قىزلار ھاراق ئىچمىگەن كۈنى
قىزلار ھاراق ئىچمىگەن كۈنى
كۈن غەرىپتىن چىقىشى ئىنىق.
يوقاپ كىچىلەرنىڭ پىغانلىق ئۈنى،
يوقايدۇ ئانىلار باغرىدىن يېرىق.
ئىچمەيتتى قىزلار ئەسلىدە ھاراق،
ئىچكۈزدى
ئىپپىتى سېسىغان ئەرلەر،
دۇنيانى ئالداشنىڭ يىپىدا تورلاپ.
ئەلەمدىن كۆك يىراق،
چىقالمىغاچقا،
ئۆلۈمدىن يەر قاتتىق،
كىرەلمىگەچكە،
ئىچتى قىزلار
يۈرىكى خورلۇقتىن تۇرسىمۇ قاناپ.
قىزلارنىڭ كەيپىدىن يېيىلدى مەسلىك،
ۋىجدانى چاڭلاردا قالغان ئەرلەرنىڭ،
تۇمۇرىدا شەھۋەتلەر قايناپ.
قىزلار ئىچمەيتتى رىۋايەتتىمۇ،
ھېلىھەم ئىچىشنى بىلمەيتتى زىنھار.
ئىچسە جاھان تەتۈر چۆرگىلەپ
ئاسماندا مەغرۇر يۈرمەيتتى دارۋاز.
روھ ئۆيىنى زەئىپلىك بېسىپ
كەيىپلىك كوچىغا ئاققاندىن بىرى
ھەممە نەرسە يالىڭاچلىنىپ
شەرىم ھايا ئايلىنىپ يوققا
قىزلار يېنىچە كۈلۈپ ھاياتقا
ئىچىشنى باشلىدى ئەرلەردىن سوراپ،
نەلەردە قاقىلداپ پەي تارىسا غاز...
بۇزۇلغان پەدىنى تۈزەلمەي ھەييات،
قىلماقتا بوۋىلار ئىچىدە غازات...