تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1633|ئىنكاس: 11

قارلىق كەچتە ئەسلىدىم سېنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4105
يازما
31
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
390
تىزىملاتقان
2010-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 20:25:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارلىق كەچتە ئەسلىدىم سېنى،

تۇمان باسقان ئاسمانغا قاراپ.

تىترەك بېسىپ مۇزلىدى تېنىم،

بولۇپ ئاشىق يۈرىكىم خاراب.

 

قارلىق كەچتە ئەسلىدىم سېنى،

چاقماق گۈللۈك شارپىنى پۇراپ.

يىغلاپ تۇرۇپ خۇشلاشقان چاغدا،

قويغان تۇنۇش بوينۇمغا ئوراپ.

 

قارلىق كەچتە ئەسلىدىم سېنى

كېلىپ ئارچا تۈۋىگە جانسىز.

كۈلۈپ كەتتىم ئۆزۈمچە ئاچچىق،

يۈرۈپ غەمكىن... چىرايىم قانسىز.

 

قارلىق كەچتە ئەسلىدىم سېنى،

تىلەپ شورلۇق سۆيگۈدىن ۋىسال.

چىقتىم روھسىز ئايلىنىپ رەستە،

سۇپرا تاپان دىۋانە مىسال.

 

قارلىق كەچتە ئەسلىدىم سېنى،

شېرىن ئازاب باغرىمنى قۇچۇپ.

بارغۇم كەلدى يېنىڭغا جېنىم،

كۈيلەپ قالغان بۈركۈتتەك ئۇچۇپ.

 

قارلىق كەچتە ئەسلىدىم سېنى،

تەكرار-تەكرار ئاسمانغا بېقىپ.

قالدى مۇزلۇق يوللاردا ئىزىم،

سوغۇق شامال باغرىمدا ئېقىپ.

مەنبە: ئىجادىيىتىم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
nafisa + 50 ئۆلچەملىك ئى ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 50   باھا خاتىرىسى

كۆڭۈل كۆكۈلدىن سۇ ئىچەر.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2024
يازما
107
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1070
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 21:49:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلچەملىك ئىملا يازغان بۇ شېئىرىڭىز تولىمۇ يارىدى، قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن.
    يېڭى ئەسەرلىرىڭىزگە داۋاملىق تەشنامىز.

باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى!

UID
5189
يازما
564
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
18030
تىزىملاتقان
2010-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 23:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىز بەكمۇ مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ ؟ ھەۋەسلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن

ئاينىڭ ئون بەشى يۇرۇق ،ئون بەشى قاراڭغۇ!!!

يېڭى يۇلتۇز

كۆز يېشى

UID
7011
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 00:23:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىزنى ئوقۇپ شۇ قارلىق كەچنى ئويلاپ قالدىم، مەن قارلىق كىچىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن.

如果你是我眼中的一滴泪,我一辈子都不哭泣,因为我不想失去你这个朋友

UID
6181
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
330
تىزىملاتقان
2010-10-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 01:31:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ تىل شۇنداق يېنىك چىقىپتۇ، سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئوقۇدۇم.

كۆيۈمچان ئەزا

yalpuz -muz guli

UID
4072
يازما
243
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
7928
تىزىملاتقان
2010-8-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 13:53:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارلىق كەچتە ئەسلىدىم سېنى،
سېغىنچىمنى يۇتۇپ  كەتتى تۈن.
قارچۇقىمدا قېتىپ قالدى ياش،
لەۋ چىشلىدىم چىقىرالماي ئۈن.

ئۇمىد يېرىم ھايات،چۈشكۈنلىشىش يېرىم ھالاكەت دىمەكتۇر.

UID
6253
يازما
23
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
904
تىزىملاتقان
2010-10-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 14:05:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك بەلەن يېزىپسىز بۇ شېئىرنى، بىرسىڭلار قار ياغمىدى دەپ، بىرسىڭلار قارنى كۈيلەپ، يەنە بىرسىڭلار قارلىق كەچتە يارىڭلارنى ئەسلەپ شېئىر يېزىپ مۇنبەرنى قار چىچەكلىرىگە كۆمۈۋەتمەكچىمۇسىلەر شائىرلار؟ ئۇنداقتا  بەك بەلەن بولغۇدەك، چۈنكى مەن شېئىرغا ئوخشاشلا قارنىمۇ ئاجايىپ ياخشى كۆرىمەن. ئاللا قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن!

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
151
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4411
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 15:51:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سىزنىڭ ئوتكۈ قەلمىڭىزدىن بەك سۇيۇندۇم ،نىمە ئۇچۇنىكىن شىئېريىزىشقا، ئۇقۇشقا بەك ھەۋەس قىلمەن . شۇنچە قۇلۇمغا قەلەم ئالغاندا ئىلھامىلىرىم يوقاپلا كېتىدۇ. ئلھامىرڭىز تېخمۇ ئۆتكۇر شىئېرلارنى ئاتا قىلسۇن.

ەەر قانداق ظشتا ظأ زەڭگە ظىشەن .

تىرىشچان ئەزا

خــوش دەيــمەن س

UID
7511
يازما
67
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
670
تىزىملاتقان
2010-11-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 14:02:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن  ،

كۆيۈمچان ئەزا

پۇل تاپقىچە -دوس

UID
2181
يازما
323
تېما
33
نادىر
0
جۇغلانما
10996
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-28
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 16:33:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارلىق كەچتە ئەسلەيمەن سېنى ،
ياشلىق ھاياتىڭغا بەخت تىلەيمەن.
ھاياتلا بولسام ئەسلەيمەن دايىم ،
دىلىڭغا ئاللادىن ئىنساپ تېلەيمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش