مۇناجات
ئاللاھىم مەغپىرەت ئەيلە تۈمەنمىڭ كۆپ گۇناھىمنى ،
قىلىپ سالغان بىلىپ بىلمەي مەئسىيەتلىك بۇھالىمنى ،
"رەھمان" سۈپىتىڭ ئالەمچە"رەھىم "سىنىڭ نامىڭدۇر
ئاڭلا ئەي غەفۇر زاتى جاينامازدىكى بۇ زارىمنى ،
نەپەسلەر بەزلىدىڭ بىزگە كارامەت قىلىپ بۇئالەمدە
جىمىكى كائىنات جانلىق تىنىق بىلەن بۇ خانەڭدە
پاشىلار تۆگە كەبى ياشار، سىنىڭ رەھمىتڭىدە
ئەي ئۇلۇغ تەڭرىم ئىلاھىم ،قۇدرىتىڭ نامايەندە ،
رامزان ئونبەش بۆلۈپ كېلىپ كەتتى رەھمەتلەر ,
جەننىتىي بولغۇسى چوقوم يولى بولغان مۇھەممەدلەر ،
كېچىدە سەن ئۈچۈن يەپ، يىغلىسا سىنى دەپ قەلبى
نېچۈن بولماس ئول كۈنى، ئۇلار ھەمراھى مەلەكلەر،
قۇرت-قوڭغۇز دەرەخلەر ساڭا تەسبىھ ئېيتىشار
ئىككى ياپراق قۇلاق يېقىپ سەن ھەققىدە مۇڭدىشار
تەبىئەت سەن ئۈچۈن يىغلايدۇ ،شائىر سىنى كۈيلەيدۇ ،
ئەگەر بۇنى بىلمەك بولساڭ ئوقۇ سۈرە «ئىنفىتار»
بېھىش بەرگىن ئاخىرەتتە فىردەۋىس مىنىڭ ئۆيۈم بولسۇن ،
قەلبىمنى قىل تەقۋاغاخاس، سىنى كۈيلەش ،سۆزۈم بولسۇن
ئىلاھىم ئاجىزلىقىم ئاياندۇر ساڭا ماڭا كۈچ -قۇۋۋەت بەرگىن
پۈتۈن روھىم ،پۈتۈن جىسمىم، ساڭا مۇتلەق ئەل بولسۇن ،
تەراۋىھ ئۇقۇلدى بۈگۈن "نىسا"سۈرىسى ئايەتلەر
دۇئادا دېيىلدى ئىمامدىن بىزگە كەلتۈرمە ئاپەتلەر،
ئىنسانلار شۇنچە ئاجىز تۇزكور ئايىتىڭدە
ئەي ئۇلۇغ پەرۋەردىگار بىزگە كەلتۈرمە پالاكەتلەر ،
جايىمنى قىلغىن ئەي رەببىم مالىكى، نوئمان بىلەن
ئۆز ساھابەڭ ئەلچىلىرى ،ئېلى ،ئۆمەر،ئوسمان بىلەن
شافىئىلار، ھەنبەلى، ھەممىسى مىنىڭ دوستۇم
بارلىقىمىز ئۈمۈتلەنگۈسى سۈپىتىڭ" مەننان" بىلەن
قۇبۇل ئەتكىن دۇئايىمنى قول كۆتۈردۈم ئۈمىد سەندە
ھېچكىمگە يامانلىق كەلتۈرمە ،زىمىن دېگەن بۇئەلدە،
يەرشارىغا تىنچلىق ئاتا قىل ھەممە ئىنسان خوشال بولسۇن
ئىززىتىڭ كەڭرى ئەي رەببىم، قىلىپ بىزلەرگە سەن رەھمە،
2010-8-25
مەنبە: ئۆز قەلىمىم