ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندىن بېرى بىر قىسىم تورداشلىرىمىز مۇنبەرگە تېما، رەسىم، ناخشا يوللاش جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرى توغرىلىق ئىنكاسلاردا ۋە ئۇچۇرلاردا ياردەم تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن تۆۋەندىكى تېمىنى ھەر قايسى تورداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
تېما يوللاش
1. مۇنبەرگە تېما يوللاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شۇ تېمىڭىزغا ماس كېلىدىغان سەھىپىنى تاللاپ چېكىسىز. ئاندىن تۆۋەندىكى ئورۇننى چېكىڭ.
2. چىققان كۆزنەكتىن تۆۋەندىكى ئورۇنغا ئالدى بىلەن ماۋزۇنى يازىسىز، ئاندىن يوللىماقچى بولغان تېمىڭىزنى يازىسىز ياكى چاپلايسىز.
3. يازمىڭىزنىڭ ئاستىغا كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق قىلىپ ئەسكەرتىپ بولۇپ، ئاستىدىكى‹كۆرۈپ بېقىش›دېگەن ئورۇننى چېكىپ كۆرۈپ باقىسىز، ئاخىرىدا مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققىنىغا جەزم قىلالىسىڭىز، ‹يوللاش›نى بېسىۋەتسىڭىز بولىدۇ..
مۇنبەرگە رەسىم يوللاش
مۇنبەرگە رەسىم يوللاش ئۈچۈن، چوقۇم مۇقىم رەسىم ئادرېسى بولۇشى كېرەك. يەنى سىز يوللىماقچى بولغان رەسىم كومپيوتېرىڭىزدىكى رەسىم بولسا، ئالدى بىلەن ئۇنى مۇقىم بوشلۇققا يوللىۋېلىپ تۇرۇپ، ئاندىن شۇ رەسىمنىڭ ئادرېسىنى ئېلىپ چاپلىشىڭىز كېرەك.
مەن بىر يىلدىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ياشىن تور بوشلۇقىنى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلاي، تىزىملىتىپ سىناپ كۆرگەيسىزلەر.
http://home.iyaxin.com/
http://home.iyaxin.com/space-home.html
بوشلۇققا يوللانغان رەسىمنى چېكىپ، ئەسلى ھالىتىدە كۆرگەندىن كېيىن، ئۇشبۇ رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ، ئوڭ تەرەپنى چەككەندە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ،
شۇ كۆزنەكتىكى ئەڭ ئاستىدىكى قىزىل بويالغان يەرنى چېكىپ، چىققان كۆزنەكتىكى
رەسىم ئادرېسىنى كۆچۈرۈپ ئالىسىز. ئاخىرىدا تېما يوللاش كۆزنىكىدىكى
بۇ ئورۇننى چېكىپ چىققان كۆزنەككە چاپلاپ، مۇقىملاشتۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ياكى بولمىسا شۇ رەسىمنى بىۋاستە كۆچۈرۈپ ئېلىپ، تېما يوللاش كۆزنىكىدىكى بۇ ئورۇننى

چېكىپ قويۇپ، بىۋاستە چاپلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مۇنبەرگە ناخشا ياكى سۈرەتلىك فىلىم يوللاش
ناخشا ياكى سۈرەتلىك فىلىم يوللاش ئۈچۈنمۇ، مۇقىم تور بوشلۇقىدىكى ئادرېس بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: ئەگەر سىز «ئايال» دېگەن ناخشىنى يوللىماقچى بولسىڭىز، بەيدۇ تورىغا كىرىپ، شۇ ناخشىنىڭ لاتىنچە يېزىلىشىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز، چىقىرىپ بېرىدۇ. شۇ جايدىن باش قىسمى http:بىلەن باشلانغان، ئاخىرى MP3 بىلەن ئاخىرلاشقان ناخشا ئادرېسىنى ئېلىپ، مۇنبەرنىڭ تېما يوللاش كۆزنىكىدىكى بۇ (قىزىل بويالغان)جاينى چېكىپ
، تۆۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچە چاپلاپ بولۇپ، مۇقىملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سۈرەتلىك فىلىم يوللىماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى تەرتىپكە دىققەت قىلىڭ.
ھۆرمەتلىك تورداشلار، يۇقارقى جەريانلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ، سىناپ باقساڭلار بىردەمدىلا بىلىۋالالايسىلەر. كەيپىياتىم سەل جايىدا بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، بەزى چۈشەندۈرۈشلىرىم تازا باغلاشمىدى، شۇنداقتىمۇ سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىۋالالايدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن.