كورىيە ئاخبارات تورى Newsis يېقىندا بىر غەلىتە خەۋەرنى ئېلان قىلدى: خەۋەردە كومىدىيە پىرى چارلىز چاپلىننىڭ 1928- يىلى ئىشلەنگەن "سېرىك ئۆمىگى" ناملىق فىلىمىدە بىر ئايالنىڭ يانفوندا سۆزلىشىۋاتقان ھالىتى كۆرۈنۈشكە چىقىپ قالغان. بۇ ئايال راستىنلا فانتازىيىلىك ھېكايىلەردە تەسۋىرلىنىدىغان "ۋاقىت ساياھەتچىسى" مىدۇ؟
Newsis تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئاتاقلىق فىلىم ئىشلىگۈچى جورجى كلارك بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا 1928-يىلى ئىشلەنگەن "سېرىك ئۆمىگى" ناملىق كومىدىيىلىك فىلىمدە بىر ئايالنىڭ بىر تەرەپتىن كېتىۋېتىپ بىر تەرەپتىن يانفوندا سۆزلىشىۋاتقان بىر قىسقا كۆرۈنىشىنى بايقاپ قالغان. جورجى كلارك مۇنداق دەيدۇ:" مەن بۇ كۆرۈنۈشنى بايقىغان ۋاقتىمدا، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. شۇڭلاشقا مەن بىر دوستۇمغىمۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرسەتتىم،ئىككىمىز بىرلىكتە بۇ بۆلەكنى قايتا-قايتا كۆرۈپ چىقتۇق. ئۇمۇ ھەقىقەتەن بۇ ئايالنىڭ يانفوندا سۆزلىشىۋاتقانلىغىنى جەزىملەشتۈردى. ئەجىبا بۇ ئايال مەلۇم خىل ماشىنىنىڭ ياردىمىدە ئۆتمۈشكە قايتىپ ۋاقىت ساياھىتى قىلغانمىدۇ؟"
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:" فىلىم سۆرەتكە ئېلىنغان ئەينى يىللاردا تېلفونمۇ تېخى ئوموملاشمىغان، يانفوندىن ئىبارەىت ھازىرقى زامان ئالاقە قورالىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس." بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا باشقىچە قاراشتا بولدى، ئۇ ئايال بەلكىم بىرەر نەرسە بىلەن كۈن نۇرىنى توسماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، ياكى سۆرەتكە ئېلىۋاتقان نەق مەيدانغا كېلىپ قالغىنىنى بىلىپ چىرايىنىڭ كۆرۈنۈشكە چىقىپ قالماسلىغى ئۈچۈن قولياغلىقتەك بىر نەرسە بىلەن چىرايىنى توسۇۋالماقچى بولغان بولىشى مۇمكىن.
مەنبە:سىراجى بلوگى |