رەڭسىز دۇنيادا
سوقۇلماقتا رەڭلىك ئادەملەر.
تۈن كېچىدە ئاي چىقمىسا مەيلى
يۇلتۇزى يوق كېچىنى بارمۇ كۆرگەنلەر؟
بىھۇشلانغان تېنىمنى قۇچاقلاپ
ياشىماقتىمەن،يەنە ياشايمەن
ئەجەل سىرتماق سالغانغا قەدەر.
قېرى ئانامنى نېرى ئىتتىرىمەن
ئەتىلا قۇچىقىدىن ئاجراشتىن بىخەۋەر.
كەچكۈز سۆيدى مەڭزىمگە
تىترەپ كەتتىم سۇغۇق لەۋلەردىن.
تار مايكىغا لىق كەلدى بەدەن
تىترەپ تۇرۇپ
تىللاپ تۇرۇپ
نەپرەت بىلەن سۆكۈپ تۇرۇپ
ئۈزەلمىدىم كۆزلىرىمنى شۇ گۈزەلدىن.
ساپ-سېرىق خازانلارنى دەسسەۋاتىمەن
ئايىقىمنىڭ ئاستىدىكى خازان نالىسىدىن
بىر ھوزۇرنى شۇمۇۋاتىمەن.
قايتا-قايتىلاپ
ئەسەبى چىرقىراق ناخشىنى توۋلاۋاتىمەن.
مەن قىپ-يالىڭاچ كۈلۈۋاتىمەن.
رەڭسىز دۇنيا رەڭلىك ئادەملەر
بىز ياراتقان رەڭلەر ئىچىدە
قەبرە تاشلار خۇنۇكلىشىۋاتىدۇ
بۈگۈن بويۇلۇۋاتىدۇ
ئەتە قېنىقلىشىۋاتىدۇ
ئۆتمۈش توپىلىشىۋاتىدۇ
قەدىمىي كىرۇران
ئۆز يېنىغا دەپنە قىلىنىدىغان قېرىندىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ.
رەڭسىز دۇنيا
رەڭلىك ئىكەن ئەسلى ئادەملەر.