كۆرۈش: 6411|ئىنكاس: 12

بۇلارنى بىلىۋىلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7501
يازما
5
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2010-11-26
ئاخىرقى قېتىم
2010-12-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-29 22:38:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىجتىمائى سۇغۇرتا

ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۇزىمى  دولىتىمىزدە 1986-يىلى 10-ئايدا يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ تاھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان جەرياننى بېسىپ ئوتۇپ ھازىرقى مۇككەممەل،ئەتىراپلىق كولەملەشكەن ھالەتكە ئوتتى.يېقىندا ئېلان قىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش ژىغىنىدا دىيىلىشىچە يېڭى تۇزۇپ چىقىلغان <ئىجتىمائى سۇغۇرتا باشقۇرۇش قانۇن>نىىڭ سىناق نۇسخۇسىنىڭ دائىمى كومتىت يىغىنىنىڭ قارارىدىن ئوتكەنلىگى مەلۇم بولدى.ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەم سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سۇغۇرتىسىدەك ئالدىن ھەق تولەپ بەھرىمەن بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ھەم دولەتنىڭ يېتەكلەش سىياسىتى ئارقىلىق يولغا قويىلىدىغان پاراۋانلىق ئالاھىدىلىككە يەنە كېلىپ پايدا ئېلىشنى مەخسەت قىلمىغان مەجبۇرلاش تۇردىكى تۇزۇم بولغانلىغى ئۇچۇن بۇنى <ئىجتىمائى سۇغۇرتا> دەپ ئاتايدۇ. دولىتىمىزدىكى ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۇزىمى نوۋەتتىكى< ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتىسى养老保险><ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى失业保险>،<تۇغۇت سۇغۇرتىسى 生育保险>،<ئىش ئۇستىدە زەخمىنلىنىش سۇغۇرتىسى工伤保险>،<داۋالىنىش سۇغۇرتىسى医疗保险>دەپ بەش تۇرلۇك بولۇپ توۋەندە مەن تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن يۇقارقى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرسى،ھەق تولەش دائىرسى، بەھرىمەن بولۇش دائىرسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئوتەي.

1-<ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتىسى> بۇسۇغۇرتا توۋەندە يەنە <ئىشچى -خىزمەتچىلەر كۇتۇنۇش سۇغۇرتىسى职工养老保险><كەنىت كادىرلىرى كۇتۇنۇش سۇغۇرتىسى村干部>،<يېڭىچە ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتىسى新农保>قاتارلىق 3تۇرگە بولۇنگەن بولۇپ توۋەندە بىزگە دائىملىق بولغان <ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۇتۇنۇش سۇغۇرتىسى> توغرىسىدا توختىلاي.

(1) قاتنىشىش دائىرسى :گوۋۇيەننىڭ98-نومۇرلۇق <ئىجتىمائى سۇغۇرتا فۇندىنى يىغىپ- باشقۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامنامىسى>نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا  چوقۇم قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئورۇن ۋە شەخىسلەرتوۋەندىكىچە.مەمۇرى -كەسىپى ئورۇنلار ۋە ئۇلاردىكى ئەمگەك توختام تۇزىمىدىكى ئىشچى شىتاتلىق خادىملار،دولەت كارخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ بائارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى،كوللىكتىپ ئىگىلىگىدىكى كارىخانا-پاي ھەسسىدارلىق شىركەت ۋە ئۇلارنىڭ بائارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلىرى،ئەمگەك توختام قانۇنىدىكى ئادەم ئىشلەتكۇچى سوبىكتىلىق سالاھىيەتنى ھازىرلىغان باشقا شىركەت ۋە ئۇلارنىڭ بائارلىق خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلاردۇر.

(2)ھەق تولەش ئولچىمى:ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرچە ئىش ھەققىنىڭ %100-%60 تۇپ سان قىلىپ، ئورۇن%20 ،شەخىسلەر %8 لىك ئولچەم بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ.مەسىلەن تۇپ سان1288*(%20+%8)=360.64يۇەن بولىدۇ.يۇقارقى ھەق تاپشۇرۇش نىسپىتى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۇنى تەڭشەلگەندىن كىيىنكىسى.توۋەندىكىسى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ يىلاردىكى ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى

维吾尔自治区历年上年度社会平均工资  :

2009-يىل ------------------2146

2008-يىلى-----------------2057

2007-يىلى-----------------1782

2006-يىلى----------------1485

2005-يىلى---------------1208

2004-يىلى-----------------972...........................................

 ئەڭ يۇقىرى بولغاندا يۇقارقى ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ %300دىن ئېشىپ كېتىشكە،توۋەن بولغاندا %60تىن چۇشۇپ كېتىشكە بولمايدۇ.

(3)بەھرىمەن بولۇش شەرتلىرى:سابىق ئەمگەك مىنىستىرلىگىنىڭ( <1978يىلى،46-نومۇرلۇق ھوجىتى>نىڭ روھى،بۇ ھوجەت تېخى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىدى)بويىچە توۋەندىكىدەك شەرتنى ھازىرلىغانلار رەسمىيەت بىجىرىپ كۇتۇنۇش پۇلىدىن (پىنسىيە مائاشتىن ) بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.1:ئەرلەر 60ياش ،ئاياللار 50ياش(كارىخانىدىكى ئايال كادىرلار 55ياش)قا توشقان ھەم خىزمەت سىتاژى 15يىلغا توشقان بولسا(جۇغلانما سىتاجى بىلەن ھەق تولىگەن سىتاجىنىڭ قايسى بىرى توشقان بولسا ياكى قوشۇپ ھېساپلىغاندا 15يىل توشقان بولسا).2؛ئەرلەر 55ياش ،ئاياللار 45ياشقا توشقان ھەم ئالاھىدە خىزمەت ئورۇنىدا ئۇدا ئىشلىگەن تارىخى 10يىلدىن ئاشقان (ئىگىز ھاۋا بوشلىغى، يۇقىرى تېمپىراتۇرا،زەھەرلىك توزانلىق،خېمىيىلىك بۇلغانغان ئورۇنلارنى كورسىتىدۇ) يەنە كېلىپ 1-بەلگىلىمىدىكى ئوخشاش خىزمەت سىتاجى ھازىرلانغانلا.3؛كېسەللىك ئەھۋالىنى   ئوبلاستىلىق،ۋىلايەتلىك ئەمگەك مەمۇرى تارمىغى باھالاپ <پۇتۇنلەي ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان> دەپ بېكىتكەن ھەم 1-بەلگىلىمىدىكى ئوخشاش خىزمەت سىتاجى ھازىرلىغانلار.

(4) ئىختىيارى قاتناشسا بولىدىغانلار: يەككە تىجارەتچىلەر،ئەركىن كەسىپ بىلەن شوغۇللانغۇچىلار . بۇلارنىڭ قالغان بەلگىمىلەرگە تەدبىقلىنىشى ئوخشاش ،بىراق ھەق تولەش ئولچىمى ئوخشاش شارائىتتا %8ئاز.

 

2-ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى؛(1)ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ مەجبۇرى قاتنىشىش دائىرسى،ھەق تاپشۇرۇش تۇپ سانى  <ياشانغاندا كۇتۇنۇش سۇغۇرتىسى>نىڭ بىلەن ئوخشاش،ھەق تاپشۇرۇش نىسپىتى يۇقارقى تۇپ سان ئاستىدا ئورۇن %1 ،شەخىس %1 بويىچە تاپشۇرىدۇ.(2009-يىلى 5-ئايدا پۇل مۇئامىلە كىرزىس تۇپەيلى ئورۇننىڭ ئەسلىدىكى %2تىن %1 كە چۇشۇردى).

(2) بەھرىمەن بولۇش شەرتلىرى ؛ ھەق تاپشۇرغىنىغا بىريىلدىن ئاشقان ئىشسىز خادىملار ئىشسىز قالغانلىغىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك كۇندىن باشلاپ 60كۇن ئىچىدە تۇرۇشلۇق ئەمگەك مەمۇرى تارمىغىغا ئىشسىزلىقنى تىزىملىتىپ، ئىشسىز لىق پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.ئەمگەك مامۇرى تارمىغى تەستىقلىغاندىن كىيىن ئىجتىماى سۇغۇرتا ئاپىراتىغا بېرىپ ئايمۇ-ئاي  ،ئېيىغا 548يۇەنلىك ئولچەم بويىچە(ئىشسىزلىق پۇلىنىڭ ئولچىمى رايۇنلاردا پەرىقلىق، يۇقارقىسى بايىغۇلىىننىڭ، يۇقارقىسى تۇنجى يىلنىڭ ،ئىكىنچى يىلدىن باشلاپ 120يۇەن كېمىيىدۇ،بۇنىڭدىن 371يۇەن كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىدۇ، قالغىنىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قىلىپ شۇكىشىگە ھەق تاپشۇرۇپ بېرىدۇ).

(3)بەھرىمەن بولۇش ۋاقتى؛ ھەق تولىگەن ۋاقتى بىريىل توشسا 3ئايلىق ئىشسىزلىق پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بىريىلدىن  ئاشقان ھەر 6ئايغا بىر ئايلىق قوشۇلىدۇ، ھەق تولىگىنىگە 5يىل توشقان بولسا بىر يىللىق ئىشسىزسلىق پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، 5يىلدىن ھەر ئاشقان بىريىلغا بىرئاي قوشۇلۇپ ماڭىدۇ،ھەق تولىگىنىگە 15يىلدىن ئاشقان بولسا(15يىلنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالىدۇ،ھەق تولىگەن سىتاجى بىلەن جۇغلانما سىتاجى قوشۇپ ھېساپلىنىدۇ) 24ئاي بەھرىمەن بولىدۇ،

3-تۇغۇت سۇغۇرتىسى1)تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ مەجبۇرى قاتنىشىش دائىرسى، ھەق تولەش تۇپ سانى يۇقارقى بىلەن ئوخشاش، بىراق ھەق تولەش نىسپىتى ئورۇن %1بولىدۇ ،شەخىسلەر ھەق تولىمەيدۇ.

(2)بەھرىمەن بولۇش شەرتلىرى :ئەر-ئاياللاردىن ھەر ئىككى تەرەپ ھەق تولىگەن  ياكى ئايال تەرەپلا ھەق تولىگەن بولسا  ، ئاپىراتسىيە قىلىپ بوشانسا 5000يۇەن، ئوزى يەڭگىسە 3500يۇەن ئولچەم بويىچە تۇغۇت راسخودى تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەر تەرەپلا ھەق تولىگەن بولسا يۇقارقى تولۇقلىمىنىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ،ناۋادا ھامىلە 8ئايدىن ئېشىپ بويىدىن ئاجىراپ كەتسە 1000يۇەن،6ئايدىن ئاشقان بولسا 600يۇەن،6ئايدىن توۋەن بولسا 400يۇەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

4-ئىش ئۇستىدە زەخمىنلىنىش سۇغۇرتىسى؛(1)ھەق تاپشۇرۇش دائىرسى، تۇپ سانى يۇقارقى سۇغۇرتا تۇرلىرى بىلەن ئوخشاش،لېكىن ھەق تاپشۇرۇش نىسپىتى 3خىل بولىدۇ ،1- خىلدىكىلەر ،خېيىم -خەتىرى توۋەن تىپىدىكىلەر ،ئورۇن %0.5،شەخىس ھەق تولىمەيدۇ(2)خېيىم-خەتىرى ئوتتۇرىھال تىپىدىكىلەر، ئورۇن %0.75، شەخىسلەر ھەق تولىمەيدۇ،(2009-يىلى 5-ئايدا پۇل -مۇئامىلە كىرزىس تۇپەيلى ئەسلىدىكى %1تىن توۋەنلىتىلدى(3)خېيىم -خەتىرى يۇقىرى تىپىدىكىلەر ،ئورۇن %1 ،شەخىس ھەق تولىمەيدۇ.(2009-يىلى 5ئايدا ئەسلىدىكى %2دىن توۋەنلىتىلدى.

(4)بەھرىمەن بولۇش شەرتلىرى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىگىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىدە توۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى ئىش ئۇستىدىكى زەخمە دەپ بېكىتكەن.1-ئىشقا بېرىپ كېلىش جەريانىدا قاتناش ھادىسىگە تەۋەبولمىغان كۇتۇلمىگەن ھادىسىلەر(ئەسلىدىكى بەلگىلىمىدە قاتناش ھادىسىنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالاتتى ،تۇزۇتۇش كىرگۇزۇلگەندىن كىيىن قاتناش ھادىسى چىقىمىنى قاتناش ھادىسىنى پەيدا قىلغۇچى ئۇستىگە ئالىدۇ دەپ بەلگىلەندى)2-خىزمەت ۋاختىدا باشقىلارنىڭ زوراۋانلىغىغا ئۇچىراش ۋەقەسى،3-خىزمەت ۋاختىدا ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى قوغداش تۇپەيلى يۇز بەرگەن ۋەقەلەر،4-خىزمەت ۋاختىدا ھەم بەلگىلەنگەن خىزمەت سورىنىدا يۇز بەرگەن كۇتۇلمىگەن ۋەقەلەر،5-ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇننىڭ تاپشۇرىغى تۇپەيلىدىن كاماندىروپكىغا چىقىپ يۇز بەرگەن ۋەقەلەر . ئىش ئۇستىدە زەخمىنلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى تولىگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر يۇقارقى ھەرقانداق بىر سەۋەپ تۇپەيلى ھادىسە كورۇنسە(ئولۇم،زەخمىنلىنىش) 30كۇن ئىچىدە ئەمگەك مەمۇرى تارمىغىغا ئىلتىماس قىلىپ <ئىش ئۇستىدىكى زەخمە>نى بېكىتىپ بېرىشكە ئىلتىماس قىلىش كېرەك(ئىش ئۇستىدىكى زەخمىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچۇت قىلىش دائىرسىگە كىرمەيدۇ،ئاۋال نەق پۇل تولەپ داۋالىنىدۇ).ئەمگەك مەمۇرى تارمىغى <ئىش ئۇستىدىكى زەخمە >دەپ بېكىتىپ بەرگەندىن كىيىن توۋەندىكى ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ئېلىپ ئىجتىمائى سۇغۇرتا ئاپىراتىغا بېرىپ داۋالىنىش تولۇقلىمىسىنى ئالسا بولىدۇ،ئەمگەك مەمۇرى تارمىغىنىڭ يەكۇنى،داۋالىنىش تالۇنىنىڭ ئەسلىسى،داۋالىنىش تەپسىلاتى،ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇننىڭ ئىسپاتى قاتارلىقلار،ناۋادا مېيىپلىك دەرىجىسى 4-دەرىجىدىن  ئېغىر بولسا <ئەمگەك ئىقتىدارىنى> باھالىتىپ ئۇنىڭغا ئايرىم تولۇقلىما تەلەپ قىلسا بولىدۇ،ئىش ئۇستىدىكى زەخمە تۇپەيلى ۋاپات بولۇپ كەتسە 44ئايلىقتىن 60ئايلىققىچە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىش ھەققىنىڭ ئولچىمى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

- داۋالىنىش سۇغۇرتىسى؛(1)داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىككى تۇرلۇك بىرى شەھەر -بازار ئىشچى خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى.<城镇职工医疗保险>،يەنە بىر شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى<城镇居民医疗保险>.شەھەر -بازار ئىشچى -خىزمەتچىلىرى داۋالىنىش سۇغۇغۇرتىسىنىڭ مەجبۇرى قاتنىشىش دائىرىسى يۇقارقى سۇغۇرتا تۇرلىرى بىلەن ئوخشاش، ھەق تاپشۇرۇش تۇپ سانى پەقەت %100لىك تۇپ سان بولىدۇ،ھەق تاپشۇرۇش نىسپىتى .ئورۇن %6بولىدۇ شەخىس %2بولىدۇ.مەسلەن ئالدىنىقى يىلدىكى ئايلىق  ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 2146يۇەن بولسا ھەر ئايدا تولەيدىغان ھەق  (2146*<%6+%2>=171.68يۇەن)بولىدۇ.(2)ھەق تولىگۇچىنىڭ يېشىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا ئاساسەن داۋالىنىش شەخسى ئىسچوتىغا(داۋالىنىش كارتىسىغا )كىرىدىغان پۇلنىڭ سوممىسى ئوخشاش بولمايدۇ،شەخسى ئىسچوتتىكى پۇل پەقەت ئامبولاتىريە ۋە بەلگىلەنگەن دورا دۇككانلىرىدىلا دورا ئېلىشقا ئىشلىتىدۇ.بالىنىستا ياتقاندا جوغلانمىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.(3) بالنىستا ياتقاندا ئاتچوت قىلىش نىسپىتى:بالنىستا ياتقاندا دورىلار قامۇسىدىكى تۇر بويىچە< ئا> تىپلىق <ب> تىپلىق دەپ ئايرىپ ،ئا تىپلىق دورىلارنى كوپىرەك ياكى پۇتۇنلەي ئاتچۇت قىلىنىدۇ، ب تىپلىق دورىلارنى قىسمەن ياكى ئاتچۇت قىلمايدۇ.  ھازىرقى ئەمىلىيەتتىن قارىغاندا ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا تەخمىنەن %85دىن %95كىچە ، ئوبلاست ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا تەخمىنەن %80دىن %90كىچە،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىلاردا %70دىن %80گىچە ئاتچۇت قىلىنىۋاتىدۇ.(4)شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى (كوپىچە كىشىلەر بۇنى خاتا چۇشىنىۋېلىپ ھەمكارلىنىش سۇغۇرتىسى دەپ<合作医疗 >چۇشىنىۋاپتۇ،ئەمىلىيەتتە ھەمكارلىنىپ داۋالاشنى سەھىيە ئىدارىسى باشقۇرىدۇ)شەھەر بازارلاردىكى ئاھالىلەر يىلدا بىر قېتىم توۋەندىكىدەك ھەق تاپشۇرسا بۇ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ئوقۇغۇچىلار ۋە 16ياشتىن توۋەنلار يىلدا 30يۇەن،قورامىغا يەتكەنلار يىلدا 160يۇەن،60ياشتىن ئاشقان ياشانغانلاريىلدا 100يۇەن سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ.داۋالىنىش ئاتچۇت قىلىش نىسپىتى %55دىن %70چە بولىدۇ. 

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6643
يازما
61
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1652
تىزىملاتقان
2010-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 11:08:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىلۋىلىشقا تىگىشلىككەن،رەخمەت قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.مۇشۇنداق تىمىلاربۇلسا بىزلەدىن ئايمىغايسىز.

UID
4483
يازما
117
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3468
تىزىملاتقان
2010-8-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 12:48:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي ،مەن  ئۆتكەن  يىلى  تۇغقاندا  3800يۇەن  ئاتچوت  قىلىپ  بەرگەن  ئىدى ، سىز  بۇ يەردە 5000يۇەن  دەپسىز ،بۇ  يىل    ئۆلچىمى  ئۆسۈپتۇمۇ  قانداق؟

UID
4483
يازما
117
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3468
تىزىملاتقان
2010-8-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 12:48:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياكى  سىزنىڭ  يۇرت بىلەن  بىزنىڭ  قەشقەرنىڭ  ئۆلچىمى  ئوخشىمامدۇ  يا؟

UID
7002
يازما
76
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
730
تىزىملاتقان
2010-11-3
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 16:25:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
7002
يازما
76
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
730
تىزىملاتقان
2010-11-3
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 16:30:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كۆيۈمچان ئەزا

خىياللار مىنىڭ ب

UID
3846
يازما
444
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
13945
تىزىملاتقان
2010-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 16:43:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 4قەۋەتتىكى0999yurut يوللىغان 2010-11-30 16:25 غا قارتىلغان  :

3800 سومنى ئالغانغا خوش بولۇڭ دەيمەن. بىرىنجى بالامدا ئاتچۇت قىلىدىغان ئىش يوق ئىدى ، ئىكىنجى بالامدا بولسائاچچۇت قىلىدىغان ۋاقىت توغرا كەلمەي 10 تىينمۇ يوق ..شۇڭا 3800 سوم ...بىكاغا بوشۇنۋاپسىزغۇ موبارەك بولسۇن .
مىنىڭكىنى ئاتچوت قىلمىغان دەپ ئاچچىقلىماڭ  بۇ قېتىم ئۈچىنچى بالىڭىز بوپقالسا  ئاتچوت قىلىپ بېرىپمۇ قالا...[s:2]

ۋىسال - ياپياش ھەم قېرى قاقۋاش.

UID
3532
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2507
تىزىملاتقان
2010-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 16:53:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە . بۇ ئىنتايىن موھىم گەپلەركەن.

يول ئىككى، توغرا ۋە خاتا، قايسى يولغا ماڭدىڭ ئۆزۈڭنىڭ پۇتىغا قارا.    ھاياتنى ئۆزۈڭگە ئىغىر يۈك قىلۋالما! بىلسەڭ ئۇ بىزگە بىرىلگەن پۇرسەت!!!

كۆيۈمچان ئەزا

ئىمىنجان ھىدايە

UID
6838
يازما
122
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3842
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 16:58:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت ! بىلمىگەنلەر بىلىۋالدۇق بىزمۇ قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولساق بولاتتىكەن بىراق  كىمگە تاپشۇرىمىز ! قانداق تاپشۇرىمىز ئۇنى بىلمەيدىكەنمىز ! مۇمكىن بولسا  بىزلەرمۇ قاتناشساق بىزلەرمۇ تەشۋىق قىلساق  چ چ 1395898567

UID
5137
يازما
247
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
8119
تىزىملاتقان
2010-8-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-30 17:59:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بىلىۋىلىشقا،تىگىشلىك تېمىكەن.رەخمەت سىزگە.

سەھەر تۇرغان  قۇشنىڭ ،دېنى كام بولماس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش