ئەنگىلىيەلىك ئاياللار قىلىقى ئەڭ سەت ئاياللار قاتارىغا تىزىلدى

بىر قىتىملىق خەلقارالىق تەكشۈرۈش تۈرىگە ئاساسلانغاندا ، كۆپلىگەن ئەنگىلىيە ئاياللىرى <ھەركىتى قوپال، ھاراقكەش، خالىغانچە كېكىرىدىغان ، كىيىنىشى قۇرقۇنۇشلۇق> دەپ باھالانغان بولۇپ، بۇ تىخى ئەنگىلىيەلىك ئاياللارنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەش بولۇپ ھىساپلىنىدىكەن.
ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان <كۈندىلىك پوچتا گىزىتى>نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئىلىپ بىرىلغان،ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ سەت قىلىقلىرىنى باھالاش توغرىلىق ئىلىنغان ئىنتىھاندا ، كۆپ سانلىق باھالىغۇچىلار ئەنگىلىيە ئاياللىرىنى< ئاياللارغا خاس پۈراق يوق، پاسكىنا ، سىسىق >دەپ يازغان.
ئەڭ مۇھىمى ئەنگىلىيە ئاياللىرىنى باھالاشتا <قوپال> <ئەرلەرگە ئوخشاش پىۋىنى بولۇشىغا ئىچىدۇ> <مەس بولۇپ يۇندا كۆلچەكلىرىدە يىتىپ قالىدۇ>دەپ يازغان.
دوكلاتتا يەنە ئەنگىىيە ئاياللىرى < ئاشكارە سورۇنلاردا قىلچە نۇمۇس قىلماي يەل قويۋىتىدۇ، كېكىرىدۇ، بەدىنىنىڭ گوشلىرى خالىغانچە كۆرنۈپ قالىدۇ> دەپ يازغان.
يۇقارقى باھالاشلار ئارقىلىق، ئەنگىلىيە ئاياللىرى ناھايىتى ئاسانلا 22.4% لىك بىلەت بىلەن دۇنيادىكى قىلىقى ئەڭ سەت ئاياللار تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئامرىكا ئاياللىرى 16.7%لىك بىلەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا، گىرمانىيە ئاياللىرى 3 -ئورۇنغا تىزىلغان. ئۇندىن كىيىنكىسىگە شەرقى ياۋروپا ۋە ئىسپانىيە ئاياللىرى تىزىلغان. تۈركىيە ئاياللىرى ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان .
مەنبە< خەنزۇچە پايدىلىنىش گىزىتى >دىن تەرجىمە قىلىندى.
|