قار ياغدى
ئاسمان ئانا تەۋەللۇت قىلدى
قەلبى كەبى "ئاپئاق بۇۋاق"
زىمىن ئاپئاق نۇرلاندى
ئاق بۇلۇتلار ئاق
كۆك ئاسمانمۇ ئاق
كائىنات ئاق
ئاق...ئاق...
ئاق رەڭ،قار باغرىدا نازلاندى.
شۇ تاپ،
بىر-بىرىگە قارلىق تاشلاشقان،
قىز-يىگىتنىڭ باغرىدا باھار.
ئۆمۈر قىيناقلىرى ئىز سالغان،
قەدىناسلار چىھرىدە گۈلزار.
ئاپئاق قار،
سىھرى بىرلە كۆكتە شوخ ئۇچار.
قار ياغدى
ئەجەپكىم ئاپئاق قارنىڭ باغرىدا
قاقىلدىدى قاپقارا قاغا.
ئاپئاق قارغا ئوقۇلغان شېئىر،
ئوخشاپ قالدى "يېقىملىق"زارغا.
ئۈنۈم ئۆچتى..
بۇزۇلدى كۈلكەم..
يامانلىدى تېخى ھېلىلا
"ئاپئاق"ھېستىن مەست بولغان ئەركەم.
قار لەپىلدىمەكتە
كۆكتە ئاپئاق پاختەكلەر ئۇچۇپ يۈرمەكتە.
ئاپئاق ۋىجدان چۇقان سالماقتا.
"يىرتىق كىيىم" كىيگەن ئار-نۇمۇس،
ئاپئاق قاردا توڭلىماقتا.
قاپقارا پۇتىدا دەسسەپ ئاق قارنى
قارا قاغا قاقىلدىماقتا.
"قارلىق ئويۇنى"باشلاندى نېكەم
جۇلدۇر-كېپەن بولغان سەزگۈلەر
كەيىپ ئىچرە تولغانماقتا.
ئاپئاق قار بۇلغانماقتا.
ئاق قار ياغدى
ھە،ئەسلىدە
زىمىن ئانا بوپتۇ ھازىدار
"ئوغۇل-قىزلىرى بولغاچ قاپقارا"
ئاق لىباستا يىغلاپتۇ ئۆكسۈپ.
ئاق بۇلۇت ئۈستىدە بىر چوپان بەلكى
چالىدۇ نېيىنى ئۆتە مۇڭلۇنۇپ.
ئۇسۇلدىن توختايدۇ چوقۇم بۇ قارلار
ۋا دەرىخ شەيتاننىڭ چالغان دېپىدا
قاچانكى ئۇسۇلدىن توختار ئادەملەر.
بولسا گەر يىرتىلغان يۈرەكنى ياماش،
قار كەبى تۇراتتى نى-نى گۈزەللەر.
قار ياغماقتا
بىنەزەر ئارام بەرگى تېنىدا
سۇكۇتتە ئۇيقۇغا كەتسىمۇ دۇنيا
چۇۋۇلغان چاچلار كېلىپ قۇچاقلايدۇ
ئالايغان كۆزلەر كېلىپ ئويناقلايدۇ
مۇھەببەت-نەپرەت بىرلە گىرە سېلىپ
بىر ئاچچىق ھەقىقەتنى باغاشلايدۇ.
ئاپئاق قار،ئاپئاق دۇنيا،ئاپئاق نىيەت،
قاپقارا زىخ بولۇپ يۈرەك غىدىقلايدۇ.
قار ياققان ئاق دالىدا ..
نىچۇن قارا قاغا خۇشال قاقىلدايدۇ؟؟
ئاپئاق قار باغرى تامان تەنھا بەرگى..
بارمىكىن بۇندا قالغان ئىزنىڭ نەرقى؟؟
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى