- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 10
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 100
- تىزىملاتقان
- 2010-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-11-15
- UID
- 7030
- يازما
- 10
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 100
- تىزىملاتقان
- 2010-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-11-15
- توردا
- 0 سائەت
|
تۆۋەندە ئېيتىلغان يالغان سۆزلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ھەتتا ئاللىبۇرۇن ئادەتكە ئايلانغان <<
ئۆلچەملىك جاۋاپلاردۇر >> .
يايمىچى : << بۇ ئەڭ ئاخىرقىسى ،سىزگە ئەرزان بېرەي >>.
چولپانلار :<<بىز پەقەت دوست .>>
سىياسەتۋازلار: <<مەن بىر تىيىنمۇ پارا ئالمىدىم .>>
ئەلەر بىر تەرەپتىن ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان چىرايلىق قىزلارغا تىكىلىپ قاراپ يەنە بىر تەرەپتىن ئايالىغا :<<ئۇ سىزدەك چىرايلىق ئەمەس .>> دەيدۇ
ئەمەلدارلارنىڭ ئادەت سۆزى :<<مەن قىسقىچە ئىككى ئېغىز سۆز قىلاي >> .
ئاتا-ئانىلار ھېيىت- بايرامدا بالىسىغا :<<بالام ھېيىتلىق پۇلۇڭنى مەن ساقلاپ بېرەي >> دەيدۇ.
سىرتقا چىقىشقا جابدۇنغان ئاياللار :<<مانا ھازىرلا تەييار بولىمەن .>>
قىزلار ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ كەتكەندە :<<بىز يەنىلا دوست بولۇپ ئۆتەيلى.>>دەيدۇ.
قىزلار ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەت تەلىپىنى رەت قىلغاندا :<<سىز بەك ياخشى ،مەن سىزگە ماس كەلمەيمەن >>دەيدۇ.
قىزلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندە :<<سىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى ،ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان قىزنى تاپالايسىز >> دەيدۇ .
ئەتتىگىنى ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئەرلەر ھەمىشە خوتۇنىغا :<<ئامال قانچە ، خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى ئەمەسمۇ >> دەيدۇ .
ئاددىي كىشىلەر :<< پۇل بولغاننىڭ نېمىسى ياخشى ؟ پۇلى بارنىڭ دەردى بار شۇ >> دەيدۇ ،
مۇئەللىم ئۆگىنىشى نەتىجىسى ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچىغا :<<سەن بەك ئەقىللىق ،تىرىشمايدىغان يېرىڭ بار شۇ >>دەيدۇ
.
يالغان سۆزلەر ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئاڭلايدىغان ۋە دەيدىغان ئۇششاق باھانىلەردۇر . ھاياتلىقتا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يالغان سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ، كۆپچىلىك بۇنداق چاغلاردا ئاز-تولا يۈز-خاتىرە قىلىپ ، بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭلار.
مەنبە: گۇلچى قىزلار بىلوگى تىما ئادىرسى |
|