ئانا تىلىم، زەر تىلىم
(روزى سايىت)
تىل ئالاقە قورالى، تىل قەلبنىڭ ئەينىكى،
تىل ئادەمنى، ئالەمنى باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە،
تىل خەزىنە، تىل ھېكمەت، تىل مۇھەببەت كۆۋرۈكى،
تىل ھايۋاننى ئىنسانغا ئايلاندۇردى پەرۋىشتە.
تىل نادانغا پەم بېرىپ، تىل زۇۋانغا تەم بېرىپ،
ھاياتلىقنىڭ ئابادى مېھىر تاپتى سۆيۈكتە،
شۇڭا ھەر بىر قەۋمچۈن مەيلى كىچىك-چوڭ بولسۇن،
ئانا تىلى-ئۆز تىلى شۇنچە ئۇلۇغ، بۈيۈك_تە...!
ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇر تىلى ئوماق تىل،
سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئاشۇ تىلدا ناۋاسى.
ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى، مىراسخورى_ھەغداسى.
ئۇ_ئانا تىل، ئانامغا ئانىسىدىن يادىكار،
مەن بۇ تىلنى ئۆگەنگەن زاكامدىكى چاغلاردا.
ئاشۇ ئانا تىل بىلەن ئوۋلاپ جانان مەيلىنى،
پاراڭلاشقان، سىرداشقان ئالمىزارلىق باغلاردا.
بوۋام مۇشۇ تىل بىلەن يۈرىكىمگە پىچىرلاپ،
ۋاپادارلىق، مەردلىكنىڭ مىزانىنى بىلدۈرگەن.
ئوغلۇم، قىزىم ھەر كۈنى تۇمۇچۇقتەك ۋىچىرلاپ،
ھاياجانغا چۆمدۈرگەن، مۇرادىمنى كۈلدۈرگەن.
مۇشۇ تىلدا نەۋائىي كىيگەن ناۋا تاجىنى،
شا مەشرەپنى مۇشۇ تىل ئېرىشتۈرگەن شەرەپكە،
يۈسۈپكە "خاس ھاجىپ"لىق ئاتا قىلغان مۇشۇ تىل،
مەھمۇد بوۋام شۇ تىلدا دەرس ئۆگەتكەن ئەرەبكە.
مەن شۇ ئانا تىل بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئىجادتا،
زىمىستاننى لەنەتلەپ، تاڭغا مەڭىز_يۈز ياقتىم.
كۈلسە يۇرتۇم تەڭ كۈلدۈم، ئەل يىغلىسا ياش تۆكتۈم،
بىللە كۆيدۈم ئوتىدا، سۇلىرىدا تەڭ ئاقتىم.
مەن شۇ ئانا تىل بىلەن باغاشلىدىم باھارنى،
گۈل_چىچەككە پۈركەنگەن چىمەنلەرنى ئارىلاپ.
مەن كۈلىمەن، قەۋمىمنى كۈلدۈرىمەن قەلەمدە،
تىلغا ئۈنگەن ھارام شاخ، كۆتەكلەرنى پارىلاپ!
شۇڭا دەيمەن: ئۆز تىلىم، گۆھەر تىلىم، زەر تىلىم،
بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىللىتى.
زەررە كىچىك، ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۈلگەن،
مېنىڭ تىلىم ئاشۇنداق_ئاتومچە بار قىممىتى !!!
يېڭى ئەسىر غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى،
بۇ ئېچىشتىن دىيارىم كەلمىش چوقۇم جەۋلانغا.
قاتناشمىسا ئانا تىل رىقابەتلىك "ئېچىش" تا،
تەستە كەلگەن بۇ پۇرسەت يېتەلمەيدۇ ئارمانغا.
ئەي تەڭرىتاغ پەرزەنتى، ئۇزۇن سەپەر كارۋانى،
سىيپىماقتا مەڭزىڭنى تاڭنىڭ مەيىن ساباسى.
مۇھەببەتلىك باغاشتا كۈلۈپ، يايرا، ياڭرىسۇن،
سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى!
مەنبە: مىللەتلەر نەشرىياتى "جەزبىدار گۈلدەستىلەر" ( 2 -قىسىم )