تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4567|ئىنكاس: 38

پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
295
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8306
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-9
توردا
74 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 23:35:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا

 

  ئەفىيفىي

 

( ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )

 

پەيغەمبەرلەر شەجەرىسى
 

 

ئادەم ئەلەيھىسسالام :ئىنسانلارنىڭ بوۋىسى بولۇپ، مىڭ يىل ياشىغان. ئۆز ئەۋلادلىرىغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن . ئادەم ئەلەيھىسسالام قىسسىسىنى تۆۋەندىكى يەتتە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن :

1-                                ئۇنى يارىتىشتىكى مەقسەت زېمىنغا خەلىپە (ئورۇنباسار ) قىلىش؛
2-           مانا بۇ يېڭى مەخلۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى شۇكى، ئۇ ھەقىقەتنى- مەرىپەتنى تونۇشقا قادىردۇر ؛

3-                                 ئادەم بىلەن ئىبلىس ئارىسىدىكى توقۇنۇش ؛

4-                                 ئىنسانىيەت ئانىسى ھەۋۋا بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكايىسى ؛

5-                                ئادەمنىڭ مۇكەللەف ( شەرىئەتكە تەكلىپ قىلىنغان ) مەخلۇق بولغانلىقى ؛
6-                                 زېمىنغا چۈشۈرۈلۈش ؛

7-                                يەر يۈزىدىكى يېڭى ھايات.

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىلىرى ئىنسانلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچى بولماقتا ...

ئىدرىس ئەلەيھىسسالام:سەكسەن ئۈچ يىل ياشىغان. بابىللىقلارغا ئاندىن مىسىرلىقلارغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇ، ئادەم ۋە شىس ئەلەيھىمەسسالامدىن كېيىن پەيغەمبەرلىك ئەۋەتىلگەن تۇنجى كىشىدۇر. ئۆلىمالار ئۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت ھەققىدە ھەرخىل قاراشلارغا ئىگە. بەزىلەر ئىدرىس ئەلەيھىسسالام بابىلدا تۇغۇلغان دېسە، يەنە بەزىلەر مىسىردا تۇغۇلغان دەيدۇ. ئۇ تۇنجى ئىلىمنى كىچىك چاغلىرىدا شىس بىننى  ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئالغان . ئۇنىڭ ئىسمى «ھۇرمۇس» دېيىلىدۇ. بۇ ئىبرانىيچە«ئەخنۇخ » دېگەنلىك بولىدۇ. ئاللا ئۇنى روشەن  ئەرەبچە قۇرئاندا ئاتىغىنى بولسا «ئىدرىس» دېگەن ئىسىمدۇر. ئۇ ئاللاغا دەۋەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە شەھەر قۇرۇلۇش مەدەنىيىتىگە تۇنجى قېتىم ئۇل سالغان. تۇنجى قېتىم  شەھەر مەدەنىيىتى سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان .

نوھ ئەلەيھىسسالام : مىلادىدىن بۇرۇنقى 3900- يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2900- يىلغىچىلىك تەخمىنەن 1000يىل ياشىغان . بەنى راسىبلارغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. ئەينى چاغدا كىشىلەرگە ئۈلگە بولغۇدەك دەرىجىدە ياشىغان بەش كىشى بولۇپ، ئىنسانلار ئۇلارنى خاتىرىگە ئېلىش يۈزىسىدىن ئويمىلىرىنى ياساپ چىققان. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ بۇتپەرەسلىككە ئۆزگىرىپ كەتكەن. مانا بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى بۇتپەرەسلىكتۇر. نۇھ ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا پەيغەمبەر قىلىنىپ  ئەۋەتىلگەن. نوھ ئەلەيھىسسالام بەنى راسىبلار ئارىسىدا 950 يىل دەۋەت  ئېلىپ بارغان. ئازغىنا ئىنسانلاردىن باشقىلار ئىمان ئېيتمىغان، ئۇلار ئاللانىڭ غەزىپىگە دۇچار بولۇپ، توپان بالاسىدا غەرق بولغان. بۇ توپان بالاسىنىڭ قانچىلىك ۋاقىت يۈز بەرگەنلىكى مەجھۇلدۇر. كېيىن نۇھ ئەلەيھىسسالام ئازغىنا ئىنسانلار ئارقىلىق يەرشارىنى قايتا قۇرۇپ چىقماقچى بولغان.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام:«پەيغەمبەرلەرنىڭ بوۋىسى»دەپ ئاتالغان. بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەۋلادىدۇر . ئۇ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1861- يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1686- يىلغىچىلىك 185يىل ياشىغان. «ئەۋر» دېگەن يۇرتتىكى كەلدانلىقلارغا ۋە بابىللىقلارغا  ئەۋەتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇتقا، ئاسمان جىسىملىرىغا، شەخسلەرگە ئىبادەت قىلىدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئۇ پەلەستىن، مىسىر، شام، ئەرەب يېرىم ئاراللىرىدا دەۋەت ئېلىپ بارغان. ئۇنى كۇففارلار ئوتتا كۆيدۈرمەكچى بولغاندا، ئوت ئۇنىڭغا سالقىنلىق بەخش ئەتكەن. ئىسلام دىنى، يەھۇدىي دىنى، خرىستىئان دىنىدا بولسۇن، ئۇنىڭ ئورنى ھەقىقەتەنمۇ زوردۇر. ئاللا ئۇنى «ئەڭ يېقىن دوستۇم» دەپ ئاتىغان. ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەي ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ئاللا رىزالىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى بولغان. قۇربانلىق قىلىش شۇ دەۋردىن باشلانغان. ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئوغلىدۇر.

لۇت ئەلەيھىسسالام:قانچىلىك ياشىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1861- يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1686- يىلىغىچىلىك ياشىغان. ئۇ تاغىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھىدايىتىگە ئەگەشكەن. كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىراقتىن ھىجرەت قىلىپ چىققان. ئاللا ئۇنى  ئۆلۈك دېڭىزنىڭ يېنىدىكى ئوردۇننىڭ شەرقىدە ياشايدىغان سەدۇم ئەھلىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. بۇ كىشىلەر ئىنتايىن ئەسكى ئىش قىلىدىغان ئىنسانلار بولۇپ، ئاللا ئۇلارغا تاش ياغدۇرۇش ئارقىلىق ھالاك قىلغان. لۇت ئەلەيھىسسالام ئامان قالغان. بەزى ئارخېئولوگلار ئۆلۈك دېڭىز ئاستىدا لۇت قەۋمى ياشىغان دەۋردىكى قالدۇق ئاسارئەتىقىلەرنى بايقىغان.

ھۇد ئەلەيھىسسالام: ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سامغا بېرىپ تۇتىشىدۇ . ئۇ  تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2500- يىللىرىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2200- يىللىرىغىچىلىك بولغان يىللار ئارىسىدا 150يىل ياشىغان . ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەمالىقەلەردىن بولغان چوڭ قەبىلەئاد قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. ئاد قەۋمى  بىر بوۋىسىنىڭ ئىسمى بىلەن «ئاد قەۋمى» دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئېگىز سېپىللەرنى، قەسىرلەرنى سېلىشاتتى. ئويۇن-تاماشىغا بېرىلگەن ئىدى. بۇتلارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇلار ھۇد ھىدايىتىگە پەرۋا قىلمىغان، ئاللا ئۇلارغا ئالدى بىلەن قەھەتچىلىكنى ئاندىن بوران ئاپىتىنى ئەۋەتكەن. ئاد قەۋمى ھالاك بولغاندىن  كېيىن ھۇد ئەلەيھىسسالام ھەزرىمەۋتتە تۇرغان، ئۇ ھەزرىمەۋتنىڭ شەرق تەرىپىگە دەپنە قىلىنغان . پەلەستىنلىكلەر ئۇنىڭ قەبرىسى پەلەستىندە دېيىشىدۇ . توغرىسى ئالدىنقى قاراشتۇر .

سالىھ ئەلەيھىسسالام : تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000- يىللىرىدىن 1900- يىللىرى ئارىسىدا 57يىل ياشىغان . شام بىلەن يەمەن ئارىسىغا جايلاشقان ھىجر دېگەن يۇرتتا ياشايدىغان سەمۇد ئەھلىگە پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن . سەمۇدلار ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن بۇرۇن ياشىغان . ئۇلارغا ئاللا كۆپ نېمەت بەرگەن بولۇپ، ئۇلار تاغلارنى پارچىلاپ ئەكېلىپ ئۆيلەرنى سېلىشاتتى. ئاللا سالىھ  ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزىلىك تۆگىنى مۆجىزە قىلىپ بەرگەن. قەۋمى ئۇنىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالماي، تۆگىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئاللا ئۇلارنى ئۈچ تۈرلۈك ئازاب بىلەن ھالاك قىلغان. سالىھ ئەلەيھىسسالام قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن «رەملە» دېگەن يەرگە، پەلەستىن تەرەپلەرگە كەتكەن، ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە ئاي ياشىغان .

شۇئەيب ئەلەيھىسسالام:شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ زىكرى قۇرئاندا ئون يەردە كېلىدۇ. قانچىلىك ياشىغانلىقى ئېنىق ئەمەس . تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 15- ، 16-ئەسىرلەر ئارىسىدا ياشىغان. «ئەسھابۇل ئەيكە » دەپ ئاتىلىدىغان مەديەن ئەھلىگە پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. بۇ لۇت ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى دەۋر ئىدى. ئەھلى مەديەن ئەرەب ئىدى. ئۇلار تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، شۇئەيب ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمىگەندە، ئاللا  ئۇلارغا ئاسماندىن ئوت ياغدۇرۇپ، كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ياشىغان بولۇپ، بۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ۋاپاتى ۋە  مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشى ئارىسىغا توغرا كېلىدۇ .

ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام:مىلادىدىن بۇرۇنقى 1781- يىللىرىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1638- يىللىرىغىچىلىك ۋاقىت ئارىسىدا 120يىل ياشىغان. مەككە ئەتراپىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرىگە ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئانىسى ھاجەر بىلەن مەككىگە كېلىپ ئۇنى ئاۋات قىلغان. ئۇ ئەرەبلەشكەن ئەرەبلەرنىڭ تۇنجى بوۋىسىدۇر. ئۇنىڭ شەرىپى بىلەن زەمزەم بۇلىقى ئېتىلىپ چىققان. ئۇ بوغۇزلىنىشتىن ئىبارەت چوڭ سىناققا دۇچ كەلگەن. ئۇ دادىسى بىلەن بىللە بۈيۈك كەئبە مۇشەررەفەنىڭ ئۇلىنى باسقان. شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەر – مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نەسلىدىندۇر. ئۇ مەككىدە  ۋاپات بولغان بولۇپ، ئانىسى ھاجەرنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.  بۇ رەسۇلۇللاھ تۇغۇلۇشىدىن 2200يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى .

ئىسھاق ئەلەيھىسسالام:مىلادىدىن بۇرۇنقى 1761- يىللىرىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1581- يىللىرىغىچىلىك ۋاقىت ئارىسىدا 180 يىل ياشىغان. پەلەستىن ۋە شام يۇرتلىرىدىكى كەنئانلىقلارغا ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ  ئايالى سارەدىن بولغان بالىسىدۇر. ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ « ئېيس»، «يەئقۇب» دەپ ئىككى بالىسى بولغان. ئەييۇب  ئەلەيھىسسالام بىلەن زۇلكىفل ئەلەيھىسسالام ئېيسنىڭ ئەۋلادى بولىدۇ. ئىسھاق ئەلەيھىسسالام كەنئاندا ۋاپات بولغان بولۇپ، دادىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان .

ئەييۇب ئەلەيھىسسالام:تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 15- ، 16- ئەسىر ئارىسىدا 92يىل ياشىغان. سۇرىيە ئەتراپىدىكى دەمەشق ئەھلىگە ئەۋەتىلگەن . ئۇ تەقۋادار، باي، كۆپ پەرزەنت ئاتا قىلىنغان كىشى بولۇپ، ئاللا ئۇنىڭغا دەسلەپ سەكسەن يىل باياشاتچىلىقنى، كېيىن يەتتە يىل كېسەل بەرگەن . ئۇ مۇشەققەتلىك تۇرمۇشتىمۇ ئىنتايىن سەۋرچان بولغان. شەيتان ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلمەي، ئۇنىڭغا ئايالى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ مۆمىنە، سالىھە ئايالى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام نەسلىدىن ئىدى. ئايالى ئۇنىڭغا بالانى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىغاندا، ئۇ ئايالىغا كايىغان.

زۇلكىفل  ئەلەيھىسسالام:تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 15-،16-ئەسىرلەر ئارىسىدا 75 يىل ياشىغان. ئاللا ئۇنى دادىسى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئەۋەتكەن . ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى «بەشىر» بولۇپ، دادىسى ئۇنى « زۇل كىفل» دەپ ئاتىغان . چۈنكى ئۇ بەزى تائەت- ئىبادەتلەرگە كېپىل بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلغانىدى. ئۇ قەۋمى ئارىسىدا ئادىل بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ نام بىلەن ئاتالغان، دەپمۇ ئېيتىلىدۇ .

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام:مىلادىدىن بۇرۇنقى 1800- يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1653- يىلىغىچىلىك 147يىل ياشىغان . پەلەستىن ۋە شام يۇرتلىرىدىكى كەنئانلىقلارغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام قىسسىسى «سۈرە يۈسۈف»دە خېلى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئۇ پەلەستىندىكى كەنئان زېمىنىدا تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى ئىسھاق تەربىيىسىدە چوڭ بولغان. ئۇنىڭ تۆت ئايالى بولغان. ئاللا ئۇنىڭغا 12 ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغان . بۇنيامىندىن باشقىلىرى ئىراقتا تۇغۇلغان، بۇنيامىن كەنئاندا تۇغۇلغان . يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ پىراقىدا كۆزى قارىغۇ بولۇپ قېلىپ، كېيىن ئېچىلغان .

يۈسۈف ئەلەيھىسسالام:مىلادىدىن بۇرۇنقى 1610- يىلدىن 1500- يىلىغىچىلىك 110يىل  ياشىغان. ئۇ ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ،سەۋرچان ئىدى. كىچىك ۋاقتىدا چۈشىدە ئاي، قۇياش، يۇلتۇزلار ئۇنىڭغا ھۆرمەت سەجدىسى قىلغان . كېيىن ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن، ئۇ قۇل قىلىپ سېتىلغان. مىسىر ۋەزىرىنىڭ ئايالىدىن ئۆزىنى پاك تۇتقان. ئۇ تۈرمىدە ئون ئىككى يىل ياتقان. ئاللا ئۇنىڭغا «چۈش تەبىرى ئىلمى»نى ئىنئام قىلغان. ئۇنىڭ ھاياتى ئاسانلىق بىلەن قىيىنلىق، باياشاتچىلىق بىلەن تارچىلىق ئارىسىدا بولغان. ئاللا ئۇنىڭغا سۇلتانلىقنى ئاتا قىلغان.  ئۇ مىسىرغا دەپنە قىلىنغان دەپ ئېيتىلىدۇ. لېكىن بۇ ئىشەنچلىك گەپ ئەمەس، ئۇنى بەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىققاندا، بىللە ئېلىپ چىقىپ «نابلىيس» دېگەن يەرگە دەپنە قىلغان .

مۇسا ئەلەيھىسسالام:مىلادىدىن بۇرۇنقى 1436- يىللىرىدىن 1316- يىللىرىغىچىلىك 120يىل ياشىغان. بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام  ۋاپاتىدىن كېيىن مىسىرغا بىر قىسىم ھۆكۈمرانلار سۇلتانلىق قىلغان بولۇپ، ئۇلار «پىرئەۋىنلەر »دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلار بەنى ئىسرائىللارنى خورلايتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوغۇللار بوغۇزلىنىۋاتقان شارائىتتا تۇغۇلغان. ئۇ پىرئەۋىن ۋەلىدنىڭ ھامىيسىدا چوڭ بولغان. ئۇ ھەقىقەتنى دەپ باققان دادىسى پىرئەۋىننى سۇغا غەرق قىلغان : مىسىرلىقلار ئۇنىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالماي، بەنى ئىسرائىللارغا قارىتا زۇلۇمنى كۈچەيتكەندە ئۇ بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ چىقىپ، قىزىل دېڭىزغا كەلگەندە، دېڭىز ئۇلارغا بۆلىنىپ، يول ھاسىل بولۇپ، پىرئەۋىن گۇرۇھى شۇ يەردە غەرق بولغان. ئاللا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى نازىل قىلغان. سېھىرلىك ھاسىنى ئىنئام قىلغان . ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقارسا ئاپئاق پارلاپ تۇراتتى. ئۇ ئاللا تائالا بىلەن بىۋاسىتە پاراڭلاشقان بولۇپ «كەلىيمۇللا» (ئاللا بىلەن پاراڭلاشقان كىشى ) دەپ ئاتالغان. ئاللا يەنە ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ئىنئام قىلغان.

ھارۇن ئەلەيھىسسالام:مىلادىدىن بۇرۇنقى 1439- يىللىرىدىن 1317- يىللىرىغىچىلىك 122يىل ياشىغان. بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىسى ۋە شۇنداقلا ۋەزىرى. ئۇ ئاكىسى مۇسا بىلەن «تىيھ » دېگەن زېمىندا ۋاپات بولغان .

يۇنۇس ئەلەيھىسسالام:قانچىلىك ياشىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. مىلادىدىن بۇرۇنقى سەككىزىنچى ئەسىردە ياشىغان. ئىراق زېمىنىدىكى ئەھلى نەينەۋىي كىشىلىرىگە پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇنى ئاللا سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن ئەۋەتكەن. ئۇ قەۋمىنى دەۋەت قىلغان، ئۇلار قۇلاق سالمىغان. ئۇ ئاللانىڭ رۇخسىتىسىز سىرتقا ھىجرەت قىلىپ چىققان، ئۇ ئاللا بۇنىڭغا جازالىمايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانىدى. ئاللا ئۇنىڭ بۇ ئىشى ئۈچۈن ئۇنى بېلىقنىڭ (دېڭىز دېلفىنى – يۇنۇس بېلىقى ) قورسىقىدىكى، دېڭىزنىڭ ئاستىدىكى، كېچىدىكى قاراڭغۇلۇقتا ۋە گۇناھ قاراڭغۇلۇقىدا جازالايدۇ. كېيىن ئۇ قەۋمىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئەر-ئايال، قېرى- ياشلار بىلەن بىللە ئاللادىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەيدۇ. ئاللا ئۇلارغا كۆپ رەھمەت قىلىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ قەبرىسىنى پەلەستىننىڭ خەلىيل شەھىرىدىكى «ھەلھۇل» دېگەن يەردە دېيىشىدۇ. ھەممىنى ئاللا بىلگۈچىدۇر .

ئىلياس ئەلەيھىسسالام:قانچىلىك ياشىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. مىلادىدىن بۇرۇنقى توققۇزىنچى ئەسىردە ياشىغان. دەمەشقنىڭ غەربىگە جايلاشقان «بەئلەبەككە» دېگەن يۇرتتا ياشايدىغان بەنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتىلگەن. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان. ئەينى چاغدا بەنى ئىسرائىل پادىشاھلىقى كۇفىر ۋە زالالەت تۈپەيلى بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى.

ئىليەسەئ ئەلەيھىسسالام:قانچىلىك ياشىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. مىلادىدىن بۇرۇنقى توققۇزىنچى ئەسىردە ياشىغان. سۇرىيىنىڭ بىر شەھىرى بولغان بانىياستىكى بەنىي ئىسرائىللارغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. ئىليەسەئ ئەلەيھىسسالاممۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالام پادىشاھلىقىدىكى كىشىلەرگە ۋارىس پەيغەمبەر بولغان.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام:مىلادىدىن بۇرۇنقى 1043- يىللىرىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 973- يىللىرىغىچىلىك 70 يىل ياشىغان.  بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئاللا پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىرىنىڭ بىرىدۇر . مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىمەسسالاملاردىن كېيىن يۇشەئ بىننى نۇن بەنى ئىسرائىلغا قوماندانلىق قىلىپ، بەيتۇلمۇقەددەسكە كىرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بەنى ئىسرائىللارغا قازىلار 356يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مانا بۇ دەۋر «قازىلار دەۋرى» دەپ ئاتالغان. بۇ  دەۋردە بەنى ئىسرائىللار ئېزىپ كەتكەن بولۇپ، پادىشاھلىقى ئاجىزلاپ قالغانىدى. ئۇلار بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلسىلا تەۋرات لەۋھەلىرى ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسى قاچىلانغان ساندۇق- تابۇتنى كۆتۈرۈۋالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلاتتى. كېيىن ئەسقەلان ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، تابۇتنى ئۇلاردىن تارتىۋالغان. ئاللا ئۇلارغا شىمۋىيل (ئەھلى كىتابنى تىلى بويىچە سىمۋىيل) دەپ ئاتىلىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەن. ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆزىگە پادىشاھ سايلاپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن. ئۇ تالۇتنى پادىشاھ قىلغان. پادىشاھ تالۇت پەلەستىندىكى بۇددىستلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۈچلۈك بولغان قوماندانى جالۇت (ئەھلى كىتاب تىلى بويىچە جەلىيات) بىر كىشىنىڭ مۇبارىزغا چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان. ياش، چەبدەس يىگىت داۋۇد ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۇنى مەغلۇپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى تارىلىپ، تالۇتتىن كېيىن بەنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولىدۇ. ئۇ گۈزەل ئاۋازلىق بولۇپ، ئۆزىگە نازىل قىلىنغان بۈيۈك كىتاب «زەبۇر»نى تىلاۋەت قىلسا، تاغ- تاشلار، قۇشلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى. ئۇنىڭ يەنە بىر مۆجىزىسى شۇكى، ئاللا ئۇنىڭغا تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئىنئام قىلغان. تۆمۈر ئۇنىڭ قولىغا چۈشسە مومدەك يۇمشاپ كېتەتتى. ئۇ ساۋۇت- دۇبۇلغۇلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇ پادىشاھلىقىنى سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن ۋاپات بولغان.

سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام:مىلادىدىن بۇرۇنقى 975- يىللىرىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 932- يىللىرىغىچىلىك 53 يىل ياشىغان. بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتىلگەن. ئۇ دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان. پادىشاھلىقتا مىسلىسىز ھۆكۈمران بولغان. جىنلاردىن تارتىپ قۇشلارغىچە، دىۋىلەردىن تارتىپ شامالغىچە ئۇنىڭغا بويسۇنغان. ئۇ تارىختىكى ئەڭ چوڭ پادىشاھتۇر. ئۇنىڭغا ھەم پەيغەمبەرلىك ھېكمىتى ئاتا قىلىنغان بولۇپ، «ھەكىم سۇلەيمان» دەپ ئاتالغان. ئۇ ھايۋانلارنىڭ تىلىنى بېلەتتى ، ئەھلى سەبەئ پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھى بەلقىيسنى ئەمرىگە ئالغان. ئۇ يەنە ئېسىل قەسىرلەرنى بىنا قىلغان. ئۇ قىرىق يىل پادىشاھ بولۇپ ئاندىن ۋاپات بولغان.

زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام:مىلادىدىن بۇرۇنقى 100- يىلدىن مىلادى 20- يىلغىچىلىك 120 يىل ياشىغان. پەلەستىندە ياشايدىغان بەنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتىلگەن. ئۇ بەنى ئىسرائىل ئەڭ ئازغۇنلۇق دەۋرىگە كىرگەندە پەيغەمبەر بولغان. ئۇ قېرىغاندا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەھيا ئىسىملىك ئېسىل پەرزەنت ئاتا قىلغان . ئۇ ھەرە بىلەن ھەرىدىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

يەھيا ئەلەيھىسسالام:مىلادى 1- يىلدىن مىلادى 30- يىلغىچىلىك 30 يىل ياشىغان. ئوردۇننىڭ بىر تەرىپىدە ياشايدىغان بەنى ئىسرائىللارغا ئەۋەتىلگەن. ئۇ مەسىھ ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇن تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئېسىل بولۇپ، ئىلىم- ھېكمەتتە ۋايىغا يەتكەن. ئاللاغا ياخشى ئىبادەتتە بولغان. مۇسۇلمان تارىخچىلىرى شۇنداق كۆرسىتىدۇكى، ئىبنى ئەساكىر شۇنداق رىۋايەت قىلغان:بىر قېتىم ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنى ئىزدەپ چىقىپ، ئوردۇننىڭ بىر كۆلچىكىنىڭ يېنىدا ئىبادەت قىلىۋاتقان، ئاللادىن قورقۇۋاتقان ھالەتتە  كۆرگەن، بۇ ئىش ئاتا- ئانىسىنى يىغلىتىۋەتكەن. ئۇ ئوتتۇز يىل ياشىغان. ئۇنى ھۆكۈمران «ھىرۇدۇس» ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئۇ شەھىدلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئىسا ئەلەيھىسسالام:مىلادى 1- يىلدىن باشلاپ 33 ياشقا كىرگۈچىلىك ياشىغان. ئۇ بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبىرىدۇر. ئۇ، ئاللانىڭ ئەلچىسى ۋە بۈۋى مەريەمگە ئىلقا قىلغان روھتۇر. مەريەمنىڭ دادىسى ئىمران بولۇپ، نەسەبى داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا بېرىپ تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك 30ياشتا چۈشكەن. ئۇنىڭغا بىر مۇقەددەس كىتابئىنجىل نازىل قىلىنغان. ئۇ دەۋەت ئېلىپ بارغاندا ئۇنىڭغا بەنى ئىسرائىلدىن ئون  ئىككى كىشى ئەگەشكەن، ئۇلار « ھەۋارىييۇنلار» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرنەچچە مۆجىزىلىرى زىكىر قىلىنغان :

1-             ئۇ ئاتىسىز تۇغۇلغان؛

2-             بۆشۈكتىكى ۋاقىتتا سۆزلىگەن؛

3-              قۇشنىڭ سۈرىتىدە لايدىن قۇش ياسىغان؛

4-              ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەن؛

5-              قارىغۇ، ئاق كېسەللىرىنى داۋالىغان؛

6-              بەزى غەيبىي خەۋەرلەرنى ئېيتقان؛

7-             ھەۋارىييۇنلارنىڭ تەلىپى بىلەن ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرگەن.

ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمران قارشى چىققان. شۇ چاغدىكى رومانىيلىق پادىشاھ بەلاتىيس ئۇنى دارغا ئېسىشقا ھۆكۈم قىلغان. قۇرئان كەرىم شۇنى ئېيتىدۇكى، ئىسا ئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ دارغا( كرېستقا) ئېسىلمىغان. ئاللا ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىشىنى قىلغان. ئۇلار شۇنى دارغا ئاسقان. ئىسا ئەلەيھىسسالامنى بولسا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، كۇففارلارنىڭ ھىيلە-مىكرىدىن قۇتۇلدۇرغان. بۇ ھەقتە قۇرئاندا ئېنىق بايانلار بار. شۇندىن بېرى خرىستىئانلار ئارىسىدا «ئىسا ئاللانىڭ بىر جىنسىمۇ ئەمەسمۇ، ئۇ ئاللانىڭ بالىسىمۇ ياكى ئىنسانمۇ ؟» دېگەن بەھس-مۇنازىرىلەر ئۈزۈلمىگەن. مىلادى 325- يىلىغا كەلگەندە رومانىي ئېمپىراتورى كونىستانتىن «مەسىھىييە دىنى»  تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلانغان مەشھۇر چوڭ مەجلىسنى ئاچقان :

1-                 چېركاۋ شۇنىڭغا قارار قىلىدۇكى، ئۇ بىر ئىلاھقا ئىمان كەلتۈرىدۇ؛

2-                 بىر خوجايىن بولغان يەسۇئ مەسىھقىمۇ ئىمان كەلتۈرىدۇ ؛

3-                  ئۇ (ئىسا) ئاللانىڭ ئوغلىدۇر؛

4-                 ئۇ بىر ئاتىدىن، ئاتىسىنىڭ ماددىسىدىن تۇغۇلغان.

قۇرئان شۇنداق دەيدۇكى، ئاللا بالىسى، ئايالى، ئوخشىشى بولۇشتىن پاكتۇر. يۇقىرىقىلار بىر تالاي بىلجىرلاشتۇر. سەھىھ ھەدىسلەردە قىيامەتنىڭ بىر ئالامىتى سۈپىتىدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن يەر يۈزىگە چۈشىدىغانلىقى، ئىسلام شەرىئىتىنى تەستىقلايدىغانلىقى ئوچۇق بايان  قىلىنغان.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام : مىلادى 570- يىلدىن 633- يىلىغىچىلىك 63 يىل ياشىغان. ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئاللا ئۇنى پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى قىلىپ تاللىغان. ئۇ ئومۇمىي، شامىل، ئاممىباب شەرىئەت بىلەن كەلگەن.

رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

1-      رەسۇلۇللاھ مەككە مۇكەررەمەدە پىل يىلى رەبىيئۇل ئەۋۋەلنىڭ 12- كۈنى(مىلادى 570- يىللىرى) تۇغۇلغان؛

2-      ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چاغدا دادىسى، ئالتە ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈنلەي يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغان؛

3-                 ئاۋۋال بوۋىسى ئابدۇل مۇتتەلىب، ئاندىن تاغىسى ئەبۇ تالىپ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان؛

4-      يېشى 25 ياشقا يەتكەندە قۇرەيشلەر ئارىسىدا كاتتا نەسەب ۋە مال ئىگىسى بولغان خوجايىن ئايال خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد بىلەن توي قىلغان؛

5-                  قىرىق ياشقا كىرگەندە ئاللا ئۇنىڭغا ۋەھىي نازىل  قىلغان (بۇ مىلادى 610- يىلىغا توغرا كېلىدۇ)؛

6-      ئۇ ئۈچ يىل مەخپىي دەۋەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاشكارا دەۋەتكە ئۆتكەن؛ مەككىدە ئون ئۈچ يىل دەۋەت قىلغان، ئاندىن يەسرىب (مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە) ھىجرەت قىلغان؛

7-       مەدىنىگە كېلىپ ئىسلام مەركىزىي جەمئىيىتىنى بەرپا قىلىپ، مانا مۇشۇ ئۇلۇغ زېمىندىن ئىسلام دىنى جاھاننىڭ شەرق، غەرب تەرەپلىرىگە تارقالغان؛

8-      ئاللا دىنىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىن، نېمىتىنى تاماملىغاندىن، رەسۇلۇللاھ ئامانەتنى ئادا قىلىپ، كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كەتكەن. بۇ ھىجرىيە 11- يىل رەبيىئۇل ئەۋۋەلنىڭ دۈشەنبە كۈنىگە (مىلادى 632- يىلىغا ) توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى ئاساسەن «مەككە ھاياتى» ، «مەدىنە ھاياتى» دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.

 

پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
 

پەيغەمبەرلەرنىڭ باشقا كىشىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلىرى بولۇپ، ئۆلىمالار ئۇنى تۆۋەندىكى ئالتە تۈرگە يىغىنچاقلايدۇ:

1-         راستچىللىق:راستچىللىق بارلىق كىشىلەر سۈپەتلىنىشكە تېگىشلىك سۈپەت بولۇپ، بولۇپمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇنى لازىم تۇتۇشى ئەڭ مۇھىم. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيدىن ئىبارەت بۈيۈك ئامانەتنى راستچىللىق بىلەن يەتكۈزۈشى كېرەك. ئاللا «ئەڭ سادىق، ئەمىن » دەپ ئاتالغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىمۇ تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلغان:”ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى  قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق . ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسىي قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق. سىلەردىن ھېچبىر كىشى ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى“{سۈرە «ھاققە» ، 44- 47 ئايەتلەر} .

2-          زېرەكلىك:ئاللا ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەر ئەلچىلەر زېرەك، ئەقلىي ساغلام بولۇپ، ئۇلار دەۋەت ئېلىپ بېرىشتا پۈتۈنلەي ساغلام ئەقىلگە تايىنىدۇ. ئۇلار ئاشۇ تەپەككۇرى ئارقىلىق ھەق بىلەن ناھەقنى، يامان بىلەن ياخشىنى، ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىشى كېرەك . ئەلچىلەر زېرەكلىكتە باراۋەر ئىدى. ئاللا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا مۇنداق دېگەن :”( مۇسا ، ھارۇنلاردىن بۇرۇن ) بىز ھەقىقەتەن ( دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق ، بىز ئۇنىڭ(پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەھلى) ئىكەنلىكىنى بىلدۇق“ {سۈرە «ئەنبىيا» ، 51- ئايەت} .

3-          باشقىلارغا تەبلىغ قىلىش(يەتكۈزۈش) : ۋەھىينى- ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ئۇلار ۋەھىينى تولۇق، ئۆزگەرتمەستىن، بۇرمىلىماستىن، ھېكمەتلىك رەۋىشتە يەتكۈزۈشى كېرەك. ئاللا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بويىچە شۇنداق دېگەن:” نۇھ ئېيتتى:‹ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن. سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى  يەتكۈزىمەن. سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن اللەنىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن›“{سۈرە «ئەئراف» (7-سۈرە)، 61-، 62-ئايەتلەر}.

4-          ئۆزىنى پاك تۇتۇش:پەيغەمبەرلەر  كىشىلەرنى ھىدايەتكە باشلاش ئۈچۈن ئۆزلىرى يۈكسەك ئۈلگە بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گۇناھ-مەئسىيەت قىلماسلىقى، ئۆزىنى پاك تۇتۇشى لازىم بولىدۇ. ئاللا پەيغەمبەرلەرنى سۈپەتلەپ شۇنداق دېگەن:”ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا) يېتەكلەيدىغان پېشۋالار (يەنى پەيغەمبەرلەر) قىلدۇق، ئۇلارغا بىز  ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق، ئۇلار بىزگە خالىس ئىبادەت قىلاتتى“{سۈرە «ئەنبىيا» (21-سۈرە)، 73- ئايەت}.

5-          ئەر بولۇش: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەر بولۇشىدىكى ھېكمەت شۇكى، پەيغەمبەرلىك يەر شارىدىكى ئەڭ ئېغىر، مۇشەققەتلىك خىزمەت. بۇ جەرياندا پەيغەمبەرلەر ھەرخىل ئەزىيەتلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. ئاياللارنىڭ تەبىئىتى بۇنى كۆتۈرەلمەيدۇ . ئاللا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ”سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھىي نازىل قىلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق ... “{سۈرە «نەھل»، 43- ئايەت}.

6-          ئەيىبلەردىن سالامەت بولۇش: پەيغەمبەرلەر كىشىلەر يىرگىنىدىغان يارالمىش ئەيىبلەردىن، كېسەللەردىن ساغلام بولۇشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك ئۇلار كېسەل بولمىغان دېگەنلىك ئەمەس، ئەييۇب ئەلەيھىسسالامغا ئاللا ئېغىر كېسەل بەرگەن. بەزىلەر:ئۇنىڭ بەدىنى  قۇرتلاپ كەتكەندە ئۇنىڭ ئايالى يىرگىنىپ قاچقان، دەيدۇ . بۇ يالغاندۇر. پەيغەمبەرلەر كېسەل بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كېسىلى كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ئاللا ئەييۇب ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا شۇنداق دېگەن:”ئەييۇبنىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا : ‹ھەقىقەتەن مېنى بالا(يەنى قاتتىق كېسەل) ئورۇۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن› دەپ دۇئا قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق (يەنى ئۇنىڭ ئۆلگەن بالىلىرىنىڭ ۋە يوقالغان ماللىرىنىڭ ئورنىغا بىر ھەسسە كۆپ بالا ، بىر ھەسسە كۆپ مال بەردۇق) “{سۈرە «ئەنبىيا»(21-سۈرە)، 83-، 84- ئايەتلەر}.

 

پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە :

1-          ئاللانىڭ بىرلىكىگە چاقىرىش:مانا بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر. ئۇلار بەندىلەرنى ئاللاغا ئىبادەت قىلىشقا، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەسلىككە دەۋەت قىلىشلىرى كېرەك. ئاللا بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن:”(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە :‹مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار› دەپ ۋەھىي قىلدۇق“{سۈرە «ئەنبىيا»، 25- ئايەت}. 

2-          ئاللانىڭ بۇيرۇقلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش:پەيغەمبەرلەر ئاللا بىلەن بەندىلەر ئارىسىدىكى ئەلچىلەر بولۇپ، شۇڭلاشقا ئاللا ئۇلارنى بەنى ئادەمدىن تاللىغان. ئۇلار ئاللانىڭ ھەربىر ئەمىر-بۇيرۇقلىرىنى تولۇق، كەم قىلماستىن، يوشۇرماستىن يەتكۈزۈشى كېرەك. ئاللا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:”ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) ئاللانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللادىن قورقىدۇ، ئاللادىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدۇ (ئى مۇھەممەد!سەنمۇ ئاللادىن غەيرىدىن قورقماسلىقتا شۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكىن)، ئاللا (ھەممە ئىشلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر “{سۈرە «ئەھزاب» (33-سۈرە)، 39- ئايەت}.

3-          كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىش:پەيغەمبەرلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئۇستازىدۇر. ئۇلار بەندىلەرگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى  ياخشى تەربىيىلىشى، ئۇلارنى يېتەكلىشى كېرەك. ئۇلارغا نىسبەتەن بىر نۇرلۇق مەشئەل بولۇپ، ئۇلارنى يورۇقلۇققا چىقىرىشى ئۇلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئاللا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە شۇنداق دېگەن :”ئى پەيغەمبەر ! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللانىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ (بىرلىكىگە، تائەت- ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق“ {سۈرە«ئەھزاب» (33-سۈرە)، 45- ، 46- ئايەتلەر}.

4-          كىشىلەرگە غەيبىي خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش:پەيغەمبەرلەر دەۋەت جەريانىدا كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىدىن ھالقىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى، خەۋەرلەرنى دەپ بېرىدۇ. يەنى ئۇلارغا ئاخىرەت، قىيامەت، ھېساب، دوزاخ، جەننەت... دېگەنلەرنى زىكىر قىلىپ بېرىدۇ. بۇمۇ ھەم ئۇلارنىڭ قىيىن بىر ۋەزىپىسىدۇر. ئاللا مۇنداق دېگەن:”...ئاللا سىلەرنى غەيىبدىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ ۋە لېكىن ئاللا پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇناپىقلارنىڭ ھالىنى خەۋەر بەرگەندەك) غەيىبنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاللاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە (پەرۋەردىگاردىن) قورقساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر“{سۈرە «ئال ئىمران» (3-سۈرە)، 179- ئايەت}.

5-          ئۈممىتىگە قوماندانلىق قىلىش : بۇ كىشىلەرنىڭ دۇنياۋى ۋە دىنىي ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار دىنىي ئىشلاردا باشچىلىق قىلىش ئارقىلىق بەندىلەرنىڭ قەلبى گۈزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئىنسانىيەت قەلبى مەدەنىيىتىنى ياراتسا، دۇنياۋى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت گۈللىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، شەھەر مەدەنىيىتى، غىزالىنىش مەدەنىيىتى، كىيىنىش مەدەنىيىتى دېگەندەك ئىنسانىيەت ماددىي مەدەنىيىتىنى بەرپا ئېتىدۇ. تارىخقا قارايدىغان بولساق، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانلارغا يېتەكچىلىك قىلغان دەۋرى دەل ئىنسانىيەتنىڭ گۈللەنگەن، ئىنسانلار مەدەنىيىتى راۋاجلانغان دەۋردۇر. ئاللا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:”ئى مۆمىنلەر ! ئاللاغا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە(ھەقىقىي) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ (يەنى ئاللانىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر“{سۈرە «نىسا» (4-سۈرە)، 59- ئايەت}.

6-          ئەڭ ياخشى ئۈلگە بولۇش:پەيغەمبەرلەر ئىنسانىيلىقنىڭ كامىللىقى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان مۇبارەك زاتلاردۇر. ئۇلار بەندىلەرگە مىسلىسىز ئۈلگىدۇر. ئۇلار ئەقىل، ئىلىم، ھىدايەت، نەسەب، شەرەپ، پاكلىق... قاتارلىق جەھەتلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەگىشىشىگە تامامەن لايىقتۇر. ئاللا مۇنداق دېگەن :”ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللا ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن...“{سۈرە«ئەنئام» (6-سۈرە)، 90- ئايەت}.

7-          ئۆزىگە نازىل قىلىنغان كىتاب (ياكى سۇھۇپىنىڭ) مەنىسىنى بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈش: پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ھىدايەت دەستۇرلىرىنى شەرھلەش، چۈشەندۈرۈش يەنىلا شۇ ئۇلۇغ زاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. كىشىلەرنىڭ بىر مەسىلىگە-ھەقىقەتكە نىسبەتەن ئەقلىي كەمتۈكلۈك سەۋەبلىك پوزىتسىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا بۇمۇ ئۇلارنىڭ بۈيۈك بىر ۋەزىپىسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى، قاراتمىلىقىنى، ھېكمىتىنى – مۇنداقچە قىلىپ  ئېيتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ مەقسىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. ئاللا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:”... بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار(بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز- نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق“{سۈرە «نەھل»(16-سۈرە)، 44-ئايەت}.

 

خاتىمە
پەيغەمبەرلەر ئىنسانىيەت مەدەنىيەت گۈللىنىشى ئىشلىرىدا مىسلىسىز رول ئوينىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارىختىكى رولىنى ھەرقانداق بەنى ئادەمگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىسسە-تارىخلىرىنى بىر نەچچە سەھىپە، ئاددىي قۇرلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىش قىيىن بولسىمۇ، بىز ئۆزىمىزگە لايىق رەۋىشتە بۇ رىسالىگە تەۋەككۈل قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىر مەسىلىسى، ھېكايىسى، ئىش-ئىزلىرى ئىنسانلارنىڭ تەتقىق قىلىشىغا، ئۈلگە قىلىشىغا، ئۇلارنىڭ ھىدايىتى بىلەن يول تېپىشىغا ئەرزىيدۇ. ئۇلار قىلچىمۇ نۇقسانسىز يېتۈك ئۈلگە بولالايدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ سىرلىق ھاياتى توغرىسىدىكى بۇ ساھە ھەممىمىزنىڭ تەتقىق قىلىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. چۈنكى بىز  ئىنسانىيەتنى چۈشەنمەكچى بولىدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ سەر خىللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى چۈشىنىشىمىز كېرەك،ئەلۋەتتە .

 

               
 

2004- يىل 28- ئۆكتەبىر ، پەيشەنبە، شەھىرى ئاتۇش .

 


 

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

شۈكرى ئاللاھ

UID
4545
يازما
15
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
837
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-4
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 13:24:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !

ئاغرىغان كۆڭۈل قالار

كۆيۈمچان ئەزا

ئى ئاللا بىزنى ت

UID
2656
يازما
131
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
4331
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-26
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 13:36:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىسل تىمىلارغا كۆپرەك ئىنكاس يىزىپ قويساق،پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسقىچەتارىخىدىن خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

بىز ھەممىمىز ئۆلۈمگە كىتىپ بارغۇچىلاردۇرمىز.

كۆيۈمچان ئەزا

اللە ماڭا كۇپايە

UID
6926
يازما
91
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2758
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 13:40:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىڭىزنى كۆرمەپتىكەنمەن.
خەتكۈچ قىستۇرۇپ قويۇپ بوش ۋاقتىم چىققاندا تەپسىلىي ئوقاي.

اللە يولىدا ياشىماق ھەقىقەتەن بەك تەسكەن

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
581
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
13400
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-28
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 13:43:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز، ئەفىفىي. قولۇمدا باشقا ئىش بولغاچقا مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمايۋاتىمەن. مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.

http://serhush.comسەرخۇش تور خاتىرىسى

UID
3677
يازما
88
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2488
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-4
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 14:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيىدە  مانا مۇشۇنداق نادىر  ئەسەرلەر كۆپرەك ئېلان  قىلىنسا دىگەن ئۈمۈدتىمەن.كۆيدۇم-پىشتىم،ئاھ-ۋاھ....دىگەندەك نەرسىلەر ۋاختىمىزنى ئالغاندىن سىرت بىزگە نىمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟

UID
2104
يازما
115
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3755
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 21:10:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم  ئەلەيھىسسالام  قايسى  تىلدا  سوزلەيدىغان  بولغىيتتى  ...؟

كەڭ قورساقلىق+سەمىمىيلىك = ئەركەكلىك

UID
7294
يازما
73
تېما
35
نادىر
1
جۇغلانما
2189
تىزىملاتقان
2010-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-18
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 21:46:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆگىتىلگەن "ئادەم تىلىدا" سۆزلەيتتى.

UID
2104
يازما
115
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3755
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 21:58:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلارنىڭ  ھەممىسى  ئادەم  ئەلەيھىسسالامنىڭ  تىلىدا  سوزلەشكەن  بولسا  مىللەتچىلىككە  يەنە  ئورۇن  قالارمىدى  ؟

كەڭ قورساقلىق+سەمىمىيلىك = ئەركەكلىك

كۆيۈمچان ئەزا

سْـــــــــــــ

UID
7691
يازما
198
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6082
تىزىملاتقان
2010-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-20
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 22:17:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت !  ئىسىل مەزمۇنلارنى داۋاملىق يوللىغايسىز .....

گۆھەر ياتدۇ سايدا،تونمسا نمەپايدا!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش