- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 74
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 2190
- تىزىملاتقان
- 2010-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-29
- UID
- 7294
- يازما
- 74
- تېما
- 35
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 2190
- تىزىملاتقان
- 2010-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-29
- توردا
- 84 سائەت
|
ئەمەۋىيلەر دۆلىتى
ئەمەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۈفيان ئەمەۋىيلەر ياكى ئۇمەييە جەمەتىگە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۆلەت «ئەمەۋىيلەر دۆلىتى» دەپ ئاتالغان. ئۇمەييە جەمەتى مەككىدىكى چوڭ ۋە باي جەمەت ئىدى. مۇئاۋىيەنىڭ چوڭ دادىسى ئۇمەييە جاھىلىيەت دەۋرىدە مەككىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرى بولۇپ مەككە قۇشۇنىغا قۇماندانلىق قىلاتتى. ئۇمەييەنىڭ ئوغلى ھەرب فىجار ئۇرۇشىدا قۇرەيش قەبىلىسى قۇشۇنىغا قۇماندانلىق قىلغان. مۇئاۋىيەنىڭ دادىسى ئەبۇ سۈفيان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە ئىسلام دىننى تەشۋىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كاتتىۋىشى ئىدى. ئەبۇ سۈفيان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن بولۇپمۇ بەدر ئۇرىشى(2/624) دىن كېيىن مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلانغان ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا قۇرەيش قۇشۇنىغا قۇماندانلىق قىلغان. ھىجىريە 8- (630) يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى پەتھ قىلغاندىن كېيىن ئەبۇ سۈفيان ئائىلىسى بويىچە ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بىرى ئۇمەييە جەمەتى بىلەن چىقىشالماي كىلىۋاتقان ھىشام جەمەتىدىن چىققانلىقى ۋە ئۇمەييە جەمەتىنىڭ مۇشرىك مەككە خەلقى ئىچىدىكى ئورنى سەۋەبىدىن بۇ جەمەت ئىسلام دىننى كىچىكىپ قۇبۇل قىلغان. ئەبۇ سۈفيان ئائىلىسى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ جەمەتنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىشلىرىنى تەگەپ ئولتۇرماستىن ئۇلارغا نۇرغۇن ھەدىيەلەر بەرگەن ۋە ھەرخىل مەنسەپلەرگە تەيىنلىگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تۇنجى خەلىپە ئەبۇ بەكىرنىڭ زامانىدا سۈرىيەنى پەتىھ قىلىش ئۈچۈن ئۈچ قۇشۇن تەشكىللىنىپ سۈرىيەگە ئەۋەتىلىدۇ (13/634). بۇ قۇشۇننىڭ بىرىنىڭ قۇماندانى ئەبۇ سۈفياننىڭ ئىككى ئوغلى يەزىد ئىبنى ئەبۇ سۈفيان بىلەن مۇئاۋىيە ئىبنى سۈفيان ئىدى. بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ قۇشۇنى سۈرىيە ۋە ئەتىراپىدىكى رايۇنلارنىڭ پەتھ قىلىنىشىغا چوڭ تۆھپىلەرنى قۇشقان. ھىجرىيە 18- (639) يىلى سۈرىيەدە تارقالغان ۋابادا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇشۇنىدىن 25000 ئەسكەر ئۆلىدۇ. قۇشۇننىڭ باش قۇماندانى ئەبۇ ئۇبەيدەمۇ ۋابادا ئۆلىدۇ ۋە ئورنىغا تەيىنلەنگەن مۇئاز ئىبنى جەبەل بىلەن يەزىد ئىبنى ئەبى سۈفيانمۇ ئارقا-ئارقىدىن ۋاپات بولىدۇ. يەزىد ئىبنى ئەبى سۈفيان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئاۋىيەنى قۇشۇننىڭ باش قۇماندانلىقىغا تەيىنلەيدۇ كېيىن شامنىڭ ۋالىسى قىلىپ بېكىتىدۇ.
20/640-يىلى مۇئاۋىيە شامنىڭ ۋالىلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن سۈرىيەدىكى باشقا فەتىھ قىلىنمىغان رايۇنلارنى خەلىپە تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قۇشۇنلارنىڭ ياردىمى بىلەن پەتىھ قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنىغا قۇشۇدۇ. سۈرىيەدە مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنى تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن ھەزرىتى ئۆمەردىن قىبرىس (سىپروس) ئارىلىنى پەتىھ قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سۇرايدۇ. ئەمما ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنىڭ دېڭىز ئۇرۇشلىرىدا تەجرىبىسىنىڭ يوقلىقىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئامانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇئاۋىيەگە رۇخسەت بەرمەيدۇ. مۇئاۋىيە خەلىپىدىن رۇخسەت ئالالمىغاندىن كېيىن ھازىرقى ئاناتولىيە زېمىنىغا ياز-قىش ئۆزلۈكسىز ھەربىي يۇرۇش قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يۇرۇشلەردىن نۇرغۇن غەنىمەت ئالغان مۇئاۋىيە سۈرىيەدە قۇشۇنىنى كېڭەيتىدۇ ۋە سۈرىيەدىكى ئەڭ چوڭ قەبىلە كەلب قەبىلسىگە كۆيئۇغۇل بولۇپ كىرىپ سۈرىيە خەلقىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. يىگىرمە يىل ۋالىيلىق قىلىش نەتىجىسىدە مۇئاۋىيە ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە كۈچلىنىدۇ ۋە خەلىقنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئىرىشىدۇ.
ئۇمەييە جەمەتىدىن بولغان ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىك تەختىگە چىققاندىن كېيىن مۇئاۋىيە سۈرىيەدە تېخىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەردىن ئالالمىغان دېڭىز يۇرىشى رۇخسىتىنى ھەزرىتى ئوسماندىن ئالىدۇ. 28/648 ۋە 33/653- يىلى قىبرىس (سىپروس) ئارىلىنى ئىككى قېتىم ئالىدۇ. ھەزرىتى ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرقى ئالتە يىلىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پەيدا بولغان ئىچكى مالىمانچىلىقتا باشقا ئۇمەييە جەمەتىگە مەنسۇپ ۋالىلەرگىمۇ ۋە مۇئاۋىيەگىمۇ قارىشى ئۆكتىچىلەر بار ئىدى. 35/656-يىلى ھەزرىتى ئوسمان ئۆز ئۆيىدە ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغاندىن كېيىن ئورنىغا ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولۇپ سايلىنىدۇ.
ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولغاندىن كېيىن ئۇمەييە جەمەتى بولۇپمۇ مۇئاۋىيە ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنى قۇبۇل قىلمايدۇ. ئۇمەييە جەمەتىنىڭ بىر قىسمى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنى قۇبۇل قىلمىغان باشقا ئۆكتىچىلەر بىلەن بىرلىشىپ 36/656-يىلى ئەلىگە قارىشى جەمەل (تۆگە) ئۇرۇشىنى قوزغايدۇ ۋە مەغلۇپ بولىدۇ. پۈتۈن سۈرىيەنى باشقۇرۇۋاتقان مۇئاۋىيە بۇ ئۇرۇشقا قاتناشمىسىمۇ خەلىپىگە بەيئەت قىلمىغانلىقى ۋە بەيئەت قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 37/657-يىلى سىففىندە ھەزرىتى ئەلىنىڭ قۇشۇنى بىلەن ئۈچىرىشىدۇ. تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا مۇئاۋىيەنىڭ قۇشۇنى مەغلۇب بۇلاي دەپ قالغاندا ئەمىر ئىبنى ئاس، لەشكەرلىرىدىن بىر قانچىسىگە قۇرئاننى نەيزىنىڭ ئۇچىغا قاداپ ئېگىز كۆتىرىشكە بۇيرىدۇ. ئەسكەرلەر بۇيرۇق بويىچە قۇرئاننى نەيزىگە قاداپ ئىگىز كۆتۈرىدۇ. بۇنداق قىلىش «ئارىمىزدا ئاللا ھۆكۈم چىقارسۇن» دېگەنگە ئىشارەت ئىدى. بۇ ئەھۋال ھەزرىتى ئەلىنىڭ قۇشۇنىنى ئىككىگە بۆلىۋىتىدۇ. قۇشۇننىڭ بىر قىسمى داۋاملىق ئۇرۇشىشنى تاللايدۇ يەنە بىر قىسمى بولسا ئۇرۇش دەرھال توختۇتۇلۇپ مۇئاۋىيە بىلەن كېڭىشىش تەكلىپىنى بىرىدۇ. نەتىجىدە ئۇرۇش توختايدۇ ۋە ئىككى تەرەپ ئۆز تەرىپىدىن ۋەكىل سايلاشقا، ۋەكىللەر كىمنىڭ خەلىپە بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە قۇرئاننىڭ مەزمۇنى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا قوشۇلىدىغانلىقلىرى ئۈستىدە ئۆز- ئارا پۈتۈشىدۇ.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن مۇئاۋىيە مەدىنىدىكى پىشقەدەم ساھابىلەرگە ئۆزىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ مەكتۇپ يوللايدۇ.ھەزرىتى ئەلىنىڭ ۋالىيلىرى بىلەن مۇكتۇپ يېزىشىپ ئاساسسىز پاكىتلار بىلەن ۋالىيلەرنىڭ ئەلىگە بولغان ئىشەنچىسنى ئاجىزلاشتۇرۇدۇ.38/658-يىلى ئەزرۇھتىكى ھەكەم (ھۆكۈم چىقىرىش) ۋەقەسى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمايدۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئەبۇ مۇسا ئەل-ئەشەرىنى، مۇئاۋىيە ئەمىر ئىبنى ئەل-ئاسنى ئۆز تەرىپىدىن ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەبۇ مۇسا ئەل-ئەشەرى ئەمىر ئىبنى ئەل-ئاسنىڭ ھىلىسىگە ئالدىنىپ ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنى خەلىپىكتىن قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. ئەمىر ئىبنى ئاس بولسا مۇئاۋىيەنىڭ خەلىپىلىكىنى مۇقىملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئېنىقكى بۇنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ تەرەپدارلىرى قۇبۇل قىلمايدۇ. ئەمىر ئىبنى ئاسنىڭ ھىلىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى قارشىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ۋەزىيىتىدە چوڭ بۇرۇلۇش پەيدا قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەلى بۇ سەۋەپتىن سىففىندە ئۇرۇشنىڭ توختۇتۇلۇپ بۇ ئىشقا سەۋەپ بولغان خاۋارىجلەرگە قارىشى كۈرەش باشلايدۇ.ئەلىنىڭ بۇ كۈرىشى 40/660 بىر خاۋارىج پىدائىيسىنىڭ ئەلىنى قەتلى قىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
38/658-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈم چىقىرىش ئىشىدىن كېيىن مۇئاۋىيە دۆلەتنى پۈتۈنلەي قۇلىغا ئېلىش ئۈچۈن بار كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ.شۇ يىلى مىسىرنى پەتىھ قىلىپ ئەمر ئىبنى ئەل-ئاسنى مىسىرغا ۋالى قىلىپ تەيىنلەيدۇ.قۇشۇن تەييارلاپ ھەزرىتى ئەلىنڭ ھاكىمىيتى ئاستىدىكى ئىراق، ھىجاز، يەمەن ۋە ئىرانغا ئەۋەتىپ مەركىزى ھۆكۈمەتنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ھەزرىتى ئەلى خاۋارىجلەر تەرىپىدىن قەتلى قىلىنمىغان بولسا ئىككى يىل ئۈزلۈكسىز داۋاملاشقان مۇئاۋىيەنىڭ بۇ ھەربىي يۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە بەلكى ھەزرىتى ئەلىنىڭ قولىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇئاۋىيەنىڭ قۇلىغا ئۆتۈپ بولار ئىدى.
ھەزرىتى ئەلى قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن مۇئاۋىيە ھاكىمىيەتنى ئاسانلا قولغا ئېلىشقا باشلايدۇ. ئىراقلىقلار تەرىپىدىن ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئورنىغا خەلىپە سايلانغان ئەلىنىڭ چوڭ ئوغلى ھەسەن ئىراقلىقلارنىڭ ھۇرۇنلىقى ۋە بىپەرۋالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇئاۋىيەگە قارىشى كۈرەش قىلىشتىن ۋاز كىچىدۇ.ئالتە ئايغا يېقىن خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇرغان ھەسەن 41/661-يىلى مەسكىندە كېلىشكىنى بويىچە خەلىپىلىكنى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبى سۈفيانغا ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلىپىلىك بۇ تارىختىن باشلاپ بىر ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن ئەمەۋىيلەرگە ئۆتىدۇ.
نەشرىگە تەييارلىنىش ئالدىدىكى "ئەمەۋىيلەر" ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى. تەييارلىغۇچى مەھزۇن |
|