تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1181|ئىنكاس: 9

قارا بايراق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
3422
يازما
237
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
7697
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-7 17:17:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قارا بايراق




كۆيمەكتە ئوت بولۇپ چوغلانغان كۆڭۈل،
ئەسلىتىپ قان تامغان يۈرەكنى گويا .
غېرىبلىق قاراڭغۇ جاڭگالدىن چىقىپ،
ﻫۇۋلايدۇ قەلبىمنىڭ باياۋانىدا .

يىرتىلغان ئەخلاقنىڭ دېرىزىسىدىن
قارىساڭ شۇ قەدەر بۇلۇتلۇق ئاسمان.
ۋىجدانىڭ يارا بوپ كەتسىمۇ بۇندا،
ئاﻫ،ئۇنىڭ قىممىتى بىر تىيىن ﻫامان.

ئاشۇنداق تۇيغۇدا باقساڭ ﻫاياتقا،
كۆرۈنەر رېئاللىق كۆزۈڭگە مايماق.
ئۆمىلەپ بىر دۆڭگە چىقىپ ئادەملەر،
تىكلىگەن ئۇ يەرگە بىر قارا بايراق.

ئەسلىسەم ﻫەر قېتىم شۇ قارا بايراق،
قوزغايدۇ كۆڭۈلنىڭ جاراﻫىتىنى .
تۆتىنچى قەۋەتتىن چۈشىمەن غەمدە،
ئوت كەبى كۆيدۈرۈپ پەلەمپەيلەرنى.

مۈكچەيگەن بىر بوۋاي كەلمەكتە ئاستا،
يىراقتىن قەلبىمنىڭ ئىچىگە مېڭىپ.
چىرايلىق بىر توپ ياش كەتمەكتە ئۇزاپ،
قولىغا بىر قارا بايراقنى ئېلىپ ...




مەنبە : ئىجادىيىتىم




2007 -يىل ئىيۇل


ياز مېنىڭ چۈشلىرىمدە ياز مېنىڭدىن يىراق بىر يەردە...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2247
يازما
726
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
24828
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-7 19:22:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد (س ئە ۋ)دەۋرىدىكى بايراق قارا رەڭدە ئىدى،دىگەن بىر بايان كۆرگەندەك قىلغان ب بىر ماتىريالدىن.

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-7 20:46:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىېرنى چۇشەنسە  مەناسى بەك چوڭقۇر شىېركەن ،،،، تۇيغۇللرىڭىزغا ئاپىرىن
يىرتىلغان ئەخلاقنىڭ دېرىزىسىدىن
قارىساڭ شۇ قەدەر بۇلۇتلۇق ئاسمان.
ۋىجدانىڭ يارا بوپ كەتسىمۇ بۇندا،
ئاﻫ،ئۇنىڭ قىممىتى بىر تىيىن ﻫامان.

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

UID
3422
يازما
237
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
7697
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-7 22:51:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىز دېگەن ئۇ باياننى ( جۈملىنى ) كۆرمەپتىكەنمەن ھەم ئاڭلىماپتىكەنمەن، تۇتېم ! شېئىرىمدا تىلغا ئېلىنغان << قارا بايراق >> نىڭ نېمىگە سىمۋول قىلىنغانلىقىنى ئەلۋەتتە سىزمۇ بىلدىڭىز. بۇ يەردە سىز دېگەن قارا بايراق بىلەن مەن شېئىرىمدا تىلغا ئېلىۋاتقان قارا بايراق دېگەن ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى مەنە پەرقى بەلكىم خېلىلا زور بولسا كېرەك .

ياز مېنىڭ چۈشلىرىمدە ياز مېنىڭدىن يىراق بىر يەردە...

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
796
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25563
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 11:36:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىسى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئىكەن! بولۇپمۇ ئاخىرقى مىسرالاردا......

تىرىشچان ئەزا

ئىنسان ئارمان بى

UID
2276
يازما
240
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2500
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 11:48:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇزىلىۋاتقەن ئەخلاق ، مانا مۇشۇنداق بۇزىلىۋاتقان ئەخلاقىمىز ئەجداتلىرىمىزغا يۈز كېلەلمەي  قارا يۈز بولاۋاتىدۇ (ھەممىلا كىشى ئۇنداق ئەمەس)

ئىنسان ئارمان بىلەن ياشاپ ،ئارمان بىلەن ئۆلىدۇ.

تىرىشچان ئەزا

ئۇچاربۆرە

UID
6776
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
707
تىزىملاتقان
2010-10-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 13:02:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<قارا بايراق>>مىنىڭ چۈشەنچەمدە ھازىرقى بىر قىسىم ياشلارنىڭ روھيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.ئۇلارنىڭ روھى موھىتى ھامان قاراڭغۇلۇق.

UID
2247
يازما
726
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
24828
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-11
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 14:30:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياز چۈشى شېئىرىڭىزدىن مەنە ھېس قىلغنىم راست،.ئەمما بۇ يەردە ئەركىن پىكىر قىلىش خاھىشىم بۇيىچە قارا بايراق تۇغرىسىدا كۆرگەن بايانىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم.ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ"ئاق بايراق"دىگەن سىموۋۇلىنىمۇ تىلغا ئىلىپ مىسال كەلتۈرۈشنىڭ ئورنى يوق ئەلۋەتتە.
دەسلەپكى ئىنكاسىم شېئىردىن زوق ئالغىنىم  بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

كۆيۈمچان ئەزا

مەن سەن ئوقىمىغا

UID
1990
يازما
421
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
16059
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-8 17:43:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆرىلەرنىڭ سەلتەنەتلىك ھۇۋلاشلىرىنى ئاڭلاۋاتامسىلەر؟

يۈرىكىم يىغلايدۇ،كۆزۈم يىغلايدۇ،ھالىمنى سورىما!

UID
6073
يازما
29
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
320
تىزىملاتقان
2010-9-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-9 12:26:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېرنى ياخشى يازىدىكەنسىز!

سۈكۈت-گۇمراھلىق!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش