- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 501
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11762
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-9
- UID
- 6825
- يازما
- 501
- تېما
- 34
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 11762
- تىزىملاتقان
- 2010-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-8-9
- توردا
- 228 سائەت
|
 |
 |
 |
 |
ئۆلۈم ئېڭى ياراتقان-گۈزەللىك
تۇردى توختى
ھۈۋەيدا ئېيتىدۇ يىغلاپ،ئۈلۈم ھەقتۇر ئۆلۈر بارچە_______ ھۈۋەيدا
ھۈۋەيدانىڭ يۇقىرىقى بىر مىسرا شىئېرى پىكىرىدىن ئۆلۈمنىڭ ھەممە مەۋجۇداتقا ئوخشاش بولغان،ئادەم ۋە باشقا جانلىقلار بۇنىڭغا(ئۆلۈمگە) ئامالسىز قالىدىغان،بىر تۈرلۈك مۇتلەق ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالالايمىز.
مەيلى ئادەملەر بولسۇن مەيلى باشقا جانلىقلار بولسۇن مەلۇم ھاياتلىق مەنزىلىنى داۋاملاشتۇرغاندىن كىيىن،ئۈلۈپ كېتىدۇ.لىكىن ئادەملەرلا ئۈزىنىڭ چۇقۇم ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ مۇتلەقلىقنىڭ ئۈزىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىغىنى بىلىدۇ.بىراق بۇلارمۇ قايسى يىلى قايسى كۈنىنىڭ قانداق ۋاختىدا ئۈلۈپ كىتىشىنى بىلمەيدۇ.بۇنداق بىلمەسلىك ماھىيەتتە كىشىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىپ،ئۇلارنىڭ خۇشال-خۇرام ھايەت كۈچۈرىشىگە تۈرۈتكە بۇلۇپ،ئىنسان تەبىيىتىدىكى ئۈلۈم ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلۇپ،ئۈزى ياشاۋاتقان ماكاندا تىرشىپ ياشايدۇ.مۇشۇنداق تىرشىپ ياشاش ماكاندا نۇرغۇنلىغان مۇۋاپىقىيەتلەرنى رۇياپقاچىقىرىپ،ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارايىتىنى تېخىمۇ تاكامماللاشتۇرۇدۇ.
ئۆلۈم ئېڭى ئىنسان بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزگە داۋاملىق تىرشىپ،ئىشلەپ،ئىنسانىيەتكە تۆھپە قۇشىشىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.مەيلى ئىسلام دىنى،مەيلى باشقا دىنىي ئىدىيەلەردە بولسۇن ۋە ياكى ماركىزىملىق ئىدىيە سېسىتمىلىردا بولسۇن،ھاياتنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ،(بۇ دۇنيانىڭ قايدىلىرىگە بويسۇنغان ئاساستا)،كىشىلەرنىڭ ئىنسانلار جەمىيەتىگە قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىغى بىلەن ئۆلچۈنىدۇ
ئەخلاقى-پەزىلەتلىك،قايدە –يۇسۇنلۇق،دىيانەتلڭك ۋە تەبىرلىك،ھالال ئەمگەك بىلەن ياشاپ،باشقىلارنىڭ مۇشكۈلىنى ئاسان قىلغان كىشىلەرنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى ئۆلچىمەيدىغان قايسى ئىدىيە ئېقىمى مەۋجۇت ئىكەن؟مىنىڭچە ئىنسان ياراتقان ئىدىيە سېسىتمىلىرىدا بولسۇن مەيلى ئىلاھى سېسىتمىلاردا بولسۇن بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ قىممىتى يۇقىرى ئۆلچىنىدۇ.بۇ بارلىق ئىدىيەۋى سېسىتمىلارنىڭ بىردەك بولغان تۇنۇشى.
ئىسلام دىننى ئاساس قىلغان دىننىي سېسىتمىلار ئۈلۈم ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىغىنىڭ باشلىنىشى دەپ قاراپ،ئۇ دۇنياغا بارغاندا بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق قىلمىشى ئۈستىدىن جاۋاپ بىرىپ،ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىغىنىڭ تەقدىرى بەلگۈلۈنىدۇ دەپ قارايدۇ.باشقا ئىدىيەۋى سېسىتمىلاردىمۇ ئادەملەر ئۈزى ھالال ئەمگىگى بىلەن ياراتقان ياخشى نامىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەيدىغانلىغىنى ئىتىراپ قىلىپ،بۇنداق نامنى شۇ كىشىنىڭ روھى دەپ قاراپ،مۇشۇ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى بىلەن ئۈنىڭغا تۆھپە
يازىدۇ ،خاتىرلەيدۇ،ياكى لەنەتلەر ياغدۇرۇدۇ.
بۇ يەردىكى ھالال ئەمگىگى،گۈزەل ئەخلاقى پەزىلىتى ۋە تۆھپىسى بىلەن ئۇلۇغلىنىشنى ھەممە ئىتىراپ قىلىشنىڭ ئۈزى بىر ياشاش پەلىسىپەسى بۇلۇپ، ئۆلۈمنىڭ مەڭگۈلۈكلىگىگە، بولغان بىر جەڭ سىگىنالى ھىساپلىنىدۇ.
ئەسئەت سۇلايمان‹‹ئۆلۈم ئېڭى ۋە مەدىنىيەت پىسخىكىمىزنىڭ يۇشۇرۇن قاتلىمى›› دىگەن ماقالىسىدا‹‹ئۆلۈم ئۆز نۆۋىتىدە ھاياتنىڭ قىممىتىنى،ھاياتنىڭ چەكسىز قەدىرلىكلىكىنى ھىسى قىلدۇرۇدۇ››دەپ يازغان.
يۇقارقىلەردىن ئادەمنىڭ مەنىلىك ياشاپ،بەلگۈلۈك نەتىچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۈلۈمنىڭ رۇلىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ.ئەگەر مۇشۇ ئالەمدە ئادەم مەڭگۈلۈكلىكىنى تاپقان بولسا دۇنيانىڭ بۇگۈنكىدەك گۈزەل بۇلىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولارمىدى؟كىشىلەردە ۋاقىت چۈشەنچىسى،ئېڭى قايسى دەرىجىدە بولار ئىدى؟ئىنساپ-دىيانەت،ھاياتنىڭ قىممىتى دىگەنلەردىن سۆز ئېچىش مۈمكىنمۇ؟مىنىڭچە ۋاقىت ئېڭى بولمىسا تەرقىيات ئېڭى بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس.ۋاقىت ئېڭى بولمىسا ئىنسانلاردىكى مىھرى-مۇھابەتنىڭ بولىشى زادىلا مۇمكىن ئەمەس،بۇنداق مۇمكىن بولماسلىق ئىنسانىيەت دۇنياسىنى قۇرۇق قاغجال،ھىسىياتسىز بىر دۇنياغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇدۇ-خالاس.بۇ ھال ئىنسانلارنى تەپەككۇر قىلىپ يېڭىلىق يارتىش روھىدىنمۇ مەھرۇم قىلغان بولاتتى.ئەسئەت سۇلايمان يۇقىرقى ماقالىسىدا كەسكىن قىلىپ مۇنداق دىگەن‹‹ئۆلۈم تۇنجى بۇلۇپ،ئىنسانىيەتنى ئۈزۈل-كىسىل تەپەكۇرغا مەجبۇر قىلغان ۋەھىمىدۇر،بۇنى فرېئۇدنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا:‹ئۇ(ئۆلۈم)-جىمى تەپەككۈرنىڭ چىقىش نوقتىسى›شۇنداقلا بارلىق ئاڭ پالىيەتلىرنىڭ ھەەركەتلەندۇرگۈچى كۈچى ۋە قوزغاتقۇچىسى›› بۇ ھۈكۈملەردىنمۇ كىشىلەردە ئۆلۈم ئېڭى(ۋاقىت ئېڭى)بولمىسا كىشىلەرنىڭ ئەقلى پالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش دەرجىسىنىڭ تۈۋەن بۇلىدىغانلىغىنى،ئۆلۈمنىڭ ھەر ۋاقىت كىشىلەرگە سىگىنال بىرىپ،ئۇلاغا ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى ئەسكەرتىپ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەلگۈلۈك نەتىچە قازىنىشنىڭ زۈرۈرلىگەىنى ھىس قىلدۈرپ،كىشىلەرگە ھاياتقا مۇھابەت باغلاشنىڭ زۈرۈرلىگىنى تۇنۇتىدىغانلىغىنى كۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ.
دىننىي ئىدىيەلەردە ‹‹ھاياتلىقنى ئىلاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانىتى›› دەپ قاراپ،ھاياتنى تېخىمۇ قىممەتلىك،ساۋاپلىق ئۆتكىزىشنىڭ زۇرۇرلىگىنى ئوترىغا قويسا،ماتىريالىستلار ھاياتنىڭ قىسقا ئىكەنلىگىنى قىسقا ھاياتنى چىڭ تۇتۇپ تۆھپە قۇشۇشنىڭ لازىملىغىنى ئەسكەرتىپ ھاياتلىقتا،نىشان(نام)قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئىككى خىل ئىدىيەنىڭ ئىككىلىسىدە ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ مۇقەررەرلىكىنى ئىتىراپ قىلىپ،ھاياتنىڭ قەدرىنى قىلىشنى ئوترىغا قۇيغان بۇلۇپ،بۇلاردىكى ھاياتقا بولغان گۈزەللىك ئوخشاشلىقنى تاپقان.پەرىق بولسا قايتا تىرلىش بىلەن ياخشى نام قالدۇرۇش(تىرىلمەسلىك)مەسىلىسىدىن ئىبارەت.قانداقلا بولمىسۇن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى بارلىق ئىدىيەلەرنىڭ ئۆلۈمنى ئىتىراپ قىلىشى بىر ئورتاقلىقتىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك پەلىسەپە .
ئۆلۈم ئېڭى تەپەككۈرنى قوزغىتىپ ھەركەتنى تېخىمۇ تىزلىتىپ،ئىنسانلارنىڭ ياخشى ناملارنى قالدۇرۇپ،كىتىشىگە ھەقىقى تۈرۈتكە بۇلۇپ،دۇنيادىكى مىھرى مۇھابەتنى كۈچەيتىپ،ئىنسانلارغا ھاياتقا بولغان مۇھابەتنىڭ نىمە ئىكىنلىگىنى بىلدۈرۈپ ،ھاياتقا ئۈمۈت بىلەن قاراشنىڭ زۈرۈر ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدۇردى.
يانا بىر نوقتىدىن ئىنسانلارغا ئەتراپتىكى ھاياتلىققا يەنى باشقىلارغا،تەبىيەت دۇنياسىغا،چەكسىز ئالەمگە بولغان مۇھابىتىنى ئىزھار قىلىشتەك گۈزەل پەزىلەت ۋە پاكىزە ئېقىلنى ئاتا قىلىپ،ئىنسانلاردا ئەتراپىغا،ئىنسانىيەت دۇنياسىغا،پۇتكۈل كائىناتقا مۇھابەتلىك قاراشتەك پاكىزە روھىنى ئاتا قىلدى.
قۇرئان كېرىمدە‹‹مەن ئايلارنى،يۇلتۇزلارنى...ئىنسانلارنىڭ باشقۇرىشىغا ياراتتىم››دىگەن مەشھۇر ئايەت بار.بۇ ئىنسانلارنىڭ تەقىلىگە تايىنىپ ياشاش بوشلىغىنى ئالەم بوشلىغىغىچە كەڭيتەلەيدىغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.ئىنسانلار ئۆلۈم ھىكىمىتى ئاتا قىلغان تەپەككۈرى،ھاياتقا ۋە كائىناتقا بولغان چۇڭقۇر مۇھابىتى ئاساسىدا ئاخىرقى ھىساپتا ئايغا چىقىپ،ئۇنى تەكشۈرۈشتەك زور نەتىچىلارگە ئىرىشتى.بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ رەڭدارلىغى ھەسىلەپ ئاشتى.
نەزىرە مەھەممەت سالىھ‹‹ئۆلۈم ھىكىمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگۈچە››دىگەن زور ھەجىملىك ئىلمىي ماقالىسىدە مۇنداق بىر ھەدىسنى مىسال قىلىپ كۆرسۈتۈپ،ئۆلۈمنىڭ ھەر ۋاقىت كىشىلەرنى مەينەتچىلىك(ناتوغرا لەززەتلىنىشتىن توسۇپ تۇردىغانلىغىنى ئۆترىغا قويغان).بۇ ھەدىس تۈۋەندىكى ھەدىستىن ئىبارەت ئىدى.
ئەنسارىلاردىن بىر كىشى‹‹ئىھ رۇسۇلىللاھ،كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقىللىقلىرى ۋە ھۆرمەتلىكلىرى كىم ؟››دەپ سورىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:‹‹ئۆلۈمنى ئەڭ كۆپ يات ئەدكەن ۋە ئۇنىڭغا پۇختا تەييارلىق قىلغان ئادەم ئەڭ ئەقىللىق ئادەمدۇر.بۇنداق ئادەم بۇ دۇنيانىڭ ئىززىتىنى ،ئاخرەتنىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرگەن ھالدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.››(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)يەنە شۇ ماقالىدە مۇنداق مەزمۇن ئوترىغا قۇيۇلغان‹‹مەھەممەت ئەلەيھىسالام ئۈممىتىگە مۇنداق دەپ تەلىم بەرەتتى‹سىلەرنى دۇنيا لەززەتلىرىگە غەرىق بۇلۇپ كىتىشتىن توسقۇچى ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئىتىڭلار››(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)
يۇقارقى، رەسۇلىللاھنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆلۈمنىڭ كىشىلەرنىڭ دىلىنى يۇمشۇتۇپ،مىھرىبانلىققا باشلايدىغان بىر سىھرى كۈچ ئىكەنلىگىنى ئۆلۈمنىڭ كىشلىك مۇناسىۋەتتىكى گۈزەللىكنى يارتىدىغانلىغىنى بىلۋالغىلى بۇلۇدۇ.
ئۆلۈم ئېلىپ كەلگەن گۈزەللىك،ئەمىليەتتە ئۆلۈم ئاتا قىلغان مەنىلىك ياشاپ،ھاياتنى قېدىرلەش،ھاياتقا بولغان مۇھابەتىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇش بۇلۇپ،ئۆلۈم سىگىنالى(ئۆلۈم ۋەھىمىسى) ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتقا يەنە رەڭمۇ-رەڭ تۈسلەرنى بىرىپ،ئىنسانلار دۇنياسىنى گۈزەللىكە تولدۇردى.
1.ئۆلۈم ئېڭى ئاتا قىلغان، كىشىلىك مىھرى-مۇھابەت
ئۆلۈم كىشىلەرگە نىسپەتەن بىر ياشاش سىگىنالى بۇلۇپ،قسىقا ھاياتتا ئادەمدەك ياشاپ،ئادىمىلىكىنى پانىي دۇنيادا ئىناۋەت تاپقۇزۇشقا ئۈندەيتتى.ئىسلام ئەنئەنىسى بۇيۇچە چۈشەندۇرگەن بۇ كىشىلەرنىڭ پانى دۇنيادا ياخشى ئاتاق قالدۇرۇپ،باقى دۇنياغا تەييارلىق قىلىشى ئىدى.يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈچۈن ساۋاپلىق تېپىپ كىيىنكى ھاياتىدا جەننەتنىڭ نىئممىتىدىن ھۇزۇرلىشىقا،ئالاھنىڭ ئالدىغا قارا يۈز بۇلۇپ بارماسلىقنىڭ زۈرۈر تەييارلىغى ئىدى.
يەنە باشقىچە چۈشەندۇرگەندە بۇ دۇنيادىكى ياخشى نامى بىلەن ئەجداتلىرى ۋە ئەۋلاتلىرىنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىپ،جەمىيەتتىكى ئورنىنى مۇستەككەملەشنى مەقسەت قىلاتتى.
قۇرئان كېرىمدە‹‹سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمىلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىگىنى سىناش ئۈچۈن ئاللا ئۆلۈمنى ۋە تىرىكەرنى ياراتتى››(سۈرە مۈلۈك 2-ئايەت)دىگەن ئايەتنى ئۈچرىتىمىز بۇنىڭدىنمۇ ئىنسانلارغا ئۈلۈمدىن ئىبارەت مەڭگۈ ھاياتلىقنى تۇنۇتۇپ،پانى دۇنيادا ياخشى ئەمەللەرنى كۆپرەك قىلىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى بىلۋالالايمىز.
بۇنداق ياخشى ئەمەللەر چۇقۇمكى كىشىلەر ئارىسىدىكى مىھرى-مۇھابەتنى كۈچەيتىپ،دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەللىككە تولدۇرۇدۇ.بۇ ھال كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوترىسىدا نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتلەرنى شەكەللەندۇرۇشكە تۇرۇتكە بۇلۇپ،ئىنسانلار ئارىسىدىكى مىھرى-مۇھابەتنى ھەقىقى رەۋىشتە ئىنسانلارغا تۇنۇتتى،بۇ ئۆلۈمنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن زور بەختى ئىدى.ئەگەر ئۈلۈمدىن ئىبارەت بۇ ۋاقىت چۈشەنچىسى بولمىسا ئىنسانلارنىڭ كاللىسا زامان ئۇقۇمى مەۋجۇت بولماتتىدە،بۇنداق زامان ئېڭى بولمىغان ئادەلەردىكى بىر –بىرگە قىلىنىدىغان ھۆرمەتنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.چۈنكى بۇ ھال ئۆلۈمدىن ئىبارەت مەۋجۇتلۇقنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.يوقۇلۇق قانداق ئادەملەرگە مىھرى ئاتا قىلالىسۇن.
2.ئۆلۈم ئاتا قىلغان تەبىيەت چۈشەنچىسى
ئىنجىلدا‹‹سەن ئەسلىدىنلا بىر تۇپراق،يەنىلا تۇپراققا قايتىيسەن››دىگەن ئايەت بولغىنىدەك پەلىسىپىدىمۇ ئەڭ كىچىك جانلىقلارنىڭ تۇپراقتىن تەدرىجى تەرەققى قىلىغانلىغى،ئۇلارنىڭ ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرغاندا يەنە تۇپراققا ئايلىنىپ فىزىكىلىقئۆزگىرشى قىلىدىغانلىغىنى ئوترىغا قۇيۇدۇ.قۇرئان كېرىمدىمۇ ئادەم ئاتانى تۇپراقتىن ياراتقانلىغىدىن ئىبارەت مەزمۇنلار ئۈچرايدۇ.يۇقارقىلاردىن شۇنى كۈرىۋالالايمىزكى تۇپراق بىلان ھاياتلىق زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ،ئىككىسىنىڭ بىرسى كام بولسا يەنە بىرسى بولمايدۇ.
ئىنسانلار تۇپراق(تەبىيەت)دۇنياسىنىڭ بۇلۇپمۇ تۇپراق،ئوت،سۇ،ھاۋادىن ئىبارەت بۇ توت زاتنىڭ بولمىسا بولمايدىغانلىغىنى بىلگەندىن باشلاپلا ئۇلار تەبىيەت دۇنياسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان.ئىنسانىيەت دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىشى جەريانى تەبىيەت دۇنياسىنى چۈشەنگەن ئۈنىڭدىن پايدىلانغان ھەم ئۈنىڭ يۈكسەكلىكىنى تۇنۇپ،زىمىننى قېدىرلاشتىن ئىبارەت بۇيۇكلۈككە يەتكەن.تەبىيەت دۇنياسىنى ئىنسانلار ئۈزىنىڭ ئانىسى قاتارىدا ئۇلۇغلىغان.
ئىنسانلار ئۈلۈمدىن ئىبارەت بۇ بۇيۇكلۈكنى تەبىيەت دۇنياسى بىلەن بىردەكلىكە ئىگە قىلىپ،تەبىيەت دۇنياسىدىن تۈرلۈك نىمەتلەرنى ئېلىپ،ئۈزىنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن سەرىپ قىلغان.بۇ ئەمىليەتتە ئۈلۈمنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆتكىزىۋاتقان زىياپىتى ئىدى.بۇ زىياپەتتىكى نىممەتلەرنى ئىنسانلارغا بۇيۇك ئانىسى تەبىيەت بەرگەن.چۈنكى قۇرئان كېرىمدە ئاللاھ‹‹مەن شۇنداق ئىنسان ياراتايكى،ئۇلار ئەمگەك قىلىپ ،تىرىكچىلىك قىلسۇن›› دىگەن .بۇ ئايەتتىنمۇ ئىنسانلار بىلەن تەبىيەت ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىق بىلۋاغىلى بولىدۇ.
قانداق بۇلۇشتىن قەتتى نەزەر زامان چۈشەنچىسى(ئۆلۈم ئېڭى)ئىنسانلارغا تەبىيەتنى چۈشىنىش پۇرسىتىنى يارتىپ بىرىپ،ئىنسانلار بىلەن تەبىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن.مانا بۇ ئۆلۈمنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان يەنە بىر شاپائىتى ئىدى.ئەگەر ئىنسانلار ئۆلۈم ئېڭى بولمىسا(ئۆلۈم ئىنسانلارنىڭ ياشاش جەريانىدا بېشىغا كەلمەيدىغان ھەقىقەت بولسا)ئىنسانلار يەنە ئەمگەك قىلىپ،جاپا-مۇشاققەت چىكىپ نىمە قىلىدۇ؟
3.ئۆلۈم ئاتا قىلغان بىلىش
ئۈلۈم ئېڭى شەكىللەنگەن ئىنسانلار ئۈزىنىڭ ھاياتلىق پالىيەتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى تۇنۇپ يەتكەندىن كىيىن،ئۈزنىڭ سۇبىكتىپ ئېڭىغا تايىنىپ نۇرغۇنلىغان بىلىش مىۋىلىرنى قولغا كەلتۈردى.بۇنداق ئېقىل تەبىئى ھالدا ئىنسانلارنىڭ بىلىشكە بولغان تۇنىشىنى ئاشۇرۇپ،ئۇلاردە كەڭرى بىر بىلىش جۇغلانمىسىنى پەيدا قىلدى.بۇ جۇغلانما قەدىمدىن ھازىرغىچە ياشاپ كەلگەن ئىنسان ئەقىلىنىڭ جەۋھىرى ئىدى.
ئەدىبىيەت،سەنئەت،پەلىسىپە دىن دىگەن كاتىگۇرىيىلەرنىڭ شەكىللىنىشگە ئەگىشىپ ،ئىنسانلارنىڭ جەمىيە چۈشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشتى بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىپ،يېڭى ھاياتلىققا كەڭرى يول ئېچىپ،يېڭى-يېڭى ئىلىم پەن نەتىچىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە تۈرلۈك كونكىرىتنى پەنلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى تىزلىپ،ئىنسانلارنى زامانىۋى ھاياتلىق سېسىتمىسىغا باشلاپ كىردى.بۇ ھال ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ كەڭرى پالىيەتى ئۈچۈن شارايىت ھازىرلاپ بەردى.قىسقىسى ئۆلۈم ئىنسانلارغا ئېقىل بىلەن ئىش قىلىشنى ئاتا قىلدى.ئۆلۈم ئىنسانلارنى زامانغا لايىقلىشىپ مېڭىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.
4.ئۆلۈم ئاتا قىلغان ئەۋلات چۈشەنچىسى
ئادەم مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ئىش بولسا ئادەمدە ئەۋلات چۈشەنچىسىمۇ يوق بۇلۇشى،نىكا ئائىلە مۇناسىۋىتىمۇ يوق بۇلۇش،ئۇلار تەپەككۇرسىز مەخلۇقلاردەك ئەۋلات قالدۇرىشى مۇمكىن.چۈنكى ئۆلۈشنى بىلمىگەن مەخلۇقتا ئۈزىدىكى قان چۈشەنچىسى بۇلۇش مۇمكىن ئەمەس.
ئەۋلات قالدۇرۇش چۈشەنچىسىنى ئىنسانلارغا ئۆلۈم ھەدىيە قىلغان بۇلۇپ ئىنسانلار ئۈزىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشتىن بۇرۇنقى مەڭگۈ ياشاش ئىستىگىنى بىلدۈرش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ئەۋلادى بۇلۇشنى تەلەپ قىلىپ،ئۈزىنىپ پۇشتىدىن تورەلگەن ئىزباسارنى قالدۇرۇش ،شۇ ئاساستا ھاياتلىق دۇنياسىنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇپ،ئۆز نەسسەبىنى ئۈزۈپ قويماسلىققا تىرىشقان.شۇڭا ئۇلار مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ياشاش قىزغىنلىغىغا ئىگە بولغان ھەم شۇنداق ياشاپ كەلمەكتە.
قىسقىسى ئۆلۈمنىڭ ئىنسانلارنىڭ ياشاش جەريانىدىكى، بىر ھەركەتلەندۈرگۈچى، كۈچ بۇلۇپ،ئىنسانلارغا ھاياتلىق چۈشەنچىسىنى ھىس قىلدۇرغانلىغى ماھىيەتتە ئۈلۈمنىڭ ئادەمنىڭ قىممىتى نامايەن قىلىشتا(جەمىيەتكە ئىنسانلارنىڭ تۆھپە قۇشىشىغا)تۇرۇتكە بولدىغانلىغى، بىر ھىكىممەتتۇر.
(ijadiyat)
|
 |
 |
 |
 |
|
|