كۇبلىتلىق، كېيىن كۆپ كۇبلىتلىق شېئىرلارنى يېزىپ باقتى. ھەرىپلەرنىڭ ئوخشاش بولۇشىنى كۆزلەپلا شېئىر تۈزۈپ قويغان بىلەن بولمايىتتى. چۈنكى، ھەر بىر سۆز تەركىپىدىكى بىر خىل ھەرپ شېئىردا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنغا بويسۇنغان بولىشى كېرەكىدى. بىر پارچە شېئىرنى مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن سۆزلەر كانى ئىچىدىن يىڭنىدە قۇدۇق قازغانغا ئوخشاش مۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىزدەشكە، ئەدەبىي تىلىمىزدىن باشقا يەرلىك شېۋىلەر، قەدىمى ئۇيغۇر تىلى بايلىقلىرىدىنمۇ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشقا، تاشلىنىپ قالغان سۆز- ئاتالغۇلارنى قايتىدىن نۇرلاندۇرۇپ، شېئىرنىڭ ئىستىتىك زوق بېرىش سەنئېتىنى كۈچەيتىشكە توغىرا كېلەتتى.
گەرچە ئىدىقۇت شېئىرلىرىدىكى ھەر بىر مىسىرانىڭ باش ھەرپىلا ئوخشاش ھەرىپلىك بولۇشتەك شەكلىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى بۇ شەكىلدە يېزىش- تۈزۈش بىر قەدەر قېيىن ھەم سەل مۇرەككەپرەك بولسىمۇ، بۇ خىل ئىجادىيەتنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر شېئىرىيەت شەكلىنىڭ داۋامى، تەرەققىياتى دېيىشكە تامامەن بولاتتى. شۇڭا ئۇ ئىزچىل مەشىق قىلدى. قارىغاندا، بۇ خىل ئۇسۇل، بۇ خىل شەكىل بولىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ، ئۆزى مەشق قىلىپ رۇياپقا چىقارغان بۇ شەكىلنى "باش قاپىيە" دەپ ئاتاشنى لايىق كۆرمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ياراتقىنى مىسىرالارنىڭ باش ھەرىپىلا ئوخشاش بولماستىن، مىسىرالاردىكى ھەر بىر سۆزنىڭ باش ھەرىپى ئوخشاش ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ شەكىلنىڭ نامىنى كىلاسسىكلارنىڭ ئادېتى بويىچە "سانائىل ھەرفىيە" دېگەن ئەرەبچە نام بىلەن ئاتىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنى ئەشۇ مەنىنى تولۇق ئىپادىلەشكە قادىر بولغان ساپ ئۇيغۇر تىلىمىز بويىچە "سەنئەتلىك ھەرپلەر" ياكى "ھەرپلەر سەنئېتى" دەپ ئاتىسىمۇ بولاتتى. شائىر بۇ يەردە بەلكىم، شېئىرى شەكىللىرىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي كىلاسسىك نام ئادېتىنى قوغلاشقان بولسا كېرەك، لېكىن بۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس. مۇشۇ شەكىلنىڭ مەيدانغا چىققىنى ئەۋزەل ئىدى.
شائىر بۇ شەكىلنى تېزراق مەيدانغا چىقىرىشقا، جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ سىناپ بېقىشقا ئالدىرايتتى. ئۇ، يازغانلىرىنى دەسلەپ بىر نەچچە مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ كۆردى. دەرۋەقە، بۇ شېئىرلار باشتا تەھرىرلەرنىڭ دېققىتىگە ئانچە سازەۋەر بولالمىدى. لېكىن جاپپار رەھىم مەشىقنى قەتئى توختاتماي، يازغانلىرىنى بارغانسىرى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېرىشتى. ئۇ، بۇ شەكىلنى مەيدانغا چىقىرىشتىكى تەقەززالىقىنى ئەسلەپ: "... مەن ئۆز ئەمگىكىمنىڭ ھامان بىر كۈنى تونىلىدىغانلىقى، قايسى بىر مۇھەررىرنىڭ نەزەر كۆزىگە ئىلىنىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم ھەم شۇنچە تەقەززا بولاتتىم. بۇ تەقەززالىقىم، خۇددى 60- يىللاردا يېڭىدىن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ۋاقتىمدىكى بىرەر شېئىرىمنىڭ مەتبۇئات يۈزىدە ئېلان قىلىنىش ئۈمىدىدە كۆيۈپ- يانغىنىمغا ئوخشايىتتى." دەيدۇ. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭدىن: "سىز سانائىل ھەرپىيە شېئىرى شەكلىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا تولىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت جاپالىق سىناق ۋە مەشىق جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپسىز، مۇشۇنداق جاپالىق بىر ئىشقا تۇتۇنۇپ قېلىشىڭىزغا قانداق ئوي، قانداق مۇددىئا تۈرتكە بولۇپ قالدى؟" دەپ سورىغىنىمدا ئۇ، گۇيا مېنىڭ سوئالىمغا ئالدىن تەييارلىق قىلىپ قويغاندەك، ھېچ بىر تەمتىرىمەيلا: "بۇنىڭدا مېنىڭ بىرسى، مىللەتنىڭ شىئېرىيەت تارىخىنى ئۇلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. ئىككىنچىسى، مىللەتنىڭ تاشلىنىپ قالغان ۋە يۇقىلىش گىردابىدا تۇرۋاتقان تىل بايلىقىنى مۇشۇ خىل شىئېر شەكلىنىڭ تۇرتكىسىدە ئىزدەش، ئىشلىتىش ۋە نامايەن قىلىش. ئۈچىنچىدىن، شىئېرىيتىمىزدىكى ھەممەيلەن بىر پەدىگە دەسسەپ دورامچىلىق قىلىشتىن كېلىپ چىققان شىئېرىيەت مىزىسىزلىكى ۋە شىئېر كاساتچىلىقىغا خاتىمە بىرىش. تۆتىنچىدىن، خەلىقنىڭ شىئېردىن زىرىكىش خاھىشىنى تۇگىتىپ، رەڭگارەڭ شەكىل، رەڭگارەڭ ئۇسلۇپتىكى دۇردانە شىئېرلارنى بارلىققا كەلتۇرۇش ۋە نادىر شىئېرلارنى يازىدىغان شائىرلارغا ئىلھام بېرىشتىن ئىبارەت تۆتلا مەقسىدىم بار ئىدى." دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى.
ئۇنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى تەلەي ئاسمىنىدا ئاخىرى چاقنىدى. 1992- يىلى "ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ 12- ئاۋغۇست سانىدا "سانائىل ھەرپىيىلەر" نامى بىلەن يەككە كۇبلىتلىق بەش پارچە شېئىرى ئېلان قىلىندى ھەمدە بۇ خىل شەكىل توغىرىسىدا قىسقىچە ئىزاھاتمۇ بېرىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ "سانائىل ھەرفىيە" لەرگە ئىشىكلەر ئارقا ئارقىدىن ئېچىلىپ، "ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى"، "خوتەن گېزىتى"، "يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلى"، "تارىم"، "غەرىبى رايۇن سودا گېزىتى"، "تەقدىرداشلار" قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق "سانائىل ھەرفىيە" لىرى ئېلان قىلىندى. بۇ شېئىرلاردىن بىر قىسمى شائىرنىڭ 2003- يىلى "قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى" تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان "تەكلىماكان تىنىقلىرى" ناملىق شېئىر توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەيساجان تۇردى ئاچچىق، مۇھەممەت رەھىم، قاتارلىق يەتتە- سەككىزدەك شائىر بۇ شەكىلدە شېئىرلار ئېلان قىلدى. شائىرتەتقىقاتچى ماھمۇد زەيدى ئەپەندى "ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ 1995- يىللىق 9- فېۋرال سانىدا: " شېئىرىيەتتە ئىزدېنىش، ئەنئەنە- يېڭىلىق يارىتىش" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، "سانائىل ھەرفىيە" لەر توغىرىسىدا تەپسىلى توختالدى ۋە بۇ شەكىلگە ياخشى باھا بەردى. "يېڭى قاشتېشى" نىڭ 2005- يىللىق 2- سانىدا، "ئاسىيا كىندىكى"، "خوتەن گېزىتى" قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردىمۇ ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ 5 پارچە ماقالا ئېلان قىلىنىپ، "سانائىل ھەرفىيە" شېئىرى شەكلىگە بولغان ياخشى باھا، ئىزگۈ قاراش، ئىلھام ۋە مەدەتلەر بېرىلدى.
مانا بۇ ئۇزاق جەريان ھارماي ئىزدەنگۈچى شائىر جاپپار رەھىم رۇھلانىنىڭ بايقاش سەزگۈرلىكى، دادىل يېڭىلىق يارىتىش رۇھى، ئايانماي مەشىق قىلىش نەتىجىسىدىكى ئەجىر مېھنىىتنىڭ يارقىن مەھسۇلى ئىدى. بۇنى شائىرنىڭ ئەشۇ جاپالىق ئىزدېنىش جەريانىنى بىلىدىغان بىزگە ئوخشاش قەلەمداشلىرى، ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ. خېلىلا سان ۋە سۈپەتنىڭ مەۋجۇدىۇيەتلىك ئىگىسى بولۇپ كېلىۋاتقان "سانائىل ھەرفىيە" لىرىنىڭ ئۆزى ئىسپاتلايتتى.
ئەپسۇسكى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە جاپپار رەھىمدىن بىزلەرگە قەدەر ئۇستاز، ھۆرمەت ساھىبى سانىلىدىغان بىر ئەقىل ئىگىسى ئۆزى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتتە "سانائىل ھەرفىيە" نىڭ تارىخى ئاساسى ۋە ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانى، قىسقىسى بۇ يېڭى شەكىلنىڭ "كىملىكى" توغىرىسىدا تولىمۇ قاملاشمىغان بىر جاۋاپنى بېرىپ، ئۇنى گۇيا، ئۆزى ئىجاد قىلغاندەك بىر خىل ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. بەلكىم بۇ مۇھتەرەم ئىدىقۇت شېئىرلىرىنى كۆرمىگەن، كۆرسىمۇ شەكلىگە دېققەت قىلمىغان، جاپپار رەھىمنىڭ بۇ شېئىرلار ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ياراتقان يېڭى شېئىرى شەكلىنىڭ ئاللا بۇرۇن مەتبۇئاتلاردا كۆرۈلۈپ، جامائەتچىلىكنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە مۇشەررەپ بولۇپ بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالغان، ھېچ بولمىغاندا مۇبارەك دېققىتىنىڭ سىرتىدا قالغان بولىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجدىن ئۇ سۆھبەتتىكى سوئالغا: 1958- يىلى مەلۇم بىر پېشقەدەم شائىرنىڭ ئۆزىگە بىر چەتئەللىك شائىرنىڭ باش ھەرىپى ئوخشاش سۆزلەر بىلەن يېزىلغان بىر شېئىرىنى كۆرسىتىپ:" مانا بۇ سانائىل ھەرپىيات" دېگەنلىكى، شۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى سۆزنىمۇ، شېئىرنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەنلىكى، 1998- يىلغا كەلگەندە، بىرسىنىڭ بىر ئېغىز غەيۋىتىدىن "تاساددىپ' ئىلھاملىنىپ، مىسىرالاردىكى سوزلەرنىڭ باش ھەرىپلىرى "ك" دىن باشلىنىدىغان بىر شېئىر يازغانلىقى، 2006- يىلى "ي" دىن تۈزۈلگەن يەنە بىر شېئىرىنى ئېلان قىلغانلىقلىرىنى بايان قىلىپ، "سانائىل ھەرفىيە" شېئىرى شەكلىنىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخىنى ئۆزىدىن باشلاپ يەنە ئۆزىدە ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ باياننىڭ كىشىنى دەر گۇماندا قويىدىغان يېرى شۇكى، ھېلىقى "چەتئەللىك" نىڭ كىم، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكى بايانچى ئۇنتۇپلا كەتكەن بولىدۇ. ئەڭ قاملاشمىغان يېرى شۇكى، ئۇ، بۇ شەكىلنىڭ نامىنى "ھەرپىيات" دەپ خاتا ئىزاھلىدى. ئۇ ئويلىمىدىكى، "ھەرپىيات" (ھەرپلەر) دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئېلىپپەدىكى بارلىق تاۋۇشلار(ھەرپلەر) نى كۆرسىتىدىغانلىقى، "ھەرپىيە" نىڭ بولسا بىر خىللا ھەرپنىڭ كۆپ يەردە تەكرارلىنىشى بولىدىغانلىقىنى (ئەرەبچە مەنىسىنىڭ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى) ئۇنتۇپ قالدى.
"سانائىل ھەرفىيە" شېئىرى شەكلى توغىرىسىدا ئاللا بۇرۇن بىر نەچچە ماقالا يېزىلىپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، كەمىنىنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىممۇ ھاجەتسىز ئىدى. لېكىن، ھېلىقى مۇھتەرەمنىڭ ئەشۇ سۆھبىتىنى ئوقىغاندىن كېيىن، "سانائىل ھەرفىيە" نىڭ "كىملىكى" ئۈستىدە تولىمۇ قىرتاق بىر تۇيغۇنىڭ ئىلكىدە قالدىم. چۈنكى، ئۇنى مەن ئىجاد قىلمىغان بىلەن ئۇنىڭغا ماڭا ئوخشاش بىر ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي- سادىق بىر ئىزدەنگۈچى- ئۇزۇن يىللىق قەلەمدېشىم جاپپار رەھىمنىڭ ئون يىللارچە ئاققۇزغان قان تەرى، جاپالىق ئىزدېنىش جەريانى سىڭگەن ئىدى. شۇڭا بۇ يېڭىچە شەكىلنىڭ ھەقىيقى كىملىكى توغىرىسىدا ئىككى ئېغىز لىللاھ گەپ قىلىپ قويغۇم كەلدى. بۇ مۇناسىبەت بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ، شېئىرىيەت ئاشىنالىرىنىڭ "سانائىل ھەرفىيە" لەرنىڭ تەزكىرىسىنى ۋاراقلاپ بېقىشىنى، ئۇنىڭ دەۋرىمىزدىكى راۋاجلاندۇرغۇچىسىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
2009- يىلى 10- يانۋار، گۇما.