ئوت
تەكلىماكاندەك خىياللىرىمدا
ئۇخلىماقتا قۇملار چۈش كۆرۈپ .
ياز ئاپتىپى كۆيمەكتە ئاستا ...
ئۆكسىمەكتە تەنلەر ئۆركىشى،
يۆتەلمەكتە قۇرغاق ﻫاياجان،
بىر ئەلنىڭ ئۆلگەن قەلبىدەك گويا.
تىترەۋاتقان سارغۇچ تەبەسسۇم
ئايلانماقتا قارا تاشلارغا .
ئاپتاپلارنىڭ باياۋانىدا
يامغۇر كۆيۈپ كۈل بولماقتا...
ئوت كەتمەكتە قەلبىمىزگە،
ئوت كەتمەكتە شەﻫەرگە...
قۇيۇلماقتا كىچىك بىر دەريا
كۆيۈۋاتقان يېشىل يۈرەككە...
تەكلىماكاندا مېڭىش
قۇملارنىڭ يۈرىكى بار دەپ ئويلىدىم
كېتىۋېتىپ تەكلىماكاندا .
قۇرۇغان توغراقلار ئوخشاپ كېتەتتى
مېنىڭ قەلبىمدىكى بىر توپ ئادەمگە .
ماشىنا قۇملارغا قاراپ ماڭاتتى
قۇملار ماشىنىغا قاراپ قالاتتى.
مەن قۇملار بىلەن پىچىرلاشقاندا
مەن ئۆزۈمنىڭ ئادەملىكىمنى
قۇملار ئۆزىنىڭ قۇم ئىكەنلىكىنى
ئۇنتۇپ قالاتتى...
تەكلىماكان ئۆزگىرىپ كەتكەن خاتا ئىسىممىكىن دەيمەن ،
توغرا نامى بەلكىم ئۇنىڭ قۇملار تېگىدە.
توغراق يوپۇرماقلىرى ئۈمىدكە شاھىد ،
قۇرۇپ قالغانلىرى ئازابقا تەۋە.
ئۇ ھەم يانالمىغان تارىخنىڭ
بىر دۆۋە سۈكۈتىگە بوپ تۇرار بەلگە .
تەكلىماكان ،
سېنى قۇچاقلاشقا يەتمىدى قولۇم ،
قۇچاقلىدىم يۈرىكىمدىن سېنى مەن مەھكەم ...
ئارامجاڭگال مەيخانىسى
بىلمەيمەن ئورنۇڭنىڭ نەدىلىكىنى
بېرىپ باقمىدىم ساڭا بىر قېتىم .
ئەمما، شۇندىمۇ
چېچەكلەيدۇ بەزىدە جىملا
سەن توغۇرلۇق مېنىڭ خىيالىم .
پەقەت
خاتىرەمدە كۆيۈپ تۇرغان سۆزلەرنى دەسسەپ
ساڭا بىر رەت يول ئالىمەن چۈشۈمدە .
كىملەرنىڭدۇر مۇناپىقلىقى
غەزەپلەندۈرۈر مېنى غۇچچىدە .
ساڭا بىر قېتىم باراي دەيمەن
مەي ھەققىدە بىردەم ئويلايمەن
بېشىم بىلەن مېڭىپ مەن ئاندىن
جاڭگىلىڭنى ھارماي بويلايمەن.
ئارامجاڭگال ،
ئەتە - ئۆگۈن باشلاپ بېرىپ ئاغىنىلەرنى
ئۇرۇپ - چەيلەپ كۆكەمىلەرنى
ئىچىشىمىز سېنىڭدە بىر كۈن !
2007- يىل 7- ئاي. تۇرپان