ئەسسالامۇئەلەيكۇم،دوستلار مەن فوتوشوپ ئۇستىسى ئەمەس،بىر نەچچە دىتالدا ئۆچۈرۈپ،كۆچۈرۈپ،چاپلاپ يۈرۈپ مىڭبىر مۇشەققەتتە مۇشۇ سۈرەتلەرنى ئىشلەۋاتىمەن،شۇڭا« رەسىم ئىشلەپ بېرىڭ» دەپ قويۇپ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ يوقاپ كەتمەڭلار،ئىشلەنگەن سۈرەتنى ۋاقتىدا ئىشلەتكەيسىزلەر .
بىرىنچى قېتىملىق باش سۈرەت ئىشلەش مۇشۇ يەردە توختىدى،باش سۈرەت لازىم بولغانلار ئىشلىتىدىغان سۈرەت بىلەن قوشۇپ ئىنكاس قايتۇرغايسىلەر،ئىككىنجى ساندا يەنى كېلەر ھەپتە ئىشلەپ بېرەي.
باش سۈرەتنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى:
مۇشۇ يەردىكى ئۆزىڭىزگە لايىھەلەنگەن رەسىم ئۈستىگە ئەكىلىپ مائوسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بىسىپ .ئەڭ تۆۋەن تەرەپتە چىقىدىغان خاسلىق( شۇشىڭ )خەنزۇچە属性,
دىگەن خەتنى تاللاپ ئېچىلغان يەردىن رەسىم ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ ئالىسىز،ئاندىن مۇنبەر باش بېتىدىكى تىزگىن تاختا دېگەن يەرگە كىىرىپ ئۇ يەردىن ئارخىپ ئۆزگەرتىشكە كىرىسىز،ئاندىن ،باش سۈرەت ئۆزگەرتىشنى تاللاپ باش سۈرەت ئۇلاش دېگەن يەرنى تاللاپ قويۇپ چىققان سىتونغا كۆچۈرىۋالغان ئادرىسىڭىزنى چاپلايسىز،كەڭلىك ۋە ئىگىزلىكلىرىنى كۆرسەتمە بويىچە 174،254 قىلىپ يېزىپ تەڭشىسىڭىزمۇۋاپىق چىقىدۇ.
شۇنداق قىلىىپ باش ئۆزگەرتىش جەريانىڭىزنىڭ قەدەم باسقۇچى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
选子为你设置的照片 ----按鼠标右键查看 ---属性. ----- 复制图片地址---返回爱酷艺首页-----进设置个人资料-改变头像--------粘贴 已经复制好的图片地址。













شاش ئالىم:مەندە پەقەت مۇشۇ قەيسەر ھەبىبۇللاھنىڭلا رەسىمى بارئىكەن،ئۇيغۇرشاش يىگىتلىرى دېگەنىدىڭىز،بىلەلمەي مۇشۇنى ياساپ تۇردۇم،ياقتۇرمىسىڭىز ئىشلەتمىسىڭىزمۇ مەيلى..
چىچەك
چەبدەس:سىزنىڭ باش سۈرتىڭىز بەك كىچىككەن،ئۇنى يوغانتىپ ياسىسام بەك چاپاق چىقىپ قالدى،بەشىنچى باشقارما ھەركەتتە فىلىمىدىكى ئۇ بۈدۈر چاچنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن،گوگۇلدىن ئىزدەپ قېزىپمۇ ئۇنىڭ رەسىمىنى تاپالماي مۇشۇنى ياساپ تۇردۇم.

باش سۈرەت ياساپ بەرمىسەم يىغلاپ ئالەمنى مالەم قىلىپ ئاپىسىنى باشلاپ كىلىدىغان نەسىبە.

.
مۇسابىقە مەيدانىدىن شەرەپ قۇچۇپ قايتقان پالۋان.
رەيھاننى ئىزدەۋىتىپ ماڭا بىرنى ياسىغاچ تۇرۇڭ،مەن باشقا دۇككانلارغىمۇ بىر قاراپ باقاي دەپ يوقاپ كەتكەن ئەرك ئاي

مىللىتىمىزنىڭ چىقىش يولى ئۈچۈن ئىزدىنىپ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاۋاتقان ئازغان
رەيھان بارمۇ دەپ توۋلايدىغان ئاقكۆڭۈل پەرىشتە
تېتىملىق ئىنكاسى،ۋە كۆزەينەك تاقىغان ھالىتى ئېسىمدىن كەتمەيدىغان پەرىئاي]
.
مەن ھەممىنى خىلى ئەستايىدىل چۈشەندۈردۈم دەپ قارايمەن،يەنە ماڭا رەسىم ئادرىسىنى ئەۋەتىپ بېرىڭ دېسەڭلار،مەن بۇ رەسىملەرنى يوللىغان بوشلۇققا كىرىپ ئىلىپ چىقسام بولىدۇ.مۇشۇ رەسىمىڭلارنىڭ ئۈستىنى چىكىپ تۇرۇپ ئىلىۋىلىڭلار.
.