پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى» ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر
ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ھەدىس ۋە كىلاسسىك ئىسلام تارىخىي مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكىنىڭ پەرىشتىلەر تەرىپىدىن يېرىلىپ، يۈرىكىدىن شەيتان ۋەسۋەسىسى چىقىرىلىپ يۇيۇلغانلىقىغا ئالاقىدار رىۋايەتلەر مەۋجۇت.1 بۇ رىۋايەتلەردىكى ياش، ۋاقىت، يەر ۋە ۋەقەنىڭ قانچە قېتىم يۈز بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار نۇقتىلاردا نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلار بار. ئالىملارنىڭ بۇ رىۋايەتلەرگە بولغان كۆز قاراشلىرىمۇ بىر-بىرىدىن زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ئىزدىنىشىمىزدە رىۋايەتلەردە زىكرى قىلىنغان ھەرخىل ئۇچۇرلارنى بىر يەرگە توپلاپ، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈشكە، ئىسلام تارىخچى ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلىشكە تىرىشىمىز.
ۋەقەنىڭ قىسقىچە جەريانى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەنلىكى خاتىرلەنگەن بۇ ۋەقەنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىدا ئوخشىماسلىقلار نۇرغۇن بولسىمۇ، چوڭ جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ۋەقەنىڭ قىسقىچە جەريانى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا تۇيۇقسىز بىر نەچچە كىشى (پەرىشتە) كىلىپ، پەيغەمبىرىمىزنى يەرگە ياتقۇزۇپ كۆكرىكىنى يېرىپ يۈرىكىنى ئالىدۇ ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى چىقىرىۋېتىپ، يۈرىكىنى يۇيۇپ-تازىلاپ، جايىغا سېلىپ قويۇپ غايىپ بولىدۇ.
ۋەقە قاچان ۋە قانچە قېتىم يۈز بەرگەن؟
ھەدىس ۋە كىلاسسىك ئىسلام تارىخىي مەنبەلىرىدە،2 بۇ ۋەقەنىڭ بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار رىۋايەتلەرنى ئۇچرىتىمىز.
1- ئىنىكئانىسىنىڭ يېنىدىكى ۋاقىتتا. 3
2- ئون ياش مەزگىلىدە. 4
3- تۇنجى ۋەھيى كەلگەندە. 5
4- ئىسرا ۋە مىئراج ۋەقەسى ئالدىدا. 6
ۋەقە قەيەردە يۈز بەرگەن؟
ۋەقەنىڭ قەيەردە يۈز بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار بار.
- ئىنىكئانىسىنىڭ يېنىدا.
- ئۆينىڭ ئارقىسىدا.
- كەئبىنىڭ يېنىدا.
- ھەتىمدە.
- ھەجەرۇ،ل- ئەسۋەدنىڭ يېنىدا.
- مەلۇم بىر جىلغىدا.
- بەنى سەئەد قەبىلىسىگە يېقىن بىر يەردە.
- تاغ ئۈستىدە.
كۆكرىكىنى يارغىلى كەلگەنلەر كىملەر؟
- ئۈچ كىشى.
- ئاق كىيىملىك ئىككى كىشى.
- ئىككى پەرىشتە.
- بۈركۈتكە ئوخشايدىغان ئىككى قۇش.
- بىر گورۇھ كىشىلەر.
- جىبرائىل ئەلەيھىسسالام. (جىبرائىلغا ياردەمچى بولۇپ مىكائىل ۋە ئىسراپىلمۇ بىللە كەلگەن).
كۆكرىكى قانداق يېرىلغان؟
كۆكرىكىنىڭ ئۈستىدىن باشلاپ قورسىقىنىڭ ئاستىغىچە.
بوغۇز تەرىپىدىن قورسىقىنىڭ ئۈستىگىچە.
كۆكرىكى نېمە بىلەن يېرىلغان؟
- پىچاق بىلەن يېرىلغان.
- پەرىشتەنىڭ قۇلى بىلەن يېرىلغان.
يۈرىكى چىقىرىلغاندىن كېيىنكى ئىشلار
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى يېرىلىپ، يۈرىكى چىقىرىلغاندىن كېيىن تۆەندىكىدەك ئىشلار يۈز بەرگەن:
- يۈرىكى قار سۈيى بىلەن يۇيۇلغان.
- (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇنىڭ سوغۇقلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن» دېگەن).
- زەمزەم سۈيىدە يۇيۇلغان.
- گۈل سۈيى بىلەن يۇيۇلغان.
يۈرىكىدىن نېمىلەر چىقىرىلغان؟
- يۈرىكىدىن لەختە قان چىقىرىلغان.
- قارا قان چىقىرىلغان.
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈرىكىدىن چىقىرىلغان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭغا «بۇ شەيتاننىڭ نەسىۋىسى (ۋەسۋەسىسىدۇر)» دېيىلگەن.
- يۈرىكىدىن ئۆچ-ئاداۋەت، دۈشمەنلىك ۋە ھەسەت چىقىرىلغان.
يۈرىكىنى يۇغاندا نېمىلەر ئىشلىتىلگەن؟
- كۆمۈش ئىۋرىق.
- ئالتۇن ئىۋرىق.
- قار بىلەن توشقۇزۇلغان زۇمرەت لىگەن.
- ئالتۇن لىگەن.
يۈرىكىگە نېمىلەر قويۇلغان؟
- ئىمان ۋە ھېكمەت قويۇلغان.
- مېھرى-شەپقەت قويۇلغان.
پەيغەمبەرلىك تامغىسىنىڭ بۇ ئىشلاردىن كېيىنلا ئۇرۇلغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار.
يۈرىكى ئورنىغا سېلىنغاندىن كېيىنكى ئىشلار
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتى بىلەن تارازىدا تارتىلغان.
- يۈزى سارغىيىپ كەتكەن.
- پەرىشتىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇچاقلىغان.
- پىشانىسىگە سۆيۈپ قويغان.
- پەرىشتىلەر ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئۇچۇپ كەتكەن.
- نەق مەيداندا بار بولغان بالىلار بۇ ۋەقەگە شاھىت بولغان ۋە ئىنىكئانىسىغا «مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلدى» دەپ خەۋەريەتكۈزگەن.
- ئىنىكئانىسى يولدىشى بىلەن بىللە نەق مەيدانغا كەلگەن.
- تىكىش ئىزى قالغان. 7
ھازىرقى زامان ئالىملىرى ۋە ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى قاراشلىرى
كىلاسسىك ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، بۇ ۋەقەنىڭ ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەنلىكىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئەمما، بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ناھايىتى ئاز سۆزلەيدۇ. كۆپ قىسمى ۋەقەنىڭ تۆت قېتىم يۈز بەرگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. بىر قىسمى ۋەقەنىڭ ئىككى قېتىملا- بىر قېتىم ئىنىكئانىسىنىڭ يېنىدىكى ۋاقىتتا، يەنە بىر قېتىم ئىسرا-مىئراجنىڭ ئالدىدا- يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 8
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئالىملىرى بۇ ۋەقە ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ۋەقەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر9 ۋە ئاساسلىق ئىسلام تارىخىي مەنبەلىرىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋەقەنى قۇبۇل قىلىش تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. ئەمما، ئاز بىر قىسمى يەنى پەيغەمبەر تەرجىمىھالى تەتقىقاتىدا يېڭىچە يول تۇتقان ئالىملار، ئەقلىيەتچىلەر ۋە شەرىقشۇناسلار ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان. ئەلۋەتتە شەرىقشۇناسلارنىڭ ئىسلامغا تۇتقان پوزىتسىيسى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ۋەقەنىمۇ ھەر دائىمقىدەك خۇراپىي داستان قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن.
تۆۋەندە ئالىملارنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ھەرخىل كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىي
ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يازغان «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»ناملىق كىتابىدا، پەقەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى كۆكرىكىنىڭ يېرىلىشىغا ئالاقىدار رىۋايەتلەرگىلا ئۇرۇن بېرىپ، ۋەقە ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرسىقى ۋەياكى كۆكرىكىنىڭ يېرىلىشى، ئىلاھى سىر. بىز بۇنىڭدىكى ھېكمەتنى بىلەلمەيمىز. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىدا ئىزاھلىغىلى بولمايدىغان بىر قانچە ھادىسە يۈز بەرگەن بولۇپ، كۆكرىكىنىڭ يېرىلىشىمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. بۇ ۋەقەنىڭ سىرىنى بىلەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا ئۇنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ». 10 مەۋدۇدىي ۋەقەنى ھەرخىل تەۋىل قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىپ، «ئىلاھى سىر» دېيىش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن.
مۇھەممەد غەززالى
مۇھەممەد غەززالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى ۋە ئىسرا-مىئراج ئالدىدىكى كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى رىۋايەتلەردە توختىلىپ، ۋەقەنىڭ سىمۋوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن: «ئەگەر يامانلىق ئىنسان بەدىنىدىن ئېلىۋەتكىلى بولىدىغان ئاجىرالما بولغان بولسا ۋە ياكى ياخشىلىق ئايرۇپىلاننى ئۇچۇرىدىغان يېقىلغۇدەك قەلب ئۇزۇقلىنىدىغان ماددا بولغان بولسا، بۇ ۋەقەنى ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەن بويىچە چۈشەنگەن بولاتتۇق. ئەمما ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئىشى ئىنساننىڭ روھىيتىدىكى مەسىلە بولۇپ، يۇقارقى ئەھۋالغا ئوخشىمايدۇ. رىۋايەتلەردىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، ئاللاھتائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك تاللانغان ئىنساننى باشقا ئىنسانلار ئالدىنىپ كىتىدىغان شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىسىگە تاشلاپ قويمىغان. يامانلىق دولقۇنلىرى دۇنيانى قاپلاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ قەلبى-ئاللاھنىڭ ساقلىشى بىلەن- بۇلارغا تەۋرەپمۇ قويمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ كۈرەشلىرى ۋەسۋەسىلەرگە قارىشى مەشغۇل بولۇشتا ئەمەس، يۈكسەكلەرگە ئۆرلەشتە، ئۆزلىرىنى يامانلىقلاردىن پاكلاشتا ئەمەس، كىشىلەرنى يامانلىقلاردىن تازىلاشتا ئىپادىلىنىپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇتتىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: «سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا جىندىن بىر ھەمراھى ۋە پەرىشتىدىن بىر ھەمراھى بەلگىلەنگەن بولىدۇ» دېگەن. ساھابىلەر: ساڭىمۇ شۇنداق بەلگىلەنگەنمۇ؟ دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ماڭىمۇ شۇنداق بەلگىلەنگەن. ئەمما، ماڭا ئاللاھتائالا ئۇلارغا قارشى ياردەم بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ماڭا بوي سۇنغان، ئۇلار مېنى پەقەت ياخشىلىققىلا بۇيرۇيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. 11 شۇڭا كۆكرەك يېرىلىش ۋەقەسى ئاللاھتائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇشۇۋەتكەن مانا بۇ قورغانغا ئىشارەت قىلغان بولۇشى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قورغان ئارقىلىق كىچىكىدىن باشلاپ ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىدىن ۋە دۇنيا ھاياتىنىڭ پاتقاقلىرىدىن ساقلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. مۇپەسسىر خازىن ئىنشىراھ سۈرىسىنىڭ تەپسىرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى «كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى»نى زىكرى قىلغان. «سېنىڭ كۆكسۈڭنى كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟»12 ئايەتتىكى كۆكسىنى كەڭ قىلىش پەرىشتە ياكى دوختۇرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. سۈننەت (ھەدىس) لەردىكى زاھىرى ۋە سىمۋوللۇق ئۇسلۇبلارنى ياخشى چۈشۈنۈشىمىز كېرەك». 13دېمەك، غەززالى ۋەقەنىڭ ئىشەنچىلىك مەنبەلەردە كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلىپ، ئاشكارا ھالدا ۋەقە ئەمەلىيەتتە يۈز بەرمىگەن دېمىسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرنىڭ پەقەت ئىنشىراھ سۈرىسىدىكى «كۆكسىنى كەڭ قىلىش»دېگەن ئايەتنى چۈشۈنۈشتىن كېلىپ چىقىپ، ئەمەلىي تۈس ئېلىپ قالغان سىمۋۇللۇق رىۋايەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
رامىزان بۇتى
رامىزان بۇتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىچىك ۋاختىدىكى كۆكرىكىنىڭ يېرىلىشى ھەققىدە توختالغان. رىۋايەتتىكى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈرىكىدىن شەيتان ۋەسۋەسىسى چىقىرىلغان» دېگەن مەزمۇنلارنى ھازىرقى مېدىتسىنا ئىلمىگە تايىنىپ رەت قىلغان. «كۆكرىكى ئەمەلىيەتتە يېرىلغان ئەمما مەنىۋىيتى ئوپراتسىيە قىلىنغان» دېگەن ئېھتىياتلىق قاراشنى ياقىلاپ، بۇ ھەقتە ئەقلىيەتچىلىك بىلەن پىكىر قىلغۇچىلارغا قاتتىق تەككەن.
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەئەد قەبىلىسىدىكى ۋاقتىدا يۈز بەرگەن كۆكرىكىنىڭ يېرىلىشى ۋەقەسى، پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇنقى ئالامەت ۋە ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت يۈكسەك ۋەزىپىگە تاللىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇركى، بۇ ۋەقەنىڭ ھېكمىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ جىسمىدىن يامانلىق بەزلىرىنى يىلتىزىدىن ئېلىۋىتىش دېگەنلىك ئەمەس. ئەگەر يامانلىق مەنبەسى ئىنسان جىسمىدىكى بىرەر بەز ياكى قاندا بولىدىغان ئىش بولسا، ئەسكى ئادەم ئوپراتسىيە ئارقىلىق ياخشى ئادەمگە ئايلىنالىغان بولاتتى. بۇ يەردىكى ئىلاھىي ھېكمەت شۇكى، ئاللاھتائالا كىشىلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسانلا ئىشىنىپ، پەيغەمبەرلىكىنى تەستىق قىلىشى ئۈچۈن ماددى ۋاستىلەر ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كىچىكىدىن باشلاپ ۋەھيگە ۋە ئىسمەت (گۇناھتىن خالىيلىق) كە تەييارلىغان.شۇڭا بۇ ۋەقە ماددى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان «مەنىۋىيەتنى پاكلاش ئوپراتسىيسى»دۇر.ۋەقەنىڭ ھېكمىتى قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر بۇ رىۋايەتنىڭ سەھىھلىكى ئېنىق. زاھىرى ۋە ھەقىقى مەنىسىدىن يىراقلىشىپ مەنىسىنى يوققا چىقىرىشقا، كاللىغا كەلگەننى زورلاپ تەۋىل قىلىپ ئىزاھلاشقا بولمايدۇ». 14
مۇھەممەد ئەبۇ زۆھرە
مۇھەممەد ئەبۇ زۆھرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىچىك ۋاختىدىكى كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ھەدىسچىلىك نۇقتىسىدىن مۇلاھىزە قىلىپ، رىۋايەتلەردىكى ئىككى نۇقتىغا دىققىتىمىزنى تارتقان ۋە ھەدىسنى قۇبۇل قىلىش-قىلماسلىقتا ئىككىلىنىپ قالغان. بىرىنچى نۇقتا، رىۋايەتتە جىبرائىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈرىكىنى زەمزەم سۈيى بىلەن يۇغانلىقىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار بار. ئەگەر رىۋايەتنى ئىشەنچىلىك دەپ قارىساق، ئۇ ۋاقىتتا ۋەقە زەمزەم سۈيىدىن يىراق يەردە، چۆلدە يۈز بەرگەن بولىدۇ. ئەگەر جىبرائىلنىڭ يېنىدا سۇ بار دېيىلسە، كىچىك بالا ئۇنىڭ زەمزەم ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلىدۇ؟.
ئىككىنچى نۇقتا، رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكىدە تىكىش ئىزىنىڭ بارلىقى سۆزلەنگەن. ئەگەر بۇ رىۋايەت ئىشەنچىلىك بولسا ئەسلى تىكىش ئىزى كۆرۈلمىسە بولىدۇ. چۈنكى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان ئىشنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ.
كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىزتىراپتىن 15 خالى ئەمەس. سەھىھ، ئىشەنچىلىك دەپ پەرەز قىلىنسىمۇ قۇبۇل قىلالمايمىز. ھەقىقەتەن سەھىھ بولغان بولسا قۇبۇل قىلاتتۇق. ئەمما رىۋايەتتىكى ئىزتىراپ (تېكىستىكى خىلمۇ-خىللىق) بىزنى بۇ رىۋايەتلەرنى قۇبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش ئارىسىدا ئىككىلەندۈرۈپ قويماقتا.16
مەۋلانا شىبلى
مەۋلانە شىبلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ئۈستىدە ئىنچىكە توختالغان.رىۋايەتنىڭ سەنەد ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن بالىلىق ۋاقتىدىكى كۆكرىكى يېرىلىش ھەدىسىنى رىۋايەت قىلغان ھەمماد ئىبنى سەلەمە ئىسىملىك كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە خاتىرسىنى يۇقاتقانلىقىنى، ئىمام بۇخارىنىڭ ھەممادنىڭ رىۋايەتلىرىنى قۇبۇل قىلمىغانلىقىنى، ئىمامى مۇسلىمنىڭ ھەممادنىڭ خاتىرسىنى يۇقۇتۇشتىن بۇرۇنقى ھەدىسلەرنى نەقىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. «مەنچە ھەمماد ۋەقە ھەققىدىكى بۇ ھەدىسنى خاتىرسىنى يۇقاتقان ۋاقتىدا رىۋايەت قىلغان» دەپ پەرەز قىلغان. 17
بۇنيامىن ئەرۇل
كۆكرىكى يېرىلىش شەرىق مەدەنىيەتلىرىدە مەۋجۇت ھادىسە. مەسىلەن زەردۇشت ۋە ئۇمەييە ئىبنى ئەبى سۇلتقا ئوخشاش كىشىلەر ھەققىدىمۇ كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەلىرى تارقىلىپ كەلگەن. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى ئادەمنىڭ ئېسىگە قەدىمكى ئىران-شەرق مەدەنىيتى ۋە ئەرەپ مەدەنىيتىدە كەڭ تارقالغان ئەپسانىلەرنى سالىدۇ. بەلكى ئۇمەييە ھەققىدە تارقىلىپ يۈرگەن كۆكرەك يېرىلىش ۋەقەسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى كۆكرەك يېرىلىش ۋەقەسىدىن ئىلھاملىنىپ سۆزلەنگەن ۋە تارقالغان بولۇشى ۋە ياكى ئۇ مەدەنىيەتلەردىكى كىشىلەردىن مۇسۇلمان بولغانلار ياكى زىندىقلار زەردۇشت ۋە ئۇمەييەدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش كۆكرەك يېرىلىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىمۇ يۈز بەرگەن دېگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. پەقەت بىز بىر نەچچە ساھابە تەرىپىدىن ۋە بىر قىسىم مەنبەلەردە زىكرى قىلىنغان بۇ ۋەقەنى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسرا-مىئراج ئالدىدىكى كۆكرىكىنىڭ كەڭ قىلىنىشى» دەپ چۈشىنىمىز، مەنىۋى-سىمۋۇللۇق ۋەقە دەپ قارايمىز. چۈنكى ئىسرا-مىئراج ئالدىدا يۈز بەرگەنلىك رىۋايىتى سەھىھ رىۋايەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەقە ماھىيەت جەھەتتىمۇ ئىسرا-مىئراجغا ئوخشاپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈنلەي سىمۋۇللۇق، مەنىۋىي ئوپراتسىيە شەكلىدە بايان قىلغان بۇ ۋەقەنى كېيىنكى رىۋايەت قىلغۇچىلار تىكىش ئىزلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان دەرىجىدە ماددى تۈسكە كىرگۈزۈپ نەقىل قىلغان. 18
شەرىقشۇناسلار
شەرىقشۇناسلارنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ئاساسەن بىر-بىرىدىن پەرىقلەنمەيدۇ. ھەممىسى دېگۈدەك ۋەقەنى ئىنكار قىلىدۇ.
LEONE CAETANI (لىئون كايتانى)
ئىتالىيلىك شەرىقشۇناس لىئون كايتانى، كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسى مۇسۇلمانلاردىكى داستان بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئىنشىراھ سۈرىسىگە ئۇيغۇن ھېكايە تېپىش ئۈچۈن بۇ ۋەقەنى توقۇغان دەپ قارايدۇ. مۇھەممەدنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولۇپ، بەلكى بۇ ۋەقە ئۇنىڭ كېسىلى تۇتقانلىق سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن بىر قېتىملىق كاللىسىدىكى قۇرۇق خىيالدىن كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. 19
ۋالىم مۇۋۋىر ۋە نىكلىسون
شەرىقشۇناسلاردىن فىرانسۇز تارىخچى نىكلىسۇن ۋە ۋالىم موۋۋىر كۆكرەك يېرىلىش ۋەقەسىگە قايىل بولمايدۇ.موۋۋىر: «ئەينى چاغدا ھەلىمە بىلەن ئېرى بالىنىڭ بىرەر كېسەل بولۇپ قېلىشىغا دىققەت قىلغان. بۇ نېرۋا جەھەتتىكى كېسەل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بالا تۈرگۈن بولغاچقا، ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان كەلتۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ.20
شەرىقشۇناسلارنىڭ بۇ خىل قارىشىنى ھەرگىز قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى مەنبەلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بارلىقى خاتىرلەنمىگەن. تۇتقاقلىق كېسەل بولسا پەقەت كىچىك ۋاقتىدا بىر قېتىملا قوزغالماي كېيىنمۇ قوزغالغان بۇلاتتى. شەرىقشۇناسلارنىڭ بۇ ۋەقەنى تۇتقاقلىق كېسەلدىن بولغان دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبى، «قۇرئان ۋە ھەدىسنى نېرۋا كېسىلى بار مۇھەممەد توقۇغان، ھەر قېتىملىق ۋەھيى كىلىش ھادىسىسى ئەمەلىيەتتە مۇھەممەدنىڭ كېسىلى تۇتقانلىقى» دەپ قۇرئان ۋە ھەدىسكە بىمالال ھالدا تىل تەككۈزۈشكە يول ئېچىشتۇر.
ۋەقەنى رەت قىلىش تەرەپتارى بىر قىسىم ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئەقلى ۋە گۇمانى قاراشلىرى
ۋەقە ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ھەدىسچىلىك نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئەقلىيەتچىلىك ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن كۆزۈتۈپ ۋەقەنى رەت قىلىش تەرەپتارى بولغان بىر قىسىم ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئەقلى ۋە گۇمانى قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاش مۇمكىن:
1- كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىك بېرىلگەن يەھيا ئەلەيھىسسالام ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملار ئۈستىدىن بۇ خىل ئوپراتسىيە ئېلىپ بېرىلمىغان تۇرسا، تېخى پەيغەمبەرلىكىدىن ھېچقانداق بىشارەت بىرىلمىگەن ئۈچ-تۆت ياشلاردىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈستىدىن بۇ خىل ئوپراتسىيە نېمىشقا ئېلىپ بېرىلغۇدەك؟
2- ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى «ئاللاھنىڭ ئۇنى كېلەچەكتە پەيغەمبەر قىلىشقا تەييارلاش ئۈچۈن يېرىلغان» بولسا، ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن بۇ خىل ماددى شەكىلدىكى ئوپراتسىيىگە ئېھتىياج قالدۇرماستىن، ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تەييارلىماسمىدى؟ ئەگەر بۇ خىل ئوپراتسىيە ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قۇيۇش مەخسەت قىلىنغان دېيىلسە، نېمە ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىككى كىچىك بالىدىن باشقا كىشى يوق ئىدى؟ بۇ ئوپراتسىيىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوڭ بولغاندىن كېيىن، باشقا ئىنسانلارمۇ كۆرەلەيدىغان بىر مۇھىتتا ئېلىپ بارغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولماسمىدى؟
3- «ھەر تۇغۇلغان بوۋاق فىترەت (ئىسلام) ئۈستىگە تۇغۇلىدىغان» 21 تۇرسا ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىنىڭ قەلبىدە قايسى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بولسۇن؟
4- ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنىۋىيتىنى پاكلاش ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى يۈرەكتىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بولسا، مەنىۋىيەت كۆكرەكنىڭ ئېچىلىشى، يۈرەكنىڭ يۇيۇلىشى ۋە بىر ئىككى لەختە قاننىڭ ئېلىنىشى قاتارلىق ماددىۋى ئوپراتسىيە بىلەن قانداقمۇ پاكلانسۇن؟ بۇلار ئارىسىدا قانداق باغلىنىشلىق بار؟
5- كىچىك ۋاقتىدا يۈز بىرىپ بولغان ۋەقە نېمە ئۈچۈن ئىككى-ئۈچ قېتىم قايتا تەكرارلىنىدۇ؟
6- ھەر خىل رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈرىكى زەمزەم سۈيى بىلەن، قار سۈيى بىلەن، گۈل سۈيى بىلەن يۇيۇلغان دېگەن بايانلار مەۋجۇت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياكى كىچىك بالىلار سۇنىڭ زەمزەم سۈيى ياكى قار سۈيى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلگەندۇ؟
7- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى يېرىلىپ ئوپراتسىيە تاماملانغاندىن كېيىن، كۆكرىكى تىكىلگەن بولسا كۆكرەكتىكى تىكىش ئىزىنى ئائىشە، سەلىمە، زەينەپ قاتارلىق ئاياللىرى كۆرمەي قانداقسىگە پەقەت ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلا كۆرسۇن؟ ئەگەر راستىنلا كۆكرىكىدە ئىز بولغان بولسا كىچە-كۈندۈز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا بولغان مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن بىرەرسى كۆرگەن ۋە رىۋايەت قىلغان بولماسمىدى؟ پەرىشتىلەر تىككەن يەردە قانداقسىگە تىكىش ئىزى قالسۇن؟ پەرىشتىلەرتىكىش ئىزى چىقارماستىن تىكەلمەمتى؟
8- ۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھيى كەلگەندە يۈز بەرگەن دېگۈچىلەر تۇنجى نازىل بولغان ئەلەق سۈرىسىنىڭ نازىل بولۇش جەريانى ھەققىدىكى سەھىھ رىۋايەتلەرگە قاراپ باقمىغانمىدۇ؟
رىۋايەتلەردىكى بىر قىسىم مۇھىم نوقتىلار
ۋەقەنىڭ ئىنشىراھ سۈرىسىدىكى «كۆكسىنىڭ كەڭ قىلىنىش» ئايىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
كۆپ قىسىم تەپسىر 22 ۋە ئاز بىر قىسىم ھەدىس23 كىتاپلىرىدا كۆكرىكىنىڭ يېرىلىش ۋەقەسىى ئىنشىراھ سۈرىسىدىكى «سېنىڭ كۆكسۈڭنى كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟» دېگەن ئايەتكە باغلاپ چۈشەندۈرۈلگەن ۋە ئايەتتىكى «كۆكسىنىڭ كەڭ قىلىنىشى» كۆكرىكىنىڭ يېرىلىشى دەپ ئىزاھلانغان. ئەمما ئايەتتىكى كۆكسىنىڭ كەڭ قىلىنىشى چوقۇم بۇ ۋەقەگە ئىشارەت قىلغان دەپ كېسىپ ئېيتىش توغرا ئەمەس.24 چۈنكى ئىنشىراھ سۈرىسىدە كۆرسىتىلگىنى نۇقۇل روھى جەھەتتىكى ئىش بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە قانداق ئېلىش، پەيغەمبەرلىك ئېلىپ كەلگەن مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى قانداق كۆتۈرۈش قاتارلىق ئەندىشىلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ كۆكسىنى كەڭ قىلىش ئارقىلىق يۇقۇتىشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە لۇغەت جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ «كۆكسىنىڭ كەڭ قىلىنىشى» بىلەن «كۆكرىكىنىڭ يېرىلىشى» ئىككىسى ئىككى گەپ. ئايەتتىكى كۆڭۈلنىڭ كەڭ قىلىنىشى كىلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان تەپسىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك «كۆڭۈلنىڭ ئىمان، ئىلىم-ھېكمەت ۋە ھىدايەت نۇرلىرىغا تولدۇرۇلۇشى» دېگەن مەنالاردا ئىزاھلانغان. ئىنشىراھ سۈرىسىدىكى «كەڭ قىلىنىش» نى «ماددى جەھەتتىكى كەڭ قىلىنىش» دەپ چۈشەندۈرگەن رىۋايەتلەر ساغلام رىۋايەتلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ.
شەيتاننىڭ نەسىۋىسى
ۋەقەگە ئالاقىدار رىۋايەتلەردە پەرىشتە جىبرائىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكىنى يارغاندىن كېيىن، ئىچىدىن لەختە قان ئېلىپ «بۇ سەندىكى شەيتاننىڭ نەسىۋىسىدۇر» دېگەن مەزمۇنلار بار.
بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن بۇرۇنمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشىمايدىغان پەرىقلىق ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قاراشلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە: «سەن، مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن دېگىن» 25دېگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ھەر تۇغۇلغان بۇۋاق فىترەت (ئىسلام) ئۈستىگە تۇغۇلۇدىغان» 26تۇرسا گۇناھسىز بالىنىڭ قەلبىدە قايسى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بولماقچىدى؟!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكى يېرىلغاندا ئۈممەتلىرى بىلەن تارتىلغانلىقى
ۋەقەگە ئالاقىدار رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بىلەن تارتىلغانلىقى بايان قىلىغان. بۇنىڭ توغرا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممەتلىرى بىلەن تارتىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسا، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا پەيغەمبەر بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇن «كىتاپ نېمە، ئىمان نېمە بىلمەيتتى» 27 ھەمدە «قۇرئاننىڭ ئۆزىگە نازىل قىلىنىشىنى ئۈمۈدمۇ قىلمىغان». 28
خۇلاسە
ۋەقە ھەققىدىكى قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغان ئاساسلىق قاراشلار
- ۋەقە پەقەت بىرلا قېتىم ئىسرا-مىئراج ئالدىدا يۈز بەرگەن.
- بۇ ۋەقەلەر بىر خىل سىر.
- ئەمەلىيەتتە يۈز بەرمىگەن، ئەمما سىمۇۋۇللۇق مەنىلەرگە ئىگە.
- ئىنشىراھ سۈرىسىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن كىلىپ چىققان رىۋايەتلەر.
ۋەقە ھەققىدىكى ئوتتۇرىھال ھەم ئەقىلگە ئۇيغۇن پىكىرنى تېپىشقا ئۇرۇنساق، ۋەقەنىڭ بالىلىق ۋاقتىدا يۈز بەرمەي پەقەت بىر قېتىملا يەنى ئىسرا-مىئراج ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتالايمىز. 29 چۈنكى ئىسرا-مىئراج ئالدىدىكى رىۋايەتلەر تېخىمۇ ساغلام. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرا-مىئراج ۋەقەسى ئادەتتىن تاشقىرى بىر مۆجىزە. بۇ ئادەتتىن تاشقىرىلىققا كۆكرەكنىڭ يېرىلىشىدىن ئىبارەت ئالاھىدە ۋەقەنى باغلاپ چۈشۈنىشىمىز تېخىمۇ قۇلاي. 30 ئىسرا-مىئراجدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئالەمدىن ھالقىپ چىققان.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى رېئاللىقتىن ھالقىغان ئالەمگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆكرىكى يېرىلىپ، بىز ماھىيتىنى بىلمەيدىغان بىر خىل ئوپراتسىيە پائالىيتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىن.31 ئەقلىيەتچىلىك بىلەن بىر قەدەم ئالدىغا چىقىپ چۈشۈنۈپ باقساق، بۇ قاراشقا سۈنئىي ھەمراھ ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى بەدەن مەشىقلىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. ھەم، ئەلۋەتتە بۇ رېئال ئالەمگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ئالەمگە ئۆتۈشتە بىزنىڭ بۇ ئالەم ئۈچۈنلا يارىتىلغان بەدىنىمىزنىڭ ئۆزگۈرىشى ئېنىق. مەسىلەن، ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىدە جەننەت ئەھلى نېئمەتنى، دۇزاخ ئەھلى ئازابنى ئۆز بەدىنىدە تېتىيدۇ. «ئۇلارنىڭ تىرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تىرە يەڭگۈشلىنىدۇ». 32 ئەمما، ئۇ بەدەن بۇ دۇنيادىكى بەدەن ئەمەس، شۇ ئالەمگە لايىق بىر بەدەندۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ ئىسرا-مىئراجغا بولغان قارىشىمۇ «ھەم بەدىنى ھەم روھى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سەپەر» 33 ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئەمەس، ئىسرا-مىئراج مۆجىزىسى ئالدىدا كۆكرىكىنىڭ يېرىلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن. رىۋايەت تەرىپىدىن قارىساقمۇ سەھىھ 34،ئىشەنچىلىك ۋە ساغلام رىۋايەتلەردۇر. ۋەقەنىڭ پەقەت بىر قىسىم تارماق نۇقتىلىرىدا زىتلىقلار مەۋجۇت. ئەمما ۋەقەنىڭ ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەنلىكىگە ھېچقانداق شۈبھىمىز يوقتۇر. ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
نەقىل ۋە ئىزاھاتلار:
1 ئىمامى بۇخارىي، ىحيح البخاري (سەھىيھۇ،ل-بۇخارىي). ئىمامى مۇسلىم ىحيح مسلم (سەھىھۇ مۇسلىم). نەسائى، سنن الكبرى (سۈنەنۇ،ل-كۇبرا). ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مسند أحمد (مۇسنەدى ئەھمەد). ئىبنى ھىشام، سيرە ابن ەشام (سىيرەتۇ ئىبنى ھىشام). ئىبنى سەئەد الطبقات الكبرى (ئەت-تەبەقاتۇ،ل-كۇبرا). ئىبنى سەييىدى،ن-ناس،عيون الأڭر (ئۇيۇنۇ،ل-ئەسەر). سۇيۇتى، الخىائى الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-كۇبرا). بەيھىقى دلائل النبوە (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋە)، سنن الىغير(سۈنەنۇس-سەغىير). ھەلەبىي، السيرە الحلبيە (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھەلەبىييە). ئەبۇ،ل-ھەسەن ئەل-ماۋەردى، أعلام النبوە (ئەئلامۇ،ن-نۇبۇۋۋە). ئىبنى كەسىر، سيرە ابن كڭير (سىيرەتۇ ئىبنى كەسىر).
2 يۇقارقى مەنبەلەر.
3 ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسكە ئاساسەن.
4 ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسكە ئاساسەن.
5 ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسكە ئاساسەن.
6 بۇخارىنىڭ كىتابۇ،ل-مەناقىب تا ئەنەس ئىبنى مالىكتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىگە ئاساسەن.
7 ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل «مۇسنەد» ناملىق ھەدىسلەر توپلىمىدا ئەنەس ئىبنى مالىكتىن «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆكرىكىدە بىر تىكىش ئىزىنىڭ بارلىقى ۋە ئەنەسنىڭ بۇ تىكىش ئىزىنى كۆرگەنلىكىنى»رىۋايەت قىلىدۇ. باشقا بىر رىۋايەتتە «جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ۋەقەدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز قالغان يىرىنى سىلاپ ئىزنى يۇقاتقانلىقى» بايان قىلىنماقتا.
8 بەيھىقى دلائل النبوە (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋە) دە ۋەقەنىڭ ئىككى قېتىم يۈز بەرگەنلىك ئېھتىمالى بارلىقىنى يازغان. ئىبنى ھەببان ئۆزىنىڭ سەھىيھ ھەدىسلەر توپلىمىدا ئەبۇ ھاتەمنىڭ ۋەقەنىڭ ئىككى قېتىم يۈز بەرگەنلىككە ئالاقىدار قارىشىنى نەقىل قىلغان. (ىحيح ابن حبان سەھىھۇ ئىبنى ھەببان 14-توم 243-بەت.
9 ھازىرقى زامان ھەدىسشۇناسلىرىدىن مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىق ۋاختىدىكى ۋە ۋەھيى كەلگەندىكى كۆكرىكى يېرىلىش ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ساغلام دەپ بېكىتكەن. ئىسرا-مىئراج ئالدىدىكى كۆكرىكى يېرىلىش ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى بولسا تېخىمۇ ساغلام دەپ بېكىتكەن بولۇپ ئۇ ھەدىسلەر ئىمامى بۇخارىي ۋە مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىسلەردۇر. (مۇھەممەد ئىبنى فۇتۇھ ئەل-ھەمىدي، الجمع بين الىحيحين البخاري والمسلم(ئەل-جەمئۇ بەينەس-سەھىيھەين ئەل-بۇخارىي ۋە،ل-مۇسلىم). (مۇھەممەد ناسىرۇددىن ئەلبانى، السلسلە الىحيحە (ئەس-سىلسىلەتۇ،س-سەھىيھە. ىحيح السيرە النبويە (سەھىيھۇ،س-سىيرە). ىحيح الجامع (سەھىھۇ،ل-جامىئ).
10 ئەبۇ،ل-ئەلا مەۋدۇدىي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى، تۈركچە تەرجىمىسى.
11 ئىمامى مۇسلىم ىحيح مسلم (سەھىھۇ مۇسلىم).
12 سۈرە ئىنشىراھ 1-ئايەت.
13 مۇھەممەد غەززالى، فقە السيرە (فىقھۇ،س-سىيرە)، 50~52-بەتلەر. شۇرۇق نەشىرياتى.
14 رامىزان بۇتى فقە السيرە (فىقھۇ،س-سىيرە).
15 مۇزتەرىپ- مەيلى سەنەدى بولسۇن ۋە مەيلى تېكىستى بولسۇن بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خىلمۇ-خىل رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس.
15 مۇھەممەد ئەبۇ زۆھرە، خاتم النبيين (ئاخىرقى پەيغەمبەر)، 154-بەت. ھ 1400-يىل. قاتار.
17 مەۋلانە شىبلى نۇئمانىي، سائادەت ئەسرى. تۈركچە نۇسخىسى.
18 Bünyamin Erul, \"Hz. Peygamber\'in Risalet Öncesi Hayatına Farklı Bir Yaklaşım\" Diyanet İlmi Dergi, Peygamberimiz Hz. Muhammed (Özel Sayı), Ankara 2001
بۇنيامىن ئەرۇل«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇنقى ھاياتىغا ئوخشىمىغان نوقتىدىن نەزەر». تۈركىيە دىيانەت ئىلمى ژورنىلى 2001-يىل ئەنقەرە
19 لىئون كايتانى، Annali delî\'lslam ئىسلام تارىخى.
20 موۋۋىر «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى». نىكلىسون، ئەرەپ ئەدەبىياتى تارىخى.
21 ئىمامى بۇخارىي، ىحيح البخاري (سەھىيھۇ،ل-بۇخارىي). ئىمامى مۇسلىم ىحيح مسلم (سەھىھۇ مۇسلىم).
22 تەپسىرلەردە (ئىبنى ئەتىييە. خازىن. رازى. ئىبنى جەزى. ئەل-لۇباب. سەمەرقەندى. ئەلۇسى. تەنتاۋى.)ئاساسەن بۇ قاراش ئىبنى ئابباس ۋە بىر تۈركۈم ئالىملارنىڭ قارىشى دەپ نەقىل قىلىنغان.
23 تىرمىزى، سنن الترمذي (سۈنەنۇ،ت-تىرمىزى)، كىتابۇ،ت-تەفسىر.
24 ئەبۇ،ل-ئەلا مەۋدۇدىي، تەفھىمۇ،ل-قۇرئان، ئىنشىراھ سۈرىسىنىڭ تەپسىرى.
25 سۈرە فۇسسىلەت 6-ئايەت.
26 ئىمامى بۇخارىي، ىحيح البخاري (سەھىيھۇ،ل-بۇخارىي). ئىمامى مۇسلىم ىحيح مسلم (سەھىھۇ مۇسلىم).
27 سۈرە شۇرا 52-ئايەت.
28 سۈرە قەسەس 86-ئايەت.
29 مەۋلانە شىبلى نۇئمانىي، سائادەت ئەسرى. تۈركچە نۇسخىسى.
30 بۇنيامىن ئەرۇلنىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇنقى ھاياتىغا ئوخشىمىغان نوقتىدىن نەزەر». تۈركىيە دىيانەت ئىلمى ژورنىلى 2001-يىل ئەنقەرە.
31 پىروفىسسور، دوكتور ئەھمەد ئۆنكالنىڭ «ئىسلام تارىخى مەسىلىلىرى» ناملىق دەرسىدىن خاتىرىلەر.
32 سۈرە نىسا 56-ئايەت.
33 مۆتىۋەر تەپسىرلەردىن سۈرە ئىسرا بىرىنچى ئايىتىنىڭ تەپسىرىگە ۋە ئىسرا-مىئراج ھەققىدىكى ئەقىدە كىتاپلىرىغا قارالسۇن.
34 سەھىھۇ،ل-بۇخارىدا ئىسرا-مىئراج ئالدىدىكى كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەسىلا زىكرى قىلىنغان. بالىلىق ۋاختىدىكى، ئون ياش ۋاختىدىكى ۋە تۇنجى ۋەھيى كەلگەندىكى كۆكرىكى يېرىلىش ۋەقەلىرى زىكرى قىلىنمىغان.
ئاپتۇر شىنجاڭ ئىسلام ئېنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. تۈركىيە سەلجۇق ئۇنۋېرسىتتى ئىجتىمائى پەنلەر ئېنىستىتۇتى ئىسلام تارىخى بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق دەرىسلىرىنى تاماملىغان.
تور مەنبەسى: ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى