يارغول قەدىمكى شەﻫىرى
چىڭدالغان توپىدۇر ئۇنىڭ يۈرىكى،
ئۇ توپا ئەمەستۇر مەڭگۈگە ئەمما.
ئۈچ مىڭ يىل توپلىغان رېۋايىتىنى،
ياتىدۇ پىچىرلاپ ئۇ ئاستاغىنا .
زەن سېلىپ قارىساڭ تار كوچىلاردىن،
چىقىدۇ گوياكى بىر توپ باﻫادىر .
ئاپتاپتا ئالتۇندەك يانغان تاملاردا.
ئۇنتۇلغان كەچمىشلەر بولىدۇ زاﻫىر.
ئۇنىڭ ئوت كۆكسىدە ئۆكسۈيدۇ تارىخ،
چۈش بىلەن ﻫەسرەتنى چېتىپ بىپايان.
زاماننىڭ چىڭدالغان ﻫاياجىنىدا ،
ئەركەكتەك ئورنىدىن تۇرار ئۇ ﻫامان.
ئۆزىنىڭ يوقالماس بالاغىتىنى ،
تۇرار ئۇ جاﻫانغا نامايان قىلىپ.
ئۇنىڭ شۇ سەنئەتلىك قىياپىتىنى،
ئەڭ ئۇلۇغ رەسساممۇ چىقالماس سىزىپ.
مەنبە : << تۇرپان >> ژورنىلى 2007- يىللىق 4-سانى.