تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 4096|ئىنكاس: 34

خىتاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
861
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34818
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
71 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 13:46:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىشەنلىنىپ قالمىسۇن خىيال،
كىشەنلىنىپ قالسىكەن ئەلەم.
مەي قۇيۇلغان جاملاردا لەيلەپ،
يەنە بىھۇش ئاخىرقى سەبرەم.
سۇكۇتلەرنىڭ ئۈمىدى بولۇپ،
شىۋاق ئىچرە مۇڭلاندى قەبرەم.

سەزگۈلەرنىڭ لوزۇنكىسىدا،
ئىسيانكارلىق روھى يالتىرار.
ئېھ، ۋاقىتنىڭ زەنجىرلىرىدە،
كەچمىش قىزى ئاجىز ئىڭرار.
غۇۋا بىر چۈش قىرتاققىنا تەم،
نازۇك تەنگە نېمە كۆپ ئازار؟

سەن ئېزىققان بەندە سىياقى،
مەن بىر تەلۋە رەپتەر خىيالى.
پۇتلاشماقتا مىسرالىرىممۇ،
تاپالماستىن سۆيگۈ ئىزناسى.
سەن،مەن،ئۇ ھەم بىر نەچچە بەندە،
جۆيلىمەكتە ساراڭ مىسالى.

قىينىلىمەن دېمىم يېتىشمەي،
نەپەستە مىڭ ئوتلار يانىدۇ.
ئادىمىيلىك كىشەنلىرىدە،
بوغۇلغان ئۇھ ئۇخلاپ ياتىدۇ.
سىلكىنىشكە تولسا گەر ئالەم،
بۇ دۇنيادا كىملەر قالىدۇ.

ھەق ئەركەكنى ئىزدەپ ئايالنىڭ،
تۈن كېچىدە ياڭرار نىداسى.
ئەر ئېڭىدا ھەقىقىي ئايال،
ئىدى پەقەت"قىزلىق "سىماسى.
ئايال دەيتتى:ھەقىقى ئەر _ ۋەتەن،
ئەر قىلاتتى ئىپپەت دەۋاسى.

ئادىمىيلىك بوسۇغۇسىدا،
مىڭلىغان ئەر قانغا چىلانغان.
"يۇمشاق سۇ"نىڭ باغرىدا ئەركىن،
مىڭ مەدىنىيەت تاتلىق نازلانغان.
بۆشۈك،دۇنيا تەۋرەتمىگەن قول،
نېسىي قالغان قانغا بويالغان.

ھەقىقىي ئەر _ ئىدى ئۇ ۋەتەن،
ھەقىقىي ئايال _ ئىدى ۋەتەنگە بىر جان-تەن.
ئەركەكلىكنىڭ ھالسىزلىنىشى
ئاياللارنى سۇسىزلاندۇردى.
ئاياللارنىڭ ناپاكلىقى،
ئەرلەرنى كۆپ ھۇشسىزلاندۇردى.

قېنى سەن ھەقىقىي دۇنيا؟
بەرگى بېشىدا نېمە كۆپ سەۋدا؟

2010- يىلى 11- ئاي 20-كۈن



(يۇمشاق سۇ_ ئادىل تۇنىياز شېئىرىدىن ئېلىنغان. ھازىرقى ئەركەكلىكى يوق ئەرلەرگە سىمۋۇل)

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
ئايتۇغ + 50 ئىلغار تىما
gvzal3.8 + 50 ئېسىل شېئىر

ھەممە باھا نومۇرى :  + 100   باھا خاتىرىسى

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2247
يازما
725
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
24827
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 14:56:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىن ھۇزر ھېس قىلدىم.ئاياللىق نازاكەتنىڭ يۈشۈرۈن ھالدىكى ئىسيانكار ھالىتى مىسرالار قوينىغا ئەپچىللىك بىلەن ئورۇلۇپ كىشىنى ھەسرەتكە ھامىلدار قىلىدىكەن.
تەكلىپ؛3-كوپلىتتىكى"سۆيگۈ ئىلاھى"دىگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئالماشتۇرغىلى بۇلارمۇ؟سۆيگۈ ئىلاھى سۆزىنى ئاڭلىساملا ياۋرۇپالىقلار نەزىرىدىكى"ۋىناس"ئىسىمگە كىلىپ قالىدىكەن.بەرگىيە ئويلىنىپ كۆرگەيسىز.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدى يىغىش سەۋەبى
gvzal3.8 + 10 ئەستايىدىل ئ ..

ھەممە باھا نومۇرى :  + 10   باھا خاتىرىسى

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

دائىملىق ئەزا

مەن زادى كىم؟؟

UID
1929
يازما
861
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
34818
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
71 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 15:46:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 1قەۋەتتىكىtutem يوللىغان 2010-11-22 14:56 غا قارتىلغان  :
شېئىردىن ھۇزر ھېس قىلدىم.ئاياللىق نازاكەتنىڭ يۈشۈرۈن ھالدىكى ئىسيانكار ھالىتى مىسرالار قوينىغا ئەپچىللىك بىلەن ئورۇلۇپ كىشىنى ھەسرەتكە ھامىلدار قىلىدىكەن.
تەكلىپ؛3-كوپلىتتىكى"سۆيگۈ ئىلاھى"دىگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئالماشتۇرغىلى بۇلارمۇ؟سۆيگۈ ئىلاھى سۆزىنى ئاڭلىساملا ياۋرۇپالىقلار نەزىرىدىكى"ۋىناس"ئىسىمگە كىلىپ قالىدىكەن.بەرگىيە ئويلىنىپ كۆرگەيسىز.
شېئىرىمغا بەرگەن پىكرىڭىزدىن خۇشاللىق ھېس قىلدىم. "سۆيگۈ ئىلاھى"نى دەسلەپتە مەنمۇ بىر قىسىم ھېس قىلغانتىم."ئىلاھ"سۆزىنى ئىشلىتىشتىن ئۆزەممۇ قاچاتتىم."سۆيگۈ ئىزناسى" دەپ ئۆزگەرتتىم يەنىمۇ مۇۋاپىق  سۆز بولسا ئايىمىغايسىز!!

بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

!vq  adam  bar  yarda 

UID
6664
يازما
192
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5314
تىزىملاتقان
2010-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-31
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 17:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە،شئېرىڭىز  بەك  ياخشى  چىقىپتۇ،بۇلۇپمۇ

ھەقىقىي ئەر _ ئىدى ئۇ ۋەتەن،
ھەقىقىي ئايال _ ئىدى ۋەتەنگە بىر جان-تەن.
ئەركەكلىكنىڭ ھالسىزلىنىشى
ئاياللارنى سۇسىزلاندۇردى.
ئاياللارنىڭ ناپاكلىقى،
ئەرلەرنى كۆپ ھۇشسىزلاندۇردى.

مۇشۇ  مىسرالارنى ئوقۇپ ھەم  ھۇزۇرلاندىم،ھەم  ئويغا  پاتتىم.قەلەم  تۇلپارىڭىز  ھارمىغاي!

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 17:52:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللارنى ئاياللىق نازاكەتكە .ئەرلەرنى ئەرلىك جاسارەتكە ئۈندەيدىغان مىسرالىرىڭىزدىن سۆيۇندۇم بەرگىيە ،،،، نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى ھۇزۇرىمىزدىن ئايىمىغايسىز

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
1934
يازما
389
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
20284
تىزىملاتقان
2009-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 22:03:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇۋالاشقان ئەسلىمە، ئەبجەشلەنگەن ھېسسىيات...
    ھارغىن دىللاردىن ئوخچۇپ چىققان ھەسرەتلىك خىتابنى ئۆزگىچە سۈزۈك تىل، ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن ئېسىل مىسرالىرىڭىزدا ئىپادە قىپسىز، بارىكاللا.
    بەرگىيەنىڭ شېئىرلىرىنى ۋوردقا كۆچۈرۈۋېلىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلغانمەن، بۇ شېئىرىڭىزمۇ كومپيوتېرىمدىن ئورۇن ئالدى، رەھمەت سىزگە بەرگىيە.

ئۆتۈنۈپ قالاي، ئانا يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، ئۆلچەملىك ئىملادا تېما، ئىنكاس يوللاڭلار.

UID
1931
يازما
722
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
27927
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-4
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-22 22:51:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى ھەزىم قىلىشقىمۇ ئوخشاشلا مەلۇم دەرىجىدە ئەدەبىي دىت ۋە سەۋىيە كىتىدۇ...
بەرگىيە شېئىرىڭىزنى ياقتۇردۇم،مۇۋەپپىقىيىتىڭىزنى تەبرىكلەيمەن!

شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،                                            قايغۇغا ھامىلدار بىردەملىك غەپلەت! http://saadat.blogbus.com

UID
4979
يازما
131
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
4874
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-12
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 14:31:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا رەب! جامىمغا قۇيۇلدى مەي بۇ دەم!
پەيزىدىن ئارام تاپتى كۆڭۈل غەمخانەم....!

ئەرلەرنىڭ ئەرلىكى نە ؟ كى قىز غۇرۇرى؟....
ئەجەپ ياخشى تەرىپلەپسىز !
مۇڭى سەرسانەم......!


كۆپ رەھمەت سىزگە بەرگىيە خانقىز!
ئەتتىگەندە ئۇچراتقان بۇ شېئىر چۇڭقۇر مەنالىرى بىلەن قەلبىمنى ئەسىر قىلدى،
بەلكى ئىزتىراپلىق تۇيغۇلىرىمنى ئۆزىگە خاس قەسىر قىلدى......!

قەلەم تۇلپارىڭىز ھېرىپ قالمىغاي ، بىلەكلىرىڭىز تېلىپ قالمىغاي!!!
بۇ قىممەتلىك شېئىرىڭىزنىڭ شەرىپى ۋە ھەدىيىسى ئۈچۈن بىر دەستە مۇنبەر گۈلى تەقدىم قىلىمەن، ئاددىي بولسىمۇ قوبۇل بولغاي؟

ئاللاھ بۇيۇك

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
355
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11416
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 14:45:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە قەلەم قۇۋۋىتم غورا ھالتىدە بولسىمۇ ، چۈشىنىشىم قاققا ئۇلىشىدىغان ئاددىي روھىم بىلەن ئۇشبۇ شېئرىڭىزدىكى ئالغا سۈرۈلگەن  ۋە يوشۇرۇنغان ھەقىقەت؛
ئىنساني قىممەت؛
روھىي گۈزەللىككلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان  مەنىۋىي سەپەرۋەرلىك ئېڭىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم ۋە قىلماقتىمەن.
مۇبادا ،
يانچۇقۇمدا مۇنبەر پۇلى بولسا 50 دوللار ئەمەس،
100 دوللار ئىنئام قىلغان بولاتتىم.
(ئەسكەرتىش: مۇنبەر پۇلى بىلەن يۇقارقى ئىنكاسىمنىڭ ھېچقانداق قانداشلىقى يوق.)

ئېشەككە مۇڭگۇز چىققاندا -مەنمۇ زۇڭتۇڭ بولىمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

پۇل تاپقىچە -دوس

UID
2181
يازما
323
تېما
33
نادىر
0
جۇغلانما
10996
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-28
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-23 16:21:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرگىيە شېئىرلىرىڭىزدىن چەكسىز ھوزۇرلاندىم . رەھمەت سىزگە !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش