ھېكايە
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
ئىجادىي ئەسەر
سانىيە بۈگۈنمۇ ئىشتىن چۈشۈپلا ئالامان-تالمان كومپيۇتېرنى ئاچتى. بىراق ئۇ سانىيەگە نۈرغۇن ئۇچۇر قالدۇرۇپ، يەنە چېقىپ كەتكەن ئېدى. بىرىنجى ئۇچۇردا ئەھۋال سورالغان ئېدى، ئىككىنجى ئۇچۇردا بولسا ناھايىتى ئۇزاق ساقلىغانلىقىنى دېگەن ئېدى. ئۈچۈنجى ئۇچۇردا بولسا سەل تۈرۈپ يەنە كىرىدىغانلىقىنى ئىيتقان ئېدى. سانىيە لەسسىدە بولىدە-دە، يەنە ئۇنىڭ كىرىپ قىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردى. 《تى...تى...تىت》 قىلغان تۇيۇقسىز ئاۋازدىن چۆچىگەن سەنىيەنىڭ ئاقپىشماق يۈزىگە ھاياجان بىلەن خۇشاللىق تەپتى. ئۇ دەرھال QQ غا قارىدى، راستىنلا ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك توردىشى كىرگەن ئېدى. سانىيە دەرھال 《نەچچە كۈندىن نەگە كەتتىڭىز؟ قاچانلا QQ نى ئاچسام، ئۆزىڭىز يوق، سۆز قالدۇرۇپ قويىسىز》 دەپ نارازى بولغاندەك ئۇچۇر يوللاپ تۇرىشىغا ئوغلى ئىلزات سانىيەنىڭ يىنىغا كېلىپ:
_ئاپا، كەچكىچە مۇشۇنداق قىلىپ ئولتۇردىكەنسەن، دادامغا دەپ قويىمەن جۇمۇ، تاماق ئەتمەمسەن، قورسىغىم بەك ئېچىپ كەتتى،_دەپ غەلۋە قىلدى.
_تاتلىق قوزام، ئا ئىدارىدىكى بىر باشلىق داداش ماڭا ئىش تاپشۇرۇپ ئۇچۇر قىپتۇ، دادىڭىزغا دەپ يۈرمەڭ ھە، ھازىرلا تۇگەيدۇ، ئاندىن سىزگە پولۇ ئاش ئىتىپ بېرەي بولامدۇ،-دېدى سانىيە ئوغلىنى گۆللەپ، ئاندىن ئۇنى چېقىپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ تۇرۇشقا ئۈندىدى. ئىلزات بىر پارچە قۇرۇق ناننى كۆتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۈچۈن چېقىپ كەتتى. سانىيە يولدىشى كېلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ، بىر كۆزى تالادا، بىر كۆزى ئىكراندا ھىلىقى توردىشى بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. توردىشى ئۇنىڭغا 《ھە بىلدىم، مېنى سېغىنىپسىزدە》 دەپ ئۇچۇر قايتۇردى، سانىيە 《نېمە دەيدىغانسىز ئەمدى، سىزنى نېمىشقا سىغىنغىدەكمەن》 دەپ ئۇچۇر يوللىدى. توردىشى يەنە 《ھە بولدى دېمىدىم، لىكىن كۆڭلىڭىزنى بىلدىم》 دەپ ئۇچۇر قايتۇردى. سانىيە جاۋابەن ئۇچۇرنى ئەمدى يىزىپ تۇرىشىغا يولدىشى ئەخمەتجەن ئىشىكنى تاراقشىتىپ ئېچىپ كىردى. سانىيە جىددىيلىشىپ كومپيۇتېرنى قائىدە بويىچە ئۆچۇرۇشكە ئۇلگۇرمەي، بىراقلا توك يولىنى ئۇزۇۋەتتى-دە، ئۇنى-بۇنى قىلغان بولۇپ تۇرۋالدى. ئەخمەتجان ئۆيگە كىرىشىگە ئىلزات تاپشۇرۇقىنى قويۇپ يۇگۇرۇپ چېقىپ:
_دادا، ئاپام كۈندە كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىۋىلىپ، تاماق ئەتمەي، قورسىقىم بەك ئېچەپ كەتتى_دېدى.
_يو، تېخىچە تاماق ئەتمىدىڭىزما؟ كۈندە يىرىم كېچىدە تاماق يىمىسەك بولمامدا، ئادەم ئۆيگە كەلسە ئېسسىق بىر قاچا تاماق بولسا دەيمەن،_دېدى ئەخمەتجان.
_ئىشخانىدا قىلىپ بولالمىغان ئىشلار بار ئىدى، ئەتە تاپشۇرمىساق بولمايتتى. تاماقنى ھازىرلا ئىتىپ بولىمەن_دېدى سانىيە سەل جىددىيلىشىپ.
_بولدى...بولدى، ئۇ تامىقىڭىزنى ئۆزىڭىز يەۋىلىڭ، ماڭە ئىلزات، سېنى بىر مىھمان قىلىپ كىرەي،_دېدى ئەخمەتجان ۋە ئىلزاتنى ئېلىپ، ئىشىكنى قالاقشىتىپ يېپىپ چىقىپ كەتتى. ئېرىنىڭ بۇنداق دوق قېلىشدىن بۇرۇن شۇنداق ھارسىنىدىغان سانىيە بۈگۈن ئەكسىچە خوشال بولۇپ كەتتى-دە، دەرھال يەنە كومپيۇتېرنى ئاچتى. ئەپسۇس، توردىشى ئۇنىڭغا يەنە سۆز قالدۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ لەسسىدە بولدى-دە، ئۇچۇرنى ئوقىدۇ. ئۇ سانىيەگە 《سىز ماڭا بەك چۇڭقۇر تەسىرات قالدۇردىڭىز، سىزنى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ گەپنى سىز بار چاغدا دېسەم خاپا بولىدىكەنسىز، شۇڭا يوق ۋاقتىڭىزدا دەۋالاي. مېنىڭچە سىزمۇ مېنى خېلىلا ياقتۇرۇپ قالدىڭىز، ھازىر مەن QQ دىكى باشقا تورداشلىرىمىنىڭ ھەممىسىنى چېقىرىۋەتتىم، سىز بىلەن بىر بولسىمۇ خاتىرجەم سۆزلەشسەم دەيمەن. ۋاقتىڭىز بولسا تېلفۇن قىلغان بولسىڭىز، ئىككىمىز ئوبدانراق سۆزلىشىپ باققان بولساق》 دەپ سۆز قالدۇرغان ئېدى. گەرىچە ئۇ چېقىپ كەتكەن بولسىمۇ سانىيە ئۇ قالدۇرغان سۆزلەرنى ئوقۇپ شۇنداق ھاياجانلاندى. ئۇ ئۆز-ئۆزىگە 《مەن نېمە بولۋاتىمەن، ۋاي توۋا》 دەپ پىچىرلىدى. ئۇنىڭ قولى يەنىلا ئىشقا بارمايتتى.
بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ ئەخمەتجان سىرتقا مال يەتكۇزۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى كۈنلۈك كاماندۇرۇپكىغا چېقىپ كەتتى. بۇ سانىيەنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولغان ئىدى. ئىشخانىدا تورغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمىغاچقا سانىيە كەچ كىرىشنىمۇ ساقلاپ تۇرغىسى كەلمەي، ئىشخانىدا ئالدىراش ئىشى بولمىغاچقا ئۆيگە قايتىپ كەلدى-دە، دەرھال كومپيۇتېرنى ئاچتى. تەلىيىگە ئۇ بار ئىدى. ئۇلار قىزغىن ئەھۋال سورىشىپ كەتتى. قارشى تەرەپ تىل كامىرانى ئىچىۋەتكەن ئېدى. ئىكراندا قارشى تەرەپنىڭ ئەرلەرگە خاس سالاپەتلىك، قاملاشقان چىرايى نامايەن بولدى. ئۇ 《كۆڭلۈم تۇيغاندەك ئىخانىغا كېرىپلا، كومپيۇتېرنى ئېچىۋەتكەن ئېدىم، قايسى كۈنى ماڭا يولدىشىڭىز ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ، قوللايسىز بولۇپ قالدى دەپ چېقىپ كەتكەن ئېدېڭىز، ئاراڭلاردا زادى نېمە ئىش بولدى؟》 دەپ ئۇچۇر قايتۇردى. سانىيە ئەخمەتجاننىڭ ئۆزنى ھازىرغىچە قانداق خورلىغانلىقىنى، دائىم ئۇرىۋالىدىغانلىقىنى، سىرتتا ئاشنا ئويناپ يۇرگىنى يەتمىگەندەك، تېخى ئىككىلەنمەي ئۇ چوكانلارنى ھەمكارلاشقۇچۇم دەپ ئۆيگە ئەكىلىدىغانلىقىنى، ئۆزى ۋە بالا بىلەن پەقەت كارى بولمايدىغانلىقىنى، ھازىرغىچە ئۆيگە تۇزۇكرەك پۇل ئەكىرىپ باخمىغانلىقىنى، يەنە تېخى پات-پات ئاشنىسىنى ئېلىپ، كاماندۇرۇپكىغا بارىمەن دەپ قويۇپ، سىرتتا ئىككى-ئۈچ كۈن تۇرۇپ كىلىدىغانلىقىنى، گەپ قىلسا ئۆزنى ھەر ۋاقىت تاياق-توقماق كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. توردىشى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىدىغانلىقىنى دېدى. شۇ زامان ئۇنىڭ تېلفۇنى سايرىدى. سانىيە بايىقى دەرتلىرىنى سۆزلەۋاتقاندا كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلىغاچقا، يىغا ئاۋاز بىلەن 《ۋەي》 دېدى. قارشى تەرەپ تېلفۇندا ئارلەرگە خاس يىقىملىق ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا:
_ۋوي نېمە بولدىڭىز؟ يىغلىدىڭىزما؟ مېنىڭ نەزىرىمدە سىز دىگەن بىر قەيسەر ئايال، ئۇنداق قىلماڭ_دېدى.
_شۇ ئىشلارنى ئەسلىسەملا كۆڭلۇم بۇزىلىدۇ، نەچچە يىل بولدى مۇشۇنداق تىڭىرقاپ ئۆتىۋاتقىلى،_دېدى سانىيە.
_نېمىگە تىڭىرقاپ؟_دەپ سورىدى قارشى تەرەپ.
_ۋاي نەبىجان، نېمىگە تىڭىرقايتىم، ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشقا كۆزۈم يەتمەي شۇ،_دېدى سانىيە.
_تىڭىرقىماڭ، بىز گەرىچە يۈز كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ لىكىن توردا پاراڭلىشىپ يۇرگىلىمۇ يىرىم يىلدن ئاشتى. سىزنى ئوبدانلا چۈشۈنۈپ قالدىم، ئۇ ئاداش سىزدەك ياخشى بىر ئايالنىڭ قەدىرىگە زادىلا يەتمەپتۇ. سىز ئاجىرىشىپ كەتسىڭىزمۇ مۇشۇ ياخشى مىجەزىڭىز بىلەن يەنە تۇرمۇشلۇق بولۇپ، بەختلىك بولالايسىز،_دېدى نەبى.
_ۋايەي، ئەردىن ئاجراشقان ئايالنى كىم ئالىدۇ دەيسىز،_دېدى سانىيە.
_مانە مەن ئالىمەن، سىزنى، _دېدى نەبى.
_ۋاي خۇدايىم، نېمە دەۋاتىسىز؟ ئۇنداق دىمەڭڭە ئادەمنى خىجىل قىلىپ،_دېدى يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن سانىيە.
_مەن راست گەپ قىلدىم، سانىيە. كۆڭلۈمدىكى گەپنى دېگىلى قويۇڭ. سىز بىلەن پاراڭلىشىپ يۇرۇپ سىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرىڭىزگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم، سىزنى راستىنلا بەك ياختۇرۇپ قالدىم. سىز بىلەن بىر كۆرۈشۈش ئىستىكى مېنى بەك ئالدىرتىپ كېتىۋاتىدۇ. سانىيە، ئەگەر خالىسىڭىز سىزمۇ شەھەرگە كىرىڭ، مەنمۇ سىلەرنىڭ يۇرتقا باراي. بىز بىر كۆرۇشەيلى بولامدۇ؟_دېدى ھاياجان بىلەن نەبى. سانىيە بىرھازا جىم-جىت بولۇپ كەتكەندىن كىيىن:
_بولىدۇ، مەن بىر پۇرسەي ئىزدەي_دېدى.
شۇ قتىملىق تىلفۇندا كۆرۈشكەندىن كېيىن سانىيە بىر ئامال قىلىپ شەھەرگە كىرىش پۇرسىتىنى ئىزدىدى. سانىيەنىڭ كۈتكىنى يەنە ئەمەلگە ئىشىپ، ئىدارىدىن ئۇنى شەھەردىكى باش ئىدارىغا يىغىنغا بىرىپ كىلىشنى ئۇختۇردى. ئۇ دەرھال نەبىگە بۇ خەۋەرنى يەتكۇزدى. نەبى سانىيەگە بۈگۈنلا يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئىيتتى.
سانىيە ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ يىراقلارغا نەزەر سالغاچ نەبىنىڭ سىياقىنى خىيالەن قىياس قىلاتتى. ئۇ تۇرۇپلا بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ بىر ئايالنى سىرتتا كۆرۈشۇشكە تەكلىپ قىلىشىدىكى قاملاشمىغان نىيەتلىرىنى خىيال قىلىپ، سەل ئەندىككەندەك بولدىيۇ، يەنىلا خۇدايىم ساخلا، ئۆزەمنى چىڭ تۇتساملا ھىچ ئىش بولمايدۇ دەپ نەبى بىلەن كۆرۈشكەندىكى ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ئەسلەپ چۇڭقۇر خىيالغا پاتتى. شەھەرگە يىقىنلاشقانچە يۈرىكى گۇپۇلدەپ سىلىشقا باشلىدى.
سانىيە شەھەرگە كېرىپلا، ئۇدۇل باش ئىدارىغا بېرىپ، تىزىمغا ئالدۇردى. تۇيۇقسىز تېلفۇن سايراپ كەتتى. تېلفۇننى نەبى ئۇرغان ئېدى.
_ۋەي، نەبىجانما؟ ھە مەن كىلىپ بولدۇم_دېدى سانىيە ھاياجان بىلەن.
_ھە، سىز نەدە؟ مەن ئالدىڭىزغا باراي، راست، ئېنىق ئادىرسنى دەڭ ھە، مەن بۇ يەرگە تۇنجى كەلگەچكە ئىزىپ كەتمەي يەنە،_دېدى نەبى.
سانىيە نەبىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتتى. تۇيۇقسىز يىنىغىلا بىر ماشىنا تۇختاپ، كىلىشكەن بىر ئەر ماشىنىدىن چۈشتى.
_تىچلىقمۇ سانىيە؟
_تىچلىق، ئۆزىڭىزچۇ؟_ھاياجاندىن سانىيەنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقىپ كەتتى. ئۇلار ئاخىرى يۈز كۆرۈشتى. بۇ قىتىمقى يۈز كۆرۈشۈش سانىيەدە نەبىگە نىسپەتەن چۇڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان بولۇپ، نەبىنى ھەر مىنۇت، ھەر دەقىقە ئەسلايتتى. كۆڭلىدە ئۇنى چۇڭقۇر ھۆرمەت قىلاتتى. تۇرۇپلا ئۆزىنى خۇددى قىز ۋاقتىدا باشقىلار بىلەن مۇھاببەتلىشىۋاتقاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالاتتى. سانىيەگە نەبىنىڭ بۇنچە چۇڭقۇر تەسىرات قالدۇرۇشىدىكى سەۋەپ، ئۇلار كۆرۈشۈپلا نەبى ناھايىتى ئەدەپ بىلەن ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلغان ئىدى، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، سانىيە ئىدارىدىن ئۇلارنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرغىنىنى ئېيىتقان بولسىمۇ ئەمما نەبى ئۆزىنىڭمۇ بىر ئۈچ يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيىپ بىركە كىتىشتە چىڭ تۇرۋالدى. سانىيە سەل خاتىرجەم بولالمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىسى كېلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئەندىشىسى ئارتۇقچە بولۇپ چېقتى. نەبى شۇنچىلىك ئېسىل ياتاقتىن ئىككى ياتاق ئاچتۇرغان ئېدى. ئۇ نەبى بىلەن شەھەردە كۆرۈشۇش جەريانىدا ئۇنىڭ ئەندىشلىرى ھەممىسى ئارتۇقچە بولۇپ چېقتى. نەبى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلدى، ھەتتا يۈز كۇرۇشۇش يۈزىدىن ئۇنىڭغا بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈك سۇغا قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.
سانىيە بىلەن نەبى داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇردى. سانىيە بارغانچە نەبىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى. نەبىمۇ سانىيەنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك قېلاتتى. سانىيە بارغانچە ئەخمەتجاندىن ئاجىرشىش نىيىتىگە كەلمەكتە ئىدى، لىكىن ئاجىرشىپ قويۇپ نەبى ئاجراشمىسا ئۆزنىڭ ئودا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ سەل ئىككىلىنىپ تۇرۋاتاتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭغا يەنە نەبىدىن تېلفۇن كەلدى، بۇ قېتىمقى تېلفۇن ئۇنىڭغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغان ئېدى. چۈنكى نەبى ئاجراشقانلىق خەۋىرىنى سانىيەگە يەتكۈزگەن ئىدى. سانىيەمۇ ئەمدى ئىككىلەنمەي ئاجىرىشىش نىيىتىگە كەلدىدى-دە، بۇ تەلەپنى ئەخمەتجانغا دېدى. ئويلىمىغان يەردىن ئەخمەتجان ئۇنىڭغا:
_دەڭە، نېمىشقا ئاجىرشىمىز؟ بىرەرسىنى تېپىۋالدىڭىزغۇ دەيمەن ھە، كىمۇ ئۇ ؟_ دېدى.
_ئۇنداق ئىش يوق، سىزنىڭ يادىڭىزدىن مەن، ئۆي، بالا ئالىقاچان كۆتۈرلۈپ كەتكەن تۇرسا، يەنە نېمىشقا دەپ سوراش كېتەمدا؟_دېدى سانىيە زور بىر جۇرئەت بىلەن.
_ بىرسىنى تىپىۋالغان بولساڭ، سېنىڭدەك مەينەت خۇتۇن بىلەن ئۆي تۇتىمەن دەپ تارتىشىپ ئولتۇرمايمەن، ئەگەر مېنى يىتەرسىزلىكى كۆپ دەپ ئاجراشماقچى بولساڭ بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمەن، خاتالىقنى دېگەن تۇزەتسە بولىدۇ_دېدى ئەخمەتجان قەھرى بىلەن.
سانىيە باشقا سەۋەپنى دېسە ئۇنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ، راست گەپ قېلىش نىيتىگە كەلدى.
_ھە بىرسىنى تېپىۋالدىم قانداق، سەن تاپساڭ بولىدىكە، مەن تاپسام بولمامدىكەن؟ بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەڭدىن كۆر...._سانىيەنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى تۈگىگىچە بىر تەستەك شاپىلاق ئۇنىڭ يۈزىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى.
ئۇلار ئاخىرى ئاجراشماقچى بولدى، سانىيە بالىنى تالىشىپ باققان بولسىمۇ ئەمما ئەخمەتجان بالىنى ئۇنىڭغا بەرمىدى. سانىيەمۇ ئارتۇقچە جىدەل قېلىپ كەتمىدى.
ئارىدىن يىرىم يىل ئۆتۈپ سانىيە كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۇزۇپ، نەبىگە ياتلىق بولۇپ، خىزمەت، ئاتا-ئانا، بالىنى تاشلاپ نەبىنىڭ يۇرتىغا كەتتى.
شىمالى شىنجاڭدىن كىلىۋاتقان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكەتكە كېرىپ تۇختاپ، ئاپتۇبۇستىن ئىگىز، نازۇك كەلگەن 35 ياشلاردىكى تەنتەربىيە كىيىمى كىيۋالغان بىر چوكان چۈشتى. ئۇ بۇ يۇرتقا ناتۇنۇش بولغاچقا ئەتراپتىكى كىشىلەردىن سوراپ يۇرۇپ بىر مېھمانخانىدىن ياتاق ئالدى، ئاندىن مۇنچىغا چۇشۇپ، شۇنداق قاملاشتۇرۇپ كىيىنىپ، ئالدىرماي ئولتۇرۇپ گىرىم قىلىپ، سىرتقا ماڭدى. ئۇ تاماق يەۋىلىپ باشقىلاردىن سوراپ يۇرۇپ ئەخمەتجاننىڭ ئىدارىسىنى تاپتى.
_تىچلىقمۇ؟ ئەخمەتجان،_دېدى ھىلىقى چوكان. ئەخمەتجان ئۆزى زادىلا كۆرۈپ باخمىغان بىر چۇكان ئىزدەپ كەلگەنلىكىدىن تولۇمۇ ھەيران بولدى.
_تىچلىق،_دېدى ئەخمەتجان سەل ھايران بولۇپ،_ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟ ھەجەپ تونىيالمىدىم.
_سىز تونىمايسىز، لىكىن مەن مەن سىزنى تونۇيمەن. مەنمۇ سىزنى كۆرۈپ باخمىغان، لىكىن كۆڭلۈم سىزنى ئاللىقاچان تۇنۇپ بولغان_دېدى ھېلىقى چوكان سىرلىق قىلىپ،_مېنى تاماققا تەكلىپ قىلمامسىز؟
_ئەلۋەتتە تەكلىپ قىلىمەن، قېنى ئەمسە يۇرۇڭ،_دېدى ئەخمەتجان.
_ئىسمىم گۈلچىھرە، xxxشەھەردىن كەلدىم، سىزنىڭ ئايالىڭىز QQ دا تونۇشۇپ توي قىلۋالغان نەبىنىڭ ئايالى بولىمەن، مەن شۇ ئايالنىڭ يولدىشى زادى قانداقداق ئادەمدۇ دەپ ئويلاپ، سىز بىلەن بىر كۆرىشەي دەپ كېلىشىم،_ دېدى چوكان.
ئەخمەتجان بۇ گەپتىن تولۇمۇ خىجىللىق ھىس قىلدى. گۈلچىھرە بىر نەچچە كۈن بۇ يۇرتتا تۇرۇپ ئەخمەتجان بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا تۇيۇقسىز ئەخمەتجانب بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلىپ قالدى. ئەخمەتجانمۇ دەل شۇنى ئويلاۋاتقان ئېدى.
بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ ئەخمەتجان گۈلچىھرە بىلەن توي قىلدى، گۈلچىھرە يەتتە ياشلاردىكى ئوماق قىزنى ئەگشتۇرۇپ كەلگەن ئېدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن نېمە مەخسەتتە توي قېلغىنى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە ئايان ئېدى.
QQ دىكى بۇ مۇھاببەت ئۇلاردىن قايسىللىرىنى بەختلىك قىلىپ، قايسىللىرنى مەخسەتكە يەتكۇزگەن بولسىمۇ ئەمما بىگۇناھ ئىككى نارىسىدە يىتىم بولۇپ ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بىرلىكتە بىقىپ چوڭ قىلىشىدىن مەھرۇم قالغان ئېدى
.
QQ تىپىشتۇرغان مۇھاببەت