دوستۇم بۇ يەرگە نىمە دەپ كەلدىڭ؟
ئاتا-ئاناڭ ئوقۇشنىڭ پۇلىنى راسلاپ،
بارلىق ئۈمۈدنى بىر ساڭا باغلاپ.
شۇ يىراق سەھرادىن سەن شەھەر ئاتلاپ.
ئېيت دوستۇم بۇ يەرگە نىمە دەپ كەلدىڭ؟
قالمىدى ئېيتمىغان گەپ-سۆزلىرىم،
قۇلاققا ياقمىدى كوتۇلداشلىرىم.
سىنىپتا كۈندە بوش ئورنۇڭغا قاراپ.
مەنىلىك قارىشار ساۋاقداشلىرىم.
كېچىسى ھەركەتتە كۈندۈزى ئۇخلاپ،
سەن مۈشۈكياپلاقمۇ ياكى ئىنسانمۇ.
ئاتاڭ ھەم ئاناڭ ھەم بىر سېنى ئويلاپ.
سەن ئۈچۈن يارالغان چاكار مالايمۇ؟
بىر قانچە ساۋاقداش بازارغا چىقىپ،
تۇيۇقسىز سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق.
نازلىنىپ سۆزلەيتىڭ قېشىڭنى ئېتىپ.
ئاتالمىش"ئاكاڭ"غا ھەيرانلا قالدۇق.
مۇئەللىم تولا دەپ ھېرىپمۇ كەتتى،
ئاخىرى ياتاققا كىرمەسلا بولدى.
يۈرۈشۈڭ"باي خېنىم"چېكىگە يەتتى،
شوخ چېچەن ساددا قىز تامام يوقالدى.
ساۋاقداش بۇ ساڭا ئاخىرقى نەسىھەت،
ئىنساننىڭ بايلىقى ئەخلاق ۋە بىلىم.
غەپلەتتىن ئويغانغىن ئويلاپ بىر نۆۋەت.
ھاياتنى قەدىرلە ئۆگەنگىن ئېلىم.
2007-يىلى 10-مارت-- شەنبە
مەنبە: ئۆزۈم(خاتىرەمدىن)