تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1396|ئىنكاس: 7

كۆيىۋاتقان روھ  (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7665
يازما
9
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
510
تىزىملاتقان
2010-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 12:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        سەھرا مۇھاببىتى

      ياسىنجان ئىبراھىم

سەھرا، سەھرا ئانا سەھرايىم،
كىندىك قېنىم توكۈلگەن تۇپراق.
سەن شەھەردىن بولساڭمۇ يىراق،
سېغىنىمەن خىياللار ئارا،
يۈرىكىمدىن قايناپ ئىشتىياق.

چىللاپ مېنى سېغىنچىڭ يەنە،
كەلگىنىمدە ئاچتىڭ كەڭ قۇچاق.
ئەي مۇقەددەس ئەي ئېزىز تۇپراق،
ماڭا كۈلۈپ باقماقتا ئەنە،
قىرلاردىكى چىم،يالپۇز،قىياق...

گۈل كۆرىنەر كونا مەھەللەم،
چاڭ توزىغان توپىلىق يولمۇ،
قاداق باسقان يېرىلغان قولمۇ.
كۇلكە تۆكەر چېھىرلەر ھەردەم،
شۇلاردىكەن سۈتتەك كۆڭۇلمۇ.
                  2
ئۆتمۈشۈڭدۇر غول يىلتىزىڭدۇر،
پەرىشتىدەك بوۋام ۋە مومام،
تۆرگە ئاپتۇ شۇڭا ئەل-ئاۋام،
ئۇلار يېشى سېنىڭ يېشىڭدۇر،
سەھرا،سەھرا ساڭا مىڭ سالام.

قۇچاقلىدى ھويلىدا مەھكەم،
نان قومۇرۇپ ئولتۇرغان ئانام.
دىدى:"خويمۇ سېغىندىم بالام..."
يالتىرىدى كۆزلىرىدە نەم،
كېتىپ قاپتۇ ئېتىزغا  ئاتام.

ئۆز-ئۆزۈمگە دىدىم پىچىرلاپ:
"ياشاندىڭلار يەتكەندۇ ھاردۇق،
ئەمدى جاپا سىلەرگە ئارتۇق...
ۋىجدانىمغا قويايچۇ سوئال،
قىلالىدىم نىمىنى تارتۇق..."
           3
كۆرۈپ قالدىم ئەنە يىراقتىن،
قەيسەر ئاتا مېھنەتكەش ئاتا.
تونىمايدۇ يۈرىكىم  خاتا،
سېغىنغاچقا سېنى ئۇزاقتىن،
قىر ياقىلاپ  بارىمەن مانا.

ئەگەشتۈرۈپ ئىزىڭدىن باھار،
ئېتىزىڭغا سۇ باشلىدىڭمۇ؟
چۆنەك تارتىپ قىر قاشلىدىڭمۇ؟...
كەتمىنىڭدە قۇياش يالتىرار،
خورىماپتۇ بەرداشلىقىڭمۇ...

بولاي ھەمدەم ئارامىڭنى ئال،
تونۇپ قالسۇن ئەجرىم ئېتىزنى.
ئۈزەي يېشىل ھەم ئاق دېڭىزنى...
مېھنىتىمدىن قايىل بولۇپ قال،
ھوسۇل كۈتسۇن خاماندا بىزنى.
                  4
سەھرا،سەھرا ئانا سەھرايىم،
بارغۇم كەلدى مارجان بۇلاققا،
ئوخشايتتى ئۇ كۈلگەن بوۋاققا.
ئۇنى كۆرمەي قانماس خۇمارىم،
ئاقار ئىدى ئۇزاق-ئۇزاققا...

سۆزلەيدۇ ئۇ بالىلىقىمنى،
بارمىدۇ شوخ "ئالتۇن بېلىقىم"
چۆكۈپ كەتكەن قومۇش قېيىقىم،
سۆزلەر بەلكىم شوخلۇقلىرىمنى،
سېغىنىشتا يۈرەك بىتىنىم.

چاڭقاق يۈرەك چىلاشسۇن ئاڭا،
ئۇچۇم-ئۇچۇم ئوتلاي سۈيىنى.
ئاڭلاي شىلدىر-شىلدىر كۈيىنى...
خاسىيەتلىك بۇلاق ئۇ،ئاقار
يېشىللىققا ئاتاپ ئۆزىنى.
           5
ئاھ جىگدىلىك كىچىككىنە باغ،
تونىيالماي قالدىڭمۇ مېنى.
ئۇنتالمايمەن پەقەتلا سېنى.
ئوت ئۈستىگە چاچتىڭ يەنە ياغ،
مەن قالدۇرغان شورىلار قېنى.

ھىدى بارمۇ شىرىن سۆيگىنىڭ،
ئاھ،جىگدىلىك چىچەكلىرىڭدە.
گۈزەل بوستان ئېتەكلىرىڭدە...
ئېسىڭدىمۇ شۇ چاغ كۆرگىنىڭ،
ئىسمىم تۇرار تېرەكلىرىڭدە.

چىرمىۋالدى جىسمىمنى شادلىق،
ئاڭلانماقتا يېنىك شىلدىرلاش.
ياپراققا جۆر تاتلىق شىۋىرلاش.
قەيەردىندۇ ئاڭلىنار ناخشا،
ئانام ئېيتقان ئەللەيگە ئوخشاش.
               6
تاپالمىدىم نەلەردە قالدى،
بالىلىقتا قوي باققان جايلار.
كەڭ جىرالار،ئوي-دۆڭلەر،سايلار...
نەگە باقسام يېشىلزار،گۈلزار،
مېھنەت سىڭىپ ئۆتكەچكە يىللار.

ئەجىر، مېھنەت خاسىيىتىدىن،
سۆيدى ئامەت تۇپراقنى ئاخىر.
ئالقانچە يەر قالماپتۇ تاقىر،
باغاشلاپتۇ ياپ-يېشىل ئورمان،
ياڭرار قۇشلار نەغمىسى ھازىر.

ياڭرار قۇشلار نەغمىسى ھازىر،
تەڭكەش بولۇپ مەشرەپ سازىغا.
باھار مۆككەن قىشى-يازىغا،
ئالسۇن پۈتمەس ئىلھامنى شائىر،
نەزمە چېچىپ باغ-بوستانىغا...

    مەنبە : ئۆزۈم يەنى" شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ 1996-يىل 12-ئاينىڭ 7- كۈنىدىكى سانىدىن
   
   
      سوغۇق تام لىرىكىسى

ئەسىر قىلىپ تەگسىز خىيالغا،
ھەمراھ بۈگۈن سوغۇقلا تۆت تام.
ئىللىمىغان غېرىپ كۈلبىدە،
مەيۈسلىنىپ پىلىلدايدۇ  شام.

ئەشۇ تۆت تام ئىچرە نە ئۈچۈن،
چېچىلمىدى سۆيگىدىن ئۇرۇق.
سۆيۈلۈش يوق سۆيۈشسەكمۇ گەر،
قەلبىم يەنە لېۋىمدەك قۇرۇق.

ئەشۇ تۆت تام ئىچرە نە ئۈچۈن،
بولدى زەھەر ھەسەل ئىچسەممۇ.
ئۆلدى كۆڭۈل ئۆلدى مۇھاببەت،
يۈرىكىمنى بەدەل دىسەممۇ.

ئەشۇ تۆت تام ئىچرە مەنمۇ ھەم،
بولالمىدىم پۇلدەك مۇقەددەس.
پىچىرلىدىم ئۆزۈمگە شۇنداق:
"تاياققا تاش تېڭىلغان ئەمەس...

قەيەردە سەن دىلكەش دوستلىرىم،
مۇڭداشقىم بار ئۇزاقتىن - ئۇزاق..."
كىملەرنىدۇ ئەسلەيمەن يەنە،
بۇللدۇقلايدۇ كۆزۈمدە بۇلاق.

قەيەردىسەن بەخت كۈلكىسى،
تەنھالىققا كىم سىرداش بۈگۈن.
چىرايىمدا يالغان تەبەسسۈم،
قەلبىمدە دەرت قەلبىمدە تۈگۈن.

بىر قارىسام ئالدىمدا بەختىم،
بىر قارىسام ھالىم خاراپتەك.
تېتالمايمەن تەقدىرگە نىچۈن،
ھەييام ئىچكەن ئاچچىق شاراپتەك.

چۈشەنمىدىم تەقدىرنى ئەجەپ،
چۈشەنمىدىم سۆيگىنى ئەسلا.
ئاچچىق ئازاپ ئاچچىق ئۆكۈنۈش،
يۈرىكىمگە تولغان پەۋەسلا.

نومۇس دەيتتىم ئەرگە ياش تۆكۈش،
يۈرىكىمدىن تامدى ياش بىراق.
ئارمان بىلەن تىزغان ئۇگامدا،
مۇھاببەتتىن ياقالماي چىراق.

نىمە بولدى پاك سۆيگۈ دىگەن،
چىرىپ كەتتى نە ئۈچۈن ۋىجدان.
رەزىللىككە دىدىم مىڭ لەنەت،
چىن ئەقىدە بولغاندا پايخان.

بىر مورىدىن چىقسىلا تۈتۈن،
قويۇپ ئۆتسە بىر ياستۇققا باش.
بەخت ئەمەس قالسا كۆڭۈللەر،
ئالەم سىغىپ كەتكىدەك ئاراش.

ئالداندىممەن تەقدىرگە بەلكىم،
ئالدانغاندەك تاتلىققا سەبى.
ياشىدۇقمۇ يۈرەكنى ئالداپ،
ئىككى ھەيكەل سۆيۈشكەن كەبى.

چاقچىقىڭ كۆپ ھاياتقا تەقدىر،
بىھاجەتتۇر دادلىماق ساڭا.
چىن سۆيگىنىڭ ئىللىق قۇياشى،
نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى ماڭا...

   مەنبە؛ ئۆزۈم

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2150
يازما
54
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1736
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 13:31:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:كۆيىۋاتقان روھ (1)

شېئىرغا ئىشلىتىلگەن تىللار بەكلا ئاددىي بولۇپ قاپتۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ شائىر دېگەنگە مەنە بېرىپ << سۆز ياسىغۇچىلار >> دەپ بايان قىلغان. ئەلشىر ناۋايى بولسا سۆز ئۇستىسى دەپ تەرىپلەنگەن. دېمەك بۇلاردىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇدىكى، شېئىر يازغۇچى شائىر دېمەك چوقۇم گۈزەل سۆزلەر ئارقىلىق دىللارغا ھوزور بەخش ئەتكۈچىدۇر. مېنىڭچە بولغاندا ئاپتور يۇقارقىدەك تېخنىكىلىك شېئىرلاردىن بەدئىي شېئىرلارغا كۆچۈشنى ئۆزىدە سىناق قىلىپ باقسا.

ئىش ئادەمگە باغلىق ، نەتىجە تەڭرىگە!

UID
2150
يازما
54
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1736
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 13:32:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:كۆيىۋاتقان روھ (1)

يەنە بىر پىكىر ئەسەرنىڭ چوڭ تېمىسى كۆيىۋاتقان روھ بىلەن كىچىك تېمىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق باغلىنىش مەۋجۇت ئەمەسكەن. ئاپتورنىڭ نېمىشقا مۇناسىۋەتسىز بىر تېمىنى ئومۇمىي تېما قىلىۋالغانلىقىنى ھېس قىلالمىدىم.

ئىش ئادەمگە باغلىق ، نەتىجە تەڭرىگە!

UID
7665
يازما
9
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
510
تىزىملاتقان
2010-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 13:40:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:كۆيىۋاتقان روھ (1)

ھەي، بۇ تور دۇنياسى ئاجايىپكەن، يۇقىرىدىكى تورداش ئېيتقاندەك بىر تۈركۈم بەدىئى شېئىرلارنى يوللىسام چۈشەنمىدۇق دىگەن ئىنكاس بولدى. ئەمدى ئاممىباپ خەلىق تىلىغا ئىدىيىۋى ھېسسىياتنى سىڭدۈرۈش يولى بىلەن يېزىلغان بۇ شېئىرلار ئاددى " تېخنىكىلىق شېئىر" بولۇپ قاپتۇ.
             كىرورەن گۈزىلىگە

( ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە مۇخەممەس)   

   ياسىنجان ئىبراھىم

قۇياشتىن نۇر ئىمىپ چېھرىڭ گۈزەل ئارمانغا ياماشتى،  
كۆزۈڭنىڭ قورغىنى-كىرپىكلڭرىڭ  پەيكانغا ياماشتى،   
كۆزۈڭدىن چاچرىغان ئۇچقۇن تامام ۋولقانغا ياماشتى،   
ئۇزاق قىسمەتلىرىڭ قۇم ئاستىدىن ئاسمانغا ياماشتى،
چېچىڭ سۇمبۇللىرى قۇش سايرىغان ئورمانغا ياماشتى.   

چېچىڭ سۇمبۇللىرىغا تۈن قاراپلا قان يۇتۇپ ئولدى،
جەسۇرلۇق دولقۇنۇڭغا زور قىيانلار مەۋجى ئومتۈلدى،  
جاھانمۇ كۆڭلىنى كەسلەپ ئوغۇزنىڭ نەسلىگە بولدى،
نازاكەت شەبنىمىڭ يىللار شېخىدا يالتىراپ كۈلدى،  
ۋىسال چاقماقلىرىڭنىڭ شولىسى ھىجرانغا ياماشتى.

ھاياتنىڭ سىرلىرى تەكلىماكاننىڭ بەزمىسى گويا،
غورۇرۇڭ تەمكىنى ئاقىل بوۋاڭنىڭ سەبرىسى گويا،  
قەھىرلىك قاتقىنى قارچۇق رەقىبىڭ قەبرىسى گويا،
ۋۇجۇدۇڭ جىملىقى باقى ھاياتنىڭ  نەغمىسى گويا،
تومۇرلار بىزدىكى دولقۇنلىغان ساپ قانغاياماشتى.

مۇشۇ تۇپراققا ئوق يىلتىزلىرىڭ چۆككەنغۇ تارىختا،
نەسەبىڭ كۆمۈلۈپ بارخان ئارا يۈتكەنمۇ تارىختا،
سېنىڭدەك گۈل بەدەن ھۆرلەر قاچان ئۆتكەن بۇ تارىختا،  
گۈزەللىك تاجىنىڭ زەر جىلۋىسى ئۆچكەنمۇ تارىختا،
رەزىللىك تۈلكىسىنىڭ پەنجىسى قاپقانغا  ياماشتى.  

كۆمۈپ ئالتۇن دىيارىڭنى نىچۈن قۇم دولقىنى ئاقتى،
ئۇ چاغلار بەلكى قەسرىڭنى بورانلار ئۆرىدى-چاقتى،
تىلەكلەر بۇ  قەدىم جاي ئىزىدا نۇر-چىراق  ياقتى،  
نىگاھىڭ يۇلتۇزى خىلۋەت رۇجەكتىن خۇش كۈلۈپ باقتى،
ئەسىرلەر ئالۋۇنىغا مىنگىشىپ بۇ قانغا ياماشتى.

كۆمۈلمەس قۇمغا ئابىدەڭ ئالالماس ئەمدى پىنھانغا،  
ئەزىزسەن يەنە چىللاندىڭ يىراق ئەللەرگە مېھمانغا،
كېزەرسەن ئايلىنىپ ئالەمنىمۇ  تىللارغا... مېھمانغا.
ئۆتۈپ تار رەستىلەردىن بارارسەن دىللارغا مېھمانغا،
ئۈنۈڭنىڭ ساز تونۇش زىل تارىسى ئىمانغا ياماشتى.

                  1998-يىل ئاپرىل !  

       مەنبە : ئۆزۈم  يەنى  " شىنجاڭ گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان   

. يەنە ئويلىشاي...

UID
7665
يازما
9
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
510
تىزىملاتقان
2010-12-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 13:46:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:كۆيىۋاتقان روھ (1)

بۇ 2قەۋەتتىكىtaklimakan يوللىغان 2010-12-10 13:32 غا قارتىلغان Re:كۆيىۋاتقان روھ (1) :
يەنە بىر پىكىر ئەسەرنىڭ چوڭ تېمىسى كۆيىۋاتقان روھ بىلەن كىچىك تېمىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق باغلىنىش مەۋجۇت ئەمەسكەن. ئاپتورنىڭ نېمىشقا مۇناسىۋەتسىز بىر تېمىنى ئومۇمىي تېما قىلىۋالغانلىقىنى ھېس قىلالمىدىم.
  
   " كۆيىۋاتقان روھ" قا  (1)  ئىزاھاتى بېرىلگەن. بۇ چوڭ ماۋزۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شېئىر بار. بۇنىڭغا ئالدىراپ يەكۈن چىقارماي تۇرسىڭىز. ئەڭ بولمىغاندا يەنە بىر قانچە پارچىسىنى كۆرۈپ ئويلىشىپ باقارسىز...
   

غەزەللەر

ياسىنجان ئىبراھىم
  1
چۈشۈمدىن چىقمىدىڭ ئەسلەپ سېنى قەدرىڭ ئۆتۈلگەندە،
نىمە دەي ئازدۇرۇپ تەقدىر ئېغىر قىسمەت  پۈتۈلگەندە.

    كۆزۈمنى نەم قىلىپ ئاچسام چۈشۈمدىن قايغۇنى يۈكلەپ،
    پىغانىمنى تۆكەر  بۇلبۇل  بېغىمدا  تاڭ  سۈزۈلگەندە.

ئۆتەر بولغاندا نەشتەرلەپ شىۋىرغان ھۇشقىتىپ ياندىن،
باھارنىڭ قەدرىنى بىلدىم چىچەك،ياپراق  تۆكۈلگەندە.

تۇغۇلسام  قايتىلاپ دەيمەن ئۆمۈرلۈك بىر پۇشايماندىن،
بەخىتنى ئاختۇرۇپ شىرىن خىياللارغا   سۆيۈلگەندە.

نىتەي يانمايدۇ ئاتقان ئوق ئۆكۈنمەك دىل ئازارىدۇر،
پۇرامدۇ خۇش ھىدى ئەمدى بېغىمدىن گۈل ئۈزۈلگەندە.

سەھەردە ئۇيقۇلۇق بۇلبۇل قۇساركەن قان ۋىسال تاپماي،
شۇ بۇلبۇل زارى كەلگەيمۇ ياشاپ قەددىم پۈكۈلگەندە.

كۆڭۈل مۇز ئېرىمەس بەلكىم ئازارى- بىۋاپالىقتىن،
كېلىپ بىر يوقلىساڭ روھىم كۈلەر گۆرگە كۆمۈلگەندە.
                            2
خەۋەر بەرگەندۇ كەچكۈز  ياپرىقى سولغۇن گىيارىڭدىن،
ئەجەپ تەسكەيدە قالدۇردۇڭ قىلىپ مەھرۇم زىيارىڭدىن.

شىپالىق خۇش ھىدىڭغا ھەم بېخىللىق قىلدى سەلكىنمۇ،
ئەجەپ تەس بولدى گۈل ئۈزمەك پەسىلدەك ئىختىيارىڭدىن.

قىياندەك دىل ئازارىڭدا يۈرەك لەيلەيدۇ مىڭ لەختە،
قارايسەن شۇنچە پەرۋاسىز تۆكۈپ مۆلدۈر چىرايىڭدىن.

چۈشۈمدە سۆيگىنىڭ ئىللىق باھارى يوققۇ كۆز ئاچسام،
بۇ ھالدا كەچمىكىم مۈمكىنمىدۇ شىرىن خىيالىڭدىن،

مېنى بىر ئەسلە خانەڭدە كۆرۈپ پەرۋانە مەجنۇننى،
كۆيۈكنىڭ دەردىنى سالدىڭ يىراق قىلما چىراقىڭدىن.

سېنى دەپ شۇنچە سەۋدالىق ئازابى مۇپتىلا  جانغا،
سەدىقەڭ بولسا سۆيگۈڭ جان نىساردۇر ئول بىدارىڭدىن...
                           3
ئىگەم رىسقىنى كەم قىلسا ئېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ،
ئۇچۇپ كەتكەن ھۇماسىنى بېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ.

قۇرۇتلۇق كۆل كەبى روھتىن ھەسەت كۈلسە گۇمان كۈلسە،
يوقاتقان كۈلكىسىنى كۆز يېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ.

يېرىلسا باشلىرى ئالجىپ ئورۇنسىز قىلمىشى بىرلە،
ئۆچىنى يولدا قالغان بىر تېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ.

يېلىڭ تاشلاپ زىمىستانغا جۇگامدا ئۆزلىرى تەرلەپ،
گېزى كەلسە ھارارەتنى مېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ.

ئۆلەيمەن قان يۇتۇپ مەيلى ھامان ئادەمچە خىسلەتنى_
نە ئارمان بولسىلا قەبرە تېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ...
                               4
ئەجەپ ھال تۈندە ئالەمگە خىياللار چاچقىنىڭ پۇل دەپ،
سەھەر بىر چۈشنى تەكرارلاپ كۆزۈڭنى ئاچقىنىڭ پۇل دەپ.

سېلىپ قويغانمىدۇ شۇنداق سېنى ۋەسۋەسكە بىر شەيتان،
زىمىننى تىترىتىپ ھەتتا خۇداغا قاخشىدىڭ پۇل دەپ.

سېھىرلەنگەن كەبى بارچە ئەقىدەڭ پۇلغا باغلاندى،
كېچە مۈگدەركى،ئۇيقۇڭنى تەرىكلەپ ياتمىدىڭ پۇل دەپ.

سېزەلمەي دەسسىشىڭ تەتۈر تىكەنمۇ،چوغمۇ،پاتقاقمۇ...
سۈرۈپ يىلتىزنى گاھ سەزمەي قوقاستا شاخلىدىڭ پۇل دەپ.

نىمە ئۇ مېھرى-شەپقەتلەر تىقىپ كاچكۇلغا توڭلاتتىڭ،
مېشىڭگە كەلسە توڭغانلار ئاڭا ئوت ياقمىدىڭ پۇل دەپ.

چىرىتتى ئاش قىلىپ قۇمدەك قۇرۇتلار بەلكى ۋىجداننى،
دىبان ئاھۇنى يىرتقۇچ، چىل بۆرىنى ماختىدىڭ پۇل دەپ.

ئۆتۈنسە لوقمىنى تۈلكە تۆكۈلسە مىكرىدىن كۈلكە،
پېيىڭدىن قىسقىچە قاپقان ئۇنى دوست چاغلىدىڭ پۇل دەپ.

يولىدا پۇل تېپىش رىسقىڭ بالا نەپسىڭگە ھاي بەرگىن،
ھامان ئالدىڭدا بار ئاچچىق ساۋاققا قالمىشىڭ پۇل دەپ.
                            5
ئوۋلىبان كۆڭلۈم قۇشىن ھەردەم يېنىمدا يايرىدىڭ،
خۇشپۇراق گۈلزارلىقىم كەڭرى بېغىمدا يايرىدىڭ.

بىر يولى ئەيلەپ قامال سۆيگۈڭگە قەلبىم مۈلكىنى،
بۇلبۇلۇڭمەن دەپ قونۇپ سۇنغان شېخىمدا يايرىدىڭ.

دىل بېغىمنىڭ كۆركى-تاجى بىر گۈلى رەيھان دىسەم،
شاخلىدىڭ ئازغان بولۇپ تەرىم-قېنىمدا  يايرىدىڭ.

يىلتىزىڭنى شاخلىتىپ كەلدىڭ يۈرەككە بەك تىرەن،
تولغىنىپ چەكسەم ئازاپ ئاققان يېشىمدا يايرىدىڭ.

ئالدىراپ قەلبىمنى تۇتقۇزدۇم ساڭا ئاھ نە ئۈچۈن،
مىڭ پۇشايمان دەرت بىلەن قاتقان بېشىمدا يايرىدىڭ.

     مەنبە : ئوزۇم

كۆيۈمچان ئەزا

دېھقانسىز دۇنيا

UID
6448
يازما
274
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
9239
تىزىملاتقان
2010-10-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 16:27:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:كۆيىۋاتقان روھ (1)

مەن قايىل بولماي تۇرالمىدىم.

UID
1264
يازما
408
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12615
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 17:58:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:كۆيىۋاتقان روھ (1)

ئاغزىنى تاتىلىسا ئاندىن راسىت گەپ چىقىدۇ مۇنداق ~   بارىكاللا ياسىنجان !

UID
10102
يازما
96
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2016
تىزىملاتقان
2011-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-7
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 17:37:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:كۆيىۋاتقان روھ (1)

ياسىن  چوغلان دىگەن  سىزمۇ  ، قايىلمەن ياسىن ئەپەندى  .
يېقىندا بىر شېئىر توپلىمىڭىزمۇ چىقتى ھە دەيمەن شۇنداقمۇ .

شېرىڭىز مەيلى ، تىل ۋاستىسى  ، ۋە مەيلى مەنا  جەھەتتىن بولمىسۇن ، ناھايىتى تېتىملىق ، ھەم يىنىك  ، باھاردىكى شامالدەك خۇددى جەزبىداز چىقىرىپسىز . ئاپىرىن ئەپەندىم . قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمىز .

سىزنىڭ ھەر بىر شېئىرىڭىز  ئادەمگە  ، ئادەمنىڭ ئون بەش ياشلىق شاش چاغلىرىنى بەكرەك ئەسلىتىدۇ . بۇلۇپمۇ يېزا  ، يەنە سەھرا پۇرىقى  بەك كۈچلۈك .
بۇ يازمىلارنى ھەر ئبىر ئۇقۇغىنىمدا خۇددى ساھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن مەنمۇ  شۇ تاپتا  پاكىز سۈيىدىن  ھوزۇرلىنىۋاتقاندەك بەك تاتلىق ھەم شىرىن پەيزى  قىپ بەك ھوزۇرلىنىپ كىتىمەن . ھھىىم . بۇرنۇمغا . شىرىن تاتلىق ئۈزۈمنىڭ تەمى كىلىۋاتىدۇ جۇمۇ . ھىىم ، بەك شىرىن دىسە ... . ،.


  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش