تېخى
(مۇھەممەتجان راشىدىن)
ھەيران بولما كۆرگەنلىرىڭگە،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن تېخى.
ياراتمىساڭ ئاق ناننى بۈگۈن،
زاغرا ئىزدەپ يۈرىسەن تېخى.
ياخشى بولساڭ ئامەت بېشىڭدا،
يامان بولساڭ ئاپەت قېشىڭدا.
ئىسسىق باسماي ئەتكەن ئېشىڭدا،
كۆنمىگەنگە كۆنىسەن تېخى .
ئەقلىڭ ساڭا يول كۆرسەتكۈچى،
بىر پۇلۇڭنى ئىككى ئەتكۈچى.
ئىشىكىڭنى تەلەي چەككۈچى،
تالاي خىيال سۈرىسەن تېخى.
گاھى چاتقال، گاھ گۈلزاردىسەن،
گاھى ياياق،گاھ تۇلپاردىسەن.
ياكى دەريا -يا گۈلخاندىسەن،
تالاي ئوتتا كۆيىسەن تېخى.
ھەركۈن بەلكىم سېخى مەرت ئەمەس،
لىكىن، دۇنيا تامام دەرت ئەمەس.
كۈندە ئويناش مەڭگۈ شەرت ئەمەس ،
تالاي ئويناپ كۈلىسەن تېخى .
ياخشى بولساڭ خەلقىڭ قۇتلايدۇ،
ئاغرىپ قالساڭ كۈندە يوقلايدۇ.
مەلئۇن بولساڭ يىللار سوتلايدۇ،
تىرىك تۇرۇپ ئۆلىسەن تېخى.
~~~~~~~~ نالەن تەستىقلىدى ~~~~~~~~