تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 849|ئىنكاس: 3

چېكەرمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
347
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10120
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 23:50:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېكەرمەن


بىكار كەتتى ئاناڭنىڭ بەرگەن سۈتى چېكەرمەن ،
زايە كەتتى ئاتاڭنىڭ يۈرەك قېنى چېكەرمەن ،
ئېلىپ كەتتى ئاق ئىبلىس ئاخىر سېنى چېكەرمەن
قاقشاپ قالدى شۇلارنىڭ يەنە دىلى چېكەرمەن ،
بىزار سەندىن شۇڭلاشقا خەلقىم دىلى چېكەرمەن.



چەكمە دېسە چەكچەيدىڭ چېكىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى ،
ئاقنى سېتىپ ئاستىرىتتىن سېتىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى ،
بىلىپ تۇرۇپ بىر ئوتقا يېقىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى ،
ئەلدىن كۆرمە ئۆلۈمنى ئېتىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى ،
خوتۇن -بالاڭ تاپقان پۇل ، ئۆيۈڭ قېنى چېكەرمەن .

خىروئىنمۇ بەخۇدۈك بىزنى تاپتى ئەڭ ئاۋۋال ،
ئەخمەق كۆرۈپ دوززاخقا بىزنى تارتتى ئەڭ ئاۋۋال ،
پۇل دېگەنگە لوققىنا بىزنى ساتتى ئەڭ ئاۋۋال،
ھارۋىسىغا قىلمىشنىڭ بىزنى قاتتى ئەڭ ئاۋۋال ،
سۆرەپ ماڭغان شۇلارنىڭ سەنمۇ بىرى چېكەرمەن .


ئۆزۈڭ بىلەن قالمىدى قىزلارغىمۇ چەككۈزدۈڭ ،
تۇتسا خۇمار پۇلى يوق تال بويىنى ئەگكۈزدۈڭ ،
يېلىندۇرۇپ كىمگىدۇ نۇمۇسىغا تەگكۈزدۈڭ ،
قىلغاندىمۇ ئەسكىلىك ھەق -داتىغا يەتكۈزدۈڭ ،
قىلماقچى سەن جىسمىڭنى يولۋاس يېمى چېكەرمەن .


بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى نادانلىقمۇ بىلمەيمەن ،
تېنىمىزدە قۇتىرغان قاراملىقمۇ بىلمەيمەن ،
يا قالاقلىق ،شاللاقلىق ،ساراڭلىقمۇ بىلمەيمەن ،
ئاقىۋەتنى ئويلىماس گالۋاڭلىقمۇ بىلمەيمەن،
زادى نېمە ئېيىتقىنا بۇنىڭ سىرى چېكەرمەن .




ئەگەر ھاياتىڭىزدا بىر قەدەمنى خاتا باسسىڭىز ،ئاقىۋەت چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىسىز !

مەنبە :خاتىرەمىدىن  ..
ئاپتورنى شۇنچە ئىزدىنىپمۇ بىلەلمىدىم ،بۇ شئېرنى ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئاكا دېكىلماتسىيە قىلپ ئاۋازلىق ئەسەرمۇ چىقىرىپتىكەن .

پاك تۇغۇلۇپ ،ئۇيقۇ بىلەن ياشاپ ،گۇناھ بىلەن كېتىمىز .
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7047
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1080
تىزىملاتقان
2010-11-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-2
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 10:52:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى شئىركەن.

UID
1173
يازما
457
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
14965
تىزىملاتقان
2008-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 13:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىشە، ئاقنى كەلتۇرۇپ، لەززەت كۆرۈپ چېكىمەن ،
ھەي، خۇمارى بەك يامان دەتنى ئەلگە تۆكىمەن ،
تۇتۇپ كەتسە بىردەمدە، چاپىنىمنى تىتىمەن ،
چارە بولماي قالسا گەر،  بۇ دۇنيانى يۇتىمەن ،
كۆنۈپ قالغان بۇنىڭغا، سىرلىق تۇمان چېكىمەن.
__ ئوتياق

禁止发言

بىسمىللاھىر رەھ

UID
5729
يازما
173
تېما
33
نادىر
0
جۇغلانما
6573
تىزىملاتقان
2010-9-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 16:24:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش