- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 310
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14547
- تىزىملاتقان
- 2010-8-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-26
- UID
- 4678
- يازما
- 310
- تېما
- 24
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14547
- تىزىملاتقان
- 2010-8-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-26
- توردا
- 0 سائەت
|
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
ھەممىمىز مەۋھۇم دۇنيادىكى بۇ مۇنبەردە قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ يېغىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز . تورداشلار ھەممىمىز توردىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كىرەك . ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇ توردىن بۇ توردىن قىسقىسى بۇ مۇنبەردىن قانداق قىلغاندا ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ ؟ بۇنىڭ جاۋابى بەكلا ئاددى يەنى بىلگەنلەر ئۆزىدىكى بىلىمنى ئايىماستىن مۇنبەرگە تۆكسە ،بىلمىگەنلەر ئەستايىللىق بىلەن ئوقۇپ بىلىۋالسا ... ئۆتكەندە ئانام مېنى بىر ئىشقا بۇيرۇغان ئىدى مەن ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، كەچتە ئانام مەندىن ئۇ ئىشنى سورىغان ئىدى.مەن ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۆزۈر سورۇدۇم .ئانام ماڭا كايىپ سىز " قاغا تۇخۇمى "يەۋالمىغاندىكى نېمىشقا ئۇنتۇپ قالىسىز دېدى . مەن ئويلىنىپ قالدىم " قاغا تۇخۇمى " يىگەن ئادەم راستىنلا ئۇنۇتقاق بولۇپ قالامدۇ؟ مەن ئانامدىن كىچىك بالىدەك ھەيران بولغان ھالدا " قاغا تۇخۇمى " يىگەن ئادەم ئۇنۇتقاق بۇلۇپ قالامدۇ دەپ سورىدىم . ئانام ماڭا بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەپ بەردى . بۇ ماقال- تەمسىل ئەسلىدە بىرگە ئەجداتلىرىمىزدىن مىراس قالغان بولۇپ بۇنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مۇنداق سەۋەپ باركەن . يەنى قاغا دائىم توخۇ ،كەپتەر ۋە باشقا قۇشلارنىڭ تۇخۇمىنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ قاچىدىكەن ،ئاندىن بۇ تۇخۇمنى يەرگە كۆمۈپ قويىدىكەن ،يەنە كۆمگەن يەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قۇياشنى بەلگە قىلىپ قويىدىكەن ، كىيىن كىلىپ قۇياشنى بەلگە قىلغان يەرنى كولاپ تۇخۇمنى تاپالمايدىكەن. قاراڭلار بۇ قاغا نېمە دېگەن دۆت ھە ! بىرنىڭ ئەجداتلىرىمىز بۇنىڭغا قاراپ بىرەرسى بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالسا " قاغا تۇخۇمى يەۋالغانمىدىڭىز؟ " دېگەن ماقال -تەمسىل بىلەن ئۇ كىشىنىڭ دۆتلىكىنى يۇمشاق تىل بىلەن قامچىلايدىكەن. قاراڭلار بۇ نېمە دېگەن ئەقىللىق كىشىلەر ھە!
بۇ تېمىنى يوللاشتىكى سەۋەپ : دوستلارنىڭ بۇ كىچىك ئىشقا سەل قارىماي ،ئۆزلىرى بىلىدىغان ماقال - تەمسىللەر ۋە قوشاقلارنىڭ نېمە سەۋەپتىن شۇنداق دەپ ئاتالغانلىقى پەردە ئارقىسىدا نېمىنى تەنقىد قىلماقچى ياكى نېمىنى ماختىماقچى ۋە ياكى نېمە كۆزدە تۇتۇلغان؟ بۇنى بۇ تېمىغا تۆكىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ماقال-تەمسىل ۋە قوشاقلارنىڭ مەنىلىرىنى چۈشىنىۋالساق دېگەننى ئۈمۈد قىلىمەن . |
|