ئانا
«جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقانىكەن. ئانىنىڭ بىز ئۈچۈن بەرگەن ئەجىر-مېھنەتلىرىنى ھەرگىز قايتۇرۇپ بولالمايدىكەنمىز، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بارىدا قەدرىگە يەتمەي، كىتىپ قالغىنىدا ھۆڭرەپ يىغلاپ قالىدىكەنمىز. ئەقىل كۆزىمىزنى ئېچىپ قاراپ باقايلى:‹ ئانىلىرىمىز بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ، ئۇلارغا نېمىگە مۇھتاج، ئۇلارنىڭ ئارمىنى، ئارزۇسى نېمە؟! ›...
ئانىلىرىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن بەرگەن ھەربىر قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن،ئانىلىرىمىزغا كۆيۈنەيلى، ئىشلىرىنى تالىشىپ قىلايلى، كۈندە بىر رەت تىلفۇن ئۇرۇپ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرايلى. ئۇلار يالغۇز قالمىسۇن، بىز ئۈچۈن يەنە ياش تۆكۈپ، ئەنسىرەپلا يۈرمىسۇن. دۇنيالىقتا شۇ بىرلا ئانىمىز بار، ھايات چېغىدا قەدىرىنى قىلىۋالايلى...بىز ئۈچۈن قىلغان ھەر تېنىقىدىكى دۇئالىرى ئۈچۈن.
ئانىلىرىمىز ئامان بولسۇن!
|