ئىچ ئىشتاننىڭ يۇمشاق ھەم كەڭرەك بولغىنى سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق. بۇ تېمىدا ئوتتۇرغا قويغان يالىڭاچ يېتىش بىر كىمگە تەۋسىيە قىلىنغانمۇ ئەمەس. بەلكى بۇنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تەھلىل قىلىنىپتۇ. تورداشلار ياقا سىقىشماي ئىنكاس يېزىشقايسىلەر!
يالىڭاچ ئۇخلايدىغانلار دۆلىتىمىزدە ناھايىتى ئاز دىيەرلىك . بۇنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن : ئادەتلەنمىگەنلىكتىن ،ئىككىنجىدىن : يالىڭاچ ئۇخلاشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەنلىكىتىن بولۇشى مۇمكىن .ياۋرۇپا ۋە ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يالىڭاچ ئۇخلاش خېلىلا ئومۇملاشقان.
ئەمەلىيەتتە كىيىم بىلەن ئۇخلاش ئىلمى ئەمەس ،سالامەتلىككىمۇ پايدىسىز ،بولۇپمۇ تاركۇسار كىيىدىغان ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان زىينى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ . ياپۇنىيىلىك مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ %60 تى ئۇزۇن مۇدەت تاركۇسار كەيگەنلەر ئىكەنلىكىنى بايقىغان .تاركۇسار- قۇرساق ، مۇسكۇل،چات ۋە ساغرا قاتارلىق ئورۇنلارنى سىقىپ ھاۋا ئۆتۈشتۈرمەيدۇ ، تەر چىقىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە قەۋزىيەت بولۇش ،ئىچ سۈرۈش، باش ئاغرىش ،بەل ئاغرىش ،سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ( پات _پات سىيىش ،سىيگەندە ئاغرىش ) ،ئەۋرەت قىچىشىش ،ئەۋرەتنىڭ سىرتى ياللۇغلىنىش، قاپارتقۇ، ھۆل تەمىرەتكە ،گېمىروي، قوشۇمچە ئەزالار ياللۇغلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، ھەتتا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئەرلەر داۋاملىق تار كۇسار كىيسە ئوخشاشلا تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ، ھەتتا ئەرلەر دىكى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى ،تار كۇسار ئۇرۇقداننى چات قىسىمغا چىڭ چاپلاشتۇرۇپ قويۇپ ، ھاۋا ئۆتۈشنى ناچارلاشتۇرۇپ قويۇپ ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئشلەش ئختىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ، قەھرىتان قىش كۈنلىرى كىيىم بىلەن ئۇخلىغاندا ،يالىغاچ ئۇخلىغاندەك <<ئىسىسق تۇيغۇ >> دا بولمايدۇ.
كىيىم قانتومۇرلارنى بېسىپ ،قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، قان ئايلىنىشنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېرىنىڭ ئسىقلىقى كۆرىنەرلىك ئازىيىدۇ. ئۇنىنڭ ئۈستىگە كىيىم ،يوتقان _كۆرپىنىڭبەدەنگەچىڭ يېپىشىپ تۇرىشىنى توسىۋالىدۇ_دە، باربولغان ئىسسىقلىقنىمۇ ناھايىتى تەستە ساخلاپ قالغىلى بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۇخلىغانسېرى سوغۇق ھېس قىلىدۇ. بۇىىل سوغۇق تۇيغۇ قانچەروشەنلەشكەنسېرى ئۇيقۇغىمۇ شۇنچە تەسىر يەتكۈزىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە ئالىملىرى ،يالىڭاچ ئۇخلاشنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساخلىقنى ساخلاش رولى بارلىقىنى بايقىدى. تېرىنىڭ ھاۋانىسۈمۈرۈش ۋە ھاۋائالماشتۇرۇش رولى بولغانلىقتىن ،<<يالىڭاچ ئۇخلاش>> نىڭ بوغۇملارنىڭ سىقىراپ ئاغرىشى، ھارغىنلىقنى يوقۇتۇش جەھەتلەردىكى ئۈنىمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ .
ئەمدى تۆۋەندىكى ئىلان نەزىرىڭىزدە بولسۇن:
يۈكسەل بلوگىغا كىرىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بلوگلارغا بىلەت تاشلاڭ! بىلەت تاشلاش تورداشلارنىڭ تولىمۇ قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە بلوگىرلارنى ئىلھاملاندۇرىشى بىلەن ئادىل، ھەققانىي ئىلىپ بىرىلىۋاتقان بولۇپ 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش-بىلەت تاشلاش پائالىيىتى جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئىلىپ بىرىلماقتا.
بىلەت تاشلاش ئورنى: يۈكسەل بلوگى باش بەت - ئوڭ يان تەرەپتە
www.yuksel.me
ھازىر بلوگلارنىڭ ئىرىشكەن بىلەت سانىي تۆۋەندىكىچە:
80 خالتا بلوگى (25%, 252 Votes)
تەدبىركار بلوگى (19%, 189 Votes)
تورخۇمار بلوگى (17%, 172 Votes)
ئۇيغۇربەگ بلوگى (16%, 157 Votes)
جېك بلوگى (16%, 157 Votes)
شاھ ئۇيغۇر بلوگى (11%, 113 Votes)
ئىلقۇت بلوگى (9%, 86 Votes)
باي دادام تور خاتىرىسى (8%, 79 Votes)
تارىم بلوگى (8%, 78 Votes)
ئابرال ئېلكىتاپ بلوگى (8%, 77 Votes)
چەۋەندازلار بلوگى (7%, 70 Votes)
تەكلىماكان بلوگ (7%, 66 Votes)
بىلىم-كۈچ بلوگى (7%, 66 Votes)
ھونزادە تارىخ بلوگى (6%, 64 Votes)
ئابدۇرېشىتئېلى ئەدەبىيات بلوگى (6%, 60 Votes)
ئىلىم-پەن بلوگى (6%, 59 Votes)
ۋۇلقان ئەمگەك سۇغۇرتا بلوگى (5%, 49 Votes)
ئۆركەش بلوگى (4%, 41 Votes)
ئايشەم بلوگى (3%, 28 Votes)
تارىمى تور خاتىرىسى (2%, 23 Votes)
_ ساغلاملىق ژورنىلى