تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 715|ئىنكاس: 5

ئۆزۈڭنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
5137
يازما
245
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
8119
تىزىملاتقان
2010-8-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 16:33:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈڭنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالما
ئاپتور:مۇھەممەتجان راشىدىن

بالام، يالغۇز ئۆزۈڭنى ئويلايدىغان بوپقالما،
ئىش - ئوقەتكە مەيلى يوق، ئوينايدىغان بوپقالما.
سارايلارغا سازاۋەر بولغاندىمۇ ئۆمۈرلۈك،
گەمىلەرنى ياقتۇرماي، قونمايدىغان بوپقالما.

پېشايۋاندا كۆك كەپتەر يارىشىقى ھويلاڭنىڭ،
دەرگاھىڭدىن ئامەتنى قوغلايدىغان بوپقالما.
ئەقىل دېگەن ئىنساننىڭ ئەزىز جېنى يەنە بىر،
يامانلارنى«ياخشى» دەپ قوغدايدىغان بوپقالما.

بولۇپ چىقتى نائەھلى ئۆگەنگەنلەر نان ئىلغاپ،
دېھقان تۇرۇپ سەنمۇ، نان ئىلغايدىغان بوپقالما.
قوغۇن تەرسەڭ باش - بۇرنى كۆپنىڭ بولسۇن ئەڭ ئاۋۋال،
قوغۇن تېرىپ بىر خەمەك تىلمايدىغان بوپقالما.

چاشقانلىرى نەپسىڭنىڭ پۇل كەينىدىن قۇترىشىپ،
خۇدا بەرگەن رىزقىڭغا تويمايدىغان بوپقالما.
دۇنيا يىغساڭ يىغ مەيلى، تەڭرى بەرسۇن ۋە لېكىن !
ئاتاڭغىمۇ بىر توخلا سويمايدىغان بوپقالما.

تارتىپ كۆرەر تۈنلەردە ئىشىكىڭنى ئېزىتقۇ،
ئىشىكىنى قەلبىڭنىڭ ئىلمايدىغان بوپقالما.
ئەمەل تۇتساڭ ئەل تۇرسۇن ئۆز ئاناڭدەك يادىڭدا،
دەردمەن كەلسە ھال ئېيتىپ، تىللايدىغان بوپقالما.

قېچىپ يۈرەر ياخشىلار ھەر دوقمۇشتا شەيتاندىن،
سەن شەيتاننى، ئەكسىچە چىللايدىغان بوپقالما.
ئۆز بېغىڭدا گۈل تۇرۇپ تۈمەن گۈلگە بەرگۈسىز،
ئۆزگىلەرنىڭ بېغىدىن خىللايدىغان بوپقالما.

ئادالەتنىڭ ناخشىسى ياقمايدىغان يۈرەك يوق،
ياقمايدىغان ناخشىنى تولايدىغان بوپقالما.
ئالقىنىڭنىڭ پاكلىقى دەرگاھىڭغا شەرەپشان،
يانچۇقىنى پۇقرانىڭ كولايدىغان بوپقالما.

يېڭى ئەسىر سېنىڭدىن يېڭى ياشلىق كۈتمەكتە،
ئىختىرا قىل، ئىجاد قىل، دورايدىغان بوپقالما.
ياشانغاندا ياخشى نام ئالالماستىن ئالەمدىن،
بارمىقىڭنى پۇشماندا شورايدىغان بوپقالما.



مەنبە :سەلتەنەت تور بېتى

سەھەر تۇرغان  قۇشنىڭ ،دېنى كام بولماس
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
3454
يازما
115
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
4008
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 10:14:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ھەقىقەتەن كۈچلۈك تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن، پەرزەنت تەربىيىسى بىز ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بۈگۈنكى بۇنداق شارائىتتا ھەقىقەتەن بەك تەس بولۇپ قالدى، ئازراق دىققەت قىلمىساق بالىنى تەربىيلەشتە نۇرغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ سالىمىز،شۇڭا ھەممە ئشنى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.

مەريەم

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
192
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5314
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 10:51:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  شائىرىمىزنىڭ  شېئېرلىرىنى  ئىنتايىن  بەك  ياقتۇرۇپ  ئوقۇيمەن،تۇرمۇش  پۇرىقى  بەك  كۈچلۈك،تىلى  چۈشىنىشلىك،ھەر  قانداق  ئادەم  بىر  ئۇقۇپلا  ھەزىم  قىلالايدۇ.شائىرغا  ئۇزۇن  ئۆمۈر،سالامەتلىك  تىلەيمەن.تېما  ئىگىسىگىمۇ  تەشەككۈر!

UID
5189
يازما
564
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18030
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 16:06:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شېئىرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ،،تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ شېئىرنى يوللىغان تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر !!!

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

UID
4483
يازما
119
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3470
تىزىملاتقان
2010-8-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 18:07:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپمۇ  ياخشى  شىئېر ئىكەن ،مۇھەممەتجان  راشىدىننىڭ  شىئېرلىرىنى  بەك  ياقتۇرىمەن ،ساقلىۋالاي ،رەھمەت .

UID
1264
يازما
408
تېما
64
نادىر
0
جۇغلانما
12615
تىزىملاتقان
2009-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-13
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-10 14:31:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىر ھەققىدە غەزەل

سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،  
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇقماق ئېرۇر.

شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،  
ئەمدى بىلدىم  ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .

ئۈلپىتىڭ نائەھلى كەلسە،ئۆلگىنىڭ شۇدۇر تىرىك،  
لازىمى ھەر دوستقا ئەقىلىڭ كۆزىدە باقماق ئېرۇر.

بەدنىيەت ئۈلپەتلىرىڭدىن سەن ئۈچۈن كەلمىش “ۋاپا”،  
ئاقىۋەت بىر كۈن كېلىپ باشىڭغا ئوت ياقماق ئىرۇر .

نەپسى دوست تائىپلىرىڭ ھەقدا تائامىڭغا سېنىڭ،  
گەر بېشىڭغا چۈشسە كۈن،سەندىن بەتتەر قاچماق ئېرۇر.

بىر بوۋاي ئۆمرى ئۈچۈن ئۇشبۇ جاھانمۇ ئاز ئەمەس ،  
ئەمما ئىنسان ئۆمرى گويا كۆكتىكى چاقماق ئېرۇر.

شۇندىمۇ قانداق ياشاشنىڭ ئىزدىسەڭ ئۆز يولى بار،  
ئۆلچىمى ئۆلمەس ئۆمىرنىڭ ياخشى نام تاپماق ئېرۇر .

ياخشى نام ۋە ياخشى دوست جۈپ كەلگىنى دۆلەت ساڭا،  
ياخشى دوست كۈلكەڭگە خوش ،دەرت كەلسە تەڭ تارتماق ئېرۇر .

ياخشى دوست ياقۇت ئېرۇر ،دوزاىتىمۇ ھەمراھ ساڭا ،  
سەن ئاقار دەريادا سەنچۈن ئۇ ئۆزى ئاقماق ئېرۇر.

بايقىماي باسقان ئاياق ھەم پەملىمەي بەرگەن سىرىم ،  
گۆر كولاپ مەنچۈن بۈگۈن دەھشەت ئىشىك ئاچماق ئېرۇر  

مەنبە؛مۇھەممەتجان راشىدىن  شىئىرلىرى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش