تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3833|ئىنكاس: 21

ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7294
يازما
67
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
2178
تىزىملاتقان
2010-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-18
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-18 01:00:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلاڭ


ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن
(ئورخان ۋەلى قانىق)
(1914-1950)

ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن، كۆزلىرىم يۇمۇلغان.
مانا مەيىن شامال چىقماقتا،
ئىغاڭلىماقتا ئاستا-ئاستا،
ياپراقلار دەرەخلەردە.
يىراقلاردا، بەكمۇ يىراقلاردا،
سۇچىلارنىڭ
توختىماستىن چېلىنىۋاتقان قوڭغۇراقلىرى.
ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن، كۆزلىرىم يۇمۇلغان.

ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن، كۆزلىرىم يۇمۇلغان.
كۆچمەكتە قۇشلار
دەل شۇ چاغدا
توپ-توپ بولۇپ سايرىشىپ.
كۆلچەكلەردىن تارتىلىماقتا تورلار.
سۇغا تىگىپ قالغان
بىر ئايالنىڭ پۇتلىرى.
ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن، كۆزلىرىم يۇمۇلغان.

ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن، كۆزلىرىم يۇمۇلغان.
بەكمۇ سالقىن ئۈستى يېپىق بازار.
قىستى قىستاڭ مەھمۇت پاشا.
كەپتەرگە تولغان ھويلىلار.
پرېستاندا تاراڭ-تۇرۇڭ، شاۋقۇنلار
باھار شامىلىدىن
يايرىمنىڭ ھىدى كەلمەكتە.
ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن، كۆزلىرىم يۇمۇلغان.

ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن، كۆزلىرىم يۇمۇلغان.
بېشىدا كونا دۇنيا مەستلىكى
قاراڭغۇ قېيىق مەيدانى بىلەن ساھىل.
پەسەيگەن جەنۇپ شامىلى ئىچىدە
ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن، كۆزلىرىم يۇمۇلغان.


ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن، كۆزلىرىم يۇمۇلغان.
بىر سەتەڭ ئۆتمەكتە تاشلىق يولدىن
ھاقارەتلەر، ناخشىلار، قۇشاقلار، چاقچاقلار
بىر نەرسە چۈشمەكتە يەرگە قۇلىدىن
بىر تال گۈل.
ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن، كۆزلىرىم يۇمۇلغان.

ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمەن، كۆزلىرىم يۇمۇلغان.
تىپىرلىماقتا بىر قۇش، قۇچاقلىرىدا.
مەرىڭ ئىسسىقمۇ؟، ئەمەسمۇ؟ بىلمەيمەن.
لەۋلىرىڭ نەممۇ؟، ئەمەسمۇ؟ بىلمەيمەن.
يۈرۈكۈڭنىڭ سۇقۇشىدىن بىلىۋاتىمەن.
ئىستانبۇلنى تىڭشاۋاتىمە
ن.



تۈركچىدىن ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

مەن سەن ئوقىمىغا

UID
1990
يازما
421
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
16059
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-19 15:39:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلەرگىمۇ ئىستانبۇلنى تىڭشاش قاچان نېسىپ بولار،ئامىيىن شۇ كۈنلەرمۇ كېلەر.رەھمەت مەھزۇنكا بۇ لىرىكا بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭىزغا

يۈرىكىم يىغلايدۇ،كۆزۈم يىغلايدۇ،ھالىمنى سورىما!

يېڭى يۇلتۇز

باككوس

UID
8023
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2010-12-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-19 15:45:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقىدۇر تۈركىمەن قىزلىرىنى ياخشى كۆرىمەن، تۈركىمەن قىزلىرى قوللىرىنى كۆتۈرگەن جايدا كۆك تۈگەيدۇ   ___ مۇھەممەد يۈسۈپ

ھايات داۋاملاشماقتا

UID
7891
يازما
20
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
210
تىزىملاتقان
2010-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-19 20:33:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قاراماينى تىڭشاۋاتىمەن......ھې ھې ھې....يەنەئىستانبۇلنى تىڭشاشنى ئارزۇ قىلىمەن....

باھا سۆز

afiyfiy  ئىستانبۇلنى تىڭشاشقا نىسىپ قىلسۇن!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 11:03:03
بىر تامچە

UID
2696
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
897
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-19 20:42:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستانبول-مېنىڭ نەزىرىمدە گۈزەل ۋە مۇرەككەپ شەھەر،ئەلۋەتتە بۇ تونۇش پەقەت باشقىلارنىڭ سۆزلەپ بېرىشى ۋە كىنولاردىنلا كەلگەن،مەنمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىستانبولنى تىڭشاشنى ئۈمۈد قىلىمەن!ماۋۇنى ئەكىتىپ تۈركچە ئاڭلاش مەشىقى قىلىۋالاي ھە.ھى ھى.

UID
8000
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2010-12-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-19 21:19:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدىكەن .

UID
2763
يازما
146
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4858
تىزىملاتقان
2010-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-19 22:05:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قاچان تىڭشارمەن؟

كۆيۈمچان ئەزا

مەن سەن ئوقىمىغا

UID
1990
يازما
421
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
16059
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-19 23:50:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىbaccos يوللىغان 2010-12-19 15:45 غا قارتىلغان  :
نېمىشقىدۇر تۈركىمەن قىزلىرىنى ياخشى كۆرىمەن، تۈركىمەن قىزلىرى قوللىرىنى كۆتۈرگەن جايدا كۆك تۈگەيدۇ   ___ مۇھەممەد يۈسۈپ
بۇ دۇنيا نەسىرلىرىدىن تاللانما  كىتابىنىڭ "ئاسماننىڭ ئاخېرى" ناملىق بىرىنچى توپلامدىكى بىر نەسىرنىڭ ئۈزۈندىلىرىغۇ؟مەن خاتا يادىمدا تۇتىۋالمىغاندىمەن.


مەھزۇنكا ماۋۇ شېئىرنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى بەرسىڭىزچۇ

يۈرىكىم يىغلايدۇ،كۆزۈم يىغلايدۇ،ھالىمنى سورىما!

كۆيۈمچان ئەزا

ıytılıp boldi nurgun gap so

UID
2725
يازما
197
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
6228
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 01:50:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 7 قەۋەتتىكى   (melek) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

ئۇ قاملاشمىغان نەسىرنىڭ بۇ ھېچ ئالاقىسى يوققۇ دەيمەن .

تىرىشچان ئەزا

www.otturaasiya.org

UID
6915
يازما
33
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
923
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-17
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 13:28:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 8 قەۋەتتىكى   (uygar) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

خېلىلا ياخشى يېزىلغان، پەلسەپىگە باي نەسىرغۇ؟ قاملاشمىغان دەپسىز، ئاساسىڭىز باردۇ، بۇنداق دىيىشكە، ئاڭلاپ باقساقكەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش