كۆرۈش: 1433|ئىنكاس: 7

چىن تۆمۈر باتۇر ( مۇزىكىلىق دراما ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
174
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
6045
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 00:56:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

چىن تۆمۈر باتۇر



( موزىكىلىق دراما )


( شۇ ناملىق چۆچەككە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يىزىلدى )


بىرىنچى پەردە بىرىنچى كۇرۇنۇش  


بىرىنچى پەردىنىڭ بىشى . سەھنىنىڭ ئالدى تەرىپى غۇۋا چىراق نۇرى بىلەن يۇرۇتۇلۇپ يالغۇز نەي موزىكىسى يىقىملىق بىر كۇي بىلەن ياڭرايدۇ. سەھنە بىر غاردىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ تاشلار ۋە ئىپتىدايى دەۋىرلەردىكى ئائىلە سايمانلىرى ئاندا مۇندا كۆرۇنۇپ تۇرىدۇ پەردە ئىچىلىپ مۇڭلۇق نەي موزىكىسدىن كىين بوۋاي بىلەن قىز چىقىپ كىلىدۇ
قىزچاق  يەنە قانچىلىك ماڭساق بارىمىز بوۋا . مەن بەك ھىرىپ كەتتىم   
بوۋاي ئاز قالدى ئاز قالدى مۇنۇ يەردە بىر دەم ئارام ئالايلى بالام سۇ ئىچىڭ دىگەنچە قاپاقنى تەڭلەيدۇ
قىزچاق ئازراق ئىچىپلا بولدى قىلىدۇ
قىزچاق سىز دىگەن مەختۇمسۇلا مۇشۇ يەردە تۇغۇلغانمۇ ؟
بوۋاي شۇنداق چىن تۇمۇر باتۇر مەختۇمسۇلا مانا بىز تۇرغان يەردە ياشاپ ئۆتكەن
قىز ئۇلار نىمە دەپ بۇ يەردە ياشىغان ؟
بوۋاي ھە مۇنداق ئىش . چىن تۇمۇر باتۇر بىلەن مەختۇمسۇلا ئەسلى پادىشاھنىڭ شاھزادىسى بىلەن مەلكىسى ئىكەن . پادىشاھنىڭ ئىككى خانىشى بۇلۇپ  بۇلۇپ بۇ ئىككىسى كىچىك خانىشنىڭ باللىرى ئىكەن . چوڭ خانىش تۇغماس بولغاچقا كىچىك خانىش چىن تۈمۈر باتۇرنى تۇغقان چىغىدا پادىشاھ شىكارغا كەتكەن ئىكەن . چوڭ خانىش ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ كىچىك خانىش كۈچۈك تۇغدى دەپ قويۇپ چىن تۈمۈر باتۇرنى تاغقا ئاپىرىپ تاشلىۋىتىپتۇ
قىزچاق ئەمسە كىچىك خانىش نىمە دەپ ھەقىقى ئەھۋالنى شاھ ئالىيلىرىغا ئىيتمايدۇ ؟
دەرغەزەپ بولغان پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن كۇرۇشۇشنى رەت قىلىپ تۇرىۋالغاچقا بىر نىمە دىيەلمەپتۇ
قىزچاق چوڭ خانىش نىمە دىگەن بەدىنىيەت
بوۋاي ئىككىنچى قىتىم كىچىك خانىش قىز تۇغۇپتۇ . بۇ چاغدا پادىشاھ يەنە شىكارغا كەتكەن ئىكەن . خانىش ئاي دىسە ئاي ئەمەس كۈن دىسە كۇن ئەمەس بىر قىز تۇغۇپتۇ . چوڭ خانىش  ئۇنىڭغا يەنە ھەسەت قىلىپ بالىنى ئىلىۋىلىپ ئورنىغا بىر ئاسلاننى سىلىپ قويۇپ پادىشاھقا كىچىك خانىش ئاسلان تۇغدى دەپ خەۋەر ئەۋەتىپتۇ . پادىشاھ دەرغەزەپ بۇلۇپ كىچىك خانىش بىلەن مەڭگۇ كۇرۇشمەسلىككە ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق جازا بىرىشنى بۇيرۇپتۇ
قىزچاق ھەجەپ بىر ئىش بوپتۇ . ئەمسە چىن تۇمۇر باتۇر بىلەن ھىلىقى مەختۇمسۇلاچۇ ؟           
بوۋاي ئۇلارنى بىر ئىيىق تىپىۋىلىپ تاغدا بىقىپ چوڭ قىپتۇ . ئىككىسى بىر بىرىگە چىن تۇمۇر باتۇر . مەختۇمسۇلا دەپ ئات قويۇپتۇ
قىزچاق  ئاندىن كىينچۇ ؟
بوۋاي ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىين ئىيىق بىلەن ئايرىلىپ ئايرىم جايدا تۇرۇپتۇ . ھە ئەمدى ئاخىرىنى يولدا ماڭغاچ دەپ بىرەي قىزىم ئۇلار ئورنىدىن تۇرىدۇ
قىزچاق بوۋايغا ئەرگىشىپ چىقىپ كىتىدۇ چىراق تولۇق يىنىپ سەھنىنى يورۇتىدۇ
مەختۇمسۇلا –】 بويى ئىگىز لىكىن بوي تۇرقى كىلىشكەن گەۋدىسى كەڭ بىلى ئىنچىكە گۇزەل ھەم لەتاپەتلىك جەسۇر قىز ئىكەنلىگى كۆرۇنۇپ تۇرىدۇ . قىرىق ئۆرۇم چىچى بىلىگە چۈشۈپ تۇرغان . كۇكلىسى ئالدىغا تاشلنىپ تۇرغان . نۇرلۇق كۆزلىرى ئادەمگە تىكىلگەندە شۇنچىلىك گۇزەل جەلىپكار كۆرىنىدۇ. بوينىغا ھىقىقتىن مارجان ئاسقان بۇلۇپ ھەر دانسى چوڭ چوڭ كۆرىنىدۇ .  پۇتىغا قىزىل ئاياق كىيگەن . ئۇچىسغا جىگەر رەڭلىك نىمچە كىيگەن تۇگملىرى پارقىراق كۆرۇنۇپ كۆزنى چاقىدۇ .شاپتۇل چىچگى ئۈزۈن كۇينىگى تاپىنىغا تاشلىنىپ تۇرىدۇ . كىيىم كىچەكلىرى كۆزگە شۇنچىلىك نەپىس ھەم يەڭگىل كۆرىنىدۇ【قىز قىرىق تال ئۆرۇلگەن چىچىنىڭ ئۈچىنى ئوينىغاچ سەھنىگە چىقىپ كىلىدۇ سەھننىڭ ئارقا تەرەپتە چىچىغلىق ھالەتتە تۇرغان قاپقارا كىيىم كىيگەن بىشى يالاڭ باش بىر توپ ناخشىچى ئوغۇللار قىزلار دەرەخ ۋە تاشنىڭ شەكلىدە كۆرۇنۇپ چىن تۇمۇر باتۇر بىلەن مەختۇمسۇلانىڭ ناخشسنىڭ ئاخىرقى بىر جۇملىسنى تەڭ ئىيتىدۇ
موزىكا باشلىنىدۇ
  

سۇزۇك سۇزۇك بۇلاق سۇلىرى
سۇزۇك سۇزۇك پايانسىز ئاسمان
يىشللىققا پۇركەنگەن دالا
بۇغا - مارال ئاھۇغا ماكان


چىن تۈمۇر باتۇر كىرىلگىنچە سەھنىگە چىقىپ سىڭلسنىڭ ناخشسغا قۇلاق سالغانچە ئۇنىڭغا جاۋاپ بىرىدۇ
】 چىن تۇمۇر باتۇر يەلكىسى ئىيقتەك كەڭ . قولىنىڭ پەنجىسى ئىيىق تاپىنىدەك مۇستەھكەم بەدىنى شىردەك جەسۇر  ۋە قامەتلىك . مەيدىسى ئوچۇق يىڭى يوق ئاق كاناپ رەختتىن جىلىتىكە كىيگەن . چاچلىرى ئۈسۈپ كەتكەن بوينىغا كۇمۇشتىن قىلىنغان زەنجىر ئاسقان ئىككى بىلىگىدىن كۆچ قۇۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ .قىلىچ تۇتۇپ تۇرغان بىلىكگە بىر كۇمۇش چەمبەر ئىسلغان ھالەتتە سەھنىدە پەيدا بۇلىدۇ【

     
چىن تۇمۇر باتۇر



بۇگۇن ئۇچقۇر تۇلپارغا مىنىپ
ئىگىز ئىگىز تاغلاردىن ئاشاي
بۇغا مارال ئوۋلاپ قانغىچە
كۈچۈم سىناپ ھاردۇقتىن چىقاي

مەختۇمسۇلا   
باتۇرلۇقتا ھېچبىر جان ،
ئاكا سىزگە يەتمەيدۇ .
مىسران قىلىچ ھەر دائىم  ،
قولىڭىزدىن  كەتمەيدۇ .

ئالغۇر بۈركۈت ھەمرادۇر
ئىلىپ كىلەر ئۇ ئامەت   
قارا تايغان  ئىشىكتە
كۇتەر سىزدىن ئىجازەت
مۈشۈكىمىز تۆشەكتە ،
توخۇ چىللار كاتەكتە .

چىن تۇمۇر باتۇر

چال قۇيرۇق كۆك بوز ئات ،
كىشنەپ تۇرار ئېغىلدا .
ئوۋغا چىقسام ھەممىسى ،
ھازىر بولار يېنمىدا .

مەختۇمسۇلا

ئاخشام شىرىن چۇش كۇردۇم   
كاۋاپ قىپسىز پىنھاندا
بىرنى يەي دەپ قول سوزسام   
يوق تۇرسىز قىشىمدا

چىن تۇمۇر باتۇر سىڭلسىنى يان تەرەپتىن قۇچاغلاپ تۇرۇپ سىڭلىم مەن يەتتە كۇنلۇك ئوۋغا ماڭدىم .   
مەن قايىتقىچە گىپىمنى ئىسڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ
ناخشا   

بېشىڭىزنى تارىماڭ ،
سۇ بويىغىمۇ بارماڭ .
ئىتىڭىزنى >> چاغ << دېمەڭ ،
مۈشۈكنىمۇ >> پەش << دېمەڭ .
ئوتىڭىزنى ئۆچۈرمەڭ ،
ئۆگزە ئۈستىگە چىقماڭ .
ئوت ئۆچۈپ قالار بولسا ،
تۈتۈن چىققان ياقلارغا
ئوت سوراپ كېتىپ قالماڭ .

مەختۇمسۇلا ئاكىسنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئوچاققا ئوتۇن سىلىۋەتكەندىن كىين ئۇنىڭ ئوۋغا چىقىدىغان ئۇزۇق تۇلۇك ھەم ئوقياسىنى ئۇزىتىۋىتىپ ناخشا باشلايدۇ


ئىگىز ئىگىز تاغلار پايانسز
شىر يولۋاسمۇ ئوۋ ئىزدەر كىچە   
ئەسىرەيمەن جان ئاكا سىزدىن
ھۇشيارلىقنى دوس تۇتۇڭ تۇندە

چىن تۇمۇر باتۇر

شىر يۇرىگىم سوقار تىنىمدە
يولۋاسقا ئىگىلمەس قوۋەت تىنمدە
ئەنسىرمەڭ جان سىڭلىم مەندىن
سەگەك بولماق ھامان ئېسمدە


چىن تۇمۇر باتۇر مەختۇمسۇلانىڭ پىشانىسگە سۇيۇپ قويۇپ سەھنىدىن چىقىپ كىتىدۇ . ئاندىن ئىت قاۋىغان ئاتنىڭ دۇپۇرلەپ يىراققا كەتكەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ . مەختۇمسۇلا يىراققا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىين يان تەرەپتىكى بىر تاشقا چىقىپ قولىدىكى قىزىل ياغلىق بىلەن ئاكىسنى ئۇزىتىدۇ
ئۇ تۆۋەنگە چۇشۇپ يۇقۇرى ماھارەتلەر بىلەن ئۇسۇل ئوينايدۇ . دەل شۇ چاغدا قاتتىق بوران چىقىدۇ . ئارقىدىن چىنە داسلارنىڭ چىقىلغان ئاۋازى ئاڭلنىدۇ . بوران بىلەن تەڭ موزىكا ئاۋازى يۇقۇرىلاپ ئەۋجىگە چىقىدۇ . بىر چاغدا توخۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ . ئۇ توخۇنى تاخ دەپ ئارقىدىن مۇشۇكنى پەش دەپ توۋلىغانچە تاشنىڭ ئارقا تەرىپىگە يۇگۇرۇپ بنرىپ سەھننىڭ ئالدىغا كىلىپ ئاپلا توخۇ ئوتنى ئۆچۇردى . مۇشۇك سۇنى تۆكتى ئەمدى نىمە قىلغۇلۇق ؟ ئاكام ماڭا توخۇنى تاخ  دىمەڭ . مۇشۇكنى پەش دىمەڭ ئوتنى ئۇچۇرمەڭ دىگەن ئەمەسمىدى ؟ ئەمدى قانداق قىلارمەن ؟ دىگەنچە يەنە يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئۇسۇل ئوينىغانچە ھۇشىدىن كىتىپ يىقىلىدۇ

بىر توپ قىزلار ئۇنىڭ شولسى . ئوي خىياللىرى سۇپىتىدە بىر قارىسا مەۋھۇم بىر قارىسا مەۋجۇت ھالەتتە قالايمىقان چەمبەر ھاسىل قىلىپ مەختۇم سۇلانى ئايلىنىپ ئۈسۈل ئوينايدۇ يىراقلاردىن ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ


مەختۇمسۇلا ئورنۇڭدىن تۇر
مەختۇمسۇلا ئەتىراپقا باق   
مەختۇمسۇلا سۇيۇڭ قىنى
ئورنۇڭدىن تۇر ئوتۇڭنى ياق

ئارقىدىن شۇم ھوقۇشنىڭ ئۈنى ئاڭلىنىپ قىزلار چاچلىرىنى يۇلغاندەك قاتتىق ئازاپلىق ھالەتتە مەختۇمسۇلاغا قىيالمىغان قىياپەت بىلەن سەھنىدىن ئايىرىلىدۇ توخۇنىڭ ۋاتاقلىغان  ، مۇشۇكنىڭ مىياڭلىغان ئاۋازى بىلەن چىراق غۇۋالىشىدۇ
چىراق ئۆچىدۇ


ئىككىنچى پەردە


سەھنە تاغنىڭ بىر ئۆڭكۇرىدىن تۇزۇلگەن . ئادەمنىڭ سۇڭەك باشلىرى . ھايۋانلارنىڭ تىرلىرى پاقالچاق سۇڭەكلىرى بىر چەتتە چىچىلىپ تۇرغان . يالماۋۇز  】يەتمىش ياشلىق ئاياللارنىڭ تۇرقىدا . كۆزى كور ھەممىنى بۇرنى بىلەن پۇراپ ئادەتلەنگەن . ھەركەتلىرى چەبدەس ئوتتۇز ياشلىق قىران ئايالغا ئوخشايدۇ . ئاق لىچەك ئارىتقان . قولىدا ھاسا . ئۇچىسدا ئاق كاناپ كۇينەك .بىلى بىر شوينا بىلەن باغلانغان . قىياپىتى مىھرىبان ئانىلاردەك كۆرىنىدۇ . ئۇ ئاساسەن تاماشىبنلارغا يۇزىنى كۇرسەتمەيدۇ . بىر يۇزى قاپقارا يەنە بىر يۇزى ئاقارتقان كىسەككە ئوخشايدۇ. قاپقارا يۇزىنى رومال بىلەن ئوراپ تۇرىدۇ . لىكىن ھەركەت قىلغاندا قارا يۇزى كۆرۇنۇپ قالىدۇ . ھىڭگاڭ چىشلىرى سىرىتقا چىقىپ قالغان تولىمۇ سۇرلۇك ھەم قورقۇنۇشلۇق بەتبەشىرە كۇرىنىدۇ . بىر ئىزىدا جىم تۇرۇشنى ياخشى كۇرمەيدۇ . ئىچى داۋاملىق تىتىلداپ بىر يەرلەرگە سەكرەپ يەنە بىر يەرلەرنى كۇزىتىدۇ  ئىنتايىن سەگەك تەبىئەتكە ئىگە ياۋۇز ئالۋاستى【  تاشتىن تاشقا سەكىرەپ ئەتراپنى كۆزۇتۇپ چىشلىرىنى چىقىرىپ بۇرىگە ئوخشاش ئاسمانغا قاراپ ھوۋلاپ قويۇپ يەنە ئادەمنىڭ باشلىرىنى سىيپىلاپ قولىغا ئىلىپ شاپىلاق ئۇرۇپ قويىدۇ . ئاندىن بىر باشنى تاشلاپ يەنە بىر باشقا قاراپ زەھەرخەندىلەرچە قاقاھلاپ كۇلگەندىن كىين ئۇنى دەسسەپ چەيلەپ يەنە ئاسمانغا قاراپ قويۇپ ھوۋلاپ چىشلىرىنى گۇرۇچلىتىپ قويۇپ بۇغۇق ئالا جوقا ئاۋاز بىلەن ناخشا توۋلايدۇ

   



ئادىمىزات ئايىغى يەتمەس
قارا ئۆڭكۇر مىنىڭ ماكانىم   
قان ئىچەرمەن قانغا خۇمارمەن
بولمسا يوق بۇ تەندە جانىم
   
ئىچتىم تالاي ئادەم قىنىنى
ئەر ئايال دەپ تاللىماي پەقەت
قان ئىچىمەن قانغا خۇمارمەن
يوقتۇر مەندە ھەم باشقا نىيەت

قان ئىچىمەن قانغا خۇمارمەن
كىمگە كىلەر ئەمدى بۇ نۆۋەت

   
ئۇ ئەتىراپقا قاراپ بىرنەرسىنى پۇرىغاندەك قىلىپ يەنە ئارقىغا يىنىپ تاشقا چىقىپ تاشتىن چۇشۇپ جىددىلىك بىلەن يەنە ئارقىغا يىنىپ سول تەرەپنى كۆزەتكەندىن كىين چىشلىرىنى چىقىرىپ كۇلۇپ سەھنىگە قاراپ قويۇپ


قوشاق شەكلىدە ناخشا باشلايدۇ


كەلدى مانا ئىنساننىڭ ھىدى
باپ كىلىدۇ ئىچىشكە قىنى
ساھىجامال قىزدەك قىلامدۇ ؟
پۇراپ باقسام ئۇنىڭ ھىدىنى

ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھاھا ھا ھا ھا   


ئۇ ھىڭگاڭ چىشلىرىنى چىقىرىپ كۇلگەندىن كىين ئارقىغا يىنىپ قوينىغا تىقىغلىق تەسۋىنى چىقىرىپ دۇرۇت ئوقۇغان قىياپەت بىلەن مىڭىپ ئوچاققا بىر پارچە ئوتۇننى تاشلاپ بىر دەمنىڭ ئىچىدە مۇلايىم ئانىدەك قىياپەتكە كىرىپ بىر پارچە تاشنىڭ ئۆستىگە چىقىپ سەھنىگە ئارقىسنى قىلىۋالىدۇ ئۇنىڭ ئەتىراپنى بىر توپ جىن شەيتاندەك كىينگەن ئادەملەر قالايمىقان موللاق ئىتىپ ئويناپ يۇرۇيدۇ   
شۇ چاغدا قولىدا كۇمۇش تاۋاق كۇتۇرگەن مەختۇمسۇلا كىرىپ كىلىدۇ . مەختۇمسۇلا كىرگەندىن كىين باشقا جىن ئالۋاسىتلارنىڭ ھەركەتلىرى جىمىپ ھەممىسى ئۇنى ئايلنىپ ئورىۋالىدۇ . مەختۇمسۇلا ئۇلارنى كۆرمەيدۇ . ئۇ تاۋاقنى باغرىغا باسقانچە ئەتىراپقا قاراپ ئادەمنىڭ باش سۇڭەكلىرى ۋە ھايۋاننىڭ تىرىلىرىنى كۆرۇپ تىننى تىتىرەك بىسىپ ئىزىدا تۇرۇپ قالىدۇ ئاندىن يالماۋۇزغا ئىگلىپ سالام قىلىدۇ

ئەسسالام ئانا
يالماۋۇز ئۇنىڭغا ئاچكۇزلۇك بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ



ئەدەپلىك ئوز قىز ئىكەنسەن
ماڭا شۇنداق سالام كىرەك
ئەگەر بىشىڭ ئىگىلمىسە   
قىلار ئىدىم يەتتە بۆلەك

يەتتە ئىقلىم يەتمىش دىيار
مەن كىمدۇرمەن بىلەر مىنى   
ئۆزۇڭ كەپسەن گەر كەلمسەڭ
بارار ئىدىم ئىزدەپ سىنى


ئۇزۇڭ كىمسەن ئىيتقىن قىنى
نەسلى زاتىڭ كىمدۇر سىنىڭ ؟
ئىنسان ئايىغى يەتمەس جايغا   
نىمە نىيەت بىلەن كەلدىڭ  ؟   

مەختۇمسۇلا

مەختۇمسۇلا ئاتىم مىنىڭ
چىن تۇمۇردۇر ئاكام مىنىڭ
يەتتە ئىقلىم بىلەر ئۇنى
ئاڭلىغانمۇ سىز داڭقىنى ؟

ئوۋغا چىقىپ كەتكەن ئاكام
بىر پارچە چوغ كەلدىم سوراپ   
ئوت بەرسڭىز بۇزرۇكۋارىم
قايتۇراتتىم مىڭ ھەسسىلەپ

يالماۋۇز ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كىتىپ ئۇنىڭغا يىقىن كىلىپ مەختۇمسۇلانى پۇرىغاندىن كىين ياۋۇزلىشىپ يەنە ئۆزىنى بىسىۋىلىشقا تىرىشىپ ئارقىغا يىنىپ ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ غاراڭ غۇرۇڭ ئاۋاز بىلەن


بىر تال چوغنى سوراپ كەپسەن بوسوغامغا
بوپتۇ ئالغىن مەنمۇ سەندەك  يالغۇز ئايال
ئالغىن ساڭا چوغنى بىرەي دوس بۇلايلى
يانچۇغۇڭغا سىركە بىلەن ئۇرۇقنى سال

بۇنى ئىلىپ ئۈيۈڭ تامان چىچىپ ماڭغىن
كۆزۇم كۇردۇر ئىزدەپ بارسام تاپالمايمەن
بەلكىم ئەتە مىنىڭ ئوتۇم ئۇچۇپ قالار
شۇ چاغ بىرىپ مەنمۇ سەندىن ئوت سورايمەن

بۇ گەپتىن كىين شىر يولۋاسلارنىڭ ھوۋلىغان . ئاتلارنىڭ كىشنگەن . ئىتلارنىڭ قاۋىغان دەھشەتلىك ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ مەختۇمسۇلانى سۇر باسىدۇ
يالماۋۇز ئۇنىڭ قاچىسىنى قولىغا ئىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بىر تال چوغنى ياغاچقا سانچىپ چىشلىتىپ يولغا سىلىپ قويىدۇ . مەختۇمسۇلا قورىققىنىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانچە سەھنىدىن چىقىپ كىتىدۇ
ئۇ كەتكەندىن كىين يالماۋۇز ئورنىدىن تۇرۇپ سەكرەپ كىتىدۇ . موزىكا باشلنىپ ئۇنىڭ شولىسى كەبى بىر توپ ئالۋاستىلار پەيدا بولغاندەك خىيالى سىزىم ئىچىدە يالماۋۇز ئۆزىنى غالىپ ئاتاماندەك ھىس قىلىپ ئارىدا تۇرىدۇ . باشقا يالماۋۇزلار ئۇنى چۇرىدەپ ئۈسۈلغا چۇشىدۇ . ئۇلارنىڭ تۇرقى ۋە ھەركەتلىرى سۇرلۇك ھەم شىددەت بىلەن ئىلىپ بىرىلىدۇ . ئارقا تەرەپتە بىر توپ قارا كىيىم كىيگەن ئادەملەرنىڭ كۆرىنە كۆرۇنمەس چىرايى پەيدا بۇلۇپ ئومۇمى خور ئىيتقاندەك بىر سادانى پەيدا قىلىدۇ . يالماۋۇز مەختۇمسۇلا كەتكەن تەرەپكە قارايدۇ . تاشقا چىقىدۇ . يەنە پەسكە چۇشىدۇ . چىشلىرىنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ يۇزلىرىنى كۇچلۇك بارماقلىرى بىلەن چىمدىپ قويۇپ سەھنىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۇپ كىتىدۇ قالغان ئالۋاستىلار ئۇنىڭغا تەقلىدى ھەركەت قىلغانچە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يوقايدۇ
چىراق ئاستا ئاستا غۇۋالىشىپ ئۆچىدۇ

ئىككىنچى پەردە بىرىنچى كۇرۇنۇش


پەردە ئىچىلىپ مەختۇمسۇلا كۆرىنىدۇ . ئۆينىڭ سىرىتقى شەكلىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولغان . ئۆينىڭ ئوتتۇرىغا ئىككى تال ئارغامچا ئىسلغان . مەختۇمسۇلا ئوچاق ئالدىدا ئولتۇرغان . قول پۇت بەدەنلىرى سۈس تىتىرەپ تۇرىدۇ . بىردىنلا جىددى تەرىزدىكى موزىكا باشلىنىپ مەختۇمسۇلانىڭ مۇرەككەپ ۋە زىددىيەتكە تولغان قورقۇنۇچ بىسىۋاتقان ئىچكى ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان موزىكا ساداسى ياڭرايدۇ
موزىكا جىمىپ باخشىنىڭ ناخشىلىرىدەك بىر ئاھاڭ بوش ئاڭلنىپ تۇرىدۇ . پەقەت بىر داپلا خۇددى ئۇنىڭ يۇرەك رىتمىدەك ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ ئارقىدىن مەختۇمسۇلانىڭ ناخشسى ياڭرايدۇ بىر توپ قىزلار ئۇنىڭ ناخشسىغا جۇ بۇلۇپ ئۈسۈل ئوينايدۇ . ئارقا تەرەپتە قارا كىيىم كىيگەن قىز يىگىتلەر ئۇنىڭ ناخشسىغا جۇر بۇلىدۇ



مەختۇمسۇلا


  سىركىلەردىن ئازغان ئۇنۇپ چىقپتۇ   
گۇمانلىرىم يەتكۇزەرمۇ تالاپەت   
بىر كىچىدە بىر يول بۇلۇپتۇ پەيدا
بىلەلمىدىم بۇ نىمىدىن بىشارەت

ئۇسۇلچىلار ئازاپلانغان ھىسيات بىلەن موللاق ئىتىپ تاشتىن تاشقا ئۆزىنى ئۇرۇپ چاچلىرىنى يۇلغان قىياپەتلەر بىلەن سەھنىنى ئايلىنىپ يۇرۇيدۇ . ئارقىدىكى ناخشا ئەتىرىتى  سوزۇپ ئاۋاز چىقىرىپ بىرەر شۇملۇقتىن بىشارەت بەرگەندەك  ئازاپلىق ھەم سۇرلۇك بىر كۇي بىلەن تىكىستى بولمىغان تەكشى بىر ئاھاڭدا ناخشا ئىيتىدۇ . بىر دەمدىن كىين كۇچلۇك بوران ئاۋازى گۇلدۇرلەيدۇ . ئارغامچىلار لىڭىشىپ كىتىدۇ . چاقماق چاققاندەك بىر ھالەت پەيدا بۇلىدۇ ئارقىدىن چىراق غۇۋالىشىپ يەنە يورۇيدۇ . مەختۇمسۇلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتىراپقا قارايدۇ . ئۇسۇلچىلار يىقىلىدۇ . تولغىنىدۇ . ناخشىنىڭ ئاۋازى پەسلەيدۇ
يالماۋۇز سەھنىدە پەيدا بۇلىدۇ . ئۇنىڭ شولسىدەك بىر توپ يالماۋۇز سەھنىگە چىقىپ مەختۇمسۇلانى بىر ئايلانغاندىن كىين ھەممە يەرنى بىر قۇر ئايلىنىپ كۇزۇتۇپ يالماۋۇزنىڭ ئارقىغا ئۆتۇپ سۇكۇتتە تۇرىدۇ
يالماۋۇز ئەتىراپنى بىر پۇرىۋەتكەندىن كىين پۇتنى يەرگە ئۇرۇپ قويۇپ قولىدىكى ھاسسى بىلەن يەرنى توكۇلدىتىپ ئۈرۈپ تۇرۇپ
ناخشا باشلايدۇ . ناخشىنىڭ رىتىمى ناھايىتى ئىغىر ھەم جىددى روھى ھالەت بىلەن باشلنىدۇ


چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ ؟
ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمۇ ؟
مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمۇ ؟
ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمۇ ؟
كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمۇ ؟
پۇش - پۇش مۈشۈكى تۆشەكتە بارمۇ ؟
تاخ - تاخ توخۇسى قونداقتا بارمۇ ؟
مەختۇمسۇلا سەھننىڭ ئەڭ ئىچىدىكى بىر تاشتا ئۆرە تۇرغانچە ئۇنىڭغا جاۋاپ بىرىدۇ


چىن تۆمۈر باتۇر شىكارغا كەتتى ،
مىسران قىلىچى قىنىدا كەتتى .
ئالغۇر قۇشىمۇ قولىدا كەتتى ،
كاپ - كاپ كۈچۈكى يېنىدا كەتتى .
پۇش - پۇش مۈشۈكى ئۇيقۇغا كەتتى ،
تاخ - تاخ توخۇسى دان ئىزلەپ كەتتى

يالماۋۇز بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاناپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالاپ قويۇپ قاقاھلاپ چاقماق چاققاندەك كۇلۇپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ شولىسى بولغان يالماۋۇزلار ئۇنىڭغا پىچاق تەڭلەيدۇ . يالماۋۇز ئۆستىدىكى پەرەنجىنى چۇرۇپ تاشلىۋىتىپ بىر سەكرەپ تاشقا چىقىۋىلىپ يەنە تۆۋەنگە چۈشۈپ كۆزلىرىنى پاقىرىتىپ قاراپ قويىدۇ ئاندىن سەھنىنى بىر ئايلىنىپ مەختۇمسۇلانى كۆزىتىدۇ . مەختۇمسۇلا قورىققانچە نىمە قىلارنى بىلەلمەي قالىدۇ يالماۋۇز مەختۇمسۇلانىڭ كۆزىگە يىقىن كىلىپ ئۇنىڭغا ھەقىقى ئەپتى بەشىرىسنى كۇرسىتىدۇ . مەختۇمسۇلا ھۇشىدىن كىتىدۇ . ئۇنىڭ شولىسى بولغان ئۇسۇلچىلار ئۇنى ئايلىنىپ نىرى كتەلمەيدۇ . لىكىن يالماۋۇزنىڭ شولىسى ئۇنىڭ شولسىنى ھەيدىۋىتىدۇ . ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ جەڭ قىلىدۇ . يالماۋۇزنىڭ بىر توپ سايىسى  مەختۇمسۇلانى كۆتۇرۇپ ئەكىلىپ ئارغامچىغا ئاسىدۇ . سەھنىدە بىر پارچە قىپ قىزىل چىراق مەختۇمسۇلارنىڭ ئىسلغان تىنىگە چۇشۇپ قالغان چىراقلار ئۆچىدۇ. يالماۋۇزنىڭ شوللىرى سەھنىنى قالايمىقان قىلىۋىتىدۇ . شۇ ئارلىقتا يالماۋۇز قىرى ئايالنىڭ تۇرقىدىن ھەقىقى يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ تۇرقىغا كىرىدۇ .  ئەتىراپىدا سايىدەك يۇرگەن يالماۋۇزلار چاۋاك چىلىشىپ يالماۇزغا مەدەت تىلەيدۇ . يالماۋۇز ئاستا كەلگەنچە مەختۇمسۇلاغا يىقىنلاپ يىنىدىن خەنجىرنى چىقىرىپ مەختۇمسۇلانىڭ تاپىنىنى تىشىدۇ . مەختۇمسۇلا ئاغرىققا چىدىماي سىلىكىنىدۇ . لىكىن ئارغامچا مەھكەم باغلىۋىتلگەچكە  بوشيالمايدۇ . يالماۋۇزنىڭ قان ئىچىۋاتقان ھالىتى ئىچىدە سەھننىڭ ھەممە يىرى قانغا بويالغاندەك قىپ قىزىل ھەم غۇۋا ھالەتتە تۇرىدۇ . يالماۋۇز قانلىق لەۋلىرىنى يالىغانچە چىقىپ كىتىدۇ . مەختۇمسۇلانىڭ شولىسى ئۇنى ئارغامچىدىن بوشىتىدۇ . مەختۇمسۇلا بىر جەسەتتەك بوپ قالىدۇ . ئارقىدىن يالماۋۇز يەنە كىرىپ ئۇنى ئەسكەرتىدۇ

   
يالماۋۇز


قۇلاق سىلىپ ئاڭلا گىپىمىنى
ھىچ كىشىگە تىنما بۇ ئىشنى
تىنىپ قالساڭ ئاكاڭغا ھەتتا   
قورۇپ يەيمەن ئەمدى گۆشۇڭنى

يالماۋۇزنىڭ شولىسى مەختۇمسۇلانىڭ گىلىغا پىچاق تەڭلەپ قورقۇتىدۇ . مۇشۇ ئارلىقتا يالماۋۇز يەنە مۇلايىم ئانا قىياپتىگە كىرۋالغانچە ئاستا مىڭىپ چىقىپ كىتىدۇ
مەختۇمسۇلانىڭ شولىسى ئۇنىڭ ئالىدىدا پەرۋانە بۇلىدۇ

پەردە چۇشىدۇ

ئىككىنچى پەردە ئىككىنچى كۇرۇنۇش


پەردىنىڭ ئالدىنى چىراق يۇرۇتۇپ تۇرىدۇ . بوۋاي بىلەن قىز چىقىپ كىلىدۇ ئۇلار سول تەرەپتىكى بىر تاشتا ئولتۇرىدۇ .
قىز بوۋا يالماۋۇز مەختۇمسۇلانىڭ قىنىنى ئىچىپ يۇرگەن كۇنلەردە چىن تۇمۇر باتۇر نىمە دەپ ئۇنى قۇتقۇزىۋالمايدۇ
بوۋاي چىن تۇمۇر باتۇر ھەر قىتىم ئوۋغا چىققاندا يەتتە كۇن چىقشىنى ئادەت قىلغان . شۇڭا ئۇ يىراق يىراقلارغا بىرىپ ئوۋ ئوۋلاپ يەتتىنچى كۇنى قايتىپ كىلىدۇ شۇڭا مەختۇمسۇلا ئۇنى ساقلايدۇ . لىكىن يالماۋۇز كۇندە كىلىپ ئۇنىڭ قىننى شورايدۇ . يەتتىنچى كۇنى چىن تۇمۇر باتۇر قايتىپ كىلىدۇ
قىز ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالغانچە خۇشال بۇلۇپ ھەجەپ ياخشى ئاخىرىچۇ ؟
بوۋاي ئاخىرنى مەن سەل تۇرۇپ ماڭغاچ دەپ بىرىمەن قىزىم
ئۇلار چىقىپ كىتىدۇ پەردە ئىچىلىدۇ چىراق يانىدۇ
سەھنە يورۇپ يەڭگىل موزىكا ياڭرايدۇ مەختۇمسۇلا بوشاشقان ھالەتتە بىر پارچە تاشقا يۆلىنىپ ئولتۇرغان . چىن تۇمۇر باتۇر ئوۋلىغان بىر مۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۇرۇپ كىرىپ كىلىدۇ
چىن تۇمۇر باتۇر سىڭلسىنىڭ ماغدۇرسىز ھالەتتە ئۆزىگىمۇ ئىتىبارسىز قاراپ تۇرغانلىغىنى كۆرۇپ ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭغا قاراپ


چىرايىڭ سارغىيىپتۇ زەپىران كەبى
ئىيىت قىنى ئاكاڭغا بۇ نىمە كۇلپەت ؟
ھاسىل قىلاي تىلەكلىرىڭنى
ئىيتقىن قىنى بولسا نە ھاجەت

مەختۇمسۇلا

ئىيتاي دىسەم تىلىم كۇيىدۇ
ئىيتماي دىسەم تىخى ماڭا دەرىت
سورىماي قوي بولدى ئاكاجان
مەن بىلەنلا كەتسۇن بۇ ھەسرەت




چىن تۇمۇر باتۇر

سىنى دەپ ياشايمەن ئوماق جان سىڭلىم
سەن ئۈچۈن پىدادۇر تەندىكى جانىم
نە قىسمەت ئىيىت قىنى ئامال تاپايمەن
ساڭا كۇن سالغاننىڭ بىشنى چاپايمەن

مەختۇمسۇلا

يالماۋۇز شورىدى قىنىمنى مىنىڭ
ئوۋ بولدۇم نەچچە رەت ئۇنىڭ ئالدىدا   
ھەركۇنى كىلىدۇ تورۇشقا ئىسىپ
قىنىمنى شورىغاچ سارغايدىم مانا

چىن تۇمۇر باتۇر

مۇكۇنەي ئۇ كەلسۇن چاندۇرما بۇنى
بىر قىلىچ بىلەنلا چاپاي بىشىنى
سەن ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمسام سىڭلىم
ئاكام دەپ ئاتىما قايتىلاپ مىنى


چىن تۇمۇر باتۇر ئوۋلىغان نەرسىلەرنى يوشۇرۇپ قويۇپ مىسران قىلىچنى ئىلىپ ئۆزى بىر ئورىغا يوشۇرىنىدۇ
ئۇزاق ئۆتمەي يالماۋۇز كىلىدۇ . موزىكا باشلىنىدۇ



چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ ؟
ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمۇ ؟
مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمۇ ؟
ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمۇ ؟
كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمۇ ؟
پۇش - پۇش مۈشۈكى تۆشەكتە بارمۇ ؟
تاخ - تاخ توخۇسى قونداقتا بارمۇ ؟

مەختۇمسۇلا

چىن تۆمۈر باتۇر شىكارغا كەتتى ،
مىسران قىلىچى قىنىدا كەتتى .
ئالغۇر قۇشىمۇ قولىدا كەتتى ،
كاپ - كاپ كۈچۈكى يېنىدا كەتتى .
پۇش - پۇش مۈشۈكى ئۇيقۇغا كەتتى ،
تاخ - تاخ توخۇسى دان ئىزلەپ كەتتى

يالماۋۇز     

تۇرار تېنىم ئەيمىنىپ
بۈگۈن ئۆيۈڭگە كىرىشكە .
بىراق نەپىسىم تاقىلداپ
يول قويمىدى كېتىشكە .
چىقىپ تۇرار ئۆيۈڭدىن
ئادىمىزات پۇرىقى .
يالغان ئېيتىپ ئالدىساڭ
باردۇر ساڭا سورىقى   

دەپ پوپوزا قىلىدۇ   

مەختۇمسۇلا

ئاكام كەتكەن شىكارغا
قالغان كۆينەك - تامبىلى ،
يۇيغان ئىدىم باياتىن
شۇدۇر ئادەم پۇرىقى .
ئىشەنمىسەڭ مارىغىن ،
ئۆيگە كىرىپ قارىغىن .
بولماسمىدى قوزۇقتا
مىسران قىلىچى ئېسىقلىق .
تۇرماسمىدى ئېغىلدا ،
بوز ئېتىمۇ باغلاقلىق .
كاپ - كاپ كۈچۈك يوق ئەنە ،
ئىشىكمۇ كەڭ ئېچىقلىق .
كىرىۋەرگىن ئۆيۈمگە
ئىشەنگىن سەن سۆزۈمگە

يالماۋۇز ئالدىغا قەدەم تاشلىشىغا ئۇنىڭ شولىلىرى ئەتىراپنى كۇزۇتۇش ئۇچۇن مىڭىپ ھەممە تەرەپكە قاراپ قورقۇپ يەنە يالماۋۇزنىڭ ئارقىغا ئۆتىۋالىدۇ . يالماۋۇز مەختۇمسۇلانى ئارغامچىغا ئىسىش ئۇچۇن ھەركەت قىلۋاتقاندا چىراغ قان رەڭگىگە كىرىدۇ . يالماۋۇز مۇلايىم ئانا قىياپىتىدىن يالماۋۇز قىياپىتىگە كىرىدۇ . چىن تۇمۇر باتۇر تاغ ئارقىسدىن مسران قىلىچنى كۆتۇرۇپ چىققانچە ئۇنى قىلچ بىلەن چاپىدۇ . يالماۋۇزنىڭ بىر بىشى يەرگە چۇشىدۇ . يالماۋۇز چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر بىشىمنى ئالدىڭ قالغان ئالتە بىشمغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىسەن دىگەنچە ۋەھشلىشىپ چىن تۇمۇر باتۇرغا ئۆزىنى ئاتىدۇ . چىن تۇمۇر باتۇر ئارقىغا يىنىپ تاشقا چىقىۋالغاندىن كىين يالماۋۇزغا تاشلىنىدۇ . يالماۋۇز بىر بارماق بىلەن ئۇنىڭ يۇزلىرىنى جىجىۋىتىدۇ . چىراق بىردە ئىنىق يىنىپ بىردە غۇۋا ھالەتكە كىلىدۇ . چاقماق چاققاندەك بىر كەيپىيات شەكىللىنىدۇ ئۇنىڭ ئالتە بىشى مەيداندا كىسلىپ تۇگەيدۇ . ھەر بىر باش كىسىلگەندە سەھننىڭ ئارقىدىكى ئىگىزلىكتە بىر گەودە يىقىلىدۇ .   ئاخىرقى يەل مۇڭگۇزى قالغان يالماۋۇز ئىگىز بىر يەرگە چىقىۋىلىپ مەختۇمسۇلاغا قاراپ



ھەي مەختۇمسۇلا
خەپ توختاپ تۇرغىن .
كۆرگۈلۈكۈڭنى
ئەمدى بىر كۆرگىن .
ئەجدىھار بولۇپ
سېنى يۇتارمەن .
بىر بېشىڭغا مىڭ
كۈلپەت سالارمەن .

دىگەنچە تۇۋەنگە سەكرەپ غايىپ بۇلىدۇ . بۇ چاغدا ئىس تۇمان تارقىلىپ ھاۋا سۇزۇلۇشكە باشلايدۇ . چىن تۇمۇر باتۇر ئۇنى قوغلىغانچە سەھنىدىن چىقىپ كىتىدۇ .
مەختۇمسۇلا ئاكسىنىڭ ئارقىسىدىن ۋاقىرايدۇ . ئاكا يالماۋۇز ۋەھشىلەشتى سەگەك بۇلۇڭ
مەختۇمسۇلانىڭ شۇلىسى ئاياللار ئۇنى يۇلىگەن قىياپەت بىلەن ئەتىراپىنى ئايلىنىدۇ . مەختۇمسۇلا تاشقا چىقىپ تۇرغاندا ئۇلار چىن تۇمۇر باتۇرغا مەدەت تىلىگەن قىياپەت بىلەن ئۇسۇل ئوينايدۇ
سەھننىڭ ئارقا تەرىپى يۇرۇپ ناخشا گۇرىپىسى پەيدا بۇلىدۇ


يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئەجىلىڭ توشتى
چىن تۇمۇر باتۇر سىنى قويمايدۇ ھايات
مەختۇمسۇلا قىساسى ئىلىنار بۇگۇن
تەن بەرگىن ساڭا يۇزلەندى مامات

قىزلارمەختۇمسۇلانى ئارىغا ئىلىپ تەنتەنە ئىچىدە ئۇسۇل ئوينايدۇ . ئارقىدىن سەھننىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر ئىگىزلىكتە ئاۋال يالماۋۇز پەيدا بۇلىدۇ . ئارقىدىن چىن تۇمۇر باتۇر پەيدا بۇلىدۇ . ئۇلار بىردەم كۇچ ئىلىشقاندىن كىين چىن تۇمۇر باتۇر يالماۋۇزنىڭ كۆكىرىكىگە قىلىچ ئۇرىدۇ . يالماۋۇز ئىچنىشلىق چىرقىراپ يىقىلىدۇ . ئارقىدىن سەھنىگە بىر باش دۇمىلاپ چۇشىدۇ .  مەختۇمسۇلا بۇنى كۆرۇپ ھۇشىدىن كىتىپ شوللىرى بىلەن تەڭ يىقىلىدۇ
چىراق ئۆچىدۇ

چىراق يىنىپ چىن تۇمۇر باتۇر سەھننىڭ ئوتتۇرىدا قىلىچىنى بىر قارا تاشقا بىلەۋاتقان كۆرۇنۇش بىلەن باشلىنىدۇ . بىر پەستىن كىين مەختۇمسۇلا كىرىپ كىلىدۇ
چىن تۇمۇر باتۇر سىڭلىم نەگە باردىڭىز ؟
مەختۇمسۇلا دەرياغا بىرىپ چىچىمىنى يۇيۇپ كەلدىم؟
چىن تۇمۇر باتۇر نىمە ؟ ئاپلا چىچىڭىزنى بۇلاق سۇيىدە يۇيۇڭ . دەرياغا بارماڭ دىمىگەنمدىم . چاتاق بوپتۇ . ئەمدى گىپىمنى ھەرگىز ئىسڭىزدىن چىقارماڭ
مەختۇمسۇلا خوپ  ئۇنىڭ شولىسى تەڭ كىرىپ ناخشا بىلەن ئۇسۇل باشلايدۇ
ناخشا گۇرىپسى مەختۇمسۇلانى كۇيلەپ ناخشا ئىيتىدۇ


كۆزلىرى چەشمە بۇلاقتەك
قاشلىرى زىرۇ - زىۋەر .
قامىتى شەمشاد دەرەختەك
سۆزلىرى شېرىن - شېكەر .

چاچلىرى مەجنۇن گويا
يۈزلىرى شەمسى قەمەر .
لەۋلىرى گوياكى ياقۇت
قوللىرى ئىشقا چېۋەر .

چىشلىرى دۇررى - سەدەپتەك
پىكرى كەڭ ، ئالەم كېزەر .
كىمكى كۆرسە ئاھ ئۇرۇپ ،
ئىشقى ئوتىدا جان بېرەر .

  ناخشا ئاياغلاشقاندىن كىين چىن تۇمۇر باتۇر قىلىچىنى قولغا ئىلىپ قاراپ قويۇپ ئاندىن مەختۇمسۇلانىڭ ئالدىغا كىلىپ


ئۇزۇن زامان بولدى ئوۋغا چىقمىدىم
جىمجىتلىقتىن زىرىكتىم ھەم تىرىكتىم   
ھورۇنلۇشۇپ يىتىۋەرمەي ئىزىمدا
ئوۋغا چىقىپ كىلەيمكىن جان سىڭلىم
مەختۇمسۇلا
باتۇر ئاكا بىرىپ كىلىڭ سالامەت
نىسىپ بولسۇن سىزگە قوشلاپ
ئەركىن يايلاپ كىلىڭ  مەندىن غەم قىلماي
سىزگە دائىم ھەمرا بولسۇن ھىدايەت  

ئىككىسى خوشلىشۋاتقاندا چىراق ئۆچىدۇ

ئۇچىنچى پەردە بىرىنچى كۇرۇنۇش


سەھنە مۇڭغۇل قەبىلسنىڭ ئاتامانى ئوز مۇخنىڭ ئوردىسى . ئوز مۇخ】 بويى پاكار سىمىز كەلگەن ئىيىق سۇپەت ئادەم . كۇزلىرى تىشىغا چىقىپ كىتەي دەپ قالغان ھالدا كۇرىنىدۇ . ناھايىتى سۇرلۇك . پىشانىسدە بىر قارا خال بار .  ساقاللىق ۋە بۇرۇتلىرى ئۇزۇن . ماڭسا ئىككى يانغا تەۋرىنىپ ماڭىدۇ . ئۇچىسىغا يولۋاس تىرىسىدىن پەرىجە ئارتىۋالغان . بوينىدا توم كۇمۇشتىن زەنجىر ئىسۋالغان【ئۇ تەختتە ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتىراپىدا  مەسلھەتچىلەر ئولتۇرىدۇ . تۆۋن تەرىپدە قىلىچ تۇتقان ئاتارمەن چاپارمەنلەر ئۆرە تۇرىدۇ .
جاكارچى قىزلار كىرگەي دىگەندىن كىين ئۇسۇلچى قىزلار كىرىپ ئۇسۇل ئوينايدۇ. ئارىدىن ئەڭ چىرايلىق بىرى ئوز مۇخقا سۇركىشىدۇ ئوز مۇخ ئۇنىڭدىن زىرىكىپ  مەختۇمسۇلانىڭ  چىچىنى قولىغا ئىلىپ سەكرەپ تۇرۇپ كىتىدۇ  



ئوزمۇخ
مەختۇمسۇلا ھەي مەختۇمسۇلا
ئاي بولساڭمۇ ئۇزۇپ ئالارمەن
ئەگەر سىنى بەرمىسە ئاكاڭ
بىر جەڭ بىلەن يىڭىپ ئالارمەن

شۇ پەيىتتە بىر خەۋەرچى كىرىپ كىلىدۇ .  ئاتامان . ئاتامان . ئەھۋال چاتاق  ئەھۋال چاتاق
ئوز مۇخ جىددىلىشىپ نىمە ئىش بولدى نەخ گەپنى قىل
چاتاق بولدى راستىنلا چاتاق بولدى
ئوز مۇخ ئۇنى بىرنى تىپىپ تىلىڭنى چىشلىمەي چاپسان دىمەمسەن كالۋا ؟ نىمەم چاتاق بولدى ؟
خەۋەرچى چىن تۇمۇر باتۇر دىگەن تەلۋە مىنىڭ سالجۇقىغا بىرىدىغان سىڭلىم يوق . نوچى بولسا مىنى يىڭىپ ئالسۇن دەپتۇ . مەن ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتىم . ئۇنىڭغا قانداقمۇ تەڭ كەلگىلى بولسۇن ؟
ئوزمۇخ ھۇ نان قىپى كالۋا  سەن قورقۇشتىن باشقا يەنە نىمىنى بىلسەن . ماڭ يوقال كۆزۇمدىن .  ئۇنى ھەيدەپ چىقىرىدۇ ئاندىن جاكارچىغا توۋلايدۇ . مىنىڭ پالۋانلىرىمنى چاقىر. مەن جەڭگە بارىمەن. مەختۇمسۇلانى بۇلاپ كىلىمەن . بۇ قىتىم ئەگەر كىمكى بويۇنتاۋلىق قىلسا ئۇنىڭ كاللسنمۇ قوشۇپ ئالىمەن
ئارىدىن ياشقا چوڭ بىر مەسلىھەتچى ئورنىدىن تۇرۇپ
ئاتامان  ئىلى دىيارى يىراق . يوللىرى مۇشكۇل . ئۇنىڭ ئۇستىگە چىن تۇمۇر باتۇرنىڭ باتۇرلۇقتا نامى يەتتە ئىقلىمغا مەشھۇر . بىزنىڭ يىڭشىمىزدا ئۆمىت يوق . بۇ ئىشنى ئالدىرماي مەسلىھەت قىلساق بۇلارمىكىن ؟   
ئوز مۇخ جاللات بۇ قىرنىڭ كاللسىنى ئىلىڭلار . بۇنىڭدىن كىين مىنى ھىچكىم توسمسۇن بولمسا ئاقىۋىتى ئۇنىڭدەك بۇلىدۇ
يەنە بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئاتامانىم . مەن ئۇنىڭ بىر قوشۇق قىننى تىلەيمەن . ئۇ سىلىنىڭ ئاتىلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولغان ئادەم . ياخشى مەسلىھەت ئۈچۈن قان تۇكۇلسە ياخشى بولماس ؟
ئىككى جاللات قىرى كشىنى داقىرىتىپ سۆرەپ ئىلىپ چىقىپ كىتىۋاتقاندا ئوز مۇخ بولدى قويىۋىتىڭلار سىلەرگە دەپ قوياي . بۇ قىتىم مىنى ھىچكىم توسىمسۇن مەن بۇ قىتىم ھىچكىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايمەن  

ئوز مۇخ
زەپىراندەك سارغايدىم
مەختۇمسۇلانىڭ ئىشقىدا
تاپمىدىم ئۇنىدىن بىلەك
دەردىمگە ھىچ بىر پانا

يا ئۇنىڭ ۋەسلى قۇچاي
يا ئۇلۇم كەلسۇن بىشمغا
ئەر ئۇچۇن شەرەپ ئەمەسمۇ ؟
جان بىرىش يار يولىدا

ئوز مۇخ بارلىق لەشكەر باشلىرى پالۋانلار ھەممىڭلار تەييار بۇلۇڭلار ئەتە سەھەردە تىكەس دەرياسى تەرەپكە قاراپ سەپەرگە چىقىمىز .
ھەممىسى قورقۇشۇپ خوپ دىيشىدۇ

چىراق ئۇچىدۇ

ئۇچىنچى پەردە ئىككىنچى كۇرۇنۇش


مەختۇمسۇلا جەڭ خەۋرىنى ئاڭلاپ جەڭ كىيمىلىرىنى كىيىپ قىلچنى ئاسقاندىن كىين قەپەزدىكى كەپتەرنى چىقىرىپ سەھنىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندىن كىين كەپتەرنى باغرىغا بىسپ قويىۋىتىدۇ . كەپتەر ئۈچۈپ كىتىدۇ



مەختۇمسۇلا

قويىۋەتكىن دىگەن جان ئاكام
سىنى كۇنلەر چۇشسە  بىشمغا
جەڭگە چىللاپ كەلدى رەقىپلەر
توپا سالماق بۇلۇپ ئىشىمغا

ئاق كەپتىرىم ئوماق ئاق كەپتەر
ئۇرلە تىزدىن چەكسز ساماغا   
مىنى بۇندا يالغۇز قالدى دەپ
خەۋەر بەرگىن تىزدىن ئاكامغا

ئۇ ناخشىنى ئىيتىپ بولغىچە بىر توپ ئاتنىڭ دۇپۇرلەپ يىقىن كىلىۋاتقان توياق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ  مەختۇمسۇلا ئارقىسىغا يىنىپ قورام تاشنىڭ ئۆسىتگە چىقىپ سىرىتقا قارىماقچى بولغاندا ئاۋاز چىقارماي ئوز مۇخ بىلەن بىر نەچچە ئەسكەر كىرىپ كىلىدۇ . ئوز موخنىڭ بىر ئەسكىرى ئەمدى ئۇنىڭغا يىقىنلىشاي دىگەندە مەختۇمسۇلا قىلىچىنى چاققانلىق بىلەن چىقىرىپ ئۇنىڭ گىلىغا تىرەيدۇ


ئوز مۇخ
سىزنى كۆرۇپ ئەس ھۇشۇمنى يوقاتتىم
بەرنا قىزغا لايىق ئەمەس قان تۆكۇش   
ياخشلىقچە ئەل بولسڭىز مەلىكەم
كىرەك ئەمەس سىزگە قاتتىق قول بۇلۇش

   
مەختۇمسۇلا لەشكەرنى ئىتتىرىۋىتىپ ئوز مۇخقا جاۋاپ بىرىدۇ


نىمە دىگەن ئوياتسزلىق بىر قىزغا
تۇمەن لەشكەر بىلەن ھەيۋە كۇرسەتمەك   
نامەرىتلىكنىڭ دۇنياسىدا بارمىكىن  ؟   
مۇھەببەتنى بۇلاش ئۇچۇن قول سالماق

ئاڭغىچە تەرەپ تەرەپتىن لەشكەرلەر بىسىپ كىلىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن خەۋەرچى توۋلاپ كىلىدۇ .
خەۋەرچى چاتاق بولدى ئاتامان چاتاق بولدى . چىن تۇمۇر يەردىن ئۇنگەندەك پەيدا بۇلۇپ بىرنەرە تارىتقانچە بىزنىڭ بىر بىر تۇمەندىن ئارتۇق لەشكەرنى ئۆزى يالغۇز سۇرۇپ توقاي قىلىۋەتتى لەشكەرلەر تىرىپىرەن بۇلۇپ كەتتى قانداق قىلمىز ؟
ئوز مۇخنىڭ لەشكەرلىرى ئارقىغا يىنىشقا باشلىغاندا ئوز مۇخ غەزەپلىنىپ ئۇنىڭ ئون بىشى بارمىكەن ؟ قىنى ئۇنى بىر كۇرەي بىر قىلىچ بىلەن پارە پارە قىلىۋەتمسەم ھىساپ ئەمەس . ھازىردىن باشلاپ ھىچكىم بۇ يەردىن بىر قەدەم يىراق كەتمسۇن دىگەنچە بىر قىلىچ بىلەن مەختۇمسۇلانىڭ قىلچىنى چۇشۇرۋىتىپ ئۇنى باغلايدۇ ئاندىن ئىلىپ چىقىپ كىتىش ئالدىدا تۇرغاندا چىن تۇمۇر باتۇر يىتىپ كىلىپ بىر ئەسكەرنى چىپىپ تاشلايدۇ . قالغان ئەسكەرلەر ئۇنىڭغا يىپىشىدۇ . ئوز مۇخ ئۇنىڭ بىلەن ئىلىشىدۇ . مەختۇمسۇلانى بىر لەشكەر ئىگىزىلىككە ئىلىپ گىلىغا خەنجەر تەڭلەيدۇ  چىن تۇمۇر باتۇر ئىلىشۋىتىپ سىڭلىسىغا قارايدۇ

مەختۇمسۇلا   



ياۋ لەشكىرى ساناقسىز ،
ئۇلار بەكمۇ رەھىمسىز .
مەيلى ئۆلسەم مەن ئۆلەي ،
ئاكا ئامان قېلىڭ سىز .
شۇڭا جەڭدىن يېنىڭ سىز ،
تىلەر شۇنى سىڭلىڭىز .

چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسىغا قاراپ

چىن تۆمۈر دەپ ئېتىم بار
تەشۋىش قىلما جېنىمدىن .
ئايرىلىشقا جان - جىگەر
قانداق چىدار سىڭىلدىن .

چىنار ھەرگىز يىقىلماس
بوران ، چاپقۇن - جۇدۇندىن .
ياۋ ئالدىدا باش ئېگىش
ئارتۇق ماڭا ئۆلۈمدىن .

لەشكەرلەر بارغانسىرى كۆپىيىپ چىن تۇمۇر باتۇرنى ئورىۋالىدۇ . مەختۇمسۇلانى باشقىلار ئىلىپ كىتىدۇ   
چىن تۇمۇر باتۇر ئىلىشا ئىلىشا سەھندىكى ھەممسىنى يىقىتقاندىن كىين ئەتراپقا قاراپ مەختۇمسۇلا دەپ توۋلايدۇ . لىكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايدۇ . ئۇ ھارغىنلىق ئىچىدە قىلچنى يەرگە سانچىپ تىزلىنىپ قالىدۇ دە يىنىدىكى بىر لەشكەرنىڭ گلىنى بوغۇپ تۇرۇپ ئىيتە سىڭلىم قىنى ؟ بۇ دۇنيالىقتىكى بىردىن بىر قىرىندىشىم قىنى ؟
لەشكەر  چىن تۇمۇر باتۇر ئۇنىڭدىن ئۆمىت كۇتمە ئۇ ئاللىقاچان دەريادىن ئۇتۇپ ئوز مۇخنىڭ ئوردىسىغا بىرىپ بولدى . چىن تۇمۇر باتۇر ياق ياق مومكىن ئەمەس دىگەنچە ئارقىسغا يىنىپ يىقىلىپ ھۇشىدىن كىتىدۇ . چىراق ئۆچىدۇ


تۆتىنچى پەردە بىرىنچى كۇرۇنۇش


پەردە ئېچىلشتىن بۇرۇن بوۋاي قىزنى ئىلىپ چىقىدۇ


ئۇ قىز بىلەن بىر تاشنىڭ ئۆستىدە ئولتۇرىدۇ
قىزچاق بوۋا شۇنىڭ بىلەن چىن تۇمۇر باتۇر مەختۇمسۇلانى قۇتقۇزالماي نەگە كىتىدۇ
بوۋاي چىن تۇمۇر باتۇر ئىلاجسىز تولا يىغلاپ كۆزى كور بۇلۇپ قالىدۇ . خەلىق ئۇنى شۇندىن كىين چىن تۇمۇر قارىغۇ دەپ ئاتايدۇ
قىزچاق ئەمسە مەختۇمسۇلا كيىن ئوز مۇخنىڭ يىرىدە تۇرۇپ قالغانمۇ ؟
بوۋاي شۇنداق . مەختۇمسۇلا بۇلاپ كىتلگەندىن كىين مەجبۇرى توي قىلىپ ئوز مۇخنىڭ نىكاھىغا ئۆتۇپ بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۇزۇپتۇ. مەختۇمسۇلا زىياپەت بولغان بىر كۇنى قىچىشنى كۇڭلىگە پۈكۈپ ئوز مۇخنىڭ كۇندە مىڭ چاقىرىم يول باسىدىغان ئۇچقۇر تۇلپىرىنى مىنىپ ئىلى دەرياسىدىن ئۇتۇپ كىتىپتۇ . ئۇنى قوغلاپ كەلگەن ئەسكەرلەر دەريادىن ئۆتەلمەي مەختۇمسۇلاغا يالۋۇرۇپتۇ . لىكىن مەختۇمسۇلا چىن تۇمۇر باتۇر ئۇچۇن ھەممىدىن كىچىدىكەن  ئۇلار مەختۇمسۇلارنىڭ ئاقار ۋە چۇكەر دىگەن ئىككى بالىسىنى دەريا بويىغا ئىلىپ كەپتۇ
قىزچاق ئاخىرىچۇ بوۋا ؟
بوۋاي قىزنىڭ قولىدىن يىتلىگەنچە چىقىپ كىتىدۇ
   
ھەيۋەت بىلەن ئىقىۋاتقان دەريا دولقۇنلۇنۇپ تۇرۇلۇپ ئاقىدۇ . بىر قاشتا نەچچە ئون لەشكەر يەنە بىر قاشتا چاچلىرى چۇۋۇلغان مەختۇمسۇلا رۇبىرۇ قارىشىپ تۇرغان ھالەتتە چىراق يانىدۇ

لەشكەر ئۇنىڭغا قاراپ ناخشا ئىيتىدۇ



سىز كەتسڭىز بىزگە يوقتۇر ياخشلىق
ئوز مۇخ بىزنى تىرىك قويماس ھىچقاچان
بىر جان ئۈچۈن تالاي قانلار تۇكۇلسە
كىتەلەمسىز بىزنى قويۇپ تىنچ ئامان

بىزگە چىداڭ لىكىن ئىككى ئوغلىڭىز
قانداق چىداپ ئۇتەر ئەمدى ئانىسز

مەختۇمسۇلا   

ئەگەر مىنى قايتىدۇ دىسەڭ
چوڭ بالامنى دەرياغا تاشلا
پىراقىغا چىدىماي بەلكىم
غەزىۋىممۇ بىسلىپ قالار

بىر بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئارقىدىن جىمىپ قالىدۇ . مەختۇمسۇلا يىغلاپ پەرياد چەككەنچە يەنە بىرىنىمۇ تاشلا دەپ ۋاقىرايدۇ. لەشكەرلەر يەنە بىرنىمۇ تاشلايدۇ
مەختۇمسۇلا كۆز ياشىلىرىنى سۇرتۇپ ئورنىدىن تۇرغاندىن كىين قەدىدىنى تىكلەپ ئۇلارغا قاراپ   




ھەي ئىنساپسىز بۇلاڭچى
سەندە پۈتتى ئەۋلادىم .
قالدۇرمىدىم نەسلىمنى
ھاسىل بولدى مۇرادىم .

ئەۋزەل ماڭا ئۆز يېرىم
چىلبۆرىنىڭ يۇرتىدىن .
ئارتۇق بىلگەچ ئاكامنى
كەچتىم ھارام مېھرىدىن .

بالا دەريادا ئىقىپ كەتكەندىن كىين لەشكەرلەر ئۆزىنى كاچاتلاپ ئالدانغانلىغىنى ھىس قىلىشىپ ئەمدى قانداق قىلمىز دەپ تۇرۇپ قالىدۇ  چىراق غۇۋالىشىدۇ
مەختۇمسۇلانىڭ شولىلىرى شۇ زامان پەيدا بۇلۇپ دەرياغا چۇشىدۇ . مەختۇمسۇلا ئىككى بالسىنى دەريادىن قۇتقۇزۇشنى ئويلايدۇ لىكىن دولقۇنلار ئۇلارنى يۇتۇپ كىتىدۇ لەشكەر ئورنىغا ناخشا گۇرىپىسى چىقىپ تىكستسز بىر ئاھاڭغا توۋلايدۇ. مەختۇمسۇلا باللىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىين چىراق ئاستا ئاستا غۇۋالىشىپ چىراق ئۆچىدۇ

تۇتىنچى پەردە ئىككىنچى كۆرۇنۇش


چىراق يىنىپ مەختۇمسۇلا ئەتىراپقا قانماي قارايدۇ . ئەركىن نەپەس ئالىدۇ . ئاندىن تاشتىن تاشقا چىقىپ ئەتىراپنى كۆزىتىدۇ . ئۇنىڭ شولىسى ئۇنى مەركەز قىلغانچە ئايلىنىدۇ



ئايرىلدىم نەچچە يىل گۇلستانىمدىن
قايغۇردۇم سىغىنش ئالدى ئىلكىگە   
تۇتىيا بىلىمەن تامچە سۇيۇڭنى
تۇپراغىم سۇرىمەن توپاڭنى كۆزگە


تنىچ ئامانمىدۇ جانىجان ئاكام
مىنى دەپ نەلەردە بولغاندۇ سەرسان
كىچەر ئىكەن ئۆزىدىن ھەتتا
قىرىنداش مىھىرىگە قانمسا بۇ جان

ئۇنىڭ شولىسى ناخشىغا ماس ھالدا ئۇسۇل ئوينايدۇ
بىر چاغدا بىر بالا بىر تال ئارغامچىنى تۇتقانچە يۇگۇرەپ سەھننىڭ بىر تەرىپىدىن چىقىدۇ
مەختۇمسۇلا ئۇنى تۇتىۋىلىپ گەپ سورايدۇ
ئاۋۇ تۇگە توپى  كىمنىڭ ؟
بالا چىن تۇمۇر قارىغۇنىڭ
مەختۇمسۇلا ؟ ئاۋۇ بىر توپ قۇلانلارچۇ ؟
بالا چىنتۇمۇر قارىغۇنىڭ ؟
مەختۇمسۇلا ئۇ ھازىر نەدە تۇرىدۇ .
بالا ئالتۇن ئارشاڭ دىگەن يەردە تۇرىدۇ
مەختۇمسۇلا ئۇنىڭ نىمە دەپ قارىغۇ بۇلۇپ قالدى ؟
سالجۇ ئاتامانى ئۇنىڭ سىڭلسىنى بۇلاپ كەتكەچكە شۇڭا تولا يىغلاپ قارىغۇ بۇلۇپ قالغان ئىكەن
مەختۇمسۇلا ھەي بالا مىنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارامسەن ؟
بالا ياق مەن باشلاپ بارالمايمەن تۇگە بىلەن ئات يوقاپ كەتسە جاۋاپ بىرەلمەيمەن . تۇلەپ بىرەلمەيمەن
ئەمسە مەن بۇ ئات تۇگىلەرگە قاراپ تۇراي . سەن مۇنۇ خالتىنى ئىلىپ بىرىپ مۇنداق دە     

مەختۇمسۇلانىڭ خالتىسى
ئالموتيارنىڭ ئالمىسى ،
كۆرمەس كۆزگە سۈرتسە
شۇئان ئېچىلىپ كەتكۈسى

بالا ئەگەر ئۇ ئىشەنمىسچۇ ؟
مەختۇمسۇلا

مەختۇمسۇلانىڭ خالتىسى
ئالموتيارنىڭ ئالمىسى ،
مەختۇمسۇلا بولمىسا
قايدىن كېلۇر خالتىسى

بالا چىقىپ كىتىدۇ . ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كىين بىر توپ پادىچى مەختۇمسۇلا قايتىپ كەپتۇ دەپ ۋاقىرىغانچە سەھنىگە كىرىپ كىلىدۇ . سورۇن تەنتەنىگە چۆمىدۇ ھەممە ئۇسۇلغا چۇشىدۇ چىراق ئۆچىدۇ   




بەشىنچى پەردە بىرىنچى كۇرنۇش


چىراق يىنىپ چىن تۇمۇر باتۇر قىلىچىنى قۇچاقلاپ قۇرام تاشتا ئولتۇرغان چىغىدا بىر بالا كىرىپ كىلىدۇ . چىن تۇمۇر قارىغۇ ؟ سىنى نەچچە كۇندىن بىرى بىر ئايال ئىزدەپ يۇرۇيدۇ مەن ساڭا خەۋەر ئىلىپ كەلگەنلگىمنى ئۇ بىلمەيدۇ كۇن بويى بۇ يەردە ئولتۇرماي چىقىپ كۇرشۇپ باقساڭ بولمامدۇ ؟   
چىن تۇمۇر باتۇر بىر ئايال ؟ ماڭا يالغان گەپ قىلما ھىلى بىكار چىپىپ تاشلايمەن مەندىن نىرى تۇر

بالا ناخشا ئوقۇيدۇ   



مەختۇمسۇلانىڭ خالتىسى
ئالموتيارنىڭ ئالمىسى ،
كۆرمەس كۆزگە سۈرتسە
شۇئان ئېچىلىپ كەتكۈسى


چىن تۇمۇر باتۇر ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كىتىپ نىمە دىدىڭ ؟ مەختۇمسۇلا ؟ ئۇ نەدە ؟ ئۇ قىنى ؟ چىن تۇمۇر باتۇر ئىككى قولنى يىيىپ ئەتىراپقا ماڭىدۇ ۋە جاۋاپ بولمىغاندىن كىين بىردىنلا بوششۇپ يىغلامسىرىغان ھالدا ئۇ يوق ئۇ يوق دەپ يەنە جايىدا ئولتۇرىدۇ
بالا يەنە ناخشا توۋلايدۇ



مەختۇمسۇلانىڭ خالتىسى
ئالموتيارنىڭ ئالمىسى ،
مەختۇمسۇلا بولمىسا
قايدىن كېلۇر خالتىسى

[align=

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2104
يازما
119
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3759
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 18:32:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيالىمدىلا   كورۇۋەتتىم  ما    دارامىنى  ،
سىنارىيەسىنى    كورسە  بەكرەك  چۈشەنگىلى  بۇلىدىغان  ئوخشايدۇ  .

كەڭ قورساقلىق+سەمىمىيلىك = ئەركەكلىك

دائىملىق ئەزا

ئىملا ساقچىسى!

UID
4227
يازما
651
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19703
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 18:36:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستاغپۇرۇللا، ئى ماۋزۇنى بژ ئوڭشىۋەتمەيلىما! يەنە تېخى تېكىستمۇ با جۇما !

كۆيۈمچان ئەزا

سۆزدە سىھىر ، شىئېردا ھىكمەت ب

UID
7313
يازما
76
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
2657
تىزىملاتقان
2010-11-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 19:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھنە ئەسىرى ئەمەسكەنيا

UID
6054
يازما
255
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7369
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 10:08:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن نىم بولغاندۇ بۇ مۇنبەرگە، ساپلا ياخشى ئەسەرلەرنى  ئۇزارتىپ يوللاپتۇغۇ!بىراقلا  ساقلىۋالاي! بۇ ئەسەرنى ھېچ بولمىسا ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىسىمۇ بوپتىكەن،ئوقۇپ بولغۇچە كوزلىرىم تېلىپ كەتتى دىسە ،چىن تومۇر باتۇر ھەم مەختۇمسىلادەك مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ئارىمىزدا كوپرەك چىقىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز!

UID
7844
يازما
6
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
307
تىزىملاتقان
2010-12-11
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-13 11:32:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  داستاننى قارلۇقتىكىلەر بىر كارتۇن فىلىم قىلىپ ئىشلىگەن نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى !

كۆيۈمچان ئەزا

بەندە بەندىگە دە

UID
1293
يازما
174
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
6045
تىزىملاتقان
2009-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 23:44:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇلار بىلەن دىيىشىۋاتىمىز .

UID
24152
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2012-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-6
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 14:07:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يېزىلىشى بەك جايىغا چۈشۈپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پېرسوناژلار ئوبرازىمۇ شۇنداق ئېنىق.  كىنو قىلىپ ئىشلىسە، ھەقىقەتەن ياخشى چىققۇدەك.
  مەن بەك قىزىقتىم بۇ سىنارىيەگە. ھازىرچە دەسلەپتە ھېس قىلغىنىمنىلا يازغاچ تۇراي! ~~~
  ئاپتورنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن، ھارمىغايسىز!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش