تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4642|ئىنكاس: 15

ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدى-كەينىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7905
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2010-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2010-12-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 23:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدى-كەينىدە
خۇشىد دەۋران (ئۆزبىكىستان)

مىلادىيە 1404-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى.
ئەمىر تۈمۈر ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى بولغان چىن مەملىكىتىنى ئېلىش نىيتىدە سەمەرقەندتىن چىقتى.دەسلەپ ئاقسۇلاتقا كېلىپ بىر ئايچە مەنزىل قۇردى.كىيىن ئۇ يەردىن قوزغۇلۇپ،ئۈچ ھەپتە يول يۈرۈپ ئوترارغا يەتتى. سارايمۈلۈك خانىم ئەمىر بىلەن بىرگە ئىدى.ئەمىر تۈمۈر ئوتراردا بىر ئايدىن كۆپرەك تۇردى.ساھىبقىران نەدە بولسا سەلتەنەت تەختى شۇ يەرگە كۈچەتتى. شۇ يىلى شەئىبان ئاينىڭ بېشىدا نەۋكەرلەرگە يېقىنراق بۇلۇپ،تەيياگەرلىككە نازارەتچىلىك قىلىش مەخسىدىدە ئەمىر تۈمۈر شەھەردىن چىقىپ قارارگاھىدا ئوتاغ تىكتى.گەرچە قىش ئەۋجىدە بولسىمۇ ئۇ باھارنىڭ كىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان نەۋكەرلىرىگە:«باھارغا ئاز قالدى،تىزدىن قوزغىلىمىز» دىگەن تۇيغۇنى مۇستەھكەملىمەكچى بولدى.ئەمما ئۇ ئوتغ تىكىپ چىققان كۈندىن ھەپتە ئۆتمەي يەنە قار ياغدى.
بىر كۈن ئالدىدا ياشانغان ساھىپقىراننىڭ قىران يىگىتلىكىدە كەچكەن جەڭلىرىنىڭ بىرىدە شىكەستىلەنگەن پۇتى سىرقىراپ ئاغرىشقا باشلىدى.بۇمۇ قاردىن دىرەك بىرەتتى.بۇ قار ئۈچ كۈن ياغدى،جەزىرە قارغا كۈمۈلدى.قار تىنغان كۈندىن باشلاپ سوغوق كۈچەيدى.
قار تىنغان كۈندىن ئۇزاق ئۆتمەي ئەمىر تۈمۈرگە قالماقلار باش كۆتۈردى،دىگەن خەۋەر يەتتى.ساھىپقىران بۇ گەپنى ئاڭلاپ:«سەپەرگە چىقىلسۇن!» دەپ پەرمان بەردى.ئەمما كۆز ئالدىدىكى جەڭدىن كۆرە پاراغىتىنى ئويلىغان ئايرىم ئەمىرلەر قېلىن قار ۋە قاتتىق سوغۇقتا يول يۈرۈش مۈشكۈل،سەپەرنى كىچىكتۈرۈش مەقبۇل ئىشتۇر،دىگەن مەسلىھەتلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتى.بۇ گەپلەر ساھىبقىرانغا ياقمىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەسلىھەتچى ئەمىرلەرگە قارشى ھالدا،قار ۋە سوغۇقنى پىسەنتىگە ئالماسلىق روھىنى كۆرسىتىش ۋە لەشكىرىي گۇرۇھنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش مەخسىدىدە قارارگاھنىڭ ئوتتۇرسىدا كۇرس قۇيۇپ ئولتۇرۇپ ساتراشقا چېچىنى ئالدۇردى.مانا مۇشۇ ئويلانمايلا قىلىنغان ئىش سەۋەبلىك بولدىمۇ، كەچكە يېقىن ساھىبقىراننىڭ كۆزلىرى ياشلىنىپ،ئاۋازى بۇغۇلۇپ قالدى. ئىسسىتمىسى كۆتۈرلۈپ،بىر نەچچە كۈن داۋامىدا گېلىدىن بىر چىشلەم نان،بىر يۇتۇم سۇمۇ ئۆتمىدى.ئون كۈنلەرچە ۋاقىت ئۈتۈپ ھۆكۈمدارنى قىززىتىپ ئوت قىلغان،ئازابلىغان دەرت ئۈستىگە يەنە باشقا بىر دەرت قۇشۇلدى.ئۇ بولسىمۇ : «مۇبادا تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بۇلۇپ قالسا،مەندىن كېيىن سەلتەنەتنىڭ تەختىنى كىم ئىگىللىشى مۇمكىن؟»دىگەن سوراق دەردى ئىدى.
جاھاننىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئىلكىگە ئېلىپ،يېرىمىنى ۋەھىمىگە سالغان جاھانگىر قايتا ئورنىدىن تۇرالماسلىقىنى پەملەپ،تەغدىرگە تەن بىرىپ ئەڭ سادىق ئەمىرلىرىنى ھۇزۇرىغا چاقىردى ۋە گەپنى سوزۇپ ئولتۇرماي ئۆزىدىن كېيىن پىر مۇھەممەد جاھانگىرنىڭ سەلتەنەت ئىگىسى بۇلۇشى ھەققىدىكى ئاخىرقى ئەمرىنى ئېلان قىلدى،ئەمىرلىرىگە بۇ ئاخىرقى ھۆكۈمىنى بىجىرىشلىرىنى تەلەپ قىلىپ قەسەم ئىچۈردى.ئەمىر تۈمۈر كوراگان 1405-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.ئۆلۈمىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىلمەي ياتقان ساھىبقىران بىردەم كۆزىنى ئېچىپ ئوتاغنىڭ توروسىدىكى تۈڭلۈكتىن قاپقارا كەتكەن پەلەككە تىكىلپ قارىدى:«بۇ نىمە كاراممەتدۇر؟»دەپ پىچىرلىدى-دە،جېنى ئۈزۈلدى.جاھانگىرنىڭ كۆزلىرى ئۇچۇق قالغانلىقىنى كۆرۈپ،ئۇنىڭ كۆز قاپىقىنى ئاستا باسقان تىۋىپ مەۋلانا فەزلۇللاھ تەبرىزى قورقۇپ كەتتى (ساھىبقىراننىڭ كۆزلىرىدىن سىرغىپ چىققان ياش ئادەمنىڭ قولىنى كۆيدۈردىغاندەك ئىسسىق ئىدى) .ئەمىر تۈمۈرنىڭ جەسىدى شەئىبان ئېيىنىڭ 22-كۈنى (23-فېۋرال) مەرھۇم شاھزادە مۇھەممەد سۇلتاننىڭ دەھمەسىگە دەپنە قىلىندى.ئەمما ساھىبقىراننىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالماي قالدى، مىلادىيە 1405-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سەمەرقەند تەختىگە مىرانشاھنىڭ ئوغلى،نەۋرىسى -خېلىل سۇلتان ئولتۇردى.
خۇشىد دەۋراننىڭ ئۆزبېكچە «ساھىبقىران نەبىرسى»كىتابىدىن پارچە
 
مەنبە:مىراس ژورنىلى

    http://honzada.blogbus.com/تېخىمۇ كۆپ تارىخىي يازمىلار 

UID
2091
يازما
1584
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50544
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-31
توردا
83 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 12:57:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن.
ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
3362
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2406
تىزىملاتقان
2010-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 13:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلوگىڭىزدا ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بەك ياخشى تېمىلار باركەن.ئەمما، تەپسىلى مەزمونىنى ئوقاي دەپ چەكسەملا،خەت شەكلى ئۆزگىرەپ كىتىپ ،راۋان ئوقۇغىلى بولمايۋاتىدۇ.ئىشخانىدىكى كومپىيوتۇردىكى مەسىلىمىكىن دەپ ئويلاپ ،ئۆيگە كىرىپ ئاچسام ،يەنە ئوخشاش.
ئوڭشاپ قويغىلى بولارمۇ؟

تىرىشچان ئەزا

كۆرگىنىڭدىن كۆپ

UID
5352
يازما
66
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
770
تىزىملاتقان
2010-9-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 13:21:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخ - مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ھەقىقەت.

UID
7905
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2010-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2010-12-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 13:49:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىkixmixkiz يوللىغان 2010-12-15 13:03 غا قارتىلغان :
بىلوگىڭىزدا ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بەك ياخشى تېمىلار باركەن.ئەمما، تەپسىلى مەزمونىنى ئوقاي دەپ چەكسەملا،خەت شەكلى ئۆزگىرەپ كىتىپ ،راۋان ئوقۇغىلى بولمايۋاتىدۇ.ئىشخانىدىكى كومپىيوتۇردىكى مەسىلىمىكىن دەپ ئويلاپ ،ئۆيگە كىرىپ ئاچسام ،يەنە ئوخشاش.
ئوڭشاپ قويغىلى بولارمۇ؟

بىلوگىمغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا،بەلكىم بۇ كومپىيۇتېرىڭىزدا ئەلپىدا،ئۇ كىكى خەت نۇسخىسى بولمىغانلىقىنىڭ ۋەجىدىن بولسا كېرەك.سىزگە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگىنىمدىن كۆپ خىجىلمەن.

UID
5791
يازما
108
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3318
تىزىملاتقان
2010-9-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 15:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تارىخى رومانلارغا بەك ئامراق، رەھمەت سىزگە~~~~~~~~~~~!
تاما-تاما كۆل تولا..................

UID
1996
يازما
31
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1206
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 16:03:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك مۇختەر قادىر ھونزادە مۇئەللىم ( ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن )  بۇرۇنقى مۇنبىرىگىمۇ كۆپ كۈچ چىقارغانتى . بىلوگىڭىزنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم ، سىز ھونزادە ئەپەندىنىڭ تۇغقىنىمۇ ياكى ... ؟ نېمىشقا بۇ ئىسىمنى تاللاپ قالدىڭىز ؟

UID
7905
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2010-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2010-12-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 16:32:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 6قەۋەتتىكىaychiwer يوللىغان 2010-12-15 16:03 غا قارتىلغان :
رەھمەتلىك مۇختەر قادىر ھونزادە مۇئەللىم ( ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن )  بۇرۇنقى مۇنبىرىگىمۇ كۆپ كۈچ چىقارغانتى . بىلوگىڭىزنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم ، سىز ھونزادە ئەپەندىنىڭ تۇغقىنىمۇ ياكى ... ؟ نېمىشقا بۇ ئىسىمنى تاللاپ قالدىڭىز ؟

ياقەي مەن ئۇ رەھمەتلىكنىڭ ھىچنىمىسى ئەمەس،كىچىگىمدىن ھونلار تارىخىغا قىزىقاتتىم،شۇڭا شۇ ئىسىمنى قوللانغان.

UID
1996
يازما
31
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1206
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 16:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 7قەۋەتتىكىھون يوللىغان 2010-12-15 16:32 غا قارتىلغان :

ياقەي مەن ئۇ رەھمەتلىكنىڭ ھىچنىمىسى ئەمەس،كىچىگىمدىن ھونلار تارىخىغا قىزىقاتتىم،شۇڭا شۇ ئىسىمنى قوللانغان.

سەمىمىيلىكىڭىزگە رەﻫمەت . بىلوگىڭىزدا كۆپ مەزمۇنلار باركەن .

UID
4135
يازما
73
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2204
تىزىملاتقان
2010-8-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-16
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 18:24:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ئەمىر تۈمۈر  قىلىچنى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيەسى ۋە ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا قارىتىپ ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى ئېچىنىشلىق جىنايەتنى ئۆتكۈزمىگەن بولسا بۈگۈنكى كۈندە .ئۇنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ نامازلىرىمىزدا دۇئا قىلار بولغۇيتتۇق ئەپسۇس...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش