قىز تەبىرى
(قۇربان داۋۇت شاھىدى)
سەن چوغلۇق روھىدا ئېچىلغان بىر گۈل،
تۇرىدۇ بەرگىڭدە سوقۇپ يۈرەكلەر.
قۇشلار ناۋاسىدەك كۈلىسەن ھەر خىل،
باغرىڭدا بەخت بار، ھايات پورەكلەر.
سەن_مەسۇم بىر ئالەم ئاسمىنى سۈزۈك،
ئۆرلەيدۇ مىڭ قۇياش تىنىقلىرىڭدا.
شىۋىرلار شېخىڭدا يۇلتۇزلار ئۈزۈك،
جان يايراپ كېتىدۇ قىلىقلىرىڭدا.
سەن _بەلكىم مەڭگۈگە قۇرىماس بۇلاق،
ئۆتكۈنچى كارۋانغا سۇ بەرمەيدىغان.
سەن چوقۇم قەدىمدىن ئوت كەتكەن ئوچاق،
ھەسرىتى، سىرىنى بىز بىلمەيدىغان.
سەن خۇش ھىد قاپلىغان مۇنبەت بىر ئېتىز،
كۆكلەيدۇ بۇ يەردە غايىپ بىر ۋەتەن.
پاكلىقنى قۇچاغلاپ چۆكىدۇ يىلتىز،
سەن ئالماس، سەن ياقۇت ھەم مامۇق بەدەن.
سەن _ئۇپۇق مەڭزىدە تاۋلانغان جۇلا،
چوغلانغان كۆڭۈلنى ئەيلەيسەن بىھۇش.
سەن گويا شېرىن چۈش بىردەملىك، غۇۋا،
بىباھا گۆھەر ھەم ھەممىگە تونۇش.
سەن ھېچكىم بارمىغان گۈزەل بىر شەھەر،
سۆيگۈ نۇر تۆكىدۇ كوچاڭغا تال_تال.
ياكى سەن ۋۇجۇدتىن يۈتكەن ئەڭگۈشتەر،
ئېھتىمال بىر بولسا ئادەمسىز جاڭگال...
مەنبە: مىللەتلەر نەشرىياتى "جەزبدار گۈلدەستىلەر" 3-قىسىم.