[align=justify]يازمىمىزنىڭ بېشى: «يۈز تۇرانە ئىمتىھان بېرىش ھەققىدە تەھلىل (1)»
يۈز تۇرانە ئىمتىھان بېرىش ھەققىدە تەھلىل (1)»
3. سۇئال: سىزدە پروففىسور ياكى مەسلىھەت بەرگۈچى ئۇستازلار سىزنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ياكى سىزنىڭ ئۆز ئىشەنچىڭىزنى يۇقىتىپ قويىدىغان ھالەت بولۇپ باققانمۇ؟ بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا سىز قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
سۇئال تەھلىلى:
بۇ خىل سۇئالنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ ناتۇنۇش مۇھىتتا خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى باھالاشتىن ئىبارەت. بۇ سۇئال ئارقىلىق، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالغۇچى يۈز تۈرانە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ خىزمەت سالمىقى ئۆزىنىڭ قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەندە، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارزۇيى ۋە ئىقتىدارىنى سىناش مەقسىتىگە يېتىدۇ.
خاتا جاۋاب:
مەن شۇنىڭغا ئىشنىمەنكى، گۇماننى ئوتتۇرىغا قويۇش بەك مۇھىم، ئەمما مەن مەكتەپتە ھەممە بىلىمنى ئۆگىنىپ كېتەلمەيمەن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلىش جاۋابىنى بىلىمەن دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمىلىيەتتە ئۇلار رىئاللىقتا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنمەيدۇ. سىز ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ 象牙塔 دىكى نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن
خاتا جاۋاب تەھلىلى:
بۇ خىل جاۋاب بېرىشتە ساقلانغان ئەڭ چوڭ مەسىلە، خىزمەت ئىزدىگۈچى مەسىلىنىڭ فوكۇس نوقتىسىنى ئۆزىدىن قاچۇرغان. كەسكىن ئىمتىھان ئالغۇچى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى كۆز قاراشلىرىڭىزغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىلمەكچى بولغىنى، مەسىلە يۈز بەرگەنلىك ئەھۋالى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىيىن، سىز بۇ مەسىلىنى زادى قانداق ھەل قىلماقچى؟ سىزنىڭ شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىڭىز دەل ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىدۇر.
بۇ خىل جاۋابنىڭ يەنە بىر نوقسان تەرىپى، ئىمتىھان ئالغۇچىدا سىزنىڭ رەھبەرلىككە بويسۇنۇشىڭىزغا نىسبەتەن گۇمان تۇغدۇرۇپ قويىدۇ.
توغرا جاۋاب:
مېنىڭ بۇ بىر قانچە يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمدا، مەن ئىلاج قىلىپ، كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن، دائىم بەزىبىر ئۆزۈمگە ناتۇنۇش بولغان دەرسلىكلەرنى تاللاپ ئۆگىنىش جەريانىدا، ھەمىشە، پروففىسورنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىمەن. مەيلى قانداق ۋاقىت بولمىسۇن، مەن ئۆزۈمنىڭ مەزكۇر دەرسلىككە قارىتا چۈشەنچەم يىتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان ھامان، مەن ئۆزۈمنىڭ يۇلۇقۇش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىغان مەسىلىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە ئىزدىنىمەن. مەن قىيىن مەسىلىگە يۇلۇققاندا، ئىمكانقەدەر ئىلمىي بولغان پەرەزلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزۈم بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئىتىراپ قىلىمەن ھەمدە ئۆزۈم چۈشەنمىگەن جايدىن باشلاپ ئۆگىنىشكە باشلايمەن. (ئەگەر مۇمكىن بولسا، سىز بىرەر ئەمىلىي مىسال ئېلىپ، جاۋابىڭىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ.)
4. سۇئال: سىز ئىلگىرى ئۆزىڭىزنىڭ مۆلچەرىدىن تۆۋەن نەتىجىگە ئېرىشىپ باققانمۇ؟ ئەگەر ئېرىشىپ باققان بولسىڭىز سىز بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلغان؟
سۇئال تەھلىلى:
بۇ خىل سۇئالغا بېرىلگەن جاۋابتىن خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە 进取心 نى بىلىشتىن سىرت، يەنە خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ بەزى خىزمەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرستىشنى خالاش-خالىماسلىق كەيپىياتىنى شۇنداقلا ئادىللىق ئۈچۈن تىرىشىشنى خالاش-خالىماسلىقى كەيپىياتىنى ئېچىپ تاشلىغىلى بولىدۇ.
خاتا جاۋاب:
ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر قېتىم ئەسلى B نەتىجە ئالىمەن دەپ قارىغان ئىمتىھاندا C نەتىجىگە ئېرىپ قېلىپ، يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇمنى ئىزدىگەندىن كىيىن، يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ھەر بىر نومۇرغا ئېرىشىش ئەھۋالىمنى كۆرۈپ، مېنىڭ نەتىجەم C دەرىجىگە يېقىن ( B دەرىجە بىلەن C دەرىجە ئارىلىقىدا) بولسىمۇ نەتىجەمنىڭ يەنىلا C ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. مەن نەتىجەمنى ھەقىقىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ چىققاندىن كىيىن، قويۇلغان نەتىجىگە پىسەنت قىلمىساممۇ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى خوشال بولغان.
خاتا جاۋاب تەھلىلى:
بۇ مەسىلىگە دەسلەپتە ناھايىتى ياخشى جاۋاب بېرىلگەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى نۆلگە تەڭ قىلىۋەتكەن. ئەڭ دەسلەپكى جاۋاب، خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ ئاخىرىغىچە سەۋەبنى ئىزدەشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ يەنىلا نەتىجىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
توغرا جاۋاب:
ئىلگىرى بىر يەر شارى ئىلمىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پروففىسور بىلەن بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ پروففىسور ئىزچىل ھالدا تەبئىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىغا يان بېسىش بىلەن نام چىقارغان ئىدى. ئەمما مەن تەبئىي پەن ئوقۇغۇچىسى ئەمەس ئىدىم. بىزنىڭ سىنىپتا، ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى بىردەك ئۇنىڭ بىزنىڭ ئاساسىي بىلىمىمىزگە قارىتا ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ كېتىشىلىرىدىن كۆڭلىمىز بەك يېرىم ئىدى. ئۇنىڭ بىزگە بولغان سەل قارىشى سەۋەبىدىن، ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئاساسەن كۆڭۈلدىكىدەك بولمايتتى. گەرچە مېنىڭ ئىپادەم يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە فاكولتىت رەھبەرلىكىگە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ بۇ پروففىسورنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەكشۈرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلىپ بىر پارچە ئىلتىماس يازدۇق.
توغرا جاۋاب تەھلىلى:
بۇ خىل جاۋاب خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان شارائىتتىمۇ ئۆز تالانتىنى ئىشقا سېلىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىزمەت ئىزدىگۈچى ئادىللىققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كوللىكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ ئەسەرنىڭ مەنبەسى:
http://blog.ilqut.com
داۋامى بار….