گىتلېرنىڭ بۇ << سىياسىي ۋەسىيەتنامىسى>> دەپ ئاتالغان ۋەسىيىتى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، بىرى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قىلغان مۇراجەتنامىسى ، ئىككىنچى قىسمى ئۇنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى كونكىرت يوليورۇقى ئىدى .
<< مېنىڭ قۇربىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، گېرمانىيە مەجبۇرىي قاتناشقان 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا پىدائىي ئەسكەر بولغىنىمغا ﻫازىر 30 نەچچە يىل بولدى .
بۇ 30 يىلدا مېنىڭ بارلىق ئېدىيەمگە ، ﻫەركىتىمگە ۋە تۇرمۇشۇمغا يېتەكچىلىك قىلغان بىردىنبىر نەرسە مېنىڭ خەلققە بولغان مۇﻫەببىتىم ۋە ساداقىتىمدۇر . مۇشۇنداق مۇﻫەببەت ۋە ساداقەت ماڭا كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلىدى ، مېنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن قارارلارنى چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ....
مېنى ياكى ﻫەرقانداق بىر نېمىسنى 1939 - يىلى ئۇرۇش قوزغىدى دېيىش چىنلىققا ئۇيغۇن ئەمەس . ئۇرۇشقا ئېﻬتىياجى چۈشۈپ قالغانلار ياكى ئۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار يەﻫۇدىي قان سېستىمىسىدىن بولغان ياكى يەﻫۇدىيلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خەلئارا سىياسەتۋازلاردۇر .
مەن ﻫەربىي ﻫازىرلىقلارنى چەكلەش ۋە كونترول قىلىش توغرىسىدا سانسىز قېتىم تەكلىپ تۈزگەنىدىم . بۇنى كېيىنكى ئەۋلادلار ﻫەرقانداق چاغدىمۇ ئىنكار قىلالمايدۇ . ئۇرۇش پارتلىغانلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنىمۇ ماڭا دۆڭگەپ قويالمايدۇ . مېنىڭمۇ قورقۇنچلۇق بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشۇدىن كېيىن ئەنگىلىيە ياكى ئامېرىكىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان يەنە بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بولۇشىنى ئەزەلدىن ئۈمىت قىلغىنىم يوق . ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ ، لېكىن شەﻫەرلىرىمىزنىڭ ۋە بىنالارنىڭ خارابلىرى ئالدىدا ئاخىر جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان كىشىلەرگە بولغان ئۆچمەنلىك مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ .ئۇلار يەنى خەلقئارا يەﻫۇدىيلار گۇرۇﻫى ۋە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى قولللىغۇچىلىرى كۆز ئالدىمىزدىكى ﻫەممە ئىشلارغا جاۋابكار بولىدۇ .
بۇ ئالتە يىللىق ئۇرۇش تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ، ئاخىر بىر كۈنى بىر مىللەتنىڭ ﻫاياتىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن ئەڭ شەرەپلىك ، ئەڭ باتۇرانە ئىپادىسى دەپ قارىلىپ تارىخ سەﻫنىسىگە يېزىلىدۇ . ئالتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، مەن بىر دۆلەتنىڭ پايتەختىنى تاشلاپ كەتسەم بولمايدۇ ..... مەن مۇشۇ شەﻫەرنى ساقلاۋاتقان ،مىڭلىغان ، مىليونلىغان كىشىلەر بىلەن ﻫايات - ماماتتا بىللە بولىمەن . مەن ﻫەرگىز دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمايمەن . شۇنىسى ماڭا ئايانكى ، ئۇلار يەﻫۇدىيلارنىڭ رېژىسسورلىقىدا يېڭىدىن ئويۇن قويۇپ ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ﻫىستېرىيە كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇپ قالغان ئاممىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلماقچى .
شۇڭا مەن بېرلىندا قېلىشنى قارار قىلدىم . مەن فئورېرلىق ۋە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۈمكىنچىلىك بولمايۋاتىدۇ دەپ قارىغان چېغىىمدا ، ئۆزۈمنى ۋەتەن يولىدا قۇربان قىلىمەن . دېﻬقانلىرىمىز ۋە ئىشچىلىرىمىزنىڭ چەكسىز تۆﻫپىسىنى ۋە نەتىجىلىرىنى كۆرسەم ~ ، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان ياش بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان تۆﻫپىلەرنى ياراتقانلىقىنى كۆرسەم ، بۇ دۇنيا بىلەن كۈلۈمسىرىگەن ﻫالدا ۋىدالىشىمەن ..... >>
گىتلېر ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ﻫاقارەتلەپ ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئوفىتسېرلاار پولكىنى مەسخىرە قىلىپ يازغان . ئۆزىنىڭ مەڭگۈ تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن . بۇ ﻫەقتىكى مەزمۇنلارنى يوللىمىساقمۇ بولار . ئۇ << سىياسىي ۋەسىيەتنامە >> نىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى .
<< مەن ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئىمپېرىيىنىڭ سابىق مارشالى ﻫېرمان گېرنگىنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىمەن 1941 - يىل 20 - ئىيۇن بۇيرىقىدا بېرىلگەن بارلىق ﻫوقۇقتىن مەﻫرۇم قىلىمەن ... دېڭىز ئارمىيىسى مارشالى دونتېرنى گېرمانىيىنىڭ پرېدېنتلىقىغا ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي قوماندانلىقىغا تەيىنلەيمەن .
مەن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ، ئېسئېسچىلار مەملىكەتلىك باش ئەترىتىنىڭ باشلىغى ، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ﻫېنرىﻬ ﻫىملىرنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىمەن ﻫەم بارلىق ۋەزىيەتلىرىدىن ئېلىپ تاشلايمەن . >>
گىتلېر ئۇنىڭدىن باشقا ۋەتەن ساتقۇچىلارنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن ، يېڭى ﻫۆكۈمەت ئەزالىرىنى تەيىنلەيدۇ . گېپببىلىس باش مىنىستىر بولىدۇ . بورمان -- پارتىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بولىدۇ . ئاۋسترىلىيىلىك سېيىس - ئىنكۇئارت دېگەن جاللات تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىنىدۇ ........
گىتلېر بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاپ بولغاندىن كېيىن ، گېببىلس ، بورمان ، گېنىرال كربېس ۋە گىنىرال بۇرگدورف قاتارلىق كىشىلەرنى گۇۋاﻫچىلىققا چاقىرتتىپ ، ئۆزى يۇقۇرقى بىر قىسىم << سىياسىي ۋەسىيەتنامىسى >>. گە ئىمزا قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ شەخسىي ۋەسىيەتنامىسىنى ئاغزاكى ئېيتىپ بېرىدۇ . ئۇ ، ئۆزىنىڭ تۆۋەن قاتلام تەبىقىنىڭ ئوتتۇرا ﻫال سىنىپىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلەپ ، مال - مۈلكىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكى ﻫەققىدە توختالغان . بۇ مال - مۈلۈكنىڭ ئۆز جەمەتىنىڭ ئاچ - يالىڭاچ قالماي تۇرمۇش كەچۈرىشىگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلغان . شۇ يېرىنى دېمەي بولمايدىكى ~ گىتلېر ﻫوقۇقىدىن پايدىلىنىپ گېرىنگقا ئوخشاش مال - دۇنيا توپلىمىغان . گىتلېر يەنە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن توي قىلماقچى بولغانلىقىنى ، خوتۇنى بىلەن نېمە سەۋەبتىن بىرگە ئۆلمەكچى ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەندۈرىدۇ :
<< مەن ئۇرۇش يىللىرىدا توي قىلىشنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلالمايمەن دەپ ئويلىغانىدىم . لېكىن ﻫازىر ﻫاياتىم ئاخىرلىشىش ئالدىدا ، كۆپ يىللاردىن بېرى مەن بىلەن سەمىمىي دوست بولۇپ كەلگەن ﻫەمدە بېرلىن قورشاۋىدا قالغان چاغدا بۇ يەرگە كېلىپ مەن بىلەن ﻫايات - ماماتتا بولۇشىنى خالىغان بىر ئايال بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلدىم .
ئۇ ماڭا خوتۇن بولۇپ مەن بىلەن ئۆلۈشنى راۋا كۆردى . بۇ ﻫال مېنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن دەپ ئىككىلىمىزگە كەلتۈرگەن زىيانننىڭ ئورنىنى تولدۇردى .
مېنىڭ بارلىق مال - مۈلكۈم ---- قىممىتىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر - پارتىيىگە مەنسۇب . ئەگەر پارتىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن توختاپ قالسا ، دۆلەتكە مەنسۇب ! مۇبادا ، دۆلەتمۇ ﻫالاك بولسا ، كىمگە مەنسۇب بولۇشى توغرىسىدا بىر نېمە دېيىشنىڭ ﻫاجىتى يوق . مەن بۇ بىرقانچە يىللاردىن بۇيان يىغقان رەسىملەرنى ئەزەلدىن خۇسۇسى مۈلۈك قىلىۋېلىش خىيالىدا بولمىغانمەن . ئۇلارنى تامامەن يۇرتۇمدا ، دوناي دەرياسى بويىدىكى لىنزدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش ئۈچۈن يىغقانمەن . >>
گىتلېر بۇ ۋەسىيەتنامىلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن بورمانغا يوليورۇق چۈشۈرىدۇ :
" شەخسىي خاتىرە بويۇمى قىلىشقا ئەرزىيدىغان نەرسىلەرنى تۇغقانلىرىمغا بېرىڭ . ئۇلارغا ئۇششاق بۇرژۇئازىيىچە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يەتكۈدەكلا خىراجەت بېرىڭ ( گىتلېر بۇ يەردە تۇغقانلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېيتمىغان ئىكەن . لېكىن ، ئۇنىڭ مال- مۈلكىنى يەنىلا سىڭلىسى پائۇلا بىلەن قېيىن ئانىسىنىڭ بىردىنبىر تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى ~ بۇرۇن كاتىبلىرىغا ئېيتقانىكەنتۇق . ئايچىۋەر )
رەپىقەم ئاغدۇرۇپ تاشلىنىش ياكى تەسلىم بولۇش ئاﻫانىتىگە قالماسلىق ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە ئۆلۈش قارارىغا كەلدى . جەسەتلىرىمىزنىڭ مەن خەلقكە 12 يىل خىزمەت قىلغان چېغىمدا كۆپلىگەن كۈندۈلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن جايدا دەرﻫال كۆيدۈرۈۋېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . "
گىتلېر ۋەسىيەتنامىلىرىنى ئاغزاكى ئېيتىپ بولغۇچە چارچاپ قالغاچقا ، ئۆيىگە ئۇخلاش ئۈچۈن كىرىپ كېتىدۇ .
گىتلېرنىڭ ئۆلۈشتىن ئاۋۋالقى ئاخىرقى بىر پارچە خېتى << مېنىڭ كۈرەشلىرىم >> ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەنىكەن . ئۇ خەتتە مۇنداق دېيىلگەن :
<< گېرمانىيە خەلقىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنىڭ ۋە بەرگەن غايەت زور قۇربانلىرىنىڭ بىكار كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن . نىشان ﻫېلىﻬەم گېرمانىيە خەلقىنى شەرقنىڭ زېمىنىغا ئىگە قىلىش بولۇشى كېرەك . >>
شۇنداق قىلىپ ، ئادلوف گىتلېرنىڭ ﻫاياتى ئاخىرقى چەككە بېرىپ ، ئايالى ئىكككىسى بىرلىكتە ئۆلىدۇ . ئادلوف گىتلېر ئۆزىنى مىلتىق بىلەن ئۆلتۈرۋالغان . يېڭى كېلىن بولسا زەﻫەر يەپ ئۆلگەن دېيىلىدىكەن ماتىرىيالدا . بۇ ۋەقە 1945 - يىلى 30 - ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن . يەنى ئادلوف گىتلېر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 56 يىللىقىدىن ئون كۈن ئۆتكەندە ، گېرمانىيەگە باش مىنىستىر بولۇپ ، 3 - ئىمپېرىيىنى قۇرغىنىغا 12 يىل ئۈچ ئاي بولغاندا يۈز بەرگەن . گىتلېرنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ، ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىنىدۇ .
شۇنداق قىلىپ ئادلوف گىتلېرنىڭ ۋەسىيەتنامىسى يېزىلىپ بولۇپ ، ﻫاياتىمۇ ئاخىرلاشتى .
مەنبە : << گىتلېرنىڭ مەخپىي خاتىرىلىرى >> نىڭ خەنزۇچە نەشرى . << 3 - ئىمپېرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ﻫالاك بولۇشى >> نىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىدىن ﻫەم << مېنىڭ كۈرەشلىرىم>> نىڭ خەنزۇچە نەشرىدىن ئورتاق پايدىلىنىلدى
بۇرۇن بىر يەردە كۆرۈپ ياقتۇرۇپ خاتىرەمگە ساقلىۋالغاندىن كىيىن ئەلكۈيىگە يوللاندى .
|