كۆرۈش: 2735|ئىنكاس: 6

ئانا تىلىم،زەر تىلىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
2539
يازما
138
تېما
77
نادىر
0
جۇغلانما
7049
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-27
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-14 22:17:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا تىلىم، زەر تىلىم

 


( روزى سايىت )   

     
تىل ئالاقە قورالى، تىل قەلبنىڭ ئەينىكى،
تىل ئادەمنى، ئالەمنى باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە،
تىل خەزىنە، تىل ھېكمەت، تىل مۇھەببەت كۆۋرۈكى،
تىل ھايۋاننى ئىنسانغا ئايلاندۇردى پەرۋىشتە.

تىل نادانغا پەم بېرىپ، تىل زۇۋانغا تەم بېرىپ،
ھاياتلىقنىڭ ئابادى مېھىر تاپتى سۆيۈكتە،
شۇڭا ھەر بىر قەۋمچۈن مەيلى كىچىك-چوڭ بولسۇن،
ئانا تىلى-ئۆز تىلى شۇنچە ئۇلۇغ، بۈيۈكتە...!

ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇر تىلى ئوماق تىل،
سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئاشۇ تىلدا ناۋاسى.
ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى، مىراسخورى ھەغداسى.

ئۇ ئانا تىل، ئانامغا ئانىسىدىن يادىكار،
مەن بۇ تىلنى ئۆگەنگەن زاكامدىكى چاغلاردا.
ئاشۇ ئانا تىل بىلەن ئوۋلاپ جانان مەيلىنى،
پاراڭلاشقان، سىرداشقان ئالمىزارلىق باغلاردا.

بوۋام مۇشۇ تىل بىلەن يۈرىكىمگە پىچىرلاپ،
ۋاپادارلىق، مەردلىكنىڭ مىزانىنى بىلدۈرگەن.
ئوغلۇم، قىزىم ھەر كۈنى تۇمۇچۇقتەك ۋىچىرلاپ،
ھاياجانغا چۆمدۈرگەن، مۇرادىمنى كۈلدۈرگەن.

مۇشۇ تىلدا نەۋائىي كىيگەن ناۋا تاجىنى،
شا مەشرەپنى مۇشۇ تىل ئېرىشتۈرگەن شەرەپكە،
يۈسۈپكە "خاس ھاجىپ"لىق ئاتا قىلغان مۇشۇ تىل،
مەھمۇد بوۋام شۇ تىلدا دەرس ئۆگەتكەن ئەرەبكە.

مەن شۇ ئانا تىل بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئىجادتا،
زىمىستاننى لەنەتلەپ، تاڭغا مەڭىز يۈز ياقتىم.
كۈلسە يۇرتۇم تەڭ كۈلدۈم، ئەل يىغلىسا ياش تۆكتۈم،
بىللە كۆيدۈم ئوتىدا، سۇلىرىدا تەڭ ئاقتىم.

مەن شۇ ئانا تىل بىلەن باغاشلىدىم باھارنى،
گۈل-چىچەككە پۈركەنگەن چىمەنلەرنى ئارىلاپ.
مەن كۈلىمەن، قەۋمىمنى كۈلدۈرىمەن قەلەمدە،
تىلغا ئۈنگەن ھارام شاخ، كۆتەكلەرنى پارىلاپ!

شۇڭا دەيمەن: ئۆز تىلىم، گۆھەر تىلىم، زەر تىلىم،
بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىللىتى.
زەررە كىچىك، ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۈلگەن،
مېنىڭ تىلىم ئاشۇنداق-ئاتومچە بار قىممىتى !!!

يېڭى ئەسىر غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى،
بۇ ئېچىشتىن دىيارىم كەلمىش چوقۇم جەۋلانغا.
قاتناشمىسا ئانا تىل رىقابەتلىك "ئېچىش" تا،
تەستە كەلگەن بۇ پۇرسەت يېتەلمەيدۇ ئارمانغا.

ئەي تەڭرىتاغ پەرزەنتى، ئۇزۇن سەپەر كارۋانى،
سىيپىماقتا مەڭزىڭنى تاڭنىڭ مەيىن ساباسى.
مۇھەببەتلىك باغاشتا كۈلۈپ، يايرا، ياڭرىسۇن،
سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى!

 

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ھاياتنىڭ ھەققى م

UID
2457
يازما
358
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
10131
تىزىملاتقان
2010-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-11
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 12:51:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دەيمەن                                   
توۋا دەيمەن بۇ بىر ئەۋلات كىملىشىپ كەتتى ،
ۋىجدانىنى زەي-شور بېسىپ چىملىشىپ كەتتى .
قەشقەر خوتەن ئاش تۇزىدا ئەتلەنگەن تۈرۈم ،
يۇرۇش-تۇرۇش ، ئوي-پىكىردە رىملىشىپ كەتتى .

*********************************************
يىگىتلىرى ئەردەك ئەمەس روھى زەيپانە ،
ئەقلى پۇلپەز ، غۇرۇرى دەز ، نىملىشىپ كەتتى .
قىزچاقلىرى قىزدەك ئەمەس شەرمى - ۋاپا كەم ،
بېشى چۇۋۇق ، كۆكسى ئۇچۇق ، شىملىشىپ كەتتى .

*********************************************
تەڭلا ئەتە خۇسىسىغا لەۋزى پاراڭ يوق ،
جىسمى كەيپ-ئىشرەت بىلەن يىملىشىپ كەتتى .
بىشارەت بۇ گۇمراھلىقتىن يىتۇل غاپىللىق ،
پۇرقىتىڭدە شائىر تىت - تىت جىملىشىپ كەتتى .

رۇزى سايىت


مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن ،

پاك تۇغۇلۇپ ،ئۇيقۇ بىلەن ياشاپ ،گۇناھ بىلەن كېتىمىز .

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
1006
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42729
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
425 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 13:23:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكرار تېما.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
1173
يازما
456
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
14957
تىزىملاتقان
2008-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 13:24:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى << بەرداش>> ئەپەندى 11- ئاينىڭ 6-كۇنى يوللىغانغۇ ؟ تەكرار تىما يوللىنىپ قاپتۇ.

UID
4979
يازما
180
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
4923
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-29
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 17:30:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاللاھ بۇيۇك

UID
3504
يازما
552
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
18915
تىزىملاتقان
2010-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-15 22:46:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەنچە ئانا تىلىمىز  بەزىلەرنىڭ ئالدىدا قەدىرسىز قېلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە مۇشۇنىڭدە تېمىلار تەكرار تەكرار يەنە تەكرار يوللىنىشقا تامامەن ئەرزىيدۇ ...

   مۇشۇ كۈنلەردە تولا ئۇچراپ كېتىپ بارىدۇ دېسە ،  ئاشخانىدا ،  ئاپتوبۇستا .... يەنە ئاللىقانداق يەرلەردە ئىككى ئۇيغۇر ئانا تىلىدا پاراڭلاشمايدىغان ، ئاپىسى دادىسى ئۇيغۇرچە ، بالىسى يەنە باشقىچە بىر تىلدا ( مۇشۇنداق ئاتا ئانىلارنى كۆرسەم  شۇلارنىڭ  ئانا تىلىغا بولغان  مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە ، بالىلىرىغا  ئانا تىلىڭدا سۆزلە دەپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلامىغىنىغا قاراپ ، ئۇلارغا نەپرەت بىلەن تىكىلىمەن )  سۆزلىشىدىغانلارنى كۆرسەم شۇنداق ئارامسىزلىنىپ كېتىمەن ،  شۇلارغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇم كېلىپ كېتىدۇ يۇ يەنە ئۆزەمنى بېسىپ تۇرىۋالىمەن ... نېمىدىگەن بىچارىلەرچە ھېسيات بۇ .....

ئۇيغۇرۇم!

UID
48136
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-3-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 13:59:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر  شەھرى .كونىشەھەر ناھىسدىكى  تورداشلار ، ئانا تېلنى قوللاش روھىڭلارغا كوپتىن  كوپ رەخمەت . سىلەرنىڭ يېقىندىن قوللۇشۇڭلار بىلەن ئانا  تىل  ھەسىلىدىن 192قۇتا تۇگەتتۇق ، بۇنىڭلىق بىلەن  توختاپ قالمايدىغانلىغىڭلارغا  ئىشەنچىم كامىل . ئانا تىلغا بولغان  قوللىشىمىز ئىنتايىن ياخشى كەيپىياتتا داۋام قىلماقتا . ھەسەل  يەنە بار .مەن سىلەر ئۇچۇن ھەر ۋاقىت  خىزمەتكە تەييار ، يەنىلا ھەقسىز  يەتكۇزمەن .

كونا شەھەر ناھىيەسى؛ كۆكنۇر دورا دۇكىنى؛ تىلفۇن؛   3253807    ،،،   13579053807

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش