ئۇ توي قىلىپ كەتتى
توي لىباسى ئىچرە قۇش بولۇپ ئۇچۇپ كەتتى.
شامال سۆيگەن زىناقلىرىدا
پەيدا بولدى چوڭقۇر بىر كۆلچەك.
تۆكۈلۈپ كەتتى
باھار پەسلىدە ئېچىلغان چېچەك.
ئۇ توي قىلىپ كەتتى
يوق بولسىمۇ قىلچە رىزاسى.
كېرىلمەكتە "ئاجىز"بايۋەتچە
ئالقىنىدا "جەسەت "گۈزىلى.
قىز سۆيگۈنى نامرات يىگىتنىڭ
كۈلبىسىدە پۇرقۇرۇماقتا.
كۆيۈپ كەتكەن چىن سۆيگۈ كۈلى.
ئۇ توي قىلىپ كەتتى..
ھەشەمەتلىك قورا ئىچىدە،
ئەمدى يوقتى ئۇنىڭ ئۆز ئەركى.
سەھرايىدا قالغان كۈلكىسى،
قالغان ئەركىن قۇشتەك نەغمىسى.
قالغان نۇرغا چىلانغان چىھرى
ئىھ ،قالغانتى يەنە
پۇلغا گاداي بولسىمۇ
مۇھەببەتكە بەك باي يىگىتى.
ئۇ ئۇچۇپ كەتتى
پۇل-بايلىققا قۇربانلىق قىلىپ
ئۇچۇرۇۋەتتى ئاتا-ئانىسى.
شۇنداق،
باش باھارنىڭ ئىللىق بىر كۈنى،
ئەگىز سۈيى ئېقىتىپ كەتتى.
دۇنيا تامان يېڭى كۆز ئاچقان
مۇھەببەتلىك يۇمران نوتىنى
زىنىقىدا چوڭقۇر بىر كۆلچەك،
تۆكۈلمەكتە يۇمران بىر چېچەك.
كۆرەڭ پۇللار گېدەيگەنسىرى
توزىماقتا "چىنلىق"مۇ كۈلدەك.