كۆرۈش: 8883|ئىنكاس: 13

ئىككى ئادەم قانداق قىلغاندا بىر-بىرىگە ماس كەلگەن بولىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
3703
يازما
302
تېما
84
نادىر
0
جۇغلانما
14965
تىزىملاتقان
2010-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-13
توردا
1 سائەت

باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 14:30:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىككى ئادەم قانداق قىلغاندا بىر-بىرىگە ماس كەلگەن بولىدۇ؟

 
 
 مەيلى سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بولسۇن-بولمىسۇن، مەيلى سىزنىڭ قىز دوستىڭىز بولسۇن بولمىسۇن، ھەممىڭلار كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار!


 
سىز ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ 
 

مۇھەببەتلىك ھېس-تۇيغۇلار، يېڭى باشلانغان چاغدا تولىمۇ تاتلىق بولىدۇ،
 بولۇپمۇ سىزگە ھەمراھ بولىدىغان، سىزگە ياردەملىشىپ يۈكىڭىزنى كۆتۈرىدىغان يەنە بىر ئادەم كۆپىيىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز، 
 سىز ئاخىرى يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدىغان بولدىڭىز، ھېچ بولمىغاندا سىزنى ئەسلەيدىغان بىرسى بار، 
 سىزگە قىيمايدىغان، نېمە ئىش قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، 
 پەقەت سىز بىلەن بىرگە بولسىلا بولدى..... 
 لېكىن ئاستا-ئاستا، بىر-بىرىڭلارنى چۈشىنىش چوڭقۇرلاشقانسىېرى،
 سىز ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىڭىز،

  مەسىلە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يۈز بېرىشكە باشلىدى،
 سىز زېرىكتىڭىز، چارچىدىڭىز، ھەتتا قېچىپ كېتىشنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردىڭىز، 
 بەزىلەر مۇھەببەت خۇددى تاش تېرىغانغا ئوخشاش دەيدىكەن، چوقۇم ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان تاشنى تېپىشنى ئويلايدىكەنسىز،  لېكىن سىز قاچان ماس كېلىدىغاننى تاپالايدىغانلىقىڭىز قانداق بىلىسىز؟
 ئۇ/ئۇ سىزگە ماس كېلىدۇ، ئۇنداقتا سىز ئۇ/ئۇنىڭغا ماس كېلەمسىز؟

 
ئەمەلىيەتتە، مۇھەببەت خۇددى بىلەيگە ئوخشايدۇ،
 بەلكىم تاپقان ۋاقتىڭىزدا، سىز ئانچە رازى بولۇپ كەتمىگەنسىز،
 لېكىن شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ ئادەم دېگەن ئېلاستىكىلىق بولىدۇ،
 نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ،
 پەقەت سىزدە شۇنىڭغا لايىق يۈرەك، باتۇرلۇق بولسىلا،
 ئەتراپتىن نامەلۇم تاشنى ئىزدەپ ئولتۇرغاندىن كۆرە،
 يەنىلا سىزدە ئەسلىدە بار بولغان تاشقا ئوخشاش سىلىق ئەمەس، سىز ئۇنداقتا تېخىمۇ سىلىقلاشنى باشلىدىڭىزمۇ؟

 


 
نۇرغۇن كىشلەر چۈنكى ھېسسىيات سۇسلاشتى،
 شۇڭا ئادەم ھورۇن بولۇپ قالىدۇ دەپ قارايدىكەن.
 خاتا!
 ئەمەلىيەتتە ئادەم ئاۋال ھورۇنلۇق تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان،
 شۇڭا ھېسسىيات سۇسلىشىپ كەتكەن.
 

 مەلۇم بىر ئولتۇرۇشتا،
 بىرەيلەن راكنى كۆپرەك يېسە ئادەم تېنىگە پايدىلىق دەپتۇ،
 بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر تۇيۇقسىز [ ئون يىل ئىلگىرى، ئايالىم تېخى قىز دوستۇم ۋاقتىدا، ئۇ 10 تال راك ئادالاپ بېرىشنى دېسە، مەن 20 تال ئادالاپ بېرەتتىم.
 ھازىر، ئەگەر ئۇ ماڭا يەنە راك ئادالاپ بېرىشنى دېسە، چاقچاق قىلمىسۇن! مېنىڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كىيمىنى سالدۇرۇپ قويىدىغانغا رايىم يوق، يەنە تېخى ئۇنىڭغا راك ئادالاپ بېرەمدىم]
 ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ چۈشەندىڭىزمۇ؟
 ئەجىبا نۇرغۇن كىشلەر كۈندىن كۈنگە مۇھەببەتلىشىشنىلا ئويلاپ،
 نىكاھ دۇنياسىغا كىرىشنى خالىمايدۇ.
 چۈنكى، نىكاھ ئادەمنى ئاسانلا ھورۇن قىلىپ قويامىش، 
 ئەگەر ھەر بىر ئادەمگە،
 گەپ قىلىش خوشياقمىسا،
 كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش خوشياقمىسا،
 خۇشاللىق يارىتىش خوشياقمىسا،
 بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش خوشياقمىسا،
 ئۇنداقتا، ئەر-ئايال ياكى ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات،
 بارا بارا سۇسلىشىدۇ، بارا بارا يىراقلىشىپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟
 شۇڭا ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ:
 جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھەببەت،
 قىزغىن، سەمىمىي بولغان پەرۋىشكە موھتاج،
 مۇھەببەتلەشكەندە، ھەرگىزمۇ ھورۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ. ھى....

 بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بولغانىكەن، ئۇلار ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىللە تاماق يەپ، بىللە بازار ئايلىنىشقا كېلىشپتۇ.
 بىراق قىز شىركەتتە مۇھىم يىغىن ئېچىلىپ، شۇنىڭ ئىشلىرى بىلەن ھەلەك بولۇپ قالدى.
 قىز قاتتىق يامغۇرغا قارىماي شۇنچىلىك ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن 30 مىنۇتتىن ئارتۇق كېچىكىپ قاپتۇ.
 ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى خاپا بولغان ھالدا:
 سىز ھەرقېتىم مۇشۇنداق قىلىسىز، ھازىر مېنىڭ ھېچقانداق نەرسىگە رايىم قالمىدى.
 مەن ئەمدى سىزنى ھەرگىزمۇ ساقلىمايمەن.
 ھەش-پەش دېگۈچە، قىز ئاخىرى بۇ مۇھەببەتكە خاتىمە بېرىشنى قارار قىلدى.
 قىز كۆڭلىدە: بەلكىم ئەمدى ئاخىرى چىقمايدۇ، دەپ ئويلىدى.
 ئوخشاش بىر ئورۇندا، باشقا بىر جۈپلەرمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلدى:
 قىزچاق ۋاقتىدا كېلەي دېگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يېرىم سائەت كېچىكىپ قالدى،
 ئوغۇل دوستى ئۇنىڭغا: مەن سىزنى ئالدىراش بولۇپ كەتتىمىكىن دېگەنىدىم.
 ئارقىدىنلا ئۇ قىزنىڭ يۈزىدىكى يامغۇر تامچىلىرىنى سۈرتىۋەتتى، ھەمدە چاپىنىنى كىيدۈرۈپ قويدى.
 شۇ چاغدا، قىز تەسىرلەنگىنىدىن يىغلاپ كەتتى.
 سىز ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟
 ئەمەلىيەتتە، نەپرەت بىزنىڭ ئارىمىزدا ئەگىپلا يۈرۈيدۇ،
 مۇھەببەت بىر-بىرىنى چۈشىنىپلا قالماستىن يەنە كەڭ قورساق بولۇشقا،
 نۇرغۇن ئىشلاردا ئەستايىدىل بولۇشقا موھتاج.
 چۈشەندىڭىزمۇ؟

 


مەلۇم بىرسى سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدى، سىزمۇ ئۇنى يامان ئەمەستەك ھېس قىلدىڭىز.
 بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئۇنى تاللىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. 

 بىز دائىم مۇنداق دەيمىز: مەن چوقۇم ئۆزەم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىمەن.
 لېكىن قارشى تەرەپ سىزدىن، قانداق قىلغاندا ئەڭ ياخشى كۆرگەن ھېسابلىنىدۇ دېگەن چاغدا،
 سىز جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالىسىز، چۈنكى سىز ئۆزىڭىزمۇ بىلمەيسىز.
 توغرا، بىز دائىم ئۆزىمىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرسىنى تېپىشنى ئويلايمىز.
 بىراق، بىز تۇيۇقسىز كەينىمىزگە قارىدۇق، شۇندىلا شۇ چاغدىكى ساددىلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق.
 ئەگەر ئەزەلدىن باشلىنىش بولمىسا، سىز ئۇنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى قانداق بىلىسىز؟
 ئەمەلىيەتتە، ئەڭ، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سېزىم، سىز ئۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىڭىزدىن كەچۈرگەندە ئاندىن ھېس قىلىسز،
 بەلكىم ھەممە كىشى ئۆز كۆڭلىدىكىدەك ئادەمنى تېپىشنى يۈز پىرسەنت ئۈمىد قىلىدۇ.
 لېكىن سىز [ يېنىڭىزدىكى ئادەمنىڭ سىز ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ھالدا بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى، سىز ھېس قىلالمىغانلىقىڭىزنى ] ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
 شۇڭا، يەنىلا ئىنچىكىلىك بىلەن ئەتراپىڭىزدىكى ئادەمگە قاراپ بېقىڭ، بەلكىم ئۇ سىزنى ساقلاۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولىشى مۇمكىن.
 سىز بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇنى سەككىز نومۇرلۇق ياخشى كۆرسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق.
 بارلىق كۈتۈش ۋە ئۈمىد پەقەت يەتتە سەككىز نومۇرلۇق بولىدۇ، قالغان ئىككى ئۈچ نومۇردا ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ.
 ئەگەر سىز داۋاملىق پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئۇنى سۆيسىڭىز، قارشى تەرەپكە ئېغىر بېسىم قىلىپ قويىشىڭىز مۇمكىن، بەلكىم ھەر ئىككىڭلار نەپەسلىنىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، مۇھەببەتنىڭ خۇشاللىقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قېلىشىڭىز مۇمكىن.
 شۇڭا ئېسىڭىزدە بولسۇن:
 ھاراق ئىچسىڭىز ئالتە پىرسەنت مەست بولۇڭ،
 تاماق يېسىڭىز يەتتە ئۈلۈش تويسىڭىز بولدى.
 بىرسىنى سۆيسىڭىز سەككىز نومۇردىن ئېشىپ كەتمىسۇن.

 

 

 

 

ئەگەر سىز ھازىرمۇ مۇھەببەت يولىدا تەمتىرەپ قالغان بولسىڭىز، بەلكىم تۆۋەندىكى سۆزلەر سىزگە ئىلھام بېرىشى مۇمكىن:
 

بىرسىنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن،

 ئۇنى چۈشىنىش، ھەم تەسەللىي بېرىش كېرەك. 

 ئەپۇ سوراش، ھەم رەھمەت ئېيتىش كېرەك. 

 خاتالىقنى تونۇش، ھەم ئۆزگەرتىش كېرەك.

 


 

 كۆيۈنۈش، ھەم ھالىغا يېتىش كېرەك. 

 قوبۇل قىلىش، ئەكسىچە چىداش ئەمەس. 
 

كەڭ قورساق بولۇش، ئەكسىچە ئۆز مەيلىگە قويىۋەتكەنلىك ئەمەس. 
 

قوللاش، ئەكسىچە يېتەكچىلىك قىلىش ئەمەس. 
 

ھال سوراش، ئەكسىچە سوراققا تارتىش ئەمەس. 

 ھال ئېيتىش، ئەكسىچە شىكايەت قىلغانلىق ئەمەس. 

 ئۇنتىيالماسلىق، ئەكسىچە ئۇنتۇش ئەمەس. 

 ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەكسىچە ھەممە ئىشنى تاپشۇرغانلىق ئەمەس. 
 

قارشى تەرەپ ئۈن-تۈنسىز ئىلتىجا قىلىۋاتىدۇ، 
 

رومانتىك بولۇشقا بولىدۇ، لېكىن ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ. 
 
 

خالىغانچە قول تۇتۇشماڭ، 

 تېخىمۇ خالىغانچە قويىۋەتمەڭ!


 

بۇ تېما ئەلكۈيى تورىدىن باشقا تور بېكەتلەرگە يۆتكىلىشىگە،كۆچۈرۈپ چاپلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ،ئەلكۈيى تورىدىن كاكتۇس  تەرجىمىسى ، باشقا تور بېكەتلەرگە قالايمىقان يۆتكەشكە بولمايدۇ.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 15:41:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى بۆلەكلەر  ئەمەلىيەتكە بەكلا  يىقىن.  
نىكاھ ئۇزۇنلاشقانسىرى  مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى  ئەستايىدىللىق، مەسئۇل بولۇش،  بىر-بىرىدىن ئەنسىرەش ئىگەللەپ كىتەمدىكىن دەيمەن.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

UID
3709
يازما
56
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
580
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 16:53:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق بولسا ياخشى كورگەن بولىدۇ ..
بىرسىنى ياخشى كورۇش شۇنداق ئاسانمۇ ؟ ھازىرقى جەمىيەتتە ياخشى كوردۇم دەپلام مۇھاببەتلىشىدىغان بىر مەزگىل ئوتكەندىن كىيىن ئارىلىپ كىتدغان ئەھۋاللار ناھايىتى كوپ ئەكىسچە ئۇلار مۇھاببتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ .ياكى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلامدۇغاندۇ .
بۇرۇنقى زاماندا مۇھاببەت قانداقتى ؟ ھازىرچۇ !  
  ھازىر مۇھاببتنىڭ ماھايىتى ئوزگۇرۇپ كەتتى . قىرىنداشلىرىم مۇھاببەتنى قەدىرلەڭلار
قولۇڭلاردا بار چاغدا قەدىرلىمەي قولڭلاردىن چىكەتكەندە ئاھ ئۇرۇپ قاقشىغاننىڭ نىمە پايدىسى قىنى بىزدىكى يىگىتلىك بۇرۇچ ،

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
444
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13945
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 16:53:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت  بەكلا نازۇك. بەئەينى بىر شاردەكلا . چۈنكى شارغا تىكەننىڭ ئۇچى شۇنچىلىك تەگسىلا ئېتىلىپ كىتىدۇ .ئەمەسمۇ؟!      مۇھەببەت   ئاسىراشقا ، ئۆز-ئارا چۈشىنىشكە ، كۆيىنىشكە،   ۋاپاغا مۇھتاج.    مۇھەببەتنى بىر دەرەخكە ئوخشاتساق  ،  بۇ دەرەخ ۋاپا سۈيى بىلەن سۇغىرىلغاندىلا  ئاندىن  چىچەكلەپ، شىرىن مىۋە بىرىدۇ.    بىلىدىغىنىم مۇشۇكەن ، قالغىنىنى مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن  ھىس قىلىپ ئاندىن دەي......      تىما ئېگىسىگە رەھمەت. ياخشى تىمىكەن .

ۋىسال - ياپياش ھەم قېرى قاقۋاش.

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
444
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13945
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 16:59:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىrahman521 يوللىغان 2010-12-13 16:53 غا قارتىلغان  :
قانداق بولسا ياخشى كورگەن بولىدۇ ..
بىرسىنى ياخشى كورۇش شۇنداق ئاسانمۇ ؟ ھازىرقى جەمىيەتتە ياخشى كوردۇم دەپلام مۇھاببەتلىشىدىغان بىر مەزگىل ئوتكەندىن كىيىن ئارىلىپ كىتدغان ئەھۋاللار ناھايىتى كوپ ئەكىسچە ئۇلار مۇھاببتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ .ياكى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلامدۇغاندۇ .
بۇرۇنقى زاماندا مۇھاببەت قانداقتى ؟ ھازىرچۇ !  
  ھازىر مۇھاببتنىڭ ماھايىتى ئوزگۇرۇپ كەتتى . قىرىنداشلىرىم مۇھاببەتنى قەدىرلەڭلار
قولۇڭلاردا بار چاغدا قەدىرلىمەي قولڭلاردىن چىكەتكەندە ئاھ ئۇرۇپ قاقشىغاننىڭ نىمە پايدىسى قىنى بىزدىكى يىگىتلىك بۇرۇچ ،
توغرا دەيسىز قېرىندىشىم ھازىر جەمىيەتتە ياخشى كوردۇم دەپلا مۇھاببەتلىشىپ بىر مەزگىل ئوتكەندىن  ئايرىلىپ كىتىدىغان، بىر-بىرىنى ئەخمەق قىلىپ مۇھەببەتنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆرىدىغانلار   بارغانسىرى ئەۋج ئالماقتا .     سىز دىگەندەك ھەممىمىز يىگىتلىك بۇرچىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي  ۋىجدانىمىز بىلەن ئىش قىلايلى.

ۋىسال - ياپياش ھەم قېرى قاقۋاش.

UID
2091
يازما
1528
تېما
50
نادىر
0
جۇغلانما
50482
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 17:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ كۆرسە بولغۇدەك . يالغۇز بوۋا  پېشقەدەم بولغاچ  بۇ تېمىنى بىزگە ئالاھىدە سۇنۇپسىز رەھمەت .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
6342
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2010-10-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 19:23:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزنى ئوقۇپ ھەجەپ بىر خىل بولۇپ قالدىم ، توي قىلماي مۇھەببەتلىشىپلا ئۆتسە ياخشىكەن دەپمۇ قالىمەن بەزى چاغلاردا.

UID
2721
يازما
49
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1579
تىزىملاتقان
2010-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 22:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خىل مۇناسىۋەتتە بىرەر ئىشلاردا ئارقىغا بىر ئىككى قەدەم چىكىنىشمۇ ناھايىتى مۇھىم .

UID
3908
يازما
119
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1250
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 00:04:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان سۆز باشنى يارار ،سىلىق سۆز تاشنى(يارار) .دىگەندەك ،ئۆز -ئارا سىلىق سىپايە بولۇپ ،ھۆرمەتلىشىپ ئۆتكەن ياخشى .

قىيىن ئىش يوق ئالەمدە كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.

كۆيۈمچان ئەزا

ھەر بىركۈنىڭنى ق

UID
1994
يازما
127
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
4567
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 00:32:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 8قەۋەتتىكىرىتا يوللىغان 2010-12-14 00:04 غا قارتىلغان  :
يامان سۆز باشنى يارار ،سىلىق سۆز تاشنى(يارار) .دىگەندەك ،ئۆز -ئارا سىلىق سىپايە بولۇپ ،ھۆرمەتلىشىپ ئۆتكەن ياخشى .
توغرا دەيسىز بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىپ ئۆتكەن بەك ياخشى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش