- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 116
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3523
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-1
- UID
- 1988
- يازما
- 116
- تېما
- 65
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3523
- تىزىملاتقان
- 2010-5-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-1
- توردا
- 48 سائەت
|
يېڭىدىن چىقىۋاتقان يانفۇن ئىجارە ئېلىش كەسپىنى بىلەمسىز؟
جۇڭگۇدىكى تۇنجى يانفۇن ئىجارە تورى بېكىتى zushouji.com 2010-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلدى،بۇ جۇڭگۇدىكى تۇنجى يانفۇن ئىجارە بېكىتى بولۇپ، يانفۇن ئىجارە ئېڭى ۋە سودا ئەندىزىسىنى جۇڭگۇدا تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ھىساپلىنىدۇ.
نۆۋەتتە ئىجارە ئىستىمالى پۈتۈن يەرشارىنى قاپلىدى،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىجارە ئېلىپ ئىشلىتىش مودا ئېقىمىدىمۇ پەرقلەر خېلى چوڭ بولۇپ،ئەنگىليىدەiphone تېلفونىنى ئىجرا ئېلىپ ئىشلىتىش بىرقەدەر ئەۋج ئالغان بولۇپ بىر كۈنلىك ئىجارە ھەققى 29فونىستىرلىڭ كېلىدۇ، ياپونىيىلىكلەر ناھايىتى ئەمىلىياتچان بولۇپ ،ئۇلار ماشىنا، ئۆيلەردىن تارتىپ يوتقان كۆرپە ، ئۆي جاھازلىرىغىچە،ئەرمەك ھايۋانلاردىن تارتىپ ھەتتا ئويۇنچۇقلارغىچە ھەممىنى ئىجارە ئالىدۇ.ئەمدى نەزىرىمىزنى كۈندىن كۈنگە راۋاج تېپىۋاتقان يانفون ئىجرا كەسپىگە قارىتىپ باقايلى: يانفۇننىڭ دەۋر ئالمىشىش رېتىمى ناھايىتى تېز بولۇپ كەتتى.پۇلغا يانفۇن سېتىۋالالايدىغان كۆپ بولسىمۇ بىراق تېخىمۇ كۆپ يانفۇن ئىشلىتىپ كۆرۈشنى ئويلايدىغانلار يەنىلا جىق.
دىمەك يانفۇن ئىجارە تورى يەنىلا ئېھتىياج سەۋەپلىك پەيدا بولغان،بۇ تور بېتىنى قۇرغۇچى ۋۇشىياۋ بىر قېتىم يانفۇن ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش جەريانىدا يانفۇن ئىجارە ئېلىش ئويىغا كېلىپ، دەرھال ھەركەتكە كېلىپ يانفۇن ئىجارە تورىنى قۇرغان.بۇ تور بېتىدە يانفۇن ئىجارە بەرگۈچىلەر توپى بىلەن يانفۇن ئىجارە ئالغۇچىلار توپىدىن ئىبارەت ئىككى توپ بار
يانفۇن ئىجارە بەرگۈچىلەر توردا ئىجارە بېرىلدىغان يانفۇننىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى يەنى ماركىسى، تىپى، نۇسقىسى، كونا يېڭىلىق دەرىجىسى، سېتىۋالغان ۋاقتى،ئۆزى ترۇغان شەھەر رايون ۋە ئىجارە ھەققى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ،ئىجارە ئالغۇسى بارلار رەنە پۇلى تاپشۇرغاندىن كېيىن تور بېكىتى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ يانفوننى قارشى تەرەپكە ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ،ئىجارە بېرىش ۋاقتىغا ھەپتە بىرلىك ۋاقىت قىلىنىدۇ.ئىجارە ۋاقتى توشقاندىن كېيىن تور بېتى مەسئۇل بولۇپ يانفۇننى تەكشۈرۈپ قايتۇرۇپ كېلىدۇ.ھەمدە ئىجارە ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن يانفۇننى يەنە ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ.
يانفون ئىجارە ئالغۇچىلارمۇ ئۆز ھاجىتى بويىچە توردا ئۆزىگە لازىملىق بولغان يانفۇن ئۇچۇرىنى يوللىسا بولىدۇ.ھەمدە توردىن ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان يانفۇننى تاللىغاندىن كېيىن رەنە پۇلىنى تور بېكىتىگە تاپشۇرىدۇ.تور بېكىتى رەنە پۇلنى ئېلىپ ئىجارىگە بېرىلگەن يانفوننى ئۆيگىچە يەتكۈزۈپ بېرىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن ئىجارە ئالغان يانفوننى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ۋاقىت توشقاندىن كېيىن تور بېكىتى تەرەپ ئادەم ئەۋەتىپ ئىجارە بېرىلگەن يانفوننى قايتۇرۇۋالىدۇ، ھەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن رەنە پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
يازمىلىرىم ئەلكۈيى تورىغا تەۋە ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ يۆتكەپ كېتىشىگە بولمايدۇ. |
|