پۇل قاپچۇقىڭىزنى مۇنداق قوغداڭ:
مېنىڭ پۇل قاپچۇقۇم باشقىلار تەرىپىدىن 49 قېتىم بۇلاندى ، 81 قېتىم ئوغۇرلاندى ، لېكىن ھەر قېتىم ئەڭ كېچىككەندىمۇ 3 كۈن ئىچىدە قولۇمغا قايتىپ كەلدى ، شۇنداقلا ئىچىدىكى بايلىقلىرىم ئازلاپ قالمايلا قالماستىن بەلكى ئېسىل نەرسىلەر بىللە قوشۇلۇپ كەلدى ، قانداق ئېسىل نەرسە دېدىڭىزما ؟؟؟ ھى ھى ھى ... ئەمىسە مەن دەپ بېرەي ياخشى ئاڭلاڭ :
مېنىڭ پۇل قاپچۇقۇمدا داۋاملىق ھازىر تۇرىدىغان نەرسىلەر :
1 . راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئۇقتۇرۇشى ( 30 -- 90 كۈنلا ھاياتى قالغانلىقى ئەسكەرتىلىشى كېرەك ) .
2 . ئوغۇل دوستۇمغا يازغان ئايرىلىپ كېتىش خېتى ( ماركا چاپلانغان ) .
3 . ھەق تاپشۇرۇلمىغان خىمىيەلىك داۋالاش تالونىدىن بىر پارچە ( باھاسى 50 مىڭ يۈەن ھەمدە چوقۇم ھەق تاپشۇرۇلمىغان بولىشى كېرەك ) .
4 . سۇ توك پۇلىنى سۈيلەش تالونىدىن بىر پارچە تېلىفۇن توختاپ قالغانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن بىر پارچە .
5 . ئۈمىد قۇرۇلۇشىنىڭ پۇل ئىئانە قىلغان تالونىدىن بىر پارچە ( 50 مىڭ ) .
6 . ئىچكى ئەزالىرىنى تەغدىم قىلىشقا قوشۇلغانلىق ئۇقتۇرۇشىدىن بىر پارچە.
7 . ئۆينىڭ ئادرىسى يېزىلغان ئىسىم كارتۇشكامدىن 5 پارچە .
ئالدىنقى كۈنى مېنىڭ پۇل قاپچۇقۇم 50 - قېتىم بۇلۇنۇپ تۈنۈگۈن يەنە قايتىپ كەلدى ، پۇل قاپچۇقى ئىچىدىكى پۇللىرىمدىن بىر تىيىنمۇ ئازلاپ قالماي ئەكسىچە 500 يۇەن پۇل بىلەن بىر پارچە خەت تۇراتتى . خەت مۇنداق يېزىلغان ئىكەن : " ھەدە سىزنىڭ خەلىقكە كۆيۈنىدىغان روھىڭىز مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى ، سىزنىڭ ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم ھەمدە 500 يۈەن ئەۋەتتىم ، كېسىلىڭىزنى داۋالىتىشقا ئىشلىتەرسىز ، لېكىن ھەدە خاتىرجەم بولۇڭ مەن بۇ پۇلنى بۇلاڭچىلىق قىلىپ تاپمىدىم ، بۇ پۇلنى مەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ تاپتىم . كېسىلىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن !
----------------------------------------------------
تەرمىلەردىن ئۆزلەشتۈرۈلدى