مىللىتىم
روزى سايىت
«مۇخەممەس»
ۋاي سىنىڭ ھالىڭغا ۋاي ئەقلىن خوراتقان مىللىتىم ،
غەيرى ئەلدىن زۇقلىنېپ شەكلىن يوقاتقان مىللىتىم ،
بەد نىيەتلەر دامىغا نەپسىن يولاتقان مىللىتىم ،
ئادىمىيلىك قەدرىنى ئەستىن ئۇزاتقان مىللىتىم ،
قوغلۇشۇپ زەۋقى-سافا ئەسلىن ئۇنۇتقان مىللىتىم .
ئاھ قېنى «ئەر» دەپ ساناپ جىڭ باغلىغان پۇتۇللىرىڭ ،
ھەم شۇتاپ كىملەر بىلەن«خىلۋەت»تە دۇر خوتۇنلىرىڭ ،
گەر ئاڭا يول قويمىساڭ تولماسمىدى كۇتۇللۇرۇڭ ،
ئار نۇمۇسنى ئاقلىساڭ يەتمەسمىدى شوتۇللۇرۇڭ ،
«شوتا» ئىزدەپ قەدرىنى ياردىن غۇلاتقان مىللىتىم .
«ئاچا-سىڭلىڭ»غا قارا قانداق «قىلىق» ئۇ باشلىرى ،
جىنمۇ يا-ئالۋاستىمۇ ھەر قىسما-ھەرخىل چاچلىرى ،
«ئوپ-ئوچوق» ئوينىتار باقماي دېسە قىيداشلىرى ،
بۇ ھۆنىرىنى قىلمىسا تاپمامدىكىن ئويناشلىرى ،
مودا قوغلاپ ۋەسلىنى ئىتقا تالاتقان مىللىتىم .
شەرمى-ھايالىق ھايات بەلكىم سىنىڭچە كونولۇق ،
«مەدەنىيەت» بولسا كېرەك جىسمىڭدىكى غەيرى خۇلۇق ،
سىقمىغىن ئىچىمنى ئاھ ھەقنى بايان قىلدىم تولۇق ،
«كونولۇق» بولغاندىمۇ «رەسۋايى» بولغان ئۇلۇغ ،
ئىت-ئىشەكتىن پەرقى يوق نەسلىككە پاتقان مىللىتىم .
ساڭا لازىممۇ ئەمەس ئوخشايدۇ. ئەمدى پاك نەسەپ ،
بىلمىدىم ئالدىڭدىكى نەۋرەڭ «نىگىر» مۇ يا «ئەرەپ» ؟ ،
ئۇ مۇ مۇمكىن بولمىسا ھەم بارمۇ باشقا سەۋەپ ؟ ،
«شۆھرىتىڭ»مۇ«قىز» لىرىڭ «كۇسۇك» لىنىپ يۇرسە ئەجەپ ،
ئۇپرىماس «دەسمايە» دەپ نەسلىن ئۇنۇتقان مىللىتىم .
پاسىقلىرىڭنى يولغا سال يوقتۇر ئاڭا ھېچ يوللۇقۇم ،
بولسىمۇ لايىق ئەمەس تولغاپ يۇرۇشكە تۇللۇقۇم ،
ھاجىتىم يوق سەن بىلەن ئاۋۇپ بىرىشقا موللۇقۇم ،
بولدى بەس كەلمەسكە كەتتى خەقشىڭگە گۈللۇقۇم ،
ئىزىتىنى سورۇشۇپ «بەدبۇي» پۇراتقان مىللىتىم .