- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 1000
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42724
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-8
 
- UID
- 2533
- يازما
- 1000
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42724
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-8
- توردا
- 426 سائەت
|
ئاۋۇ مومامنىڭ ئېشەك ھاۋرىسىنى يىتىلەپ كىتىۋاتقان رەسىمنى ئېراق-ئامېرىكا ئۇرۇشى، ئافرىقىدىكى نامرات بالىلار تۇرمۇشى تەسۋېرلىنىپ تارتىلغان ھەرقانداق مۇكاپاتلىق فۇتۇ-سۈرەتلىرىدىن ئەلا دەپ بىلىمەن. قاچان، نەدىن ساقلىۋالغىنىم ئېسىمدە يوق، بىراق مۇشۇ سۈرەتنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا خىيالغا پېتىپ كەتكىنىم ئېسىمدىن كەتمەيدۇ.
خىيال قىلىمەن، بالىلىرى تىلەمچىلىك قىل دەپ كوچىغا چىقىرىپ قويغان سەرسانە ئانىلارنى؛ خىيال قىلىمەن، قويغان-تۇتقىنىنى بىلەلمەس بوپ قالسىمۇ، يالغۇز ئۆيگە تاشلىنىپ قالغان يىگانە ئانىلارنى؛ خىيال قىلىمەن، 11بالىسى بار تۇرۇپ بىرى ‹ئانا مەن باقاي›، دەپ ئوتتىرىغا چىقالماي ھەسرەتتە كەتكەن ئانىلارنى؛ خىيال قىلىمەن، كىلىنلىرى تەرىپىدىن سىلكىشلەنگەن ئانىلارنى؛ يەنە خىيال قىلىمەن، ئۆز قىزى تەرىپىدىن ئۇرۇلغان ئانىلارنى...
قانداقتۇر «مودا» ئېقىمىغا ماسلىشىپ كەتكەن رەسىملەرگە قاراپ تىلىمىزنى تامشىتىپلا ئۆتۈپ كەتمەستىن، يەنە ۋاقت ئاجرىتىپ مىللىتىمىز ھەم يۇرتىمىز. ئەتىراپىمىزدىكى ھەقىقىي تۇرمۇش كارتىنىلىرى سۈرەتلەنگەن رەسىملارنى كۆرۈپ قويايلى، يوقسۇزلۇق، تەڭسىزلىك...سەۋەبى كۈلپەت تارتىۋاتقان شۇ كىشىلەرگە ياردەم قىلالمىساقمۇ، ھېچبولمىغاندا ھاززىرقى تۇرمۇشىمىزنى قانداق قەدىرلەشنى، يېنىمىزدىكى ئەزىزلەرنى قانداق كۈتۈشنى...ھېس قىلالىساق ئەجەپ ئەمەس. چۈنكى نۇرغۇنىمىز يۈرۈكىمىزدىن كەلگەن تېۋىشلارنى ئاڭلاپ ئىش تۇتىمىز ئەمەسمۇ؟!...
بۇ قىسقا قۇرلارنى ئوقۇپ، ئەقلى ئويغاق بىر قىزنى كۆرگەندەك بولدۇم. تېما ئىگىسىگە رەھمەت. |
|