- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 98
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3191
- تىزىملاتقان
- 2010-10-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-13
- UID
- 6765
- يازما
- 98
- تېما
- 17
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3191
- تىزىملاتقان
- 2010-10-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-1-13
- توردا
- 0 سائەت
|
مەن ساڭا "خوش" دىگەن ۋاقتىمداسەن ماڭا "سالام" يوللايسەن ،سەن ماڭا" خوش" دىگەن ۋاقتىڭدا مەن ساڭا "سالام" يوللايمەن .
ئىككىمىز نىمە ئۈچۇن تەڭلا خوشلىشىپ قەلىپ دەرۋازىلىرىمىزنى تەڭ تاقىمايمىز؟ياكى تەڭلا سالاملىرىمىزنى قوبۇل قىلىپ ﻫاياتلىق يولىدا قول تۇتىشىپ ماڭمايمىز؟
ساڭا خوش ئىتىشنى ئويلاپ،سىنى ئۇنتۇشقا تەمشىلۋاتقاندا يۇركۇم سىنىڭ سالىمىڭىنى تەڭلەپ سىنى يەنە ئەسلەپ قالىدۇ.بەلكىم سىنىڭمۇ يۇركىڭ شۇنداقتۇر -ﻫە! بۇ يۇرۇكلەر يا ۋىسالغا قانمىغان يا ﻫىجىران ئازابىقا چىدىمىغان........
مىنىڭ ساڭا قولۇمنى ئىگىز كۆتۇرۇپ "خوش"دىگىم بار ،سىنىڭچۇ؟ئەمدى بولدى...مىنىڭ بۇ بىچارە كىچىكىنە قەلبىم ئاران جۈرئەت ،ئىرادە كەمىرىنى باغلىغاندا سەن ئۇنى بوشتىۋەتمە.سەنمۇ قولۇڭنى ئىگىز كۆتۇر.....ماڭا خوش ئىيتىقىن...
مەن ساڭا "خوش "دىدىم.سەنمۇ ماڭا "خوش "دىيىشنى ئويلىشۋاتقاندا مەجنۇنتاللار ساڭا ئىگىلىپ تۇرۇپ مىنىڭ ئىسمىنى پىچىرلىسا "خوش" دىيىشتىن چۇشۇرۇپ يەنە ماڭا سالام يوللارسەنمۇ؟ئۇنداق قىلما. قاچانغىچە يۇركىڭگە تەسەللىي بەرمەي "سالام بىلەن خوش "نىڭ ئارلىقدا تەمتىرەپ يۇرسەن؟
مىنىڭ ساڭا "خوش" دىيىشنى قارار قىلغان قەلبىم قولۇمغا بۇيرۇق بىرىپ ئىگىز كۆتۈرۈشكە زورلاۋاتىدۇ.ئۇ ئالىقاچان ساڭا ۋە ماڭا تالاي قېتىم سوت ئېچىپ بولغان ھەم بۇ دۇنيادا شۇنداق ھۈكۈمگە ئۇچراپ بولغان ، شۇڭا مەن ساڭا كۈلۈپ تۇرۇپ "خوش "ئىيتىمەن. |
|