تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3321|ئىنكاس: 6

مەن - ئۆزۈمنىڭ بەختى ( ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
174
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
1795
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 22:34:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن - ئۈزۈمنىڭ بەختى

(ھىكايە)


[align=justify]مەن ئاجىرىشىش كېنىشكىسنى قولۇمغا ئىلىپ خۇددى ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى قولىغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومى ئالغاندا خۇشال بولغاندەك ھاياجان بىلەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەستىن سەكرەپ كەتتىم . ئەسلىدە ئاجراشتۇرىدىغان ئورۇندىكى يىشى ئەللىككە باراي دىگەن پاينەكباش ئەپەندى بىزنىڭ ئەقىلىمىز ھەم تاللاش يولىمىز يوقتەك قۇرۇق نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق نىيتىمىزدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن گەپ قىلماقچى بۇلۇپ ئىغىزنى ئۆمەللەشكە تەمشەلگەندى . بىراق مەن ئۇنىڭ نىيتىنى بىلىپ قىلىپ يانچۇغۇمدىكى پارچە پۇرات ھەممە پۇلنى سىقىمداپ ئىلىپلا ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندىن كىين ئۇنىڭغا مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويدۇم . ئۇ بىردە ماڭا بىردە ئايالىمغا قاراپ قويۇپ سەل ئىككىلەنگەندىن كىين دىمەكچى بولغان گىپىنى ئىچىگە يۇتىۋىتىپ ئاجىرىشش ئىلتىماسىمىزغا تامغىسنى باستى . مەن پۇلغا ئالماشقان بۇ بەخىت خىتىنى قولۇمغا ئىلىپ ئىشخاندىن خۇشاللىق بىلەن يىنىپ چىقتىم . شۇ تاپتا ئۇنتۇلغۈسىز بىر خۇشاللىقنىڭ سىھرى ئىچىدە مەس ئىدىم . بىر ئادەمنىڭ خۇشاللىقتىن بىشى ئاسمانغا يىتىدىغان ئىش بولسا مىنىڭ بىشىم چوقۇم ئاسمان يەتكەن بۇلاتتى . ئەگەر بۇ بىر ئوخشىتىش بولسا بىشىم ئاسماننىمۇ تىشىپ ئۆتۈپ باشقا بىر پىلانىتقا ئۆتۈپ كەتكەندى . مەن بۇرۇنقى سابىق ئايالىم يەنى ھازىر مەن بىلەن ئاجىرىشىپ ئۆزىنىڭ يولىغا ماڭماقچى بولغان ئايالىم بىلەن ئىشىكنىڭ ئالدىغا چىقتىم . ئۇ بىر قاراشتا ئانچە خۇشالدەك قىلمسىمۇ لىكىن تۇرغان پۇتكىنى ئەيىپتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، پۇل تىپىشنىڭ ئىپىنى بىلمەي قولىدىن پەقەت پۇل خەجلەشلا كىلىدىغان مەندەك بۇلۇمسىز بىر ئەردىن قۇتۇلغان خۇشاللىغىنى قانداق ئىپادە قىلىشنى بىلمىگەندەك ھاڭۋاققانچە پەلەمپەيدىن چۇشۇپ قارشى تەرەپتىكى يولغا چۇشۇپ يولىغا راۋان بولدى . ئۇنىڭ بۇينىدىكى ھاۋا رەڭ شارپا سەلكىن شامالدا يىنىك سىلكىنگەنچە جاھاندىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىگە بىشارەت بىرىپ مەن ئەمدى ئازات بولدۇم ، ئەركەكلەر قىنى كىلىڭلار دەپ چىللاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ھەسەتتىن ئىچىم ئوت بۇلۇپ يىنىپ تۇرسىمۇ لىكىن ئەمدى ئۇنىڭ ئۇچۇن كۈنلۇك تارتىشىمنىڭ ، غەم يىيىشمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى . مەن پەلەمپەيدىن چۇشىۋىتىپ ئويلىدىم . ئاجىرىششقا بىرىشنىڭ ئالدىدا بىشىمغا بىرەر نەرسە كىيۋالمىغىنىم ئۈچۈن ئۈكۈندۇم . نۇرغۇن ئەدەبى ئەسەرلەردە يازغۇچىلار بىر ئادەمنىڭ خۇشاللىغىنى « ئۇ خۇشاللىقتىن دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتتى » دەپ تەسۋىرلەيدىغان بىر ئىش بار ئىدى . لىكىن مىنىڭ ئاسمانغا ئاتقىدەك دوپپام بولمىغاچقا بىشىمنى نەچچە قىتىم سىلاپ بىقىپ ئاخىرى خۇشاللىقتىن سەكىرەشكە مەجبۇر بولغاندىم . ئەمدى بۈگۈندىن باشلاپ پادىشاھلار توي قىلسا قىرىم كىچە كۈندۇز توي ئۆتكۇزگەندەك مەن ئۇزۇمنىڭ بەختىمنى تاپقانلىغىم ئۈچۈن قىرىق كىچە كۈندۇز ئۆيدە ئولتۇرۇش قىلىپ ھاراق ئىچىمەن . مەن تونويدىغان ، تونۇمايدىغان يىقىن ئەتراپتىكى قىرى ياش ھاراقكەشلەرنىڭ ھەممىنى ئۆيگە يىغىپ بەزمە قىلىشىم  مۈمكىن  چۈنكى مەن توي قىلغاندىن بىرى بىر قىتىم كۈڭۈللۇك مىھمان چاقىرىپ ئۇلار بىلەن قانغىدەك ئىچىپ باققىنىم يوق . ئۆيدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ تىلىۋۇزۇر كۆرگەچ سىڭاريان يىتىپ بىر قىتىم خۇماردىن چىققىدەك تاماكا چىكىپ باققىنىم يوق . ھە دىسە غەم . ھە دىسە تەشۋىشكە تولغان تۇرمۇش بىلەن بۇگۇن خوشلاشتىم شۇڭا ئەمدى ماشىنا ئىلىشمنىڭ ھاجىتى يوق . ئالالمىساممۇ ماشىنا ئالىمەن دەپ غەم قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق . پۇتۇن كوچىدىكى تاكسىلار يانچۇغۇمدىكى پارچە پۇلنى كۆزلەپ ئۇيۇمنىڭ دەرىزىسى ئاستىدا لاغايلاپ يۇرىۋاتسا ماشىنا ئالىمەن دەپ ئاۋارە بۇلۇشنىڭ ئەمدى ئورنى يوق . ئۈيۈم بولمىغان ھالەتتىمۇ بىر ئۆينى ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرسام بۇلىۋىرىدۇ . ئاقماس غەم ، ئەرزىمەس خىيالدىن قۇتۇلغانلىغىم ئۈزۈم ئۈچۈن قىلىپ ئىيتقاندا چوڭ بىر بەخىت . مەن ئۆلگىچە كۆزۇم يەتمەيدىغان بۇ خىل كاتتا بەختكە مۇيەسسەر بولغانلىغىمنى تەبىرىكىلىشىم كىرەك . مەن ئەنە شۇنداق غەمسىز ياشاشنى سانسىز قىتىم ئارزۇ قىلغان بولساممۇ لىكىن بىر قىتىممۇ بۇ مەخسەتكە يىتىپ باقمىغاندىم ھەتتاكى مۇشۇنداق بىر خىياللارنى قىلىشتىنمۇ قورقاتتىم ئەمدىچۇ . مەن پۇتۇنلەي ئۇزۇمگە تەۋە . خۇشاللىغىم . ئەركىنلىگىم . مەينەتلىگىم . يارىماسلىغىم . تەلۋىلىگىم ، پىخسىقلىغىم . يوقسۇزلىغىم . ھەسرەتلىرىم . خىجالەتلىرىم . كىسەللىرىم . دەردىلىرىم ، ئاچلىقلىرىم . قوپاللىقلىرىم . قارا كۈنلىرىم . خاپىلىقلىرىم . بىچارلىغىمنىڭ ھەممىسى ئۈزۈمگە تەۋە . بەخىت دىگەن نىمە ؟ ئادەم ئىنتىلگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى بەخىت . سەن توي قىلىش ئارقىلىق ئۈزۈڭنى بەختلىك سەزسەڭ بەخىت دىگەن ئەنە شۇ . بەخىت دىگەن نىمە ؟ سەن يىتەلمىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بەخىت . بەخىت دىگەن پەقەت ئارمان ئارقىلىق مۇكەممەل بۇلىدۇ . سەن باسالمىغان ھاياتنىڭ يوللىرى بەخىت . ئۈزەلمىگەن باھارنىڭ گۈللىرى بەخت . سەن تۇتالمىغان گۈزەلىنىڭ قوللىرى بەخىت . سەن باشتا قەدىرلەپ ئىرىشكەندىن كىين ئۆز قولۇڭدا قىممتىنى يوقۇتۇپ ئەتىۋارى بولمىغان نەرسىنىڭ ھىچقايسسنى بەخىت ھىساپلىغىلى بولمايدۇ . چۈنكى بەخىتنىڭ بىر مۇكەممەل سىخىمىسى ياكى ھەممە كۈڭۈلنى ئورتاق خۇشال قىلىپ، شاتلاندۇرىدىغان ئۆلچىمى بولغان ئەمەس . مەن باشقىلارغا بەختسىزلىك تۇيۇلىدىغان بەختتىن ئۆلگىدەك ھۇزۇر ئىلىش ئۈچۈن بۇگۇندىن قالماي چوقۇم قانغىدەك ئىچىپ مەس بۇلىشىم كىرەك . مىنىڭ ھازىرقى پىلانىم شۇكى مەھەللىگە بىرىپ ئۆيگە يىقىن تاللا بازىرىدىن «قار لەيلسى » ماركىلىق تاماكىدىن بىر يۇرۇش سىتىۋالىمەن . ياخشى ھاراقتىن بىر يەشىك سىتىۋالىمەن . ئۆيگە كىرىپ ئىشكنى تاقايمەن . تىلىفۇنۇمنى ئىتىمەن . خالىسام ئىچىمەن . خالىسام چىكىمەن . خالىسام ياتىمەن خالىسام قوپىمەن . ھىچكىم مىنىڭ يالغۇزلۇقتىن بىمالال ھۇزۇر ئىلىشىمغا توسالغۇ بۇلالمايدۇ . پەقەت ئۇزۇمگىلا ياراپ باشقىلارغا ئەيىپ بۇلۇپ كۆرىنىدىغان مۇكەممەللىگىمنىڭ پەيزىنى سۈرىمەن . دەرىزەمنىڭ ھاۋا رەڭ پەردىسىنى يىرىم ئىچىپ قويۇپ  نەچچە كۈن كىيم كەيمەي يالىڭاچ مىڭىپ يۇرىمەن . يىرىمى سۇنۇپ كەتكەن تام ئەينەككە قاراپ چىرايىمنى ھەر خىل تۈسكە كىرگۈزۈپ يۇز تىرىلىرىمنى كۈچلۇك بارماقلىرىم بىلەن تارتىپ پۈرۈشتۇرۈپ ئوينايمەن . ئارقىدىن شامالغا ئۇسۇل ئوينايمەن ئاندىن بىر قۇلىغى توختىمايدىغان قارنى يىرىق دۇتتىرىمنى چىلىپ بوغۇق ئاۋازىم بىلەن ھارغىچە ناخشا توۋلايمەن. ئۇنىڭدىن زىرىكسەم ئىتالىيەنىڭ خەلىق ناخشىسى « مىنىڭ قوياشىمنى » ئىيتىپ يۇقۇرسىغا ئاۋازىم يەتمەي بوغۇلۇپ يۇتىلىمەن . ئۈستى قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان، پۇتۇن بەدىننى يارا باسقان سىمىز ئايال خوشنام بۇرنىنى كوچىلاپ تۇرۇپ بۇرۇنقىدەك بىر نەرسە سوراش ئۈچۈن خىقىراپ ئىشىكىمنى ئالدىراش چەكسە مەن ئىشىكنى ئاچماستىن ئىشىكنىڭ مۈشۈك كۆزدىن ئۇنى ماراپ، يالىڭاچلىغىمدىن نۇمۇس قىلماي ئۇنىڭ بىتاقەتلىگىنى تاماششا قىلىپ ھۇزۇر سۈرىمەن . يالىڭاچ ھالەتتە ئۈيۈمنىڭ ئاستىدىكى ئاۋات كوچىغا قاراپ باشقىلارنىڭ ھەۋەس ئىشتىياقنى قوزغاش ئۈچۈنلا قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىپ كوچىدا مەخسەتىسز لاغايلاپ يۇرىيدىغان چىرايلىق ئەمما بىچارە قىزلارنىڭ كىيملىرىگە سىغماستىن پارتىلاپ كىتىدىغاندەك كۆرىنىدىغان بەدىنىگە قاراپ شەھۋەت ئۇچقۇنلىرى يىنىپ تۇرغان تۇرقىنى مەسخىرە قىلغانچە ئۇلارنى قانداق ئىندەككە كەلتۇرۇپ قانداق تاشلىۋىتىش ھەققىدە ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ مۇكەممەل بىر تەدبىرنى ئويلايمەن . تاماكا بىلەن ھاراقنى ئىلىپ ئۆيۇمگە كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ مىنىڭ كونا تۈمۈر ئىشىگىممۇ كۈڭۈل ئىشىگىممۇ ئادەم زاتىغا تاقاغلىق . توغرا ، توغرا گىپىنىڭ مەزىسى يوق ، كۈندە ھاراق ئىچىۋىرىپ تىنى سىېسىق پۇراپ ، ساقاللىرى ئۈسۈپ لالما ئىتقا ئوخشاپ قالاي دىگەن قىرى قاقۋاشلارنى ئۆيگە باشلاپ ، ھاراق قۇيۇپ بەزمە قىلىش ئارقىلىق ئاران ئىرىشكەن تەنھالىغىمنى دەپسەندە قىلىشىم مۈمكىن ئەمەس . بۇ خۇشاللىقنى چوقۇم ئۇزۇم يالغۇز تەبىركىلەيمەن . ئىشىگىم تاقالغان ئىكەن مىنىڭ بەختىمنىڭ ئىشىگى ئېچىلغان بۇلىدۇ . ئۇلارنى بەختىمگە شىرىك قىلىش مىنىڭ ئۈزۈمگە قىلغان خىيانىتىم ئەمەسمۇ ؟ پەقەت تاماكام تۇگەپ كەتسە تېلېفۇن بەرسەم ئەكىلىپ بىرىدىغان تۇڭگان قىز كىلىپ ئىشىكنى چەكسە ئىشىكنى ئىچىپلا ئۇنىڭغا پۇلنى ئۇزۇتۇپ تاماكىنى ئالىمەن دە دەرھال ئىشىكنى ياپىمەن . ياشىسۇن يالغۇزلۇق ئىچىدىكى غەمسىز كۈنلەر دىگەنچە ئۈزۈم ئۈچۈن قايتا قايتا نەچچە قەدەھ كۆتۇرىمەن . مەن ئەسلىدە ئادەملەر بىلەن بىللە ياشاشنى ئارزۇ قىلاتتىم . لىكىن ئۇلار بىلەن ئارلىشىپ مەن ئۇلارغا نىمە بەردىم . ئۇلاردىن نىمە تاپتىم . مەن بۇلۇمسىزلىغىم تۇپەيلىدىن مەن ئۇلارغا سەممىلىك بىلەن ھاقارەت قىلدىم ياكى ئۇلار ماڭا ئەستايىدىللىق بىلەن ئاسىيلىق قىلدى . ئادەم تەبئىتى دىگەن ئەسلىدىن ئاچكۇز . شەخسيەتچى . نەپسانىيەتچى . تويماس ، قىتىغۇر ، ئالدامچى .خىيانەتچى . مەنمەنچى . ئابرۇيپەرەس . شاللاق . خوشامەتچى . ئاسىي . قارا كۈڭۈل . يۇرىتۋاز ، قورسىغى تار ، راھەتپەرەس كىلىدۇ . مەن ئىزچىللىق بىلەن ئۇزۇمنىڭ ئىنسانى تەبئىتىمگە ھەمرا بۇلۇپ كەلگەن ھايۋانى تەبئىتىم بىلەن كۆرەش قىلىپ كەلدىم . مەن باشقىلارنىڭ مىنى مەرىت . سىخى . كەڭ قورساق . پەزىلەتلىك . يىقىشلىق . مىجەزى ياخشى دەپ يالغاندىن ماختىشىنى ئۆمىت قىلىپ ئەمەس بىر ئادەم بولغان ئىكەنمەن ھايۋانغا خاس شەخسيەتچى ، پەس راھەتپەرەس مىجەز خارەكتىرىدىن قىچىپ ياشىشىم كىرەك . كوچىدىكى لالما ئىتمۇ پوق سۇڭەك تىرىپ يەپ يۇرۇپ قورسىغىنى باقىدۇ . مەن ئادەم بولغانكەنمەن ئۆز نەپسىمنى كۆزلەپ ، بىر قورسىغىمنى دەپ باشقىلارنىڭ رىزىقىغا قول ئۇزارتىماسلىغىم . ئۇلارنىڭ بەختىيار ھاياتىنى ۋەيران قىلماسلىغىم  . ئۇلارنى ئازاپقا دۇچار قىلىپ دوسلۇققا ئاسىيلىق قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مىھىرلىك ھىسياتنىڭ ئاي يۇزىگە داغ كەلتۇرمەسلىگىم كىرەك دەپ ئويلايتتىم . لىكىن مەن ھەممىگە يىڭىلدىم . مىنىڭ ھەۋەسلىرىم . ئىشتىياقلىرىم . مەۋجۇتلىغىم . گۈزەللىكلىرىم . سازلىرىم . ناخشىلىرىم . گۈللىرىم . باھارىم . توغىرىلىغىم  . ئىشەنچىم . كەيىپلىرىم . بەختىيارلىغىم . سالامەتلىگىم . كۈلۈشلىرىم . تەبەسسۇملىرىم . قاردەك ئاپپاق نىيتىم بىلەن باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشنى . مەن ئاياغ باسقان جايدىكى ناتىۋان قەلىبلەرنى . ئىنسانىيەتنى تەسىرلەندۇرۇشنى . خۇشال قىلىشنى . مەۋجۇتلىغىم ئارقىلىق ئۇلارنى زوقلاندۇرۇشنى ئويلايتتىم . بىراق مىنىڭ بۇ ئارمانلىرىم يوتقاندا يالىڭاچ يىتىپ قىلغان خىيال بۇلۇپ قالدى . ئادەملەر ئەسلىدىن گۈزەللىك بىلەن مۇكەممەللىككە مۇھتاج . شۇڭا ئۆزىدە بولمىغان بارلىق گۈزەللىك ۋە مۇكەممەللىكنى باشقىلاردىن كۈتۈش ئىچىدە ئاخىرى بۇ ئارزۇيى ئۆمىتسىزلىك ۋە خاپىلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . ئاناڭدىن باشقا ئادەم سىنى بابلاشنى ئويلايدۇ . باشقا ئادەملەر ئىغىرچىلىغىڭنى كۆتۈرۈش ئەمەس ھەتتا سىنىڭ بىر قىتىم قۇلاق تۈۋىدە چىڭراق يۇتىلىشىڭمۇ ئۇنى ھاياتتىن بىزار قىلىشىقا يىتىپ ئېشىپ قىلىشى  مۈمكىن . بىز دوسلۇق ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلمىدۇق . ئائىلە ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە قۇدىرىتىمىز يەتمىدى . مەغلۇپ بولغانلىغىمىز بىزنىڭ غەلىبىمىز بۇلۇپ قالدى . مىنىڭ بىر يازغۇچى دوستۇم بار بۇلۇپ ئۇ يىقىندا ئۈلۈپ كەتتى . ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يىقىن ، جان جىگەر دوستۇم بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنى داۋاملىق ئەسلەپ قالىمەن . ئۇ ئاشقازان راكى بۇلۇپ قالغان چىغىدا بىر مەزگىل دوختۇردا ياتتى . مەن تۈنجى ئاڭلاپ مەن ھەيران قالدىم ، شۇركەندىم ،  تىتىرىدىم . ھىسداشلىق نىيىتىم يالقۇنغا ئايلىنىپ نىرۋامدىن باشلاپ تاپىنىمغىچە قىزىتتى . مەن ئۇنى يوقلاپ بىرىپ ئىلاجىسزلىق ئىلكىدە جان تالىشىپ ھايات شامى ئۆچەي دەپ قالغان تونۇش ۋە يىقىملىق تۇرقىغا قاراپ ئىزىلدىم . تەڭسىز ئالەمنىڭ بۇ تەقدىرگە دۇچار قىلغان بەندىسنىڭ دوستۇم بۇلۇپ قىلىشىنى پەقەتلا ئۆمىت قىلمساممۇ لىكىن بۇ ئۆلگۇر كېسەل ئۇنىڭغا مەھكەم چاپلاشقاندى . ئۇمۇ ساق چىغىدا ماڭا ئوخشاش تاڭ سەھەردىن تا كەچكىچە ھاياتنى قىزغىن سۆيگەن . قىزلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن . تۇرمۇش قۇرۇپ ئاتىلىق ھۇزۇرىنى سۇرگەندى . لىكىن ئۇنىڭ ئارمانلىرى ئۆز پىتى قىلىپ يەككە يىگانە يالغۇزلۇق ئىچىگە ئەبەدىيلىك دەپنە قىلىنىش ئالدىدا تۇراتتى . مەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىين ئۇنى يوقلاپ بىرىپ ئۇنىڭ ئايالىغا ئاران يۇز سوم پۇل بىرەلىدىم . بۇ مىنىڭ تىخى زور غەيرەت قىلغىنىم ئىدى . دىمەك بىر ئادەم ھايات ماماتلىق كۆرىشىدە سەكراتتا ياتسا مىنىڭ ئۇنىڭغا بىرەلەيدىغىنىم شۈنچىلىك . دوسلۇقنىڭ قىممىتى ئاران يۇز سومغا ئەرزىمدۇ ؟ بۇ مەسىلىگە ھىچكىم جاۋاپ بىرەلمەسلىگى مۈمكىن . شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر ئايدىن كىين ئۈلۈپ كەتتى . مەن ئۇنىڭغا تۈنجى ھەم ئاخىرقى قىتىم پەقەت يۇز سوملا پۇل بىرەلىدىم . بۇ دۇنيادىكى دوسلۇق ئاران يۇز سومغا ئەرزىمدۇ ؟ ئۇنىڭدىن كۆپرەككە ئەرزىشى مۈمكىن . ئۇ ھايات بولغان بولسا . تونۇش بىلىشلىرىنى ئالداپ جان باقىدىغان قويمىچى . پەشكەش ، نۇمۇسسىز ، ئەبلەخ بولغان بولسا . دوسلۇق مۇھەببىتگە ئاسىيلىق قىلسمۇ قىزارمايدىغان قىلىن يۇزگە ئىگە بولغان بولسا ئادەملەرنىڭ دوسلۇق ھسىياتىدىن ، باغرى يۇمشاق پىسخىكىسدىن پايدىلىنىشنى بىلىدىغان قارا يۇز خىيانەتچى، ئالدامچى، ساختىپەز بولغان بولسا دوسلۇقنى دەسمايە قىلىپلا بىر نەچچە دوستىدىن نەچچە يۇز مىڭ سومنى ئىلىپلا يوقاپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشاش يوقاپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭ ھاياتى ئاز دىگەندە بىر مىليۇنغا ئەرزىگەن بۇلاتتى .
لىكىن ھايات ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىشچان گۈزەللىكلىرى بىلەن يەنىلا داۋام ئەتكەندەك ئۇ ئۇلىمى بىلەن تىخىمۇ مۇكەممەل بىر ھالەتتە قەلبىمدىكى نۇرانە تۇرقىنى ساقلاپ ياشاپ كەلمەكتە. رەھمەتلىك ھايات ۋاختىدا ماڭا كەڭرەك ئۆيدىن بىرنى ئالسام . ماشىنىدىن بىرنى ئالسام باشقا ئارمىنىم يوق . لىكىن قەلەم ھەققى بەكلا ئاز . يازغۇچىلىق بىلەن پۇل تاپقىلى بولمايدىكەن دىگەندى . ئۇ ئاشۇ ئارمىنغا يىتەلمەي كىتىپ قالدى . مىنىڭ كۇڭلۇمنى ئەڭ يىرىم قىلغىنى ئۇنىڭ ئاددى بىر قونالغۇ مەسىلىسى بىلەن ماشىنا مەسلىسنى ھەل قىلالماي ئارمان بىلەن كىتىشى بولغاندى .  بەلكىم ئۇنىڭ قىزى بىلەن ئوغلى بەلكىم يىرىم كىچىدە ئىشىك تاراقىشسا دادام كەلدىمىكىن دەپ ئىشككە تەلمۇرىدىغاندۇ . ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھىسياتىنى ئويلىسام ئۈن سىلىپ يىغلىغۇم كىلىدۇ . ۋاھالەنكى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىن كەتكىنى ھەقىقەت . بىز تەقدىرنى ئارقىغا قايتۇرۇشقا ئامالسىز . ئامالسىزلىغىمىزدىن ئەنە شۇنداق يالغۇز قالىمىز . ئادەملەر يالغۇزلۇقتىن زىرىككەنگە ئوخشاش بەختتىن دائىم زىرىكىدۇ . زىرىكىش بىلەن ئىنتىلىش بىر بىرگە چەمبەرچەس باغلىشىپ كەتكەن .  بەختلىك ھايات ئادەمنى جىنايەت يولىغا باشلايدۇ . ئادەملەر بەختلىك ياشاشنى كۆزلەپ جىنايەت ئۆتكۇزىدۇ . لىكىن بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولغاندىن كىين يەنە جىنايەت ئۆتكۇزىدۇ . بىر خىل رىتىمدىكى مەنسىز تۇرمۇش ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان يوقسۇزلۇق ئىچىدىكى جىمجىتلىق ئادەمنى بىر تەرەپتىن جىنايەتكە قىستىسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۈلۈمگە قستاپ ئاپىرىدۇ . ئۈلۈمگە يىقىنلاپ كىلىۋاتقان ھايات قەدەملىرى مارافۇنچە يۇگرەش مۇسابىقىسىغا قاتناشقانغا ئوخشاش ئۈلۈم پەللىسىنى كۆزلەپ ھاياتنى ئاۋات قىلىدۇ . بىز ھايات سەپىرىدە ياشاشنىڭ نەقەدەر قىينلىغىنى ھىس قىلىپ يىتىپ تۇرۇپ يەنە كومىدىيە ئىتوتلىرى بىمەنە تۇرمۇشنى تاماششبىنلارنىڭ ئالدىدا قايتا نامايەن قىلىپ بىر تۇركۇم ھاياتتىن زىرىككەنلەرنىڭ كۇڭلىگە زوق بەرگەندەك بىلىپ تۇرۇپ خاتالىققا يول قويىمىز . خاتالىقلىرىمىزدىن ھۇزۇر ئىلىپ ، بەخىت ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۇنى ھىس قىلماستىن باشقىچە بىر خىل تۇرمۇش شەكلىدىكى بەخىتكە ئىنتلىمىز . سەن يولدا جىمجىت ماڭساڭ ھىچكىم ساڭا دىققەت قىلمايدۇ . لىكىن بىر توپ ئادەم توپلىشىپ تۇرغان چوڭ يولغا شاقىرىتىپ سىيسەڭ ھەممىسى ساڭا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە سىنى ئەدەپلەپ . كالتەكلەپ . چىچىقىدەك دۇمبالىشى مۈمكىن . دۇنيادىكى مۇتلەق ئەركىنلىك كىملەر تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان بۇنى بىلمەيمەن . لىكىن مەن ئۇنىڭغا تەلپۇنىمەن . مىنىڭ بايان قىلىۋاتقان يۇرەك سۆزلىرىم سۆزگە ئۈستاتلىق قىلىۋاتقىنىم ئەمەس .  يالغۇزلىغىمغا قىلغان ئاددى سوۋغام . ئاجىرىششىمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاددى سوۋغىلىرىمنىڭ پەقەتلا بىرى خالاس . مەن نىمىشقا ئاجىرىشىپ كەتتىم . بۇنىڭ سەۋەبى ئاددى . تۇغۇلۇشتىن باشلاپ تا ئۆلگىچە ئۇزۇمگە تەۋە ئەركىنلىگىمنى ، ئارزۇ ئارمانلىرىمنى . ھاياتقا ھۈكۈم قىلىش ئىقتىدارىمنى . ياشاش شەكلىمنى قايتۇرىۋىلىش ئۈچۈن . بۇنىڭدىن باشقا سەۋەپ يوق بەلكىم مۇشۇ باھانىلەر ئاجىرىششقا تولۇق سەۋەپ بۇلالىشى مۈمكىن . ئەرلەرنىڭ ئايالى ، باللىرى بار تۇرۇپ ئاشنا ئوينىشىمۇ ماڭا ئوخشاشلا ھاياتتىن يىڭىلىق ئىزدەش ھىسياتىنىڭ يەنە بىر خىل شەكىلدە قاندۇرلىشى بولسا كىرەك. لىكىن مەندە ئۇنداق نىيەت بولسىمۇ ئۇنداق يۇرەك يوق شۇڭا بۇ ئىشلار قولدىن كەلمىگەن ئىكەن خۇلۇم خوشنىلار سۆزلەپ يۇرگىدەك ھىچقانداق سەتچىلىك يۈز بەرمەي تۇرۇپ ئاجىرىشىپ كىتىشنىمۇ ئەلۋەتتە توغرا چۇشۇنۇش كىرەك . ئاشنا تۇتۇش ئاسماندىكى ئاينى ئۆزۇش دىگەن گەپ ئەمەس . تالاغا چىقىپ ئىچى پۇشقاندا گازىر سىتىۋىلىش ئۈچۈن گازىرچى خوتۇننىڭ ئېسسىق قازىننىڭ ئالدىغا بارغىچە بولغان ئارلىقتا جىنايەتكە مۇھتاج بولغان ئون ئايال بىلەن تونۇشۇپ ئۇلار بىلەن ھەپتىنىڭ ئىچىدە قۇچاقلىشىپ . چىرمىشىپ بارلىق سەتچىلىك . بارلىق گۈزەللىكنىڭ زادى قانداق بۇلىدىغانلىغىنى تولۇق ھىس قىلىپ يىتىشنى بۇ جەميەتتە تەس ئىش دەپ قارامسىز ؟ بىراق ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ لەززىتى بولمايدۇ . شۇڭا سۆيگەن قىزلارغا يىتەلمەي مەغلۇپ بولغان مۇھەببەت ئۇچۇن ئاھ ئۇرۇش ، ئەنە شۇنداق جىنىسى ئۇرۇش قىلىۋىرىپ ھالسىرغانلارنىڭ غەلبىسىدىن شىرىن بۇلىدۇ .
مەن بەلكىم ئۇزۇمنىڭ بەختىدىن زىرىككەن بىر قاغىشتەككۇر . ھايات لەززىتىنى ھىس قىلماستىن ئالتۇنغا دەسسەپ توقۇم ئوغۇرلايدىغان شور پىشانە . ئىشلمەيدىغان كاللىغا بىكىتىلگەن شۈم ئىغىزىم بىلەن ئۈزۈمنى ئالداپ كەلگەن بىچارە . لىكىن مەيلى قانداق بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ مىنىڭ تاللىشىم . تاللىشىم بولغان ئىكەن باشقىلار قانداق قارىسا مەيلى مەن مۇشۇ بىر قىتىم بولسىمۇ ئۇزۇمنىڭ خاتالىقلىرىنى توغرا دەپ ھۈكۈم قىلىپ ئۈزۈمگە سەمىمى قەلبىمدىن سالام ساڭا بۇرادەر دەپ ئىھتىرام بىلدۇرگۇم كىلىدۇ . بەلكىم مەن بەختسىزلىككە باشقىلار بەختكە مۇھتاج بولغىنىدەك مۇھتاجدۇرمەن . ھازىرقى دۇنيادىكى بەخىتنىڭ يۇكى بەك ئىغىر . ئۇنى ھەر قانداق بىر ئەركەكنىڭ يەلكىسى كۆتۈرۈپ بۇلالماسلىغى مۈمكىن . لىكىن كۆتۈرۈپ كىلىۋاتقانلارنى بەختلىك دەپ كىم ئىيتالايدۇ بۇمۇ بىر مەسىلە . مانا مەن بەختىمنى ئىرغىتىپ تاشلىۋىتىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ھايات بىسىملىرىنى . ھايات تەھدىتلىرىنى . مىنى بىئارام قىلىپ ئۇخلاتمايدىغان . شىرىن ئارامدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىدىغان غەملەردىن تامامەن قۇتۇلدۇم . ئاياللارنىڭ نەزىرىدە بەخىت دىگەن نىمە . ئۇ ئەرلەر بىلەن ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ . ھەيۋەتلىك ياسىداق ئۆي . كورىيەنىڭ كىنولىرىدىكى ئايىغى چىقمايدىغان ۋەقە بىلەن چىتىشىلىق باسمىچىلىق شىركىتىنىڭ چىرايلىق ماشىنىسىغا ئولتۇرۇش ئاياللارنىڭ نەزىرىدىكى بەخىت . مەن ماشىنىدىن بەكرەك ئىشەك ھارۋىسىغا قىزىقىمەن . چۈنكى ماشىنا مىنىڭ نەزىرىمدە ئۈلۈك ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر تۇرلۇك ئەسۋاپ . « يىڭى ھايات » رۇمانىدا ئورخان پامۇك ، تۈركىيىدە يىلدا نەچچە مىڭلىغان ئادەمنى يۇتىۋىتىدىغان ئەشەددى بىر يالماۋۇز بار ئۇ بولسىمۇ ماشىنا دەپ يازغان ئىكەن شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ بۇ قارىشىم تاشتەك مۇقىملىشىپ كەتتى . دۇنيادا تىخى ئىشەك ھارۋىسىغا سوقۇلۇپ ئۆلگەن بىر ئادەمنىڭ خەۋىرىنى « دۇنيادىكى ئىشلار » پىرگىراممىسدا بەرگىنى يوق . ئىشەك ھارۋىسى تولىمۇ بىخەتەر بۇلۇش بىلەن بىرگە ئىشەنچلىك ھەم راھەت . ھەر قاچان ئادەمگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرىش بىلەن بىرگە ماشىنا بارالايدىغان يەرنىڭ ھەممىسىگە يىتىپ بارالايدۇ . ماينىڭ باھاسى ئاسمانغا چىقىپ كەتسىمۇ لىكىن تىخى بىدە بىلەن قوناق شىخنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىگىنى دۇنيا خەۋەرلىرىدە بەرمىدى . شۇڭا ئۇنى باشقۇرماق ئاسان . نەرقى ئەرزان . باقماق ئاسان دەپ قارايمەن . مەن باللىق چاغلىرىمدا ھاياجان بىلەن رۇمانتىكلىق كەيپىيات ئىچىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولساممۇ لىكىن تۇرمۇش ئەمەلىيتىم مىنى بارلىق قۇرۇق خىيال ۋە ئاقماس غايىلەرنىڭ ئازگىلىدىن تارتىپ چىقىرىپ ئەمەلى ياشاشقا مەجبۇر قىلدى . مىنىڭ ئاجراشقانلىغىم بەختسىزلىگىم ئەمەس ئىككى جاننى يىڭىدىن ھاياتلىققا ئىرىشتۇرۇش بەختىگە مۇيەسسەر بولغانلىغىمدۇر . سەن پۇتۇن سۇرۇك بىر ئەركەك تۇرۇپ ، ساڭا ساداقەتمەن  مۇلاھىم بىر ئايالنى نىكاھىڭغا ئالساڭ ئۇنى مۇراد مەخسىدىگە يەتكۇزەلمەي داۋاملىق نارازى قىلساڭ . ئۇنىڭ سەندىن كۇتكىننى بىرەلمىسەڭ . خەقنىڭ ئۆيىگە مىھمانغا بارسا ئۆيگە ھەۋەس قىلسا. كوچىغا چىقسا ماشىنغا ھەۋەس قىلسا . بازارغا چىقسا باشقا ئاياللارنىڭ كىيملىرىگە ھەۋەس . تەڭتۇشلىرىگە قاراپ ئىرىگە ھەۋەس قىلسا سىنىڭ ئەر بولغىنىڭ قىنى ؟ بۇنىڭ ئۆزى بىر ئادەمنىڭ قىممىتى بىلەن غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىشقا يىتىپ ئىشىپ قالمامدۇ ؟ ئويلاپ باقسام بىزدەك قولىدىن سودا تىجارەت قىلىش كەلمەيدىغان ئادەملەرنىڭ غۇرۇرىنى قوغدايدىغان بىر نەچچە خىل يولى بار ئىكەن . بىرى بانكا بۇلاش ياكى بانكىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ مىليۇنلاپ پۇل ئامانەت قويغىلى كىرگەنلەرنى پايلاپ تۇرۇپ ئۆلتۇرۋىتىپ پۇلىنى ئىلىپ تىكىۋىتىش ، ئاندىن بىر مەزگىل قىچىپ يۇرگەندىن كىين ساقچىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ ئىتىلىپ كىتىش . يەنە بىرى ئۆزىنى ئۆلتۇرىۋىلىش . ئاخىرىقى بىرسى ئۆي بىلەن ماشىنا غىمىدە كاسىلداپ چىشلىرى تۈكۈلۈپ ماك ماك بۇلۇپ كەتكەن ھازازۇل خوتۇنلارنى ئۆلتۇرۋىتىپ ئىتىلىپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى قويىۋىتىش ئىكەن . ئەگەر ھىچقانداق ئىش قولدىن كەلمىگەندە غۇرۇرنى ساقلاشمۇ ئۇلىۋىلىشنى خىيال قىلىشقا ئوخشاشلا ئازاپلىق ئىش بۇلۇپ بۇ ئىش دەل سەن ھىرىپ چارچاپ ئىشتىن كىلىپ ياتقان چىغىڭدا دەل ئايالىڭ ساڭا مۈشۈكتەك سۇۋۇشۇپ باشقىلارنىڭ قانداق باياشاتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىغىنى ھىكايە قىلىپ بىرىپ ئارقىدىن سىزگە ئىشەنچىم بار . سىزمۇ بىر كۇنى تاغدىكى داچىدىن بىرنى ئىلىپ بىزنى بىلىدىغان پۇتۇن ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقرىۋىتىسز . ئۇلار ئۇيىمىزنى ، ماشىنىمىزنى . بوينۇمدىكى ئالتۇن زەنجىرلىرىم بىلەن ئالماس بۇلاپكىلىرىمنى كۆرۈپ سىزنى يارىماس دەپ خاتا ئەيىپلىگەنلىگى ئۈچۈن نەچچە كۈن ئۇخلىيالمايدۇ دىگەندە جان پىنىڭ چىقمامدۇ ؟ ئەجىبا سىنىڭ ياششىڭنىڭ قىممىتى باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتىش ئۈچۈنمۇ . سىنىڭ بەختىڭ باشقىلارنىڭ بەرگەن باھاسى ئارقىلىق يەكۇنلىنەمدۇ دەپ ئويلاپ ئاچچىغىڭدا ئۆزى چىرايلىق لىكىن قەلبى ئابرۇيپەرەسلىك تۇيغۇلىرى بىلەن زەھەرلىنىپ تۇگەشكەن خوتۇننىڭ چىشلىرىنى ئۇرۇپ تولۇق چۈشۈرۋىتىپ ئالتۇن چىش سىلىپ قويغۇڭ كىلىدۇ . لىكىن ئالتۇننىڭ باھاسى كۈندىن كۈنگە ئۈسۈپ كىتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە قاپ يۇرەكلىك بىلەن خوتۇننىڭ ھەممە چىشنى تۆكىۋىتىش ئەمەس بىر چىشىغا چىقىلغىلى بۇلاتتىمۇ ؟ ئۇنىڭ ساڭا ھىچقانداق تەلەپ قويمىغانلىغى سىنى كۆزگە ئىلمىغىنى . سىنى كۆزگە ئىلمسىمۇ يالغاندىن كۆزگە ئىلغاندەك قىياپەتكە كىرىۋىلىپ سىنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرغىنى ئەركەك تۈكۈڭنى بىر تال بىر تالدىن يۇلۇپ جىنىڭنى ئالغىنى ئەمەسمۇ ؟ بۇ خۇددى بىر كىچىك بالا قۇچقاچ بالىسىنى تۇتىۋىلىپ ئۇنىڭغا زىيادە ئامراقلىغى تۇپەيلىدىن مەھكەم تۇتىۋىلىش ئارقىلىق نەپەس ئالغىلى قويماي ئۆلتۇرۇپ قويغىنىدەكلا بىر ئىش . مەن مائاشلىق بىر خىزمەتچى . شۇڭا قولۇمدىن كىلىدىغىنى تايىنلىق . مائاشتىن باشقا پۇل تىپىش مەنبەيىم يوق . مائاشتىن باشقا ھەممە نەرسە ئۈسۈپ كىتىۋاتقان بۇ جەميەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە قانداق ماسلىشىش ئۈچۈن بىر ئۆمۇر تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلا ئاقمايدۇ . مائاشىمنىڭ ئازلىغى . ئىدارامنىڭ مۇكاپات بىرەلمەسلىگى ئۇلارنىڭ كەمچىلىگى ياكى مىنىڭ گۇناھىم ئەمەس دەپ ئۇزۇڭنى ئاقلاپ باقىسەن  لىكىن ئۆيدە بۇنداق گەپ ئۈزۈلمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئايالىڭ يالماۋۇزغا . ئۆي دوزاخقا ئايلىنىپ سىرىتقا چىقىپ تۆت ھاراقكەشنى تىپىپ ئۆپكەڭ چىلاشقىچە ئېچىپ قايتىسەندە ئۇنىڭ يەنە ھىلىقى ئۆي . ماشىنا دىگەن گىپىنى ئاڭلماسلىق ھۈزۈرىنى سۇرۇپ خاتىرجەم ئارام ئالىسەن . مەن باشلانغۇچتا « ئۈچتە ياخشى » ئوقۇغۇچى بۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىپ مۇئەللىمنىڭ ئالقىشلىشىنى كۈتۈپ تىرىشىۋاتقان چىغىمدا ساۋاتسىز قالغان دوسلىرىم تىجارەتنى قانداق قىلىشنى ئۇگىنىۋاتقاندى . مەن تولۇق ئوتتۇرغا چىققاندا ئۇلار تىجارەتنىڭ تولۇق ئىپىنى ئىلىپ تىجارىتىنى چەتئەللەرگە كىڭەيتىشكە باشلىدى . مەن ئالى مەكتەپنى ياخشى ئوقۇپ ياخشى يەردىن خىزمەت تىپىش ئۈچۈن قاتتىق ئورۇندۇقتا مۇكچىيىپ ئولتۇرۇپ كىچىنى كۈندۇزگە ئۇلاپ ئۇگىنىش قىلىۋاتقان چىغىمدا ئۇلار چەتئەلدىن تاپقان دوللارلىرىنى ساناپ بۇلالماي كۆزەينەك تاقايدىغان ئەھۋالغا چۇشۇپ قالدى.  ئەمدىلىكتە ئۇلار تىگىنى سىتىۋىلىپ سالغان بىنا ئۆيدىن سىتىۋالالماي چاچلىرىم چۈشۈپ . يۇز كۆزلىرىمنى قورۇق بىسىپ ، پۇتۇن بەدىنىمنى كىسەل چىرماپ كەتتى . مەن قانداق قىلىشىم كىرەك . ئەجىبا بۇنىڭ ھەممىسى مىنىڭ بىلىپ تۇرۇپ قەستەن ئۆتكۇزىۋاتقان گۇناھىممۇ ؟ مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ئاسمانغا قاراپ ئايالىمغا تاغلارنى كۆرسىتىپ «تاغ » دىسەم ئۇمۇ «تاغ» دەيتتى . مەن قولۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا «بىر » دىسەم ئۇمۇ «بىر » دەيتتى . مەن ئاسمانغا قاراپ «قۇش» دىسەم ئۇمۇ «قۇش» دەيتتى . لىكىن ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆرگىنى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغىنى باشقا نەرسىلەر ئىكەنلىگىنى ئاجىرىششنىڭ ئالدىدا بىلدىم . بىز توينىڭ ئالدىدا ئارام خۇدا يەر بولسا ئىككىمىزنىڭ كارۋىتى پاتسىلا بولدى . كىچىك ئاشخانىسى بولسا. بىللە تاماق ئىتىپ يىسەك دىيىشىپ . قۇشلار . گۈللەر . كىچىلەر . تاغلار . باھار پەسلى ھەققىدە قانماي مۇڭدىشاتتۇق . لىكىن كىينكى كۇنلۇكتە ئىشلار ئۆزگىرىپ باردى . گۈللەرنىڭ . قۇشلارنىڭ كۇڭۈلدىكى ماھىيەتلىك مەنسى ئۆزگىرىشكە باشلىدى . دۇنيادا قۇش دىگەن كۆپ . مەن كىچىگىمدە توز بىلەن تۈگە قۇشنى ياخشى كۆرەتتىم . چوڭراق بىرەر قۇش ئاسماندا ئۈچۈپ بىشىمدىن ئۆتۈپ كەتسە مەن ئۇنى چوقۇم تۈگە قۇش ياكى بولمىسا توز دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم . لىكىن ئايالىم ئەركىن قۇشلارنى ئەمەس قەپەزگە سولانغان نازۇك قۇشلارنى ياخشى كۆرەتتى . ئۇنىڭ گۈل دىگىنى ھەر ياز پەسلىدە كوچىنىڭ ئوتتۇرىغا تەشتەك بىلەن كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ تىزىپ قويۇش ئارقىلىق سۈنئى موھىت ۋە ياسالما گۈزەللىك بەرپا قىلىدىغان گۈللەر ئىدى . مەن ئىنساننىڭ تەقدىرى ۋە ھاياتى ئۈچۈن قىلچىلىك ئەھميىتى يوق قاچانلا قارىسا ھەيۋەتلىك لىكىن تاز قارانىڭ بىشىدەك يىقىمسىز كۆرۇنىدىغان پىس - پاس تاغلاردىن كۆرە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كىرسىز ئالماستەك ئاپپاق پارقىراپ كۆزنى چاقىدىغان قارلارنى ۋە ئۇنىڭدا ئۆسىدىغان قارا لەيلىسنى ياخشى كۆرەتتىم .
ئەمدى مىنىڭ ياخشى كۆردىغانلىرىم . ئارمانلىرىم . قەدىرلەيدىغانلىرىم . ئىرىنچەكلىگىم . كەچمىشلىرىم . ئاددىلىقلىرىم ، ئىرىشمەكچى بولغانلىرىم . خام خىياللىرىم . نامراتلىغىم ، ئىچى تارلىغىم . ۋاختىم . سۈيىدىغانلىرىمنىڭ  ھەممىسىگە ئۈزۈم ئىگە بۇلىمەن . ئارام ئىلىش كۈنلىرىمدە خاتىرجەم ھالدا كۈن چۇشكىچە ئۇخلايمەن . سىرىتقا چىقسام قىزلارغىلا ئەمەس ئايال زاتىغا قارىمايمەن . ئۇلارنى ئىگەللىۋىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى بەختسىز قىلىپ قويۇش مەن ئۈچۈن باشتىن ئۆتكەن تەجىرىبە بۇلۇپ قالدى ئەمەسمۇ . شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆيدە كۈن چۈشكىچە ھورۇنلۇق بىلەن ئۇخلاپ بولغاندىن كىين ئۆيدىن زىرىكسەم سىرىتقا چىقىپ پىيادە ئايلىنىمەن . باشقىلار مىنى ماشىنسى يوق دىۋانىكەن دىسە مەيلى دەۋەرسۇن . مەن ئۈزۈمنىڭ پوقىنى يەپ ئوڭ يۇرۇشكە رازىمەنكى باشقىلارنىڭ پوقىنى يەپ ئىلىشىپ قىلىشنى خالىمايمەن. خالىسام كونا ۋىلىسپىت ساتىدىغان پىت بازىرىغا بىرىپ چاقىدىن باشقا ھەممە يىرىپ لىڭشىيىدىغان كونا ۋىلىسپىتتىن بىرنى سىتىۋىلىپ ئۈزۈمنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىدەك ئەمەس يەر شارىنىڭ باشلىغىدەك ھىسيات بىلەن چوڭ يولدا ئۇچقاندەك ھەيدەيمەن . چوڭ يولدا ماشىنىلارنىڭ جىقلىغىدىن توسۇلۇپ قالغان ماشىنىسدا ئولتۇرۇپ راھەتتىن ھورۇنلۇق بىلەن مۈگدەۋاتقان بايلارغا ماشىنام بولمسىمۇ تىخى تىرىكلىگىمنى . پۈلۈم بولمسىمۇ سالامەتلىگىمنىڭ ياخشلىغىنى كۆز كۆز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئارقامغا تاشلاپ  كىتىش ئارقىلىق راھەتلىنىمەن .خالىسام ئۈزۈم ئارزۇ قىلغىنىمدەك ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردىن ھويلىسى بار بىر ئۆي ئىجارە ئىلىپ ھويلىسغا ئانامغا ئوخشاش گۈل تىرىيمەن . ئاندىن بىر نەچچە خوراز سىتىۋىلىپ ئايرىم كاتەكتە بىقىپ ئۇلارنى پات پات سوقۇشتۇرۇپ ئوينايمەن . بىر نەچچە ساغلىق قوي سىتىۋىلىپ قوزا  تۈغسا ئۇنى ئۈزۈم ئەمدۇرۇپ باقىمەن . مانا بۇ مىنىڭ باللىغىمدىكى ھايات جەريانىم . چوڭ بولغاندىن كىينمۇ ئارزۇ قىلىدىغان تۇرمۇشۇم . ماڭا ھەيۋەتلىك داچىدىن كۆرە ئۆيدە مەرەپ تۇرىدىغان تۆت پاقلىنى بار ئاددى ئۆي . بىر بىرى بىلەن ئۈسسۈشۈپ ئارام تاپمايدىغان ئىككى ئۆچكسى . ئەتتىگەندە ئادەمنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ سايرايدىغان توخۇسى بار ھويلا بەركەتلىك ھەم راھەت تۇيۇلىدۇ . بەھەيۋەت نەرسىلەر باشقىلارنىڭ بەختى بولسا بۇ خىل تۇرمۇشنى ياشاش ۋە تاللاش شەكلى مىنىڭ بەختىم . يەنە تىخى ھاياتلىق تەختىمدا سۇلتان بۇلۇپ ماڭا ئۆلگىچە ھەمرا بۇلىدىغان . ھەر قانداق ۋاقىتتا مىنى تاشلىۋەتمەيدىغان . مەندىن يۈز ئۆرىمەيدىغان . ئەقىدەمگە ئاسىيلىق قىلىپ مىنى نا ئۆمىت قويمايدىغان . نەپەسلىرىمگە خىيانەت قىلمايدىغان . سىرىمنى ئۆلگىچە ساقلاپ مىنى ئەركىنلىك ھايات سائادىتىگە ئىرىشتۇرىدىغان يالغۇزلىغىم بار . مەن ئەنە شۇنداق خىياللار ئىچىدە تۇرۇپ نىدا قىلدىم . ئەي ئابرۇي ئۈچۈن ھاياتىنى دوغا تىكىپ كەلگۇسىنى نەس باستۇرغان ئىنسانلار ، ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك بولسۇن . ھەيۋەتلىك بىر ئۆينى ئىلىش ئۇچۈن بىر ئۆمۇرلۇك قەرىزدار بۇلۇپ ئۈزۈڭلار تۆلەپ بۇلالماي ئۇلۇپ كەتكەندە ئاشۇ قەرىزنى باللىرىڭلارغا مىراس قالدۇرىدىغان ئۇنداق ئۆيدە ياشىغىچە مەندەك ئاددى ئۆيدە ياشاپ ، پىيادە ماڭىدىغان بەختتىنمۇ لەززەتلىنىشنى ئۇگۇنۇپ قويۇڭلار  مەن سىلەر نەزىرىڭلاردا بەختىسز ئەمما مىنىڭ نەزىرىمدە سىلەردىن ئۆتە بەختسىز يوق . مەن ئۈزۈمنىڭ نەزىرىدە بەخىتلىك بولغان تۇرمۇشتىن بەھىر ئىلىش بىلەن بىرگە خاتىرجەم ياشاش ئىچىدە ھاياتىڭلارغا ھۇزۇر تىلەيمەن . پاكىز تۇيغۇلا پاكىز بەختىنى ھىس قىلغۇچى ھەقىقى ھۇزۇردۇر. بالزاك مۇنداق دىگەن ئىدى . دۇنيادا بەختسىزلىكتەك مۇكەممەل نەرسە يوق . مەن ئىيتىمەن بەختىنى ھىس قىلىش ئۈچۈن پاكىز قەلىب بۇلىشى كىرەك . ھامىلىت مەن چۇش كۆرۇشتىن  قورقىمەن دىگەندى . بىراق مەن رىئاللىقتىن قورقىمەن . تولىستۇي ھاسسىغا ئالدىمغا ئۇچۇرىغان ھەرقانداق پۇتلىكشاڭنى مەغلۇپ قىلىپ كەلدىم دەپ يىزىپتىكەن لىكىن مىنى ھاياتتىكى ھەممىلا پۇتلىشاكشاڭ مەغلۇپ قىلىپ كەلدى . سارتىرى باشقىلار مەن ئۈچۈن دوزاخ دىگەن ئىكەن . مەن ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ياشاپ مۇشۇ كەم ئەقلىم ئارقىلىق ئاخىرى بىر ئىغىز گەپنى ئاران ئويلاپ تىپىپ ئۈنى ئۈزۈمگە ھەم سىلەرگە سوۋغا قىلدىم مەن ئۈزۈمنىڭ بەختى .


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2104
يازما
117
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3757
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 17:09:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ  ھۇزۇر  بەردى  ما  ھىكايە...

كەڭ قورساقلىق+سەمىمىيلىك = ئەركەكلىك

UID
2260
يازما
125
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
4027
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-19
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 20:45:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




ياخشى يېزىلىپتۇ، بۇنداق قىلغىلى بولارمۇ؟ ئويلىنىپ قالدىم . بۇ ھاياتنىزە بولدىلا .

سىزگە رەھمەت، ئىسىل ھىكايە ئىكەن، تازىمۇ ھوزۇرلاندىم.

ئالدىڭغا ماڭغاندا كەينىڭگە قارىما !!!

UID
6373
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
200
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-18 20:49:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپنىڭ دىپلۇمىنى ئىلىشنىڭ خوشاللىقى بىلەن ئاجرىشىش كىلىشىمىنڭ كىنىشكىسىنى ئىلىشنىڭ خوشاللىقى ئازراقمۇ ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل تۇيغۇ .سىز شىئېر يازىدىغان ئادەم بۇ نوقتىنى بەك ياخشى چۈشىنىسىز ،ھىكايىدىكى تۇيغۇنى ئىپادىلەيدىغان مەجازلارنى ئىشلىتىشتە سەگەك بولغىنىمىز ياخشى.

UID
9453
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
130
تىزىملاتقان
2011-2-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-3-2 03:38:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالىي مەكتەپ دىپلۇمى ئالغان چاغدا ئاجرىشىش خىتى ئالغاندەكمۇ خوش بولمىغان
ئاجرىشىش خىتى ئىلىپ بۇلۇپ دوسلۇرۇمغا تىلغۇن ئۇرۇپ ئۈزۈمنى مۇبارەكلەتكۈزگەنتىم تىخى

مۇھەممەد ئىلى

تىرىشچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
174
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
1795
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-2 17:16:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرمۇ  ھەر ئايدا نەچچە دوستىمىزنىڭ ئاجىراشقانلىغىنى تەبىركىلەيمىز .

يېڭى يۇلتۇز

ئېشىۋاغانغا يول

UID
15593
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
200
تىزىملاتقان
2011-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-2 17:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ قەدىرىنى ئۆزىمىز قىلايلى.............ياخشى يېزىپسىز !!!!!

قەدىرلەيمەن قەدىرىمنى قىلغانلارنى....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش